- تىزىملاتقان
- 2014-2-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1680
- نادىر
- 0
- يازما
- 78
ئۆسۈش
68%
|
يازمىڭىزنى تولۇقمۇ ئوقىمىدىم،سەۋەبى سىزنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىڭىزنى بىلىپ بولدۇم.سىز ۋايساۋاتقان شۇ يازغۇچىلارنى مۇنداق پەرەز قىلايلى ،قىنى سىز پۇت قولى باغلاغلىق بىرى بىلەن ھىچ باغلاقسىز بىرىنى يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە سىلىپ پۇت قولى باغلاقلىق ئادەمنى يارىماس دىسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ھەققانىيەت قارىشىغا قايتا قاراپ چىقىڭ. بىرىنىڭ كۆزىنى تىڭىپ قويۇپ يەنە بىرنى نورمال قويۇپ بىرىپ شاھمات ئويناتقۇزۇپ كۆزى ئىتىىك ئادەمنى دۆت دىيىش زامانىمىزغا ياراشقان بىلەن ئەخلاق نوقتىسىدىن مەسخىرلىك پاجىئە.بولۇپمۇ شۇ كۆزى ئىتىك پۇت قولى باغلاغلىق كىشىلەردىن بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۈمۈد غەنى ۋە سىزنىڭ قارشلىرىڭىزنى ئىنىقلا (نان) كويىغا چۈشكەنلەر دىيىشكە مەجبۇر مەن. قىنى سىز ئۇيغۇر نۇپۇسنىڭ ئاساسلىقى نەدە ئىكەنلىكىنى بىر ئىزدىنىپ ئاندىن ئۇلارنىڭ كىرىمى بىلەن كىتاب باھاسىنى ھىسابلاپ بىقىڭ. شۈنچىكىنە كىرىم بىلەن ھەر يىلى بىر كىتاپ ئوقىغان ئادەمنىڭ سەمىمىيتى ئۈمۈد غەنى ۋە سىزدەك كىرىمى موقىم نان دەردى يوق كىشىلەرنىڭ يىلدا 100پارچە كىتاب ئوقۇيدىغان كىشىلەرنىڭ سەمىمىيتىدىن ئۈستن تۇرسا تۇردىكى كەم تۇرمايدۇ. ئالايلۇق مەيلى خوتەن ياكى قەشقەر ئاقسۇنىڭ يىزىللىرىدا ئىنتايىن نۇرغۇن ئادەمنىڭ يىللىق كىرىمى 1000يۈۋەندىن يۇقىرى ئەمەس.1000يۈۋەن. سىز ۋە ئۈمۈد غەنىنىڭ ئايلىقى ئاز دىگەندىمۇ 2000دىن كەم ئەمەس 50يۈەن بىلەن سىز بىر كاتتا ئاشخانىدا ئوخشۇتۇپ لەغمەن يىگەن بىلەن باشقا قىرىنداشلىرىڭىز شۇ 50 يۈۋەن بىلەن ئائىلىسىنى باقىدۇ. ئىچكىردىكى بايلار بىرتال سويمىنى 2000يۈۋەنگە ئىلىپ يەيدۇ.قىنى ئۈمۈد ئەپەندى قايسى يۈزى بىلەن ئۇيغۇرنى ئىچكىردىكى شۇ كىشىلەرگە سىلىشتۇرسۇن؟ زوردۇن سابىرنىڭ ئانا يۇرىت رومانى دەسلەپلى نەشىرى چىقىپ يىغۋىلىنىپ باشقا نەشىرى بازارغا سىلىدى. نۇرغۇن ھەقىقى يازىدىغانلارنىڭ بىشىدا قامچا پىقىراپ يۈرسە يەنە ئۇلار قانچىلىك يازالىسۇن؟ ئۆزەڭلاردە مىللەتتىكى ئىللەتنى قامچىلىدۇق دەيدىكەنسىلەر.ئەسلى قامچىنى سىللەر يىيىشىڭلار كىرەك. ھىرىپ ھالىدىن كىتىپ ئۆلۈپ قالاي دىگەن بوغىنى ئورنىدىن تۇرغۇزىمەن دەپ قامچىنى بىرقانچىنى سالسىڭىز ،سىزچە ئۇ ئۆلەمۇ ياكى غايىڭىزدىكىدەك ئورنىدىن دەس تۇرۇپ كىتەرمۇ؟؟ يازىدىغىنىم ئىنتايىن كۆپ ئىددى. ئەمما مىنىڭمۇ تىلىم كىسىك.پۇتۇم بوغۇق.مۈشۈنچىلىك سۆزلەي. رەنجىسىڭىز سىزدىن كۆرمەيمەن. ئامما قەلبىڭىزنى تۇتۇپ تۇرۇپ سوغۇققانلىق بىلەن بىر ئويلۇشۇپ بىقىڭ.
|
|