- تىزىملاتقان
- 2014-12-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4613
- نادىر
- 0
- يازما
- 514
ئۆسۈش
87.1%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sheydai تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-25 11:50
mitran يوللىغان ۋاقتى 2015-2-25 08:54
قۇرۇق گەپ ھازىر ئاقمايدۇ، ئېنىق جاۋاپ بىرىڭ.
پەلسەپە نۇقتىسىدىن قارىغاندا بۇ مەسىلىگە سىز قانداق يەكۈن چىقىرىشىڭىز سىزنىڭ كاللىڭىزغا باغلىق. يەنى سىز سوراۋاتقان مەسىلە سوبېكتىپ بولغان بىرلەمچى ئامىل. ئۇنىڭغا سىزنىڭ چىقارغان ياكى چىقىرىدىغان يەكۈنىڭىز يەنى ئېڭىڭىزدىكى پىكىرىڭىز بۇ ئىككىلەمچى ئامىل. چۈنكى ئاڭ كونترول قىلىش قىيىن بولغان ئامىلدۇر .بۇنداق ئىكەن سىز سورىغان جاۋابىڭىزغا ئۆز كاللىڭىزدا «بولىدۇ» دەپ جاۋاپ بېرىشىڭىز تامامەن مۈمكىن. بولۇپمۇ مۇشۇنداق سوئالنى سورىغان ئادەمگە نىسبەتەن ئاددىيلا بىر ئىش. ئەمما سىز ياشاۋاتقان مۇھىتتىكى جەمىيەت شۇنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. تورداشلارمۇ ئاساسەن ئىما بىلەن جاۋاپ بېرىپتۇ. يەنە قۇرۇق گەپ ھىس قىلسىڭىز ئاپپاق خوجىنىڭ كەينىدىن لاما ئىبادەتخانىسىغا چىقىپ شۇ يەردىكى راھىبلاردىن سوراپ كۆرۈڭ. بۇ جايدا دىن تارقىتىش مەسىلىسىمۇ مەۋجۇت ئەمەس، سورىغان سوئالىڭىز ئەمەلىيەتتە ئويلاپ كۆرسىڭىز سىز ياشاۋاتقان زامان، جەمىيەت، ئادەملەر توپى دەيدىغان ئامىللاردىن چەتنەپ كەتكەن. ئەلۋەتتە غەرىپ ئەللىرى ئېتىراپ قىلغان «ئىسلام پەلسەپىسى» دەيدىغان ئىلىممۇ مەۋجۇت. ئەگەر سىز بۇ توغرىسىدا بىرەر يېڭى نەزەرىيە بايقاپ، ئۇنىڭ ئىلمىي پاكىتلار بىلەن چۈشەندۈرسىڭىز ئاندىن ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسىڭىز بولىدۇ. ھۆل گەپلىرىڭىزنى. يەنە بىر ئىنكاسىڭىزدىن دۇنيا نەدە؟ بىز نەدە؟ دىگەننىمۇ كۆرۈپ قالدىم، دىمەك سىز ھازىر مودا بولۇۋاتقان ئىسلام تەرەققىياتنىڭ بوغقۇچىسى دەيدىغان كۆز قاراشنىڭ سېپىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ ، يېڭى بىر دىننى بازارغا سالماقچى ياكى پۈرلىشىپ قالغان ئاتىئىزىمنى قايتا بازارغا سالماقچى.
دىن كىشىلەرنىڭ ئاڭىنى مەلۇم جەھەتتىن كونترول قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئادەم تەپەككۈر قىلالايدىغان ھايۋان. دىمەك ئۇنىڭ تەپەككۈرىگە دىن ئامىلى قوشۇلغاندىن كىيىن ئاندىن مەلۇم نۇقتىدىن يەنە بىر ھايۋانلاپ توپىدىن پەرىقلىنىدۇ. قانداق دىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر كىشىلەرنى يامان يولغا باشلىمايدۇ. قەدىمقى زامانلاردىكى بەزى ئادەم تەبىئىتىگە يات بولغان خاھىشلارنى توسۇپ قېلىش نەخسىسدىدە ئىلغار ئىدىيىلىكلەر ئەنە شۇ دىننى كەشىپ قىلىشقان. زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يەنە كىشىلەر ئېڭىنىڭ راۋاجلىشىغا ئەگىشىپ قانۇن كەشىپ قىلىنغان. |
|