- تىزىملاتقان
- 2015-1-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2315
- نادىر
- 0
- يازما
- 250
ئۆسۈش
10.5%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا putin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-5 13:18
sheydai يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 12:49
نۇرغۇن بىھۇدە قانلارنىڭ تۆكۈلۈشى نەتىجىسىدە سوپىزىم ...
پىكىرىڭىز ئىنتايىن ئوچۇققەن .مۇھەممەت ئەلەيھىسالامدىن كىيىن ئەرەبلەر ئىسلام دىنىنى ئەرەبلەرگە نىسبەتەن فىئوداللىق تۈزۈمنىڭ قوغدۇچىسى قىلىپ قەبىلە پەرەسلىك ،مۇستەبىت ھوقۇقدارلىقىنىڭ قۇرالى ،قالقىنى قىلىۋالغان ،باشقىلارنىڭە نىسبەتەن ئىسلام دىنىنى يات مېللەتنىڭ ئىڭىغا سىلىنغان سىرتماق قىلغان ..مۇھەممەت ئەلەيھىسالام دۇنياغا دىننى قايتىدىن يىڭى بىر ئۇقۇم بىلەن ئەكىس ئەتتۈرگەن بولسا ،ئۇنىڭ كىيىنكى ئەرەب ئىسلام داھىيىللىرى ئىسلامنى قاتىللىق قۇرالى قىلىپ ،ئۆزىنىڭ رەزىل ئارزۇسىنىڭ كۆۋرۈكى قىلغان .
تارىخىتىن بۇيان ئەرەبلەرنى ھىچقانداق قەۋم ياقتۇرمىغان .ئەرەبلەرنى قوغلاپ قۇملۇقكىچە ئاپارغان (بەزىلەر بۇ گەپنى خۇددا مۇسۇلمانلارنىڭ كىيىنلىكى ئۈچۈن بەرگەن دەپ مۇ ئەمىلىيەتتىن قاچىدۇ .)پارس -ئەرەب ،تۈرك-ئەرەب ،موڭغۇل-ئەرەب ،ھون-ئەرەب ئۇرۇشلىرى ئەرەبلەرنى چىچىلاڭغۇ ،زەئىپ ،ئاجىز مېللەتكە ئايلاندۇرۇپ قويغان .مۇشۇنداق پەيتتە .مۇھەممەت ئەلەيھىسالامدەك بىركىشىنىڭ ئەرەب قەۋىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتەك بىر ۋەزىيەت شەكىللەنگەن .ئەرەب سىياسونلىرى مۇشۇنداق بىر كىشىگە چاڭقىغان ..مۇھەممەت ئەلەيھىسالام پەقەت بىر ئەلەيھىسالام بولۇپ قالماستىن ئۇ بىر سىياسون ،ھەربىي ئالىم ،پەلسەپەچى ،جامائەت ئەربابى .بىراق ،نەتىجە بۇ ئۇلۇغ كىشىنىڭ ئەقىدىسەك بولمىدى .ئەرەب مېللىتىنىڭ قىنىدىكى پەسكەشلىك بۇ نۇرلۇق نۇرنى ئۆچۈردى .ئىسلام دىنى ئەرەبلەرنى خىيالى ھۆرمەت-ئىززەتكە ئىگە قىلدى .ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلغان مېللەتلەر ئەرەبلەرگە بولغان قوغدۇنۇش ،ھۇجۇم ھالەتلىرى ھىسىداشلىق ،دىنداشلىققائايلاندى .ماۋزىدوڭنىڭ جىياڭجىشىنىڭ قولىدىن جوڭگۇنى قولغا ئىلىشىمۇ ئۇنىڭ تالانتىدىن جوڭگۇنىڭ شۇ دەۋردىكى ئىھتىياجىنىڭ رولى ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان .مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ،ئىسلام دىنىغا نىسبەتەن ئۇيغۇرلار ئۆتكۈر سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىش قىلىش .بەك مەستانە بولۇپ كەتمەسلىك كىرەك .دىننى پەقەت ھەربىرىمىزنىڭ ئىتىقادىنىڭ بەلگىسى قىلىش كىرەك .ھەرگىزمۇ دىننى مېللەتنىڭ ئۈستىگە قۇيۇش ،دىننى مېللەتلەندۇرۇشتەك ئەجەللىك يولنى تاللىماسلىق ۋە قوللىمالسىق كىرەك .ھازىرقى دۇنيانىڭ غوجىللىرىدىن بولغان مېللەتلەر دىنىنى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بولغان .ئۇ بولسىمۇ دىن بىلەن سۈلھى تۈزمەسلىك .ئەركىنلىكىگە چەك قۇيۇش ،مېللەت بىلەن دىىننى ،سىياسەت بىلەن دىننى مۇناسىېۋىتى ئايرىۋەتكەن .دىننىڭ مېللەت ۋە سىياسەتكە ئارىلىشىنى سۈلھىسىز چەكلىگەن .مىنىڭ بۇ گىپىم نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ قۇلىقىغا تاش ئۇرغاندەك ئاڭلىنىشى مۇمكىن .لىكىن ،ئاچچىقلىنىشنىڭ ئالدىدا تۈركىيەنى ،ئاتا تۈرك مۇستاپا كامالغا قاراپ باقسىلا خىلى ئىشلارنى چۈشىنىدۇ . |
|