- تىزىملاتقان
- 2013-1-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3511
- نادىر
- 0
- يازما
- 219
ئۆسۈش
50.37%
|
astanam يوللىغان ۋاقتى 2015-3-11 16:22
قۇشنىلاردىن بەك تۇيۇپ كەتكەن بولسىڭىز كۆچۈپ كەتسىڭىزل ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزدىن قارىغاندا سىزمۇ ئوقۇتقۇچى بولسىڭىز كېرەك . بىلىپ قېلىڭكى مەنمۇ شۇنداقلا بۇ بىنادا ئولتۇرىۋاتقان %98 ئائىلە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسى . سىز ئوقۇتقۇچى بولغاندىكىن ( بەلكىم ئەمەسسىز ) تىمىدا تىلغا ئېلىنغان مەسىلە ۋە مەقسەتنى ئېنىق چۈشەنگەن بولىشىڭىز كېرەك ئىدى . ئەپسۇس...مىڭ ئەپسۇس ! سىز ھېچنىمىنى چۈشەنمەپسىز . ياخشى قارىسىڭىز مەن ئاۋۇ قوشنىلىرىم بىلەن مەرھۇم ئۇستازىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئېمىن ئەپەندىنى سېلىشتۇرۇپ ، ئاشۇنداق ئېسىللىرىمىزدىن ، ئۇلارنىڭ قوشنىدارچىلىق ۋە باشقا تەرەپلەردىكى ئېسىل ئەخلاقلىرىدىن كەڭ قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆگىنىشكە چاقىرىۋاتىمەن . شۇڭا تىمىلارغا ئىنكاس يېزىشقا ئالدىراشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ تېگى - تەكتىنى ئوبدان مۇلاھىزە قىلىپ باقارسىز قېرىندىشىم .
ھە راست ، مەن سىز دىگەندەك بۇ ئۆيدىن كۆچۈپ كىتەلمەيمەن . 1 - دىن ، مەن ئاتا- ئانام ئولتۇرغان بۇ ئۆينىڭ چىرىقىنى ياندۇرۇشۇم كېرەك . 2 - دىن ، قايتا ئۆي ئېلىپ ، ئۇنى زىننەتلەپ قىلغۇدەك ئارتۇق ئىقتىسادىم ھەم ۋاقتىممۇ يوق . 3 - دىن ، مەن ئۇنداق « پىتنىڭ ئاچچىقىدا كىيىمنى ئوتقا سالىدىغان » ئەخمەقلەردىن ئەمەسمەن .
ئەمدى چۈشەنگەنسىز ئەي قېرىندىشىم !
مۇنداق دىققەت بىلەن قارىسىڭىز بىزنىڭ ئەقىللىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قوشنىلارغا ئازار بېرىش توغرىسىدىكى كاتتا ئىنكاسلىرىنى بايقايسىز . ئۇنىڭدىنمۇ بىلمىسىڭىز ........ |
|