- تىزىملاتقان
- 2014-4-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 651
- نادىر
- 0
- يازما
- 20
ئۆسۈش
30.2%
|
«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» ئەمەليەتتە ماۋزېدوڭنىڭ جۇڭگو ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنى خاتا مۆلچەرلىگەنلىكىنىڭ ئاقىۋىتى: 1) سوۋېت ئىتتىپاقىدا خىروشېف ،برېژنېف لار ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن جۇڭگو-سوۋېت مۇناسىۋىتى يامانلىشىپ سوۋېت ئىتىپاقى شىنجاڭ چېگراسىغا مىليون كىىشىلىك قوشۇن توپلاپ تەھدىت سالدى.دۆلەت ئىچىدە بولسا ليۇ شاۋچى،دېڭ شياوپىڭ ۋەكىللىكىدىكى بىر قىسىم دانا رەھبەرلەر ماۋ زېدوڭنىڭ خاتالىقلىرىنى دادىل كۆرسۈتۈپ بېرىپ ماۋ زېدوڭنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويدى. بولۇپمۇ دۆلەت رەئىسى ليۇ شاۋچىنىڭ (ماۋ بولسا پارتىيە رەئىسى ئىدى) ئىناۋىتىنىڭ ماۋزېدوڭدىن ئېشىپ كېتىشى ،ئۇنىڭ چەتئەللەرگە زىيارەتكە چىقىشى كۆپلەپ چىقىشى ماۋزېدوڭنى قاتتىق ئەنسىرەتكەن.بىراق ليۇ شاۋچىنى ئاسان يوقاتقىلى بولمايتتى. شۇڭا ماۋ بىر قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك خەلق ھەرىكىتىنى قوزغاپ،خەلقنىڭ كۈچىدىن ۋە لىن بياۋنىڭ ھىمايە قىلىشىدىن پايدىلىپ ليۇ شاۋچى،دېڭ شياۋپىڭ ۋەكىللىگىدىكى رەقىپلىرىنى يوقۇتۇش ئارقىلىق ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قالماقچى بولغان. شۇڭا «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دا ليۇ شاۋچى (دۆلەت رەئىسى)،پېڭ دېخۇەي (دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى)،دېڭ شياۋپىڭ ( ج ك پ نىڭ باش كاتىپى)،چېن يى( مارشال)،خې لوڭ( مارشال) ،شى جوشۈن ( شى جىنپىڭنىڭ دادىسى) قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر داھىيلار،ھەربىي قوماندانلارغا زەربە بېرىلگەن .كېيىن لىن بياۋمۇ ماۋزېدوڭنى پارتىلىتپ ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا سېزىلىپ قېلىپ،سوۋېت ئىتىپاقىغا قېچىش داۋامىدا موڭغۇلىيەدە ئايروپىلانى پارتىلاپ ئۆلگەن. بىزنىڭ شىنجاڭدىمۇ رەھبەرلەردىن ئاپتۇنۇم رايونلۇق پاتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ ئېنماۋ ئاغدۇرۇپ تاشلانغان،رەئىس سەيپىدىن ئەزىزىنى ماۋزېدوڭ ئۆزى ئىسمىنى ئاتاپ قوغداپ قالغان،مۇئاۋىن رەئىس مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوپ ( ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدىكى گېنىرال) ،يازغۇچى ئىبراھىم تۇردى ،ئابدۇللا زاكىروف (رەئىس شۆھرەت زاكىرنىڭ دادىسى )قىيىن -قىستاقتا ئۆلگەن، زۇنۇن قادىرى قاتارلىق نەچچە مىڭلىغان يازغۇچى-شائىر،تېخنىك-ئېنژىنىر،ئىختىساس ئگىلىىرى زىيانكەشلىككە ئۇچىرغان،شائىر مەھەمەتجان راشىدىنغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ ،كېيىن مۇددەتسىز قاماققا ئۆزگەرتىلگەن. ئاددى پۇقرالارنىڭ تارتقان زىيانلىرىمۇ بەك دەھشەتلىك بولغان. 1976-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى مەن باشلانغۇچنىڭ 1-يىللىقىغا كىرگەندە ماۋزېدوڭ 82 يېشىدا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان.شۇ چاغدا مەنۇ ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىللە بۇ ئۇلۇغ ئىنسان ئۈچۈن بىلىپ-بىلمەي ھازا ئېچىپ يىغلىشىپ بەرگەن ئىدىم. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دەك بۇنداق ئۇلۇق ئىنقىلاپ ئەمدى جۇڭگودا مەڭگۈ يۈز بەرمەيدۇ. |
|