- تىزىملاتقان
- 2014-3-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2063
- نادىر
- 0
- يازما
- 227
ئۆسۈش
2.1%
|
faruh777 يوللىغان ۋاقتى 2015-3-11 21:46
ھاياجانلانماڭ بۇرادەر، ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ كۆك ...
ماۋۇ ئىنكاسىڭىز سەل بىتەرەپلىمە پىكىردىن خالى ئەمەسكەن بۇرادەر .
ئەرەپلەر ئىسلام دىنىنى تارقىتىش ۋە ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا تەرەپكە قاراپ سىلجىغان ، بۇنىڭ بىلەن ئەڭ دەسلەپ كۆك تۈرۈك خانلىقى بىلەن قىسقا مەزگىل، ئارقىدىن ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن مىلادى 800 - يىلدىن كېيىن دىگۈدەك ئۇرۇشلارنى ئېلىپ بارغان .خانلىق يىمىرىلگەندە خانلىقنىڭ غەرىپ تەرىپىدىكى قارلۇقلار ئاساسەن ئىسلاملاشقان ، ئۇيغۇرلار دەل ئىسلام دىنى تارقالغان ، بىراق ئۈستۈنلۈك ئىگىلىيەلمىگەن ( ئوتتۇرا ئاسىيادا دىمەكچى ) شارائىتتا ، كونا رەقىپ سۈپۈتىدە شۇ يەرلىك قېرىنداشلىرىنىڭ ياردەم قىلىشى ، ئىسلام دىنىغا كىرىپ يانالماي پۇرسەت ئىزلەپ تۇرغان يەنە باشقا تۈركى قېرىداشلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى يەنى قاراخانىلار خانلىقىنى قۇرغان . دەل مۇشۇ ۋاقىتتا پۈتكۈل ئىسلامىنىڭ كەڭىيىشىگە بىۋاستە تىغمۇ -تىغ قارشى تۇرغان ، يەنى بۇددىست ۋە شامان ، مانىلارنىڭ يۈلەنچۈك دۆلىتىگە ئايلانغان ، ھەتتا ئىسلام كۈچلىرىنى سىقىپ چىقارغان . پەقەت سۇتۇق بۇغراخان ئىسلامنى قۇبۇل قىلىپ ۋە خانلىق تەختىنى ئىگەللەپ ، قاراخانىلار خانلىقى ئىسلامنىڭ شەرقتىكى شەمشىرىگە ئايلانغان .
دىمەك قاراخانىلار خانلىقى جەڭلەردە يىڭىلىش ياكى كۈچ تەڭپۇڭسىزلىقى سەۋەپلىك ئىسلاملاشمىغان .
مەن دىمەكچى . ئەرەپلەر سىز دەۋاتقاندەك تەڭداشسىز ھەربى كۈچ ئىگىسى ئەمەس ئىدى دىمەكچى . |
|