- تىزىملاتقان
- 2013-2-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5524
- نادىر
- 0
- يازما
- 396
ئۆسۈش
10.48%
|
مەكتەپلەردە ئالدى بىلەن مەكەپ مۇدىرلىرىنى سەرخىللاشتۇرۇش كېرەك . كونىراپ كەتكەن ياكى مەكتەپ مۇدىرلىقىغا ماس كەلمەيدىغان، مەكتەپ مۇدىرلىرىنى شەرەپ بىلەن ئائىلىسىگە ئۇزىتىپ قۇيۇپ ياكى باشقا مۇۋاپىق خىزمەتەلەرگە قۇيۇپ ، زامانغا لايىق تەربىيە كۆرگەن ،بىلىم سەۋىيىسى يۇقۇرى ،ھەر تەرەپلىمىلىك يىتىشكەن ،يىراقنى كۆرەر ، چارە- تەدبىرلىك ، قانۇن بۇيىچە ئىش كۆرۈشكە جۈرئەت قىلالايدىغان ، ھەق - ناھەق قارىشى ئايدىڭ ، ئوقۇتقۇچىلارغا تەلەپنى يۇقۇرى قۇيىدىغان ھەم ئۇلارنى ئاسرايدىغان، ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ئىگە قىلالايدىغان ، ئوقۇتۇش ،تەلىم - تەربىيە خىزمىتىدە ساختىلىققا قەتئىي يول قويمايدىغان ئەڭ مۇنەۋۋەر خادىملارنى قايتا- قايتا تاللاپ مەكتەپ مۇدىرلىق خىزمىتىگە قۇيۇش كېرەك . ئويلاپ باقايلى مۇشۇنداق ئادەملەر مەكتەپ مۇدىرى بولسا ، ئۇلار مەكتەپنىڭ ھەرقايسى ئاپپاراتلىرىغا چۇقۇم ئۆزىدەك كىشىلەرنى تاللاپ قۇيۇدۇ .(يۈزىگە قارىماي ،سەۋىيەگە قاراپ ئىش ئورنىغا قۇيۇدۇ )
شۇڭا ھەممەيلەن مۇشۇنداق مەسئۇلىيەتچان بولسا ،ئاتا- ئانىلار ماسلاشسا ، يەنە بالىلىرىمىز ساۋاتسىز قالارمۇ ؟ ھازىر مەكتەپ مۇدىرلىرى(بەلكىم ھەممىسى ئەمەستۇر ) ئوقۇتۇش بىلەن كارى يوق ،ئارقا سەپ مۇدىرى بولۇپ قالدى. بۇ مېنىڭ شەخسى پىكىرىم . بۇنداق ئەھۋاللار يېراق يېزا مەكتەپلەردە گەۋدىلىك .خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا ،تورداشلارنىڭ تەنقىتلىرىنى جان پىدالىق بىلەن قۇبۇل قىلىمەن. بولۇپمۇ مۇنەۋۋەر مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ . |
|