- تىزىملاتقان
- 2015-1-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 700
- نادىر
- 0
- يازما
- 70
ئۆسۈش
40%
|
مەرھۇم ئابدۇراخمان ئابلىكىم قانداق ئادەم ئىدى؟ - رەھمەتلىك تولىمۇ ئېسىل ، ئالى جاناپ ، ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن كۆپ كۈچ سەرپ قىلغان ، ئاتاغلىق نامى چىققان بوكسىيورچى ئىدى .
بۇ سۇئالغا جاۋاب بەردىم . مىنىڭچە بۇ سۇئالنى رەھمەتلىكنىڭ نامىزىنى چۈشۈرگەندە ئاخۇنۇم سوراپ بولغاندۇ ؟ دۇئالىرىمىز بولسا قىلايلى ... ئەمدى بولدى قىلىلى .... روھلارغىمۇ ئاراملىق كېرەك ، بۇ دۇنيادىكى ھەر بىر قىلمىش ئەتمىش ئۈچۈن ئۇ دۇنيادا جاۋاب بېرىش(ىمىز) كېرەك . بۇنداق قىلمايلى ....
تېما ئېسىلكەن . لىكىن مەن سەل ئىدىيەم قاتمال ئادەممۇ بەك ياقتۇرۇپ كەتمىدىم .
مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرلىرىدە دادام - ئاپام ھەر ئىككى تەرەپنىڭ جەمەتى پوشىچىك ، باي دېھقان ، بەگ ئەۋلادى .. دەپ مەھەللىدىكى بىر قانچە تاز(ئەلۋەتتە چوڭ - كىچىك ئەترەت باشلىقى) بەك بوزەك قىپتىكەن ، دادام تولا دەيدىغان ، بەك ئەسكىلىك قىلغان بوزەك قىلغان ، ئاپاڭ ئاغرىپ قېلىپ ئىشقا چىقالمىسا ، ھۇرۇنلۇق قىلدى دەپ مەجبۇر ئەپچىققان دەپ ... لىكىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىگە ئەجەل چاقىرىقىنى بالدۇر ئەۋەتتى ، بۇ ئىگىمىز بەرگەن جانمۇ شۇنداق تەستە چىقتىكى ئۇلاردىن ، ھېلى تەييار بوپ قاپتۇ ، دەپ ئاڭلايتۇق ، ھېلى ئۆلۈپ قېپتۇ ، ھېلى ئەسلىگە كەپ قاپتۇ ... دەپ ئاڭلايتۇق . ئاخىرى ۋاقتى - سائىتى كەلگەندە چىقتى بۇ جانمۇ . لىكىن ئاشۇ ئەسكى ئادەملەر ئۆلگەندىمۇ دادام چوڭلار قاتارىدا ئالدى بىلەن بېرىپ ، ئىشىغا ياردەملىشىپ ، ياشلارغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ يەرلىكنى كولاشقا ماڭدۇرۇپ .......... نامىزىنى چۈشۈرگەندە ، ئاخۇنۇم XXX قانداراق ئادەمتى ؟ - مەيداندىكى جامائەت ، ئېسىل ئادەمتى دىيىشتى .(مەيلى كۆڭلىدە نىمە ئويلىسۇن ، مىللىتىمىز ، دىنىمز ئۆلگۈچىنىڭ ئارقىدىن گەپ قىلىشنى خالىمايدۇ ) مانا بۇ ئىنساننىڭ خۇسۇسىيىتى . بۇلار ماڭا بەك تەسىر قىلغانمۇ بىلمەيمەن . شۇڭا مەرھۇمنىڭ يېنى يەرگە تىگىپ بولغۇچە تۈگىمەس ئۈندىدار تور خەۋەرلىرى ، ئۆلۈمدىنمۇ پايدىنى كۆزلەپ ئاتالمىش چاقىرىق چىقارغۇچىلار بېسىپ كەتتى . قانداق ئادەم ، دەپ سۇئال قۇيۇشتىن بۇرۇن مۇشۇ مۇنبەردىكلەرنىڭ كۆپ قىسىمىمىز نامىدىن ھۇزۇرۇلىنىپ يۈردۇق ، لىكىن ئۆلۈپ كىتىۋېدى ، فوند - تەشكىلات قۇرۇش ، يۇنان ئەسانىسى ئاساسىدا ھېكايە توقۇش ... بولدى ، بەس . ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچى جاناپلار سىلەرمۇ ئىنسان . ئويلىشىپ ئىش كۆرۈڭلار
ئۆلۈپ كەتسە دەيمىز رەھمەتلىك ،
ھاياتىدا سەن - مەن دېگەنلەر .
ئېسىل ئادەمتى . داڭلىق بوكىسچىتى . باشقىسىنىمۇ بىلمەيدىكەنمەن .
ئارتۇق سۆزلىگەن بولسام قالايمىقان كەتكەن بولسا ، ئالدىڭلاردا ئۆزرلىكمەن . كۆڭلۈڭلارغا ئالمىغايسىلەر . |
|