- تىزىملاتقان
- 2012-2-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 203
- نادىر
- 0
- يازما
- 5
ئۆسۈش
67.67%
|
بۇرادەر ئېركەش ، مەن ئورمانچلىق ئىدارىسىدە ئىشلەيمەن ، سىزگە پايدىلىق مەسلىھەت بېرەي .
سىز ھەرگىزمۇ بوز يەر ئېچىش خىيالىدا بولۇپ زىمىن بايلىقلىرى ئىدارىسىنى ئىزدەپ ياكى ھاكىىمنى تەڭلىك قىلىپ يۈرمەڭ ، چۈنكى رايۇنىمىزدا 2008-يىلىدىن كىيىن بوز يەر ئېچىش چەكلەنگەن .
سىزنىڭ ھەقىقەتەن قاقاسلىققا ئورمان سېلىپ كۆكەرتىش نىيىتىڭىز بولسا ئۇدۇل ئورمانچلىق ئىدارىسىنى ئىزدەڭ ، ئىزدىگەندە راۋۇرۇس ئىلتىماستىن بىرنى يېزىپ يۈزلۈكرەك ، سىزگە كېپىل بولغۇدەك بىرەر ئىككى ئادەم بىلەن بىللە بېرىپ ئالدى بىلەن ناھيىلىك ئورمانچلىق پونكىتىنىڭ باشلىقىنى ئاندىن ئىدارە باشلىقىنى ئىزەپ مەقسىتىڭىزنى ئەستايىدىل دەڭ ، ئۇلارغا سىز ئورمان بىنا قىلماقچى بولغان ئورۇننىڭ ئورننى ، ئىستىرادىگىيىلىك ئەھمىيىتىنى ، قانچىلىك مەبلىغىڭىزنىڭ بارلىقىنى ، قانچلىلىك ۋاقىتتا ئورمان ئەھىيا قىلىپ بولدىغانلقىڭىزنى چۈشەندۈرۈڭ ، ئەگەر ئۇلار سىز ئورمان بىنا قىلماقچى بولغان ئورۇنغا ئورمان بىنا قىلىشقا بولمايدۇ دەپ قالسا ، ئۇلار كۆرسىتىپ بەرگەن ئورۇنغا تەڭشەشكە قوشۇلىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىڭ (كەلگۈسىدە ئورمان بىنا قىلىنىدىغان يەرلەر ئالدىن بىكتىلگەن بولىدۇ ) سەۋەبى ، ئەگەر ئۇلارمۇ ئاڭلىماي قالسا شۇ ناھيىنىڭ ئورمانچىلىقىقا مەسئۇل ھاكىمىنى ، ئۇمۇ بولماي قالسا ئوبلاسىت -ۋىلايەت دەرىجلىك ئورمانچلىق تارمىقىنى ئىزدەڭ .
بۇ ئىشنى ھەل قىلىش تەس ، سەۋەبى ھازىر يەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىڭ تەرتپى مۇرەككەپ ، بىراق بوشاشماڭ .
ئەگەر قوشۇلۇپ قالسا شۇ يەرلىك يىزا دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ياكى ئورمانچىلىق ئىدارىسى ‹ ئورمان ئەھيا قىلىش كلىشىمنامىسى › تۈزىسىز ، ئاندىن بۇ ئۇلار بۇ ئىشنى ناھيىنىڭ ئالاقىدار يىغىنىغا سالىدۇ ، يىغىنىدىن ئۆتسە ئورمان سالسىڭىز بولىدۇ ، ئورمان سېلىپ ئۈچ يىل ئىچىدە يەنە شۇ ئورمانچلىق ئىدارىسىغا ئىلتىماس قىلسىڭىز ئۇلار سالغان ئورمنىڭىزنىڭ كۆكلەش نىسبىتىنى تەكشۈرۈپ تەلەپكە يەتسە قولىڭىزغا 70يىللىق ئورمان ھوقۇقى كىنىشكىسى بىرىدۇ ، ئۇ چاغدا ئىشىڭىز كاتتا بولۇپ كىتىدۇ .
ھە رەسىت ئورمان بىنا قىلىسىڭىز ھەر مو يەرگە دۆلەتنى تېرىلغۇ يەرنى ئورمانغا قايتۇرۇش ، ئورمان بىنا قىلىش قاتارلىق تۈر ياردىمىدىن بەھرىمان بولالايسىز ،ئۇندىن باشقا ئورمان ھوقۇقى كىنىشكىڭىز بولسا بانكىدىن ئۈسۈمىسىز قەرىز ئالالايسىز .
كونكىرىىت ئەھۋالىنى شۇ يەرنىڭ ئورمانچلىق ئىدارىسىدىن سۈرۈشتۈرۈڭ . ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن . |
|