- تىزىملاتقان
- 2014-10-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 261
- نادىر
- 0
- يازما
- 19
ئۆسۈش
87%
|
ئۇمۇننىڭ ئىنكاسىنى « ئەدەبىي ئەسەرلەردە جىنسىيەتنى دىننىڭ، ئەخلاقنىڭ، ئىجتىمائىي تۇزۇمنىڭ بويۇنتۇرۇق چىگىرالىرىدىن چىقىپ تەسۋىرلەش، قىزىش كىرەك» دەپ يىغىنچاقلاشقا بولدىكەن.
دىن ۋە جىنسىيەت ھەققىدە توختالساق: ياراتقۇچى ئىنسانغا نىمىنىڭ پايدىلىق نىمىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ ھەر قايسى ئىشلاردا نىمىنى قىلىش نىمىنى قىلماسلىق ھەققىدە چەك چىگىرىنى بەلگىلەپ بەرگەن، جىنسىيەتمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، ئۇنى ھالاللىق ئىچىدە ئىلىپ بىرىش كىرەك.
ئەخلاق ۋە جىنسىيەت ھەققىدە توختالساق: ئەخلاق دىمەك ئىنساننىڭ ئۆزىدە ياخشى ئادەت، قىلمىش، پەزىلەتلەرنى ئۆزلەشتۇرسى ۋە ئۇنى ئەمىلى ھەركىتى بىلەن ئىپادىلىشىدىن ئىبارەت. جىنسىيەتتىكى ھالاللىق ۋە پىنھانلىق ئەخلاقنىڭ جۇملىسىدىندۇر، ئەگەر جىنسىيەت ئەخلاقنىڭ ھالاللىق ۋە پىنھانلىق بويۇن تۇرقىدىن چىقىپ كەتسە ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس، جىنسىيەتنى ھالالدىن قاندۇرمىسام نىمە بوپتۇ، ئۇنى يوشۇرۇپ پەردىلەپ نىمە قىلمەن دىگەن ئاڭ ئۇستۇنلۇكنى ئگەللىسە ھاللاللىق بويۇن تۇرقىنى چورۇپ تاشلاشنىڭ زىيىنى ھەققىدە توختالساق: باشقىلارنىڭ خوتۇن قىزلىرىغا قىلىقسىزلىق قىلدىغان،زىناخورلۇق ئاشنىدارچىلىق قىلدىغان، پوخۇرلۇق، باسقۇنچىلىق قىلدىغان ئەھۋاللار كىلىپ چىقىدۇ. پىنھان بولىشىغا قارشى چىقىشنىڭ زىيىنى ھەققىدە توختالساق: ئۆز جۆرىسىگە سادىق بولۇپ قالايمىقان باشقىلار بۇزۇقچىلىق قىلمىغان ھالەتتىمۇ ئۆز جورىسى بىلەن بۇلغان يىقىنچىلىقىنى باشقىلارغا تەسۋىرلەپ بىرىشنىڭ، ياكى باشقىلارنىڭ جۆرىسى بىلەن بولغان بولغان يىقىنچىلىقىنى تەسۋىرلەپ بىرىشنىڭ ئەخلاقسىزلىق بولدىغانلىقىنى ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى چۇشۇنۇپ يىتەلەيدۇ. ئەخلاق جىنسىيەتنى پىنھان تۇتۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇڭا ئەخلاقى ئۆلچەملەرگە ئەھمىيەت بىردىغان ھەر قانداق بىر ئائىلە ۋە جەمىيەت جىنسىيەتنى ئاشكارا سۆزلەپ پەردىشەپنى بۇزمايدۇ، ئەخلاقنىڭ ھۆرمىتىنى قوغدايدۇ.
ئىجتىمائىي تۇزۇم ۋە جىنسىيەت ھەققىدە توختالساق: ئىجتىمائىي تۇزۇم مەلۇم بىر جەمىيەتنىڭ خاتىرجەملىكى، ئىناقلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۇرۇش ئۇچۇن شۇ جەمىيەتنىڭ ئەزالىرىغا قويۇلغان تەلەپ ۋە چەكلىمىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ، ئەقلاقتىن چىقىپ جىنايەت شەكىللەندۇرگەنلەرنى نازارەت قىلىش ۋە جازالاش رولىنى ئوينايدۇ. ئەگەر جىنسىيەت ئىجتىمائىي تۇزۇمنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچۇرمىسا ئۇ چاغدا ئەخلاقنى كىرەك قىلمايدىغان بىر تۇركۇم ھايۋاندىن بەتەر شەھۋەت قۇللىرى بۇزۇقچىلىق قىلىپ جەمىيەتنى زىنا-زالالەت، گۇمراھلىق، جىنايەت پاتقىقىغا پاتۇرۇپ قويىدۇ.
دىمەكچى بولغان گەپنىڭ خۇلاسىسىگە كەلسەك: جىنسىيەتتە ھىچ قانداق چەكلىمىنىڭ بولماسلىقىنى تەلەپ قىلىش، ئۆزىنى ھايۋاندىن بەتەر ھالغا چۇشۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇنداقلاردىن ھايۋان ياخشىراق.
|
|