قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: umun

كىشىلىكنىڭ چىگرىلىنىشى(ئۇمۇن)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 512
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 981
تۆھپە : 3918
توردىكى ۋاقتى: 1607
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 15:09:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ziya يوللىغان ۋاقتى  2015-3-2 17:08
ئىلىم- پەن مۇھىم نوقتا. چۈنكى ئىلىم – پەن ئەتراپىمىزدى ...

ئۈرۈمچىدىكى پاكىستانلىقلار پەقەت كۆزۈمگە سىغمايتى، ما ئەدەم كاتتا ئەدەمكەن ئەمما.!
ئېلىم پەندىمۇ جىق ئىش با، خۇددى دىننىڭ قىرىق پۇتىغى بوغاندەك،،سىزمۇ تەستە مۆدۈرۈپ كېتىۋاتمامسىز قاسىمكا،،!! ئېلىم -پەن ئەڭ ئاۋال ئېنسانىيلىقنى، ئەخلاقنى ئۈگەتسۇن جۇماڭ بىز ئېنسانلارغا..!!

3

تېما

1

دوست

3180

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   39.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25765
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 984
توردىكى ۋاقتى: 473
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-4 12:43:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yaqup تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-4 13:12  

«...ئوخشىمىغان ئىدىيەدىكى كىشىنى كۆرگەن ھامان ھۇجۇمغا ۋە توپچە تاجاۋۇزغا تۇتۇش قىلغان كىشىلەرگە ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئىچى ئاغرىيدۇ.....
  ....بىر نەچچە كۈن ئاۋۋال چەتئەلدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېتىدە   خىلى نامى بار بىر ئۇيغۇر جەمئىيەتشۇناس  دوكتور بىلەن تارتىشىپ قالدىم.«ئۇيغۇرنىڭ زىيالىيسى بولۇش ئۈچۈن مۇسۇلمان بولۇشى كېرەك» دېگەن تېتىقسىز  پاراڭلىرى بىلەن ئەتراپىدىكى ھاياجان كىشىلەرنى ئالداپ يۈرۈيدۇ...»
    يۇقارقىدەك بىر-بىرىگە زىت قاراشلارمۇ  ئاز ئەمەستەك قىلامدۇ نىمە؟

++++++++++++++++++++++++++
مىنىڭ چۈشۈنۈشىمچە تەرەققىيات دەپ ماددى جەھەتتىكى باياشاتلىق،توقچۇلۇق،قۇلايلىقنى كۆرسەتسە،مەنىۋى جەھەتتىن ئىددىيەنى ئازات قىلىپ ھەقىقەتكە يۈزلىنىشنى كۆرسىتەمىكىن... بۇ يەردىكى مەسىلە ھەر كىمنىڭ ،ھەر جەمىيەتنىڭ ھەقىقەتكە بولغان تونۇشى ئوخشاش ئەمەسكەن.مەسىلەن:بىر مەسىلىگە غەرىبچە بىر خىل ئۆلچەم بىلەن ،ماركىسچە يەنە بىر خىل ئۆلچەم بىلەن،ئىسلامچە يەنە بىر خىل ئۆلچەم بىلەن باھا بىرىشىدىكەن.ئەمما ئۇلار ھەقىقەتكە ئىنىقلىما بەرگەندە ئوخشاشلا:-ھەقىقەت دىگىنىمىز شەيئى-ھادىسلەرنىڭ ئەسلىدىن بار بولغان ئىچىكى-تاشقى قانۇنىيىتىدىن ئىبارەت دىيىشىدىكەن-يۇ،شۇ ئەسلى قانۇنىيىتىنى كىم بىكىتكەن بۇنى ئىتىراپ قىلىشمايدىكەن...ئاسمان-زىمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئاجايىباتلارنىڭ ئىچكى-تاشقى قانۇنىيىتىنى دىمەيلا قويىلى، ئادەملەرنىڭ ئىددىيىسى ۋە ھەركىتىگىمۇ ئۆلچەم-قائىدىلەر ئىنىق بىكىتىلىپ ياشاش ئاسانلاشتۇرۇلۇپ بىرىلگەن تۇرسا...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

3

دوست

1047

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   4.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34298
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 300
توردىكى ۋاقتى: 76
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-4 13:33:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەدجان راشىدىن

يامان كۇنلەردە تۇققانتۇق، روناق تاپقاندا ياتلاشتۇق،
پالازدىن تەستە ئايرىلساق، كىگىز باسقاندا ياتلاشتۇق.
سارايلار بۇزدىمۇ ئىشنى، گىلەم ئاسقاندا ياتلاشتۇق،
تامام ئۇنتۇلدى ھەم زاغرا، توغاچ ياققاندا ياتلاشتۇق.
ئۇچۇپ چىختۇق دىسەك كوككە، قانات قاققاندا ياتلاشتۇق...

تىزىق مونچاق ئىدۇق بىزلەر، ئانام بوينىدىكى گويا،
سۇزۇك ئالما ئىدۇق بەش تال، ئاتام قوينىدىكى گويا.
ئۇچار قۇشلار ئىدۇق ھەمدە، ئاشۇ ھويلىدىكى گويا،
تۇگەل لەغمەن ئىدۇق ياكى، چومۇش چويلىدىكى گويا.
بىراق بىزنى جاھان ھەريان، ئۇزۇپ تاتقاندا ياتلاشتۇق...

ئوتۇن تەرگەن ئىدۇق بىر چاغ، يۇرۇپ جاڭگالدىمۇ بىللە،
بوران چىقسا ماكان ئەتكەن، ئىدۇق ئازگالنىمۇ بىللە.
ئېقىن ئەتتۇق، چېپىپ كەتمەن، چېقىپ داڭگالنىمۇ بىللە،
باراتتا بىرگە بولغانتۇق، ئېچىپ رامزاننىمۇ بىللە.
چىرايلىق ئوي تۇتۇپ ئەمدى، ئوتۇن يارغاندا ياتلاشتۇق...

ئانام كەتتى بىرەر ئويدە، تۇزۇك توت كۇن تۇرالماستىن،
ئېلىندى تاختىغا نانلار، ئازاپلاندى سورالماستىن.
دادامنى مەنمۇ كەتكۇزدۇم، بىرەر ئوغلاق سويالماستىن،
مىراس ماجراسىغا چۇشتۇق، تېخى قىلچە ئۇيالماستىن.
شۇلار ھەسرەت بىلەن نىمجان تىنىپ ياتقاندا ياتلاشتۇق...

زورۇر بولسا مالاي قىلدۇق، شۇلارغا نەۋرە باققۇزدۇق،
كېلىنلەر چاچ سوقۇپ يۇردى، شۇلارغا ناننى ياققۇزدۇق.
تېزەك يىققاننى ئاز كورۇپ، شۇلارغا ئۆچكە ساغقۇزدۇق،
تېخى غالۋارىدۇق بەزەن، جاھاندا يوھنى تاپقۇزدۇق.
باقار چاغدا باھانە كوپ، بەدەر قاچقاندا ياتلاشتۇق...

ئاتا كەتتى، ئانا كەتتى، دىمەك بىزدىنمۇ ياز كەتتى،
قېرىنداشلىق بىناسىنىڭ يامان يەرىگە دەز كەتتى،
ئىچەرگە ئاش، كىيەرگە تون، چالارغا بىللە ساز كەتتى.
ئارادىن سەلتەنەت تاجى، ئاجايىپ ئىمتىياز كەتتى،
شۇلار كەتتى، يوغان ھويلا غېرىپ قالغاندا ياتلاشتۇق...

ئۇزاق ئوتمەي سۇكۇت پۇتتى، مىراس ۋەجىدە گەپ چىقتى،
بىرى ئەلچى قويۇپ ئاستا، بىرى ئاشكارا دەپ چىقتى.
بىرىدە يەڭ شىمايلاغلىق، بىرى چەيدو بىلەپ چىقتى،
ھازازۇل نەپسىمىز ئاھىر، جىمى ئىشنى سورەپ چىقتى.
قىرىق يىللىق قېرىنداشلار، مىراس ئالغاندا ياتلاشتۇق...

شۇنىڭدىن بېرىقى كۇنلەر، ئوتەر ھىچكىمنى خوش قىلماي،
قويامدۇ غۇم-ئاداۋەتلەر، ئارادا يازنى قىش قىلماي.
تىنىقتىنمۇ تولا كوت-كوت، كەسەكنى كەلدى ھىش قىلماي،
يۇرەر شەيتان توشۇپ گەپ-سوز، ئۇنىڭدىن باشقا ئىش قىلماي.
نىزا گۇلخانلىرى دىلدا، كويۇپ يانغاندا ياتلاشتۇق...

نىزالار ئۇلغۇيۇپ سەلدەك، ھەسەتخورلۇققا يۇزلەندى،
مېنىڭ ئىللەتلىرىم قۇمدەك، سېنىڭ ئاغزىڭدا سوزلەندى.
"سېنىڭدىن مەن قالامدىم"نىڭ ئىگىز مۇنبېرى كوزلەندى،
قېرىنداشلىق گۇلىستانى، تامام چەيلەندى تۇزلەندى.
ئەجەپ ئالەم ئىكەن قوشلاپ، سېيىر ساغقاندا ياتلاشتۇق...

خوتونلار پادىشا بولدى، سېنى بەنلەپ، مېنى بەنلەپ،
خوتونلارغا خوتون بولدۇق، ئېغىز ئاچساق قوپار سەنلەپ.
تېنىيدۇ يەڭگىلەر سىنچاي، ماڭا بەرگەن بىلەن دەملەپ،
ئاتار كەينىمدە غەيۋەتنىڭ، يەنە ئوقيارىنى بەنلەپ.
شۇلارنىڭ كەينىدىن بىزمۇ، تۇگەل چاپقاندا ياتلاشتۇق...

ئۇگەندۇق ئەرزىمەس ئىشقا، تۇرۇپ قىيداش-يامانلاشنى،
ئوتەرمىز ئۇچرىشىپ قالساق، ئارانلا لىڭشىتىپ باشنى.
قېرىنداشلىقنى كىم بىلگەن، بۇ خىل ئاسان تاماملاشنى،
نىزادا ئۆتتى ھېيت-ئايەم، قىلالماي جەم قەرىنداشنى.
ئىناقتۇق كەپىدە توۋا، ساراي سالغاندا ياتلاشتۇق...

قېرىنداش بولۇپ يارالغانلار، تامام بىزدەكمىدۇ دەيمەن،
قۇيۇنلار قۇترىغان ياكى، دالا-تۇزدەكمىدۇ دەيمەن.
بېغىدا ھىچ باھار-ياز يوق، غازاڭ كۇزدەكمىدۇ دەيمەن،
دىلىدا قىلچە ئاپتاپ يوق، سۆزى مۇزدەكمىدۇ دەيمەن.
يۇمۇپ كوز بارچە نۇقساندىن، تۇگەل تانغاندا ياتلاشتۇق

0

تېما

0

دوست

559

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   11.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12091
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 173
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-5 19:32:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

؛ئەگەر «دۆلەتنىڭ روناق تېپىشى»،«مىللەتنىڭ گۈللىنىشى»دېگەندەك ئاتالغۇلار شۇ جەمئىيەت پۇقرالىرىنىڭ مەنپەئەتىگە زىت بولسا بۇ «روناق تېپىش» ۋە «گۈللىنىش»سەلبىي ھادىسىسىدۇر .
بۇسۆزىڭىزدە لوگىكىلىق خاتالىق بار،شۇڭا ئاخرنى ئوقۇمۇدۇم.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )