- تىزىملاتقان
- 2014-10-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 249
- نادىر
- 0
- يازما
- 19
ئۆسۈش
83%
|
بەزى يازغۇچىلار:« ئەدەبىيات تۇرمۇشنى، چىنلىقنى ئەكىس ئەتتۇردۇ، جىنسىيەت ئىنسانلار تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسىمى بولغانلىقى ئۇچۇن ئۇنى ئىپادىلەشكە ئەدەبىياتتىن ئورۇن بىرىشىمىز كىرەك». دىگەننى دەسمايە قىلىۋىلىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىڭىغا شەھۋەت، شەرمىى-ھاياسىزلىق، بۇزۇقچىلىقنىڭ ئۇرۇقىنى بىلىپ-بىلمەي تىرىپ قويۇشقا سەۋەپ بولىدۇ.
جىنسىي ئاڭ ئىنسانلارنىڭ ئىڭىغا يارتىلىشىدىنلا پۇتۇۋىتىلىنگەن بولۇپ، ئەدەپ-ئەخلاپ، شەرمىي-ھايا، ھالاللىق يولى بىلەن جىنسىي ئىستەكلەر قاندۇرۇلسا، ئىنسانلارنىڭ ساغلام يول بىلەن كۆپىيىشىگە، ئەر-ئاياللار ئارسىدىكى يىقىنلىق، خۇشاللىق، مۇھەببەتنىڭ كۇچىيىشىگە، ئائىلە ۋە جەمىيەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۇرۇتكۇلۇك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر جىنسىي ئىستەكلەر بۇزۇق خىياللارنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى ۋە يىتەكلىشى ئارقىسىدا، شەرمىي ھاياسىزلىق پاتقىقىغا پىتىپ قالسا، شەھۋەت ئۇنى ھارامدىن ئاجىريالماس ھالەتكە چۇشۇرۇپ قويۇپ، جەمىيەتتە زىنا-زالالەت، بۇزۇقچىلىق، ئاشنىدارچىلىقنىڭ كۆپىيىپ كىتىشىگە سەۋەپ بولىدۇ.
بۇ تىمىنى يىزىشتىكى مەقسەتكە كەلسەم: «جىنسىيەت ھەققىدىكى خىياللارنى قىلىش، ئۇ ھەقتىكى تەسۋىر-ئىپادىلەرنى كۆرۇش، ئاڭلاش، ئوقۇشنىڭ شەھۋەتنىڭ كۇچىيىشىگە سەۋەپ بولدىغانلىقى، شەھۋەت پەردىشەپ پەردىلىرىنى يىرتىپ تاشلاپ، ھارام بىلەن بىرلەشسە، بۇ خىل سەزگۇ ھالىتىدە تۇرغان تۇيغۇلارنىڭ زىنا-زالالەتنىڭ مۇقەددىمىسى بۇلۇپ قالدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۇرۇشتىن ئىبارەت. ۋە بەزى يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىكى يالڭاچ تەسۋىرلەرنىڭ ئوقۇرمەنلەرنى ۋە ئۆزىنى تۇيۇق يولغا باشلايدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت.
بەزى كىشىلەردىن شۇنداق سۆزلەرنى ئاڭلاپ قالىمەن: « پەردىشەپ يوق تەسۋىرلەر يىزىلغان ئەسەر ياخشى ئەسەر ئەمەس»، « ئاتا-ئانىمىز، بالا چاقىلىرىمىزنىڭ ئالدىدا ئۇنلۇك ئاۋازدا ئوقىساق بەزى يەرلرى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويدىغان ئەسەر ياخشى ئەسەر ئەمەس». « ئەدەبىي ئەسەرلەر ھاياسىز ئىشلارنى تەسۋىرلەيدىغان ئەمەس، ھاياسىزلىقنى تەنقىتلەيدىغان، ئۇنىغا قارشى تەربىيە ئىلىپ باردىغان بولىشى كىرەك». بۇ سۆزلەر ھەققىدە شۇنداق تەسۋىرلەرنى ئەسەرلىرىدە يىزىۋاتقان ئاشۇ يازغۇچىلار ئويلىنىپ بىقىشى كىرەك.
شۇنداق تەسۋىرلەرنى ئەسەرلىرىدە يىزىۋاتقان بەزى يازغۇچىلار ئۆزىنى ئاقلاپ شۇنداق دىيىشى مۇمكىن: « بىزنىڭ يىزىۋاتقىنىمىز ئەخلاقسىزلىقنى، ھاياسىزلىقنى تەشۋىق قىلىش ئەمەس، ئوقۇرمەنلەرنى ئىبرەت ئالسۇن دەپ رىئاللىقتىكى ئاشۇ ئازغان، چۇشكۇنلەشكەن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى، ئىچكى دۇنياسىنى، پىسخىكىسىنى، ئۇلارنىڭ نىمە سەۋەپتىن تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغانلىقىنى تەسۋىرلەپ، باشقىلارنىڭ شۇ يولدا مىڭىپ قالماسلىقى ئۇچۇن ئىبرەت-ساۋاق قىلىشتىن ئىبارەت». ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئۇلارنىڭ بۇ داۋاسىغا چۇشلۇق، جىنسىيەت مەسىلىرىنى ئەدەبىي ئەسەردە قانداق ئىپادىلەش، تەربىيۋى ئەھمىيىتىنى ئاشۇرۇش توغۇرلۇق مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ئەسەرلەر ئۇنچە كۆپ ئەمەس.
ئەسەرلىرىدە جىنسىيەتنى ھاياسىزلارچە يالڭاچلاپ تەسۋىرلەپ بولۇپ، ئوقۇرمەنلىرىگە بۇلار سىلەرگە ئىبرەت بولسۇن، ساۋاق ئىلىڭلار، شەرمىي ھايالىق، ئەدەپ-ئەخلاقلىق بولۇڭلار دەپ ئەخلاقنى تەرغىپ قىلدىغان، جەمىيەتتە ئىتىقاد سۇسلاشتى، ئەخلاقسىزلىق ئەۋجىگە چىقتى، ھەقىقى مۇھەببەت ساداقەت كەملەپ كەتتى دەپ قاقشايدىغان يازغۇچىلارنىڭ ھالى بەكمۇ كۇلكىلىك. پىرسۇناژلىرىنىڭ چۇشكۇن، چىركىن تەرەپلىرىنى شۇنچە تەپسىيلى، ئىنچىكە، خۇددى كۆرۇپ تۇرۋاتقاندەك تەسۋىرلەپ، ئەسەرلىرىنى بۇنداق تەسۋىر بايانلار بىلەن لىق توشقۇزۇپ، ئاخىرىدا خۇلاسە سۇپىتىدە خاتىرسىگە ئۇزۇندە قىلىپ كۆچۇرۋالغان ئەخلاقى تەشەببۇسلارنى تومتاقلا ئوتتۇرغا قويۇپ، ئەخلاقى چۇشكۇنلۇكنىڭ زىيىنىنى يورۇتۇپ بەرگەن بۇ كاتتا ئەسىرىدىن پەخىرلىنىپ ئىلان قىلدىغان يازغۇچىلار ئۆزىنىڭ نەقەدەر نادانلىقىنى ھىس قىلمىغان بولسا كىرەك.
جىنسىيەت ھالاللىق ۋە پىنھانلىق بىلەن ئىنسانلارغا بەخىت، خۇشاللىق كەلتۇردۇ، ئىنسانلار نەسلىنى كۆپەيتىدۇ. ھارامدىن جىنسىيەتنى قاندۇرماقچى بولغانلار ۋە پىنھاندىكى جىنسىيەتنى كىشىلەرگە ئاشكارا قىلىغانلار گۇناھكارلاردۇر. ئەدەبىي ئەسەرلەردە جىنسىيەتنى يالڭاچ تەسۋىرلەشنىڭ ئاممىۋى سورۇندا بۇزۇقچىلىق قىلىشتىن پەرقى يوق، ماھىيەتتىن ئىيىتقاندا، بۇزۇقچىلىقنى تەسۋىرلەش، بۇزۇقچىلىق قىلىشنىڭ بىر تۇرىدىن ئىبارەت.
جىنسىيەتنى يالڭاچ تەسۋىرلىمەيمۇ ئەسەر يازغىلى، تۇرمۇشنى چىنلىقنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ بەرگىنى بولىدۇ، شەرمىي-ھايا، ئەخلاق، جىنسىيەت تەربىيسىنى ئىلىپ بارغىنى بولىدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلەردە سۆيگۇ-مۇھەببەتكە سادىق، گۇزەل ئەخلاق پەزىلەتلىك، ئەقىدە-ئىتىقادلىق قەھرىمان پىرسۇناژلارنى مەيدانغا چىقارغىلى بولىدۇ. بۇنداق ئەسەرنى يىزىش، بۇنداق پىرسۇناژنى مەيدانغا چىقىرىش ئەڭ ئاۋال ئاشۇ قەلەم تەۋرەتكۇچى ئەدىپنىڭ ئەنە شۇنداق قەھرىمان بولۇپ يىتىشىپ چىقىشىنى تەلەپ قىلىدۇ! |
|