ياپونىيە يەسلىلىرىنىڭ 12تۈرلۈك تەربىيە ئۇسۇللىرى
يولوچى تەرجىمىسى
رايونىمىزدا يەسلىلەرنىڭ تىزسۈرەتتە تەرەققى قىلىشى ئازبولمىغان كىشىلىرىمىزنىىڭ دىققىتى يەسلى مائارىپىغا تارتىۋاتىدۇ، "يەسلى مائارىپىدا بالىنىڭ ئەقلى بۆلۈنمىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇش كىرەكمۇ ياكى ھىسسيات بۆلۈنمىسىنىمۇ؟" دىگەن مائارىپتىكى تالاش تارتىشلار تا ھازىرغىچە بىسىققنى يوق . تۆۋەندە ياپونىيەنىڭ يەسلى مائارىپىدىن دەسلەپكى تونۇشقا ئىگە بولۇپ باقايلى: ياپونىيەدە بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرىش يىشى بەلگىلەنمىگەن، ھەم ئۆلچەممۇ يوق، ئادەتتە 1-2ياشتىن باشلاپ يەسلىگە كىرىشكە باشلايدۇ، 6ياشتا يەسلىنى پۈتكۈزۈپ باشلانغۇچ مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇيدۇ. يەسلىدىكى 12تۈرلۈك غەلىتە .ئەھۋاللار تۆۋەندىكىدەك:
1.سانسىزلىغان چوڭ-كىچىك سومكىلار.
ياپونىيەدە يەسلىگە كىرىش رەسمىيتىنى بىجىرگەن كۈنى مەكتەپ ئاتا-ئانىسىغا بىرقانچە چوڭ-كىچىك سومكىلارنى تەييارلاشنى ئوقتۇرىدۇ. يەنى سومكا بىرلىككە كەلگەن بولۇپ:ئەدىيال سىلىنىدىغان، تاماق ئەسۋاپلىرى سىلىنىدىغان،كىيىم-كىچەك سىلىنىدىغان، ئاياغ سالىدىغان....... دىگەندەك سومكىلار بولۇپ، يەسلى يەنە ئاتا-ئانىلارغا 1-سومكىنىڭ قانچە سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا، 2-سومكىنىڭ قانچە سانتىمىتىر كەڭلىكتە بولىدىغانلىقى، 3-سومكىنىڭ 4-سومكىنىڭ ئىچىدە بولىدغانلىقى،5-سومكىنىڭ 6-سومكىنىڭ ئىچىدە بولىدغانلىقى دىگەندەك ئەھۋاللارنى تەپسىلىي چۈشەندۈرىدۇ.ھەتتا بەزى يەسلىيلەر ئاتا-ئانىلاردىن بۇ سومكىلارنى بىريىپ-بىريىڭدىن ئۆز قولى بىلەن تىكىشنى تەلەپ قىلىدۇ. دەسلىپىتىدە بۇنداق مۇرەككەپ ھەم ئاۋارىچىلىق سومكىغا كۆنمەك سەل تەسراق، لىكىن بىرمەزگىلدىن كىيىن پۈتۈنلەي كۆنۈپ كىتىدۇ. بولۇپمۇ بالىلار ھەربىر نەرسىلىرىنى رەتلىك،تۈرگە ئايرىپ سىلىشقا ئۇستا بولۇپ كىتىدۇ،بەلكىم بۇ نىمە ئۈچۈن ياپونلۇقلارنىڭ ئەخلاتلەرنى تۈرگە ئايرىپ سىلىشنى ئادىتىگە ئايلاندۇرۋەتكەنلىكنىڭ بىر سەۋەبى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.
2.چوڭ ئادەملەر قۇرۇق قول يۈرۈيدۇ، بارلىق سومكىلارنى بالىلار مۆرىلىرى، قوللىرى بىلەن كۆتۈرىدۇ.
ياپونىيەدە ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغان ئىش:ئەتتىگەن ھەم كەچتە بالىلارنى يەسلىگە ئاپىرىپ ئەكىلىدىغان چاغدا مەيلى ئاتا-ئانىسى بولسۇن ياكى بوۋا-مومىلىرى بولسۇن ھەممىسى قۇرۇق قول يۈرۈيدۇ، ئەكىسىچە ئەڭ ئاز بولسىمۇ ئىككىدىن ئۈچكىچە بولغان سومكىلارنى بالىلار ئۆزلىرى كۆتۈرۈپ ماڭىدۇ. بۇنىڭدىن خان جەمەتىدىكىلەرمۇ مۇستسنا ئەمەس، تۆۋەدىكى رەسىم ياپونىيە شاھزادىسى بىلەن مەلىكىنىڭ يەسلىدە ئوقۇۋاتقان چاغدىكى سۈرىتى
3. ئەڭ ئاۋارچىلىق ئىشنىڭ بىرى ھەركۈندىكى تۈگىمەس كىيىم ئالماشتۇرۇش جەريانلىرىدۇر
يەسلىلەردىن بىرتۇتاش بىرىلىدىغان فورمىلار بولۇپ، ئالماشتۇرۇش قىتىم سانى كۆپ بولىدۇ، تەنتەربىيە دەرسىدە، مەكتەپتىكى چوڭ يىغىلىشلاردا، تاماق يىگەندە، چۈشلۈك ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا ھەمىمىسىدە دىگۈدەك كىيىملىرىنى ئالماشتۇرىدۇ، ئاتا-ئانىلىرى پەقەت يىنىدا قاراپ تۇرىدۇ، ھىچكىم ياردەم قىلمايدۇ، يەسلى مانامۇشۇنداق ئۇسۇللار بىلەن بالىلارغا مۇستەقىل تۇرمۇش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرىدۇ.
4. زىمىستان قىشتىمۇ كالتە ئىشتان كىيىدۇ .
يەسلىدىكى بالىلار مەيلى ھاۋا قانچىلىك سوغۇق بولۇپ كەتسۇن ھەممىسى ناھايىتى قىسقا ئىشتانلارنى كىيىپ مەكتەپكە بارىدۇ، دەسلەپكى چاغلاردا داۋاملىق دىگۈدەك سوغۇق ئۆتۈپ ئاغىرىپ قالىدىغان ئەھۋاللار بولۇپ تۇرىدۇ، بۇنداق ئىشلارنى ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا دىسىڭىز ئۇلار سىزگە:" بالىنى يەسلىگە ئاپىرىش ئۇلارنى سوغۇق ئۆتكۈزۈپ، ئاغىرتىش" دەپ جاۋاپ بىرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ياپونىيلىك ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا كۆپ كىيىم كەيگۈزمەسلىكتىكى سەۋەبى ئۇلارنى سوغۇققا چىداملىق،ساغلام بەدەنگە،كۈچلۈك ئىرادىگە ئىگە قىلىپ چوڭ قىلش. شۇنداقلا يەسلىمۇ مارافونچە يۈگرەش بىلەن بۇ يىرىم يالىڭاچ بالىلارنى سوغۇقتا يۈگەرتىپ ئۇلارنىڭ سوغۇققا قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
5.ئارلاشما سىنىپ مائارىپىنى يولغا قويىدۇ.
9:30دىن 15:30گىچە بارلىق بالىلار ھويلىدا بىرلىكتە ئوينايدۇ. چوڭ بالىلار كىچىك بالىلارنى قۇچاقلاپ، كىچىك بالىلار چوڭ بالىلارنى قوغلاپ دىگۈدەك ناھايىتى قىزغىن ئوينايدۇ.بالىلارنى ھەقىقىي تۈردە ئاكا-ھەدە،ئىنى-سىڭىللىق ھىسياتىنى سىڭدۈرۈپ دىگۈدەك چوڭ قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدۇ.
6.مائارىپ بولسا بالىلارغا "كۈلۈمسىرەشنى"، " مىننەتدار بولۇشنى"ئۈگۈتىدۇ.
ياپونىيە مائارىپ بالىلارغا بىلىم ئۈگۈتۈشكە ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدۇ،بالىلارنىڭ دەرسلىك كىتابلىرىمۇ يوق،ھەرئايدا بىرچارچە رەسىملىك كىتاب تارقىتىپ بىرىلىدۇ. مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش پىلانىدا ماتىماتىكا،رەسىم سىزىش، مۇزىكا،تىل ئۈگۈنۈش دىگەندەك دەرس پەنلىرى قەتئىي كۆرۈلمەيدۇ.
ئۇلاردىن، بالىلارغا زادى نىمە ئۈگۈتىسىلەر دەپ سورىسىڭىز، ئۇلار :"بالىلارغا ئۇماققىنە كۈلۈمسىرەشنى ئۈگۈتىمىز"دەپ جاۋاپ بىرىدۇ. ياپونىيەدە مەيلى قەيەرگە بارماڭ،كىم بىلەن پاراڭلاشماڭ، كۈلۈمسىرەش ئىنتايىن مۇھىم، تەبەسسۇم يىغىپ تۇرىدىغان ئايال ئاڭ چىرايلىق ئايالدۇر.يەنە
يەنە نىمە ئۈگۈتىسىلەر دىسىڭىز،" رەھمەت"دىيشنى ئۈگۈتىمىز دەيدۇ.
7.يىلنىڭ بىشىدىن تاكى ئاخىرغىچە ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان پائالىيەتلەر ۋە نومۇرلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ئاتا-ئانىلارنىڭ كالىندارىغا قارىسىلا، بالىلارنىڭ بىريىلدا قانچە قىتىم تاغقايامىشىدىغانلىقى، قانچە قىتىم كۆل سەيلىسى قىلىدىغانلىقى،قانچە قىتىم ھايۋانات ئۆسۈملۈكلەرنى كۈزىتىدىغانلىقى....... دىگەندەك، ئۇندىن باشقا ھەرخىل تەنتەربىيە يىغىنلىرى، مەھەللىۋى نۇتۇق يىغىنلىرى، ئىلان قىلىش يىغىنلىرى، بۇنتخانىغابىرىش، ئەسەر كۆرگەزمە قىلىش....... ئىشقىلىپ ناھايىتى كۆپ. يەسلىيدە ياپونىيە ئەنئەنىۋى بايراملىرىنىڭ ھەممىنى ئۆتكۈزىدۇ، ھەتتا جۇڭگو ئۆتكۈزمەيدىغان، لىكىن جۇڭگودىن كىرگەن بايراملارنىمۇ ئۆتكۈزىدۇ.
8. بۇددا دىنىنىڭ تەسىرى.
بۇتخانىنىڭ ئەتراپىدا يەسلىيلەر بار، ھەتتا باش راھىب يەسلىينىڭ مۇدىرلىقىنى قوشۇمچە ئۆتەيدىغان ئىشلارمۇ بار. بالىلارمۇ داۋاملىق دىگۈدەك قەۋرىستانلىقتا مۈكۈمۈكىلاڭ ئويناپ ، ھايات_ئۈلۈم چگرا سىزىقىدا ئەركىن يۈرىيدۇ. . يەسلىيمۇ ھەرئايدا بىرقىتىم بالىلارنى بۇتخانىغا ئاپىرىپ دىنىي تەلىمات ئاڭلاش، بۇتقا چوقۇنۇش پائالىيەتلىرىنى ئىلىپ بارىدۇ. بالىلار يەسلىينى پۈتتۈرسە بۇتخانىغا بىرىپ تىلەك تىلەپ، گۈل-دەستىلەرنى تىزىپ قايتىشىدۇ. بەزىلىرىدىن:"نىمە تىلەك تىلىدىڭىز "دىسە، ئۇلار:" مەڭگۈ بۇتقا ئىشىنىشقا، مەڭگۈ باشقىلاردىن مىننەتتار بولۇدىغان قەلىبكە ئىگە قىلىشقا، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ گىپىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشقا"دەپ جاۋاب بىرىدۇ.
9.ھاياتلىقنىڭ قانداق كىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش
بالىلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدىن ئىلگىرى، مۇئەللىم ئاتا-ئانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ،بالىنىڭ ئىسمىنىڭ كىلىش مەنبەسىنى، مەنىسىنى شۈرۈشتۈرىدۇ، ھەم بالىنىڭ توغۇلغان كۈندىن بۇيان چۈشكەن رەسىملىرىنى سىنىپتا كۆرگەرمە قىلىدۇ، ئانىسىنى خەت ئارقىلىق بالىسى بىلەن سىزرتىدىششقا، شۇنداقلار كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئۈنلۈك ئوقۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ:" پالانىنى يەڭگىۋاتقان چىغىمدا ئاغىرىق ئازابىدا ئۆلۈپ كەتسەم چۇ دىگەندەك خىياللار كاللامغا كىلىۋالاتتى.........."
قارىغاندا بىزلەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنىمىزدىكى چوڭ يەپ، چوڭ ئىچىدىغان، سوغات ئىلىپ يۈرىيدىغان ئەھۋاللارغا ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدىغاندەك تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىدى ھاياتلىقنى چۈشۈنۈش، تۇغۇلۇشتىن تارتىپ ئۆسۈپ يىتىلىشكىچە بولغان بارلىق جەريانلارنىڭ ناھايىتى جاپالىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشنى ،شۇڭا ھاياتتىن خۇشال بولۇش ھەم ئاتا-ئانىدىن مىننەتدار بولۇشنى بىلدۈرۈش.
10. ئوغۇل-قىزلارنى پەرقلەندۈرۈشتىكى دەسلەپكى جىنىس تەربىيسى
بالىلار يەسلىگە كىرگەن دەسلەپكى چاغدىن باشلاپلا ھاجەتخانىنى توغرا ئىشلىتىشنى ئۈگۈنۈش بولىدۇ.يەسلىدىكى جىنىس تەربىيسىمۇ بەدەننى قانداق تازلاشتىن باشلىنىدۇ، بولۇپمۇ ئوغۇل-قىزلارنىڭ جىنىس يولىنى تازلاش ئۇسۇللىرى، قانداق ئاسراس........ دىگەندەك ئۇسۇللارنى يەسلىيدىن باشلاپ ئۈگۈنىدۇ.
11. يەرتەۋرش قاتارلىق خەتەرلك ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇشنى ئۈگۈتۈش.
ياپونىيەدە كۆپ يەرتەۋرەش يۈزبىرىدىغان جاي بولغاچقا ، يەرتەۋرەشكە تەقەبىل تۇرۇش، ياپونىيە يەسلى مائارىپىدىكى 5چوڭ تەدبىرنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ، شۇڭلاشقا ھەرئايدا بىرقىتىم، خەتەرلىك ئەھۋاللاردىن ساقلىنىش تەدبىرلىرى ئۈستىدە مەشىقلەر ئىلىپ بىرىلىدۇ.
1995-يىلىدىكى يەرتەۋرەشتە بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يۇقىرى يىللىقىدا ئوقۇيدىغان قىز ئوقوغۇچى ،ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئىمارەتلەر ئارىسىدىن ئانىسىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىققان ، ھەم ئۆزىمىۇ ھىچقانداق يارلانمىغان، ئەسلى بۇقىز مەكتەپ ئۈگەتكەن خەتەرلىك ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى تەرتىپ بويچە ئىلىپ باغان ئىكەن.( يۇرتىمىزنىڭ قۇملىشش، مۇھىت مەسىلىلىرى ئىغىر، بىزلەرمۇ يەسلىيدىن باشلاپ ئوقوغۇچىلارغا مۇھىت ئاسراش، قۇملىششىنىڭ ئالدىنى ئىلىش تەدبىرلىرىنى يىتىلدۈرۈپ ماڭساق نىمىدىگەن ياخشى)
12.ئالىي مەكتەپكە ئوخشاش ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى
بارلق ئىشلار ناھايىتى تەنتەنىلىك، ئەستايىدىل ، ئىچىكە ئىلىپ بىرىلىدىغان بولۇپ، ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغىنى، بۇنداق مۇراسىم ئەمدىلا 6ياشقا كىرگەن، ئەمدىلا يەسلىينى پۈتتۈرۈپ، باشلانغۇچقا ئۆرلاپ ئوقۇيدىغان بالىلارغا قارىتا ئىلىپ بىرىلىدۇ.
كەلگۈسىدىكى كارخانىلار ئارىسىدىكى رىقابەت، شۇنداقلا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى رىقابەت بىرئادەم(ئۇلۇغ ئادەم)بىلەن يەنە بىر ئادەم( ئۇلۇغ ئادەم) ئوتتۇرسىدىك رىقابەت ئەمەس بەلكى بىر كوللىكتىپ بىلەن، يەنە بىر كوللىكتىپ، بىر مىللەت بىلەن يەنەبىر مىللەت، بىر كۈلتۈر بىلەن يەنەبىر كۈلتۈر ئوتتۇرسىدىكى رىقابەتتۇر.
يەسلىي مائارىپىدىن باشلاپ بالىلارنىڭ ئەقلىنى تاۋلاپ مىڭىسىنى كومپىيۇتىرغا ئايلاندۇرۇش مۇمكىن، سانائەتلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇمكىن، لىكىن ئىتتىپاقلىششى، كوللىكتىۋىزىملىق، ئۆز-ئارا ياردەم ، مىھىر-شەپقەتتىن ئىبارەت روھتىن مەھرۇم قىلىشى ، روھسىز ماددا ھالەتتە يۈرىيدىغان بىرتۈركۈم تىرىك مۇردىلارنى يىتىشدۈرۈپ چىقىش تىخىمۇ مۇمكىن.
مەنبە:http://blog.sina.com.cn/s/blog_60fe0aae0100gqsx.html
|