- تىزىملاتقان
- 2014-11-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 638
- نادىر
- 0
- يازما
- 38
ئۆسۈش
27.6%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا komandir2010 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-5 20:59
تەپەككۇر ئىقتىدارى ۋە قەلەم قۇۋۋىتىگە تاينىپ شەخسكە زەربە بىرىشنى نىشان قىلىپلا بىرنىمە يازىدىغانلارنى نىمە دىسەك بۇلا ، ئەسلىدە بۇخىلدىكى تىمىلارغا قەتئى گەپ قىلمايتىم ، ئەپسۇسكى ئەركىنلىك دەپ قالايمىقان بىلجىرلايدىغانلار بارغانسىرى كۆپىيىپ قىلىۋاتىدۇ ، ئىلم ئەھلى ئىچىدىكى زىددىيەتلەرسەل ئۆتكۈرلىشىپ قاپتۇ ، بىر ۋاقىتلاردا پەرھات تۇرسۇن ، يالقۇن رۇزى ئوتتۇرسىدىكى جەڭگى جىدەل ئۆتكۈرلۈشۈپ ، تىل ماھارەت ئىگىلىرى بىر- بىرى بىلەن دۇئىلغا چىقىشقان ، ئۇنىڭ كەينىدىن گۈلەن بىلەن زۇلىپقار بارات ئۆزباشى ئوتتۇرسىدىكى جىدەل سەل كۈتۈرۇلدى ، ياخشى يېرى ئىككىنجى قېتىملىق جىدەل ئۇزۇن سۇزۇلمىدى ، مەنغۇ پەرھات تۇرسۇن ، يالقۇن رۇزى ، گۈلەن ، زۇلىپقار باراتلار نى يولدا ئۇچىرشىپ قالساممۇ تۇنۇمايمەن ، ئەپسۇسكى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ناھايىتى چوڭ بىلەتتىم ، ئەسەرلىرىگە ئامىراق ئىدىم ، بىراق جىدەل چىققاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ كىتاپلىرىنىلا ئۇقۇپ ئۈزىدىن ھەزەر ئەيلەيدىغان ، پەزىلەتسىز كىشلەر قاتارىغا چىقىرىۋەتتىم ،پەرھات تۇرسۇن ئۆز سالاھىيتى بىلەن تورغا چىقىپ يۈز تۇرانە رەددىيە بىرەلىدى ، ئۇنىڭ پەزىلىتىدىن سۈيۈندىم ، ئەپسۇسكى مەن تېخىمۇ چوڭ بىلىدىغان يالقۇن رۇزىنىڭ ئاشكارا ھالدا بىر ئىككى ئېغىز گەپ قىلماي تۇرىۋىلىشى ۋە مەلۇم ساندىكلەرنىڭ زەربىلىك گەپلەر بىلەن پەرھات تۇرسۇنغا زەربە بىرىشىدىن ،يالقۇن رۇزىنى مەخپى سالاھىيەت بىلەن زەربە بىرۋاتقان ئوخشايدۇدەپ گۇمانغا كەپ قىلىپ ، ئۇنىڭغا بولغان كۆز قارىشىم تامامەن ئۆزگىرىپ كەتتى ، مەن ئىزچىل ھورمەتلەپ ئەسەرلىرىنى سۈيۈپ ئۇقۇپ كىلىۋاتقان زۇلىپقارات باراتنىڭ گۈلەننىڭ يازمىسىدىكى ئۈزىگە تاقاشتۇرۇلغان ئانچىكى گەپ سۆزلىرىنى ئېغىر ئىلىپ ،ئۇنى بىراقلا يوققا چىقىرىپ ئىنكار قىلىشى ، ھەتتا ئۈنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدىن تارتىپ سورەپ چىقىپ گۈلەننى چۈشۇرۇپ قىلغان زەھەرخەندە گەپلىرىنى تور دۇنياسىدىن كۆرۇپ ، بۇ ھۆرمەتلىك ئەدىپىمىزنىمۇ تايىنلىقكەن دەپ قالدىم . ئىپلاسلىق بىلەن خەقنىڭ كەينىگە ئۈتۈۋىلىپ بىراۋنى ھاقارەتلىگەندىن ، ئۆچى بولسا ئۇچۇق ئاشكارا سالاھىيەت بىلەن قىلسا بولمامدۇ دەپ قالىمەن ، بۇيازمىنى بىرتۇرۇپ گۈلەنگە قارىتا زۇلىپقار بارات يازغانمىكىن دەپمۇ ئويلاپ قىلىپ بىئارام بولدۇم ، ياكى بولمىسا ئۈمىد غېنى نىڭ لىكسىيەسىگە نارازى بولغۇچىدىن بىرسى يازغانمىكىن دەپمۇ ئويلدىم ، ئىشقىلىپ ماڭا تازا ياقمىدى |
|