قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: pishikam

تارىختىكى تەلكە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

77

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   25.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33823
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 24
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-3 17:01:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەرچە ئۆزۈم مۇشۇ ئىلى ۋادىسىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بولساممۇ...(تەلكە )دىگەن نام توغۇرلۇق بىلىدىغىنىم يوق دىيەرلىك ئىدى...بۇ ماقالىنى ئوقۇپ تولۇق چۈشەندىم.

0

تېما

1

دوست

412

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33787
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 114
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 01:47:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھۇما تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-4 01:50  

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئابدۇشۈكۈر مەقسۇت

    «تەلكە» ھەققىدە ئىزدىنىپ، ئەۋلاتلارغا توغرا تارىخىي ئۇچۇر يەتكۈزۈش، مىللىتىمىز ئۈچۈن ناھايىتى كاتتا خىزمەت كۆرسەتكەن بىلەن باراۋەر.
    مېنىڭچە «تەلكە»نىڭ تىل يىلتىزىنى «تەلىك»كە تۈگەللىشىڭىز قارىماققا توغرىدەك بولغىنى بىلەن، تىل تاۋۇشلىرىنىڭ ئىككى بوغۇملۇق ئاتالغۇلاردىكى ئۆزگىرىش قانۇنىيىتى نەزەرگە ئالغاندا «تەلىك»نىڭ «تەلكە»كە ئۆزگىرىشىنى ئىسپاتلاش ناھايىتى قىيىن. مەسىلەن، «تەلىك داۋان» دېگەن سۆزنى نەچچە مىڭ قېتىم تەكرارلىساقمۇ «تەلكە داۋان»غا ئېرىشەلمەيمىز. «دىۋان»دا «تەلكە(نىڭ)- جىرا (جىلغا)» مەناسىنى بېرىشى، شۇنداقلا تەلكىنىڭ بىر ئۇزۇن جىلغا (جىرا) ئىكەنلىكى بىلەن «دىۋان»دىكى «جىرا»نىڭ ماس كېلىشى سىزدەك ئىزدەنگۈچىنى ئەلۋەتتە ھاياجانغا سالماي قالمايدۇ...

   «دىۋان» 3-قىسىم، 396-بەتتە «تەلگەدى- خاپا قىلدى(مۇشەققەت)...»، «دىۋان» 2-قىسىم، 351-بەتتە «تەلگەندى- ئاچچىقلاندى (جاپا-مۇشەققەت چەككۈچىنىڭ ئاچچىقلىنىشى)...» دېگەن ئىككى سۆزلەم ئۈچرايدۇ... سىز بۇ ئىككى سۆزلەمنى ئۆزىڭىز يۇقۇردا توختالغان تەپسىلاتتىكى «بۇ جىلغىنىڭ ئوننەچچە يېرىگە كۆۋرۈك سېلىنغان... بۇ جىلغىدا يۈرۈش ناھايىتى جاپالىق...» دېگەن بىلەن سېلىشتۇرما قىلىپ باقسىڭىز، يەنە باشقىچە خۇلاسىگە كېلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن... «تەلگەدى»دىكى «تەلگە» بىلەن «تەلگەندى»دىكى «تەلگە» پەقەت «گ» تاۋۇشى بىلەن پەرىقلىنىپ «تەلكە»نىڭ تىل يىلتىزىغا تامامەن ئاساس بولالايدۇ...
   ئۇنىڭدىن باشقا سىز «قايراقتى»گە «بىلەي تاش» ئىزاھاتىنى بېرىپلا كۈپايىلەنمەي، «قايراقتى»دېگەن جاينى ناھايىتى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ ۋە گۈزۈتۈپ بېقىڭ، «قايراق»نىڭ ھەقىقى مەنىسى «قايراق-ئابىدە تاش» بولۇپ، ئىھتىمال ئىزدىنىشىڭىز نەتىجىلىك بولۇپ قالسا تارىخى بويۇمغىمۇ ئېرىشىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن... بۇنداق ماددى ئىسپات «تەلكە»نىڭ تىل يىلتىزىنى قېزىشتا تېخىمۇ قۇلايلىقلارنى يارىتىدۇ...

  «قايراق-ئابىدە تاش»نىڭ ئىزدېرىكىنى قىلىشتا چوقۇم شۇ جايدىكى ياشتا چوڭلارنى ئىزدەپ ئەھۋال ئېگەللەش كېرەك...

  ئىزدىنىشىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )