- تىزىملاتقان
- 2015-2-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 52
- نادىر
- 0
- يازما
- 2
ئۆسۈش
17.33%
|
ئەسسالامۇئەلەيكوم ھۆرمەتلىك تورداشلار:
مەن «ئۈمىد پاراڭلىرى»پروگراممىسىنى كۆرگەندىن كېيىن ھېچقانداق بولمىغان ئىدىم، چۇنكى ئۆتكەن يىلقى مەنتىقىسىز سۆزلەنگەن لىكىسيەسىسى(ئەمەلىيەتتە لىلسىيە دېگىلى بولمايدۇ، تاقا-تۇقا)دىن كېيىن ئۇنىڭ يېرىم چىلەك سۇدەك ئادەملىكىنى ھېس قىلغان ئىدىم. لېكىن ماۋۇ تورداشنىڭ بۇ ئەپەندىنى ئاقلاپ، ماختاپ يازغان يازمىسىنى ۋە باشقا بىر قانچە يازمىلارنى كۆرگەندىن كېيىن ئويلىغانلىرىمنى باشقا تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشقىم كەلدى.
بۇ «پاراڭ» ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق بىر پروگرامما بولۇپتۇ. بىزگە ئىسمىگە چۇشلۇق «ئۈمىد» ئىلىپ كەلمەپتۇ. يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان تور يۈزىدە ئارقا-ئارقىدىن جەمئىيىتىمىزدە زور غۇلغۇلا قوزغىغان لىكىسيە ۋە يازمىلار بارلىققا كەلدى. بۇنىڭدا ھەر خىل سەۋەبلەر بار. ئۇيغۇرلار ھېسسياتچان دەيمىز، بىزنىڭ ئاقكۆڭۈللىكىمىز، ھەرخىل ئىشلارغا بولغان غەزەپ-نەپرىتىمىزنىڭ ئېنىقلىقى، ئادالەتپەرۋەرلىكىمىزنى ئاسان ھاياجانلىنىمىز دەپ يىنىكلىك بىلەن بىر تەرەپلىمە ھالدا ئېنىقلىما بەرگەنلەرمۇ بولدى.
نەق گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەم: ئەلى قۇربان مۇئەللىم ئېنگىلىزتىلىدا ئالاھىدە تالانتىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن نۇرغۇنلىغان ئاسپىران ۋە دوكتۇرلارنىڭ ئېنگىلىز تىلى ئاساسىنى سېلىپ بەرگەن، بۇنى 2000-يىللاردىن باشلاپ ئېنگىلىزتىلى ئۆگەنگەن شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتېتى، پېداگوكىكا ئۇنىۋىرستىتىدىكى ئېنگىلىز تىلى ئۆگەنگەنلەر ئوبدان بىلىدۇ، ئۇ يەنە پىسخكا توغرىسىدا ئۇيغۇرلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ پىلاستىنكا چىقاردى، بۇ ئۇنىڭ ئەمەلىي نەتىجسىى؛ رىياسەتچىلەردىن مۇنىرە ھەدىمىز «رىياسەتچىلىك ھەققىدە مەخسۇس كىتاب ۋە مەتبۇئاتلاردا ماقالە-ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدى؛ يەنە «مەدەنىيەت بوستانى» پروگراممىسىنىڭ ئېغىر-بېسىق، ۋەزىنىلىك ۋە پاساھەتلىك سۆزلىرى بىلەن ئادەمنىڭ يۈرىكىگە تېگىدىغان سۆزلەرنى قىلىدىغان رىياسەتچىمىز ئابلەت ئابدۇرېھىم ئاكىمىزمۇ مۇشۇ پروگراممىغا ئالاقىدار سۆھبەتلەرنى توپلاپ بىر قانچىلىغان كىچىك كىتابچىلەرنى چىقاردى، خەلق بۇنىڭدىن نەپ ئالدى.
ئەمدى ئاتالمىش داڭلىق رىياسەتچىمىز ئۈمىد ئەپەندى قايسى جەھەتتە بىر نەتىجە ياراتتى؟ قېنى دەپ بېرىڭلار؟ ئۇ پەقەت رىياسەتچىلىكتىن ئىبارەت خىزمىتىنى قىلىپ كىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ دېگەنلىرى ھەقىقەت، ئىلغار ئىدىيە بولسا ، قېنى شۇ ئىدىيەلىرىنى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىپ باقسىمىسۇنمۇ؟ ھېچ بولمىسا توردا بولسىمۇ مەيلى. بىر پارچە ماقالە-ئەسەر يېزىپ باقىمىغان ئادەم كىلىپ قانچىلىك ۋاقىت ۋە زېھىن سەرپ قىلىپ يازغان، نۇرغۇن ھالقىلاردىن بىر-بىرلەپ ئۆتۈپ ئاندىن خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشىدىغان كىتاب-ئەسەرلەرنى ئەخلەتكە چىقىرىۋەتكىدەك ئۈمىد ئەپەندى قانچىلىك ئادەم ئىدى. نوچى بولسا ئاۋۋال ئۆزى يېزىپ باقسۇنچۇ؟ نوچى بولسا يالقۇن روزى، ئەنۋەر ئابدۇرېھىمدەك كىتاب ياكى ئەسەرنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ، قايسى جەھەتتىن ئەخلەق ھېسابلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرسۇن. ئادەمنىڭ يىشى، جىنىسى، قىزىقىشى قاتارلىق سەۋەبىدىن ھەر خىل كىشىلەرنىڭ ھەرخىل باسقۇچتا قىزىقىپ ئوقۇيدىغان ئەسەرلىرى ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا، قارقۇياق ھالدا يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئەمگىكىنى ھاقارەت قىلماسلىقى كېرەك ئىدى، لېكىن ئۇ شۇنداق قىلدى، ئۇنىڭ نېمە سالاھىتى بار؟؟؟
يەنە بىرى ئۇ يىنىكلىك بىلەن ئۇلۇغ «قۇرئان كەرىم» «ئىنجىل» قاتارلىق مۇقەددەس دىنىي دەستۇرلارنىڭ ئىدىيەسىنى تەھلىل قىلىپ كىتىپتۇ. بولۇپمۇ ئۇلۇغ «قۇرئان كەرىم» ئاللا تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان،ئۇنى بىر ئادەم يازمىغان، ھېلىغۇ بىر ئۈمىد غېنىكەن نەچچە ئون ئۈمىد غېنى بولسىمۇ ئۇنىڭ تېگىگە يېتىپ بولالمايدۇ، ئىسلام دۇنياسىدا تارىختىن بۇيان نۇرغۇنلىغان دۇنيا شۆھرەتكە ئىگە ئالىم-ئۆلىمالار شەرھىيلەپ تېگىگە يېتەلمىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە 19 يىشىمدا قۇرئان ئوقۇغان دەپ پەش قىلىپ كەتمىسمۇ بولىدۇ، ئۇ بىر مۇسۇلمان بولغۇچى چوقۇم ئوقۇشقا تېگىشلىك ئۇلۇغ كىتاب. ئۇ ھە دېسە دىننى چىشلەپ تارتىدىكەن، بىلىش كېرەككى، ئۇيغۇرنىڭ تەرەققىياتى ئىسلام دىنى سەۋەبىدىن چىكىنىپ كەتمەيدۇ. ئۇيغۇرلار تارىخىدا دىنسىز ياشاپ كەلگەن ئەمەس، ھەق دىن كىلىشىتىن بۇرۇنمۇ ھەر خىل دىنلارغا ئېتقاد قىلىپ كەلگەن. مىسال ئالساق، دۇنيادا ئەڭ چوڭ ئىمپىرىيە قۇرغان مۇڭغۇللارمۇ، يەنە جۇڭگوغا 200 يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈمرانلىق قىلغان مانجۇلارمۇ ئىسلام دىنىغا ئېتقا قىلمىغان، ئەجەپ ئۇلارمۇ ھالاك بولدىغۇ! بۇنىڭ ھەممىسىدە نۇرغۇن ھېكىمەتلەر يۇشۇرۇنغان. ئۈمىد غېنىنىڭ ئۇ كاللىسى بۇلارنى تەپەككۈر قىلىشقا تېخى كىچىك ئىكەن، يەنە 300 يىللاردىن كېيىن ئۇ بۇ ھەقىقەتلەرنى تەپەككۈر قىلالىشى مۇمكىن.
يەنە ئەسكەرتىپ ئۆتسەم، منىڭچە، ئۈمىد ئەپەندى يالغان مىساللارنى ئېلىپ سۆزلەيدىكەن، 20 يىلدىن بۇيان خەنزۇچە كىتاب كۆرۈۋاتقان ئۈمىد ئەپەندىنىڭ خەنزۇچە سەۋىيەسىنىڭ تايىنلىقلىق ئېنىق، ئۇنىڭ قەھۋاخانىدا «ئۇيغۇر پەلسەپ تارىخى» دېگەن كىتابنى كۆرۈۋاتقانلىقىنى بىرسى كۆرگەن دەپ ئاقلاپ يېزىپتۇ، بۇ كىتابنىڭ خەنزۇچىسى چىقمىغاندۇ تېخى. يەنە شىنخۇا جەنۇبىي يولىدىكى كىچىك كىتابخانىنى مەن ئوبدان بىلىمەن، ئۇ يەرگە ئۇيغۇرلار كۆپ بارمايدۇ، مەن شۇ چاغدا دۇكان خۇجايىنى بىلەن پاراڭلىشىپ ئورنىنى ياخشى تاللىمىغانلىقنى دېگەن، كېيىن ئۇ كىتابخانا تاقىلىپ كەتتى، لېكىن كىتابخانىغا كىرگەن ئادەمنى دۇكاندار نورمال بولسىلا نىمە ئشىىڭىز بار دەپ سورىمايدۇ، بۇ پەقەت بىر ئويدۇرما. يەنە ھەپىتىسىگە بىر كىتاب ئوقۇيدىغان ئادەم ئاخىرى ھېچنىمە بىلمەيدۇ دەيدۇ. ئوقۇمىغاندىن ئوقۇغان ياخشى، مۇشۇ كۈندە ھەپىتسىىگە بىر كىتاب ئوقۇغۇدەك ۋاقتى بار ئادەم بارمىدۇ، ئشقىلىپ مەن كۆرۈپ باقمىدىم.
ئاخىرىدا، ئاغزىغا كەلگەننى جۆيىلىسە يۈرەكلىك بىلەن، دادىللىق بىلەن باشقىلار دېمىگەننى دېيەلىدى دەپ قارغۇلارچە ماختىمايلى. سۆزلىيەلىسە ئابدۇقادىر جالالىدىن، زۇلبىقار بارات، يالقۇن روزى قاتارلىقلاردەك ئۆز ساھەسىدە، تەتقىقاتى بويىچە ئىلمىي نەرسىلەرنى سۆزلىسىۇن، بولمىسا «مۇنبەر» دېگەنگە ھەممە ئادەمنى چىقىرىپ قويغىلى بولمايدۇ. تەكلىپ ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقات ئورنىدا خىزمەت قىلىدىغان بىر ئادەمنىڭ مۇشۇنداق قالايمىقان سۆزلىشىگە يول قويىدىغان قانداق ئىدارىكىن دەپ ھەيران قىلىۋاتىمەن. مۇشۇنداق جۆيلىدىغاندىن بىر نەچچىسى چىقسا، ئاندىن نورمال ھالدا سۆزلىنىدىغان لىكىسىيەلەرنىمۇ تۇسۇيدىغان بولىدۇ. شۇڭا گۈلەن ئاكىمىز ئېيتقاندەك «ئويلاپ سۆزلىگىنى تۈزۈكتى»، بولسا ئەمدى سۆزلىمىسە تېخىمۇ ياخشى.
|
|