- تىزىملاتقان
- 2015-3-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 69
- نادىر
- 0
- يازما
- 3
ئۆسۈش
23%
|
بۇ ھەقتىكى تەزكىرىلەرگە قارىغاندا بىر ئۇرۇشتا يەيدىغان ھېچ نەرسىسى قالمىغان ساھابىلەرنىڭ تەلىپى بويىچە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھتائالاغا دۇئا قىلىدۇ. بۇ دۇئادىن كېيىن پەرىشتە جەبرائىل جەننەتتىن بىر تەخسە خورمىنى ئېلىپ چۈشىدۇ. ساھابىلەر خۇرمىدىن بىرتالدىن ئېلىپ يەيدۇ. بۇ ئارلىقتا بىرتال خورما يەرگە چۈشۈپ كېتىدۇ، بۇنى كۆرگەن جەبرائىل: يەرگە چۈشۈپ كەتكەن خورما مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىدىن چىقىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ نېسىۋىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ خورمىنى ساھابىلەردىن بىرىگە ئامانەت قويماقچى بولغاندا ساھابىلەر ئىچىدىن ئارسلان بابا ئىسىملىك بىرسى بۇ ۋەزىپىنى ئۆستىگە ئالىدۇ. ھەزرىتى پەيغەمبەر بۇ خورمىنىمۇبارەك قۇلى بىلەن ئارسلان بابانىڭ تامغىقىدا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ئەھمەدنى قەيەردە،قانداق تاپىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بىرىدۇ ۋە ئەھمەدنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈش ۋەزىپىسىنىمۇ ئارسلان باباغا تاپشۇرۇدۇ. ئارسلان بابا نەچچە يۈز يىل ئەھمەدنى ئىزدەشكە كىرىشىدۇ. ئىشارەتلەرگە ئاساسەن يەسىگە كىلىدۇ ۋە يەسىدە ئىزدەپ يۈرۈپ بىر توپبالىلار بىلەن ئويناۋاتقان ئەھمەدنى تاپىدۇ.ئارسلان بابا خورمىنىڭ گېپىنى چىقارماستىن ئەھمەد ئامانىتىنى بىرۋېتىشنى ئېيتىدۇ. ئارسلان بابا بەش يۈزيىل تامغىقىدا ساقلاپ يۈرگەن خورمىنى ئاغىزىدىن چىقىرىپ ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ.ئارسلان بابا ئەھمەدنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈشكە باشلايدۇ ۋە ئاخىرى ئەھمەد مەنىۋىىي كامالەت دەرىجىسىگە يېتىدۇ .شۆھرىتىتەرەپ-تەرەپكە تارقايدۇ.
____________________________________
ئەھمەد يەسەۋى توغرىلىق باشقا گىپىم يوق. لېكىن قوڭىغا ئۇرۇپلا ھەدىس توقۇيدىغان كاززاپلارغا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ‹‹كىمكى مېنىڭ نامىمدىن يالغاننى توقۇيدىكەن، ئورنىنى دوزاختىن تېپىۋالسۇن››دىگەن مەشھۇر ھەدىسىنى سۇنىمەن.
تارىخى ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا ساھابىلەرنىڭ ئچىدە ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ساھابە ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولۇپ، تەبئى تابىئىن دەۋرىگە تۇتاشقان.
ئەمما ھېچقاچان بەش يۈز يىلغا يېقىن ئۆمۈر كۆرگەن ساھابە توغرىلىق مەلۇمات يوق. بولسا ئىشەنچىلىك مەنبەلەردىن مىسال كەلتۈرۈڭلار. سىلەر ئوقۇيالىغان كىتاپنى بىزمۇ ئوقۇيالايمىز. ئەگەر تاپالمىساڭلار ‹‹ئاڭلىغانلا گەپنى سۆزلەپ يۈرۈش كاززاپلىقنىڭ ئالامىتى›› دىگەن ھەدىسكە ئاساسەن پەيغەمبىرىمىزگە مۇناسىۋەتلىك قىسمىنى ئۆچۈرۈۋىتىڭلار. |
|