قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2309|ئىنكاس: 22

ئۇيغۇر (ئىدىقۇت) ئېلىنىڭ تېروتورىيىسى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

7

دوست

3911

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   63.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11326
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 83
تۆھپە : 1281
توردىكى ۋاقتى: 868
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 06:56:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر (ئىدىقۇت) ئېلىنىڭ تېروتورىيىسى ھەققىدە
غالىب بارات ئەرك

    ئۇيغۇر (ئىدىقۇت) ئېلى ئۆزىنىڭ ئۇزاق تارىخى ۋە پارلاق مەدەنىيەت ياراتقانلىقى بىلەن، ئۇيغۇرلار تارىخىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇيغۇر (ئىدىقۇت) ئېلى ھەققىدىكى تەتقىقات ئېلىمىزدە نىسبەتەن ئاز يۈرگۈزۈلگەنلىكتىن، نۇرغۇن مەسىلىلەر تېخىچە ھەل بولمىدى، ئەلنىڭ تېروتورىيىسى شۇنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، تېخىچە چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىنمىغاچقا، تۈرلۈك كىتاب –ماتېرىياللاردا ھەرخىل قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ، پىكىر بىرلىگى بولىمىدى. مەن بۇ ماقالەمدە ئۆزۈمنىڭ شۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن. ئورخۇن-ئاناساي ۋادىسىنى مەركەز قىلىپ بىر ئەسىردىن ئوشۇق ھۆكۈم سۈرگەن ئۇيغۇر ئورخۇن ئېلى، مىلادىيە 840- يىلى ئۆزىگە قارام بولغان قىرغىز خانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ مەخپىي كېلىشىشى، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاستىرىتتىن قوللىشى نەتىجىسىدە قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇمى، ۋەزىر كۆلباغانىڭ ئىچكى جەھەتتىن ماسلىشىشى بىلەن، بىرقانچە يىللىق ئىچكى نىزاھ ۋە تەبىئىي ئاپەتلەر تۈپەيلىدىن ھالسىزلىنىپ كەتكەن، ئىچكى ئىتتىپاقلىقى يۇقالغان بۇ 》 ئىمپىرىييە 《تارىخ سەھنىسىدىن يوقالدى. پايتەخت ئۇيغۇر شەھىرى (قارابالغاسۇن)نىڭ كۈلى كۆككە سورۇلدى. نەتىجىدە ئۇيغۇر ئېلى تېرىتورىيىسىدىكى بارلىق ئۇيغۇر ئاھالىلىرى بىرقانچە بۆلەككە بۆلۈنۈپ، ھەر تەرەپكە چېچىلىپ كەتتى. بىر بۆلۈگى يەنى ۋەزىر كۆلباغانىڭ تەرەپدارلىرى كونا ماكانلىرىدا قېلىپ، قىرغىز خانلىقىغا پۇقرا بولغاندىن باشقىلار ھەر تەرەپكە كۆچۈپ ھاياتلىق ماكانى ئىزلىدى. بىر بۆلۈگى يەنى پايتەخت ئۇيغۇر شەھىرىگە يېقىن جايلاشقان 13قەبىلە (تەخمىنەن 200مىڭدەك ئاھالە) ئۆگە تېگىن باشچىلىقىدا تاڭ سۇلالىسى چېگرىسى ئەتراپلىرىغا كۆچۈپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ياردىمىدە ئۆز ھاكىمىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولدى. بۇ بۆلەكتىن باشقا يەنە تاڭ سۇلالىسى چېگرىسى ئىچىگە ئورمۇزد تېگىن قاتارلىق بەش شاھزادە باشچىلىقىدا بىر بۆلەك ئاھالە (تەخمىنەن 90مىڭ) كۆچكەن ئىدى، جەنۇبقا يەنى تاڭ سۇلالىسى چېگرىسىغا كۆچكەن بۇ ئاھالىلەر نۇپۇس سانى جەھەتتىن جەمئى 290 مىڭ ئەتراپىدا بولسىمۇ، بۇ ئىككى گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زىددىيەت بولغانلىقتىن، ئارمۇزد تېگىن باشچىلىقىدىكى ئاھالە ئۆگە تېگىننى(ئۆگە تېگىن قاغانلىققا كۆتۈرۈلگەن بولۇپ غەربكە كۆچكەن توپنىڭ رەھبىرى پان تېگىنمۇ ئۇنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۆزىنى يابغۇ دەپ ئاتىغان ئىدى) ئېتىراپ قىلمايتتى (ئورمۇزد تېگىن ئاخىرى ئۆگە قاغاننى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولدى). ئورمۇزد تېگىنلەر تاڭ سۇلالىسىگە تەۋەلىك بىلدۈرگەندىن كېيىن، تاڭ سۇلالىسى پادىشاھى ئۇلارنىڭ باشچىلىرىغا مەنسەپ، لى فامىلىلىك ئىسىم ئاتا قىلغان. ئۆگە تېگىن ئۆزىنى خاقان دەپ ئېلان قىلغان، ئەمما تاڭ سۇلالىسى ئۇلارنىڭ تەلەبلىرىنى قاندۇرمىغانلىقتىن، تاڭ سۇلالىسىنىڭ چېگرا رايونلىرىغا پاراكەندىچىلىك سالىدۇ. تاڭ سۇلالىسى ئەسكەر ئىبەرتىپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىدۇ ھەمدە بەيئەت قىلغان بىر قىسىملىرىنى خۇددى ئورمۇزد تېگىننىڭ ئاھالىلىرىنى تارقاقلاشتۇرغاندەك، ئىچكىي جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ئۆگە تېگىننىڭ مەغلۇب بولغان بىرقىسم ئاھالىلىرى شىرۋىلەر يۇرتىغا قاچقان، شىرۋىلەرمۇ ئۇلارنى يەتتە قەبىلىسىگە تارقاقلاشتۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى قىرغىزلار ھۇجۇم قىلىپ يوقىتىدۇ. ئاخىرقى ھىسابتا، تاڭ سۇلالىسى چېگرىلىرىغا كۆچكەن 290 مىڭدەك ئاھالە تارىخ سەھنىسىدىن مەڭگۈلۈك يوقۇلىدۇ. پان تېگىننىڭ باشچىلىقىدا يەنە بىر بۆلەك 15قەبىلە (تەخمىنەن 200مىڭدىن ئوشۇقراق ئاھالە) تەڭرىتاغ بويلىرىدا ئەزەلدىن ياشاپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلىرى - غەربىي ئۇيغۇرلارنى پاناھ تارتىپ كۆچىدۇ، ئەمما ئۇلار ئىككىگە بۆلۈنۈپ، بىر بۆلۈگى كەڭسۇ (گەنسۇ) دائىرىسىگە كېلىپ، شۇ يەردە قەدىمدىن ياشاپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ دەسلەپ ئۇيغۇر گەنجۇ ئېلى ( 847-1036)نى ، كېيىن ئۇيغۇر شاجۇ ئېلى ( بۇ ئەل ھەققىدە تېخى پىكىر بىرلىگى بولمىغاچقا قۇرۇلغان ۋە ۋەيران بولغان ۋاقتىنى ئالمىدىم)نى قۇرىدۇ. يەنە بىر بۆلىگى داۋاملىق كۆچۈپ، غەربىي ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىشىپ تۇرپان، قۇمۇل، قاراشەھەر ئويمانلىقلىرىنى تايانچ قىلىپ ئۇيغۇر (ئىدىقۇت) ئېلى (866-1369) نى قۇرۇپ چىقىدۇ ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرىدۇ. بۇ ئەل گەرچە بەش ئەسىر ھۆكۈم سۈرگەن بولسىمۇ، تارىخىي ماتېرىياللار كەم بولغاچقا، تېروتورىيىسى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار كەم بولدى. تۆۋەندە ، بۇ ئەلنىڭ تېروتورىيىسى ھەققىدىكى بايانلارنى كۆرۈپ باقايلى: لىن گەن ۋە گاۋ زىخۇ》 قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى «دا: ”قۇجۇ ئۇيغۇر ھاكىمىيىتىنىڭ زېمىنى شەرقتە گۇاجۇ، شاجۇدىن ھالقىپ كەتمىگەن، بەلكى گۇاجۇ، شاجۇ بىلەن ئېۋىرغول ئارىسىدىكى قاقاسلىقنى چېگرا قىلغان .... شەرقىي جەنۇبى تەرىپى سېرىق باش ئۇيغۇرلار بىلەن تۇتاشقان ... بۈگۈنكى چىڭخەي بىلەن شىنجاڭنىڭ چېگرىلىنىدىغان يېرىدە بولغان. جەنۇبتا، قارا خانىلار خاندانلىقى ئۇدۇننى ئىگىلىگەندىن كېيىن، قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى بىلەن قاراخانىلار خاندانلىقى تارىم چۆللۈگىنى چېگرا قىلغان. غەربتە ئاقسۇ بىلەن باي ئارىسىدىكى قاقاس تاغ ۋە قۇملۇقلار بولغان “① 1دەپ يازىدۇ. 《شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى》دا: ”قۇجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ زېمىنى ئەسلىدىكى تاڭ سۇلالىسىنىڭ قۇمۇل، تۇرپان، بەشبالىق قاتارلىق ئۈچ ئوبلاستىنى ۋە كىنگىت، كۇچار دۇدۇ مەھكىمىلىرىنىڭ يەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ“ 2② دەپ يېزىلغان. »شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى «دا: ” غەربىي ئايماق ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى جايلار شەرقتە قۇمۇلدىن تارتىپ شىمالدا ئىلى دەرياسىغىچە، غەربتە ئاقسۇنىڭ مۇزارت داۋىنىغىچە يېتىپ باراتتى، جەنۇبتا ئەينى زاماندا تۈبۈتلەر كونتىرول قىلىپ تۇرغان ئورۇن بىلەن تۇتۇشاتتى...“ ③3 دىيىلگەن. گېرمانىيىلىك ئۇيغۇرشۇناس گابائىن خانىم《قۇجۇ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىجتىمائىي ھايات》 دىگەن كىتابىدا: ” بۇ ئەلنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى (تارىم ئويمانلىقى) بىلەن تەڭرىتاغنىڭ شىمالى (جوڭغار)نىڭ بىر قىسىم جايلىرى بولغان، ئەمما شەرق ۋە غەربىي چېگرىسى تارىختا مۇقىم بولمىغان. بۇ يەردە ئېيتىش كېرەككى، شەرققە ۋە غەربكە كېڭىيىشى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ...“ دەپ يازغان.④ توختى 《ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ئۈستىدە تەتقىقات》دىگەن كىتابىدا: ” قۇجۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تېروتورىيىسى تۇرپان، تارىم ۋە جۇڭغار قاتارلىق ئۈچ ئويمانلىقتىن ھالقىغان ، شەرقتىن غەربكە قۇمۇلدىن ئاقسۇغىچە، ئارىلىقتا چۆل – جەزىرە ۋە بوستانلىقنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. ئەل دائىرىسىدە قۇجۇنى مەركەز قىلغان قۇجۇ ئۇيغۇرلىرىدىن باشقا غەربتە كۈسەننى مەركەز قىلغان كۈسەن ئۇيغۇرلىرى بولۇپ، ئۇلار غەربتە ئاقسۇنىڭ مۇزداۋان، جەنۇبتا تارىم دەرياسى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. پۈتكۈل قۇجۇ ئۇيغۇر ئېلىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۈسەن ئۇيغۇرلىرى پۈتۈن ئەلنىڭ غەربىدىكى بىر قىسىم زېمىنىنىلا ئىگەللەيدۇ...“○2 دەپ يازىدۇ. ئەنۋەر بايتۇر ۋە خەرنىسا سىدىق 《شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى》 دىگەن كىتابىدا :”شەرقتە بارىكۆل، شىمالدا جوڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبى، غەربتە قارا شەھەرنىڭ غەربى، جەنۇبتا قۇرۇقتاغ قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. لېكىن مىلادىيە 9-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، ئۇنىڭ زېمىنى غەربتە ھازىرقى كۇچانىڭ غەربىگە، شەرقتە گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ شاجۇ رايونى دائىرىسىگە سوزۇلغانىدى“ ○3① دەپ يازىدۇ. يۇقۇرىدا كۆرۈپ ئۆتكۈنىمىزدەك، ئۇيغۇر (ئىدىقۇت) ئېلىنىڭ تېروتورىيىسى ھەققىدىكى قاراشلار ھەرخىل بولۇپ ياپونىيىلىك ئالىم ئابىتاكىئونى بۇ ھەقتە بىر قەدەر ئەتراپلىق ھەم كەڭ دائىرىدە تەتقىقات يۈرگۈزگەن دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ دوكتۇرلۇق دېسىرتاتسىيىسى ئاساسىدا يېزىپ چىققان« غەربىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىخى ئۈستىدە تەتقىقات» ناملىق كىتابىدا، ئۇيغۇر (ئىدىقۇت) ئېلىنىڭ تېروتورىيىسى ھەققىدە كەڭ دائىرىدە توختالغان. مەن تۆۋەندە ئالىمنىڭ شۇ ئەسىرىدىن پايدىلانغان ئاساستا، ئۆز ئىزدىنىشىمنى كىتابخانلارنىڭ مۇلاھىزىسىگە سۇنىمەن. ئۇيغۇر (ئىدىقۇت) ئېلىنىڭ تېروتورىيىسىنى ئەلنىڭ ئەمىلىي تارىخىغا ئاساسەن دەستلەبكىي دەۋرى، كۈچەيگەن دەۋرى، ئاخىرقى دەۋرى دەپ ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ مۇلاھىزە قىلىش مۈمكىن. ئۇيغۇر (ئىدىقۇت) ئېلىنىڭ دەستلەبكى دەۋرى ئەمدىلا قۇرۇلغان ۋاقتى بولۇپ 10- ئەسىردىن بۇرۇنقى ۋاقىتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ دەۋردە تېروتورىيىسى ئىنتايىن كىچىك بولۇپ تۇرپان، قۇمۇل، قاراشەھەر ئويمانلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. چۈنكى ئۇيغۇر ئورخۇن ئېلى يىمىرىلگەندە، ئۇلار پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان ئىدى. خاندانلىق قىرغىز خانلىقى ( تاڭ سۇلالىسىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن )نىڭ دەھشەتلىك ھۇجۇمى ۋە ۋەزىر كۆلباغا ھەم ئۇنىڭ تەرەبدارلىرىنىڭ ئىچكىي جەھەتتىن ماسلىشىشى نەتىجىسىدە پۈتۈنلەي ۋەيران بولدى، پايتەخت ئۇيغۇر شەھىرى (قارابالغاسۇن)نىڭ كۈلى كۆككە سورۇلدى. ئۇيغۇر خەلقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خاندانلىق ئاھالىسى ئەنە شۇنداق تارىخىي مۇھىتتا تېرە-پېرەڭ بولۇپ ھەر تەرەپكە چېچىلىپ كەتتى. 840- يىلىدىن بۇرۇن بىرقانچە يىل ۋابا تارقىلىپ ئاھالىلەر قىرىلغان، بىرقانچە يىل ئۇدا يۈزبەرگەن تەبىئىي ئاپەت ئىگىلىگىنى ۋەيران قىلغان ئىدى. ئۇرۇش تۈپەيلىدىن ئارمىيە مەغلۇپ بولۇپ پۈتۈن ئەل جەڭگىۋارلىقىنى يوقاتقان ، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇيغۇرلار پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان ئىدى. ئەڭ مۇھىمى ئەل باشچىلىرى ئىچىدە نىزاھ بولغاچقا، ئەل بىرقانچە توپقا بۆلۈنۈپ كەتكەن ، ئاقىۋەت ئىتتىپاقلىق يوقالغان، ئورتاق بىر باشچىسى بولمىغان بۇ ئەل زاۋال تاپتى. ئۇلار ئەنە شۇ ۋەيرانچىلىقتا بىر قانچە توپقا بۆلۈنۈپ، ئۆز يوللىرىغا راۋان بولۇشتى. شۇلاردىن بىر توپ يەنى پان تېگىن باشچىلىقىدىكى 15قەبىلە تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا ئەزەلدىن ياشاپ كەلگەن قېرىنداشلىرىنى پاناھداپ يول يۈرگەن بولسىمۇ، ئەيتاۋۇر نامەلۇم سەۋەب تۈپەيلىدىن ئىككىگە بۆلۈنۈپ، بىر بۆلۈگى گەنسۇ رايونىدىكى قېرىنداشلىرى يېنىغا، يەنە بىر بۆلۈگى تۇرپان، قۇمۇل رايونلىرىغا كۆچۈپ كەلدى. ئىگىلىگى، ئارمىيىسى، ئىقتىسادى، جەڭگىۋارلىقى يۇقالغان بىر توپ - 100نەچچە مىڭ ئاھالە- ھاياتلىق، مەۋجۇدلۇق ئۈچۈن، شۇ يەردىكى قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ھايات - ماماتلىق كۈرۈشىگە ئاتلىنىپ، تۈبۈت ھۆكۈمرانلىرىنى بۇ ئانا تۇپرىقىدىن قوغلاپ چىقاردى. ئۇلارنىڭ شۇنچىلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشمىگى ھەم ئاسان ئەمەس ئىدى، بۇ تەرىپى ئۇلارنىڭ ھاكىميەت دائىرىسىدە ئىپادىلەندى. شۇڭىمۇ ئەلنىڭ تېروتورىيىسى دەستلەبكى چاغلاردا ئىنتايىن كىچىك يەنى تۇرپان، قۇمۇل، قاراشەھەر ئويمانلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى. ئۇيغۇر (ئىدىقۇت) ئېلىنىڭ كۈچەيگەن دەۋرلىرى 10- ئەسىر بولۇپ، بۇ دەۋردىكى تېروتورىيىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان پاكىتلار بار، شۇلاردىن بىر پارچىسى تۇرپاندىن تېپىلغان قەدىمكىي ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تارشا پۈتۈك (10-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا مەنسۇب) . بۇ تارشا پۈتۈكتە قۇتلۇغ كى ئوت قۇتلۇغ قويىن يىل. ئىكىنتى ئاي. ئۈچ ياڭىقا. كۈن ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش ئۇلۇغ قۇت ئورناتمىش. ئالپىن ئەردەمىن ئىل تۇتمىش ئالىپ ئارسلان كۈل بىلگە تەڭرىخانىمىز....خان ئولۇرمىش. ئۆڭتۈن ساچىۇ كىدىن نۇچ بارسخانقا تەگى ئىلىنو ئەركسىنۈ يەرلىقا يۈر ئوغۇردا...خان تەڭرىكەن....ئىل ئۈگسى ئالىپ تۇتۇغ ئۆگە. قۇتلۇغ قۇچۇ ئۇلۇسۇغ باشلايۇر ئەركەن (يەشمىسى: قۇتلۇغ كى ئوت. قۇتلۇغ قوي يىلى ئىككىنچى ئاينىڭ 3 - كۈنى. كۈن ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش ئۇلۇغ قۇت ئورناتمىش ئالپىن ئەردەمىن ئىل تۇتمىش ئالىپ ئارسلان قۇتلۇق كۈل بىلگە تەڭرى خانىمىز.....خان بولغان. شەرقتە ساجۇ(گەنسۇ)دىن غەربتە نۇچ بارسىغانغىچە (ئىسسىق كۆلنىڭ شەرقى جەنۇبى) ھۆكۈمرانلىق قىلىپ تۇرىۋاتقاندا...خان ... تەڭرىكەن .... ئىل ئۈگەسى ئالىب تۇتۇغ ئۆگە قۇتلۇغ قوچۇ دۆلىتىنى باشقۇرار ئىدى① دىيىلگەن. مانا بۇ يازمىدا ئەلنىڭ ھۆكۈمرانلىق دائىرىسىنىڭ شەرقتە Sačiu (گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ دۇنخۇاڭ شەھىرىنىڭ قەدىمكى نامى)غا، غەربتە NučBarsxan غا يېتىدىغانلىقى يېزىلغان، قوچۇنىڭ ئەل نامى بولىشىغا كەلسەك مەھمۇد كاشغەرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق شەھەرلەرنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇپ قوچۇ دەپمۇ ئاتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. غەربىي چېگرا ھىسابلانغانNučBarsxan نى بەزى ئالىملار ئەرەبچە مەنبەلەردە ئۇچرايدىغانNügkat، » بۈيۈك تاڭ دەۋرىدىكى غەربكە ساياھەت خاتىرىسى«دىكى 弩赤 دەپ قارايدۇ. بارتولد شاش يەنى ھازىرقى تاشكەنتنىڭ چىرچىق ئەتراپى دەپ قارايدۇ. ئومۇمەن، نۇچ سىر دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىنى كۆرسىتىدۇ. بارسىغان بولسا ئىسسىق كۆلگە يېقىن جايلاشقان ئۇيغۇر شەھەرلىرىدىن بىرى . مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ئاتىسىمۇ بىر مەزگىل بارسىغانغا ھۆكۈمدار بولغان، بۇ ئەلۋەتتە خاقانىيە قۇرۇلۇپ ئۇيغۇر (ئېدىقۇت) ئېلىدىن پارچىلىنىپ چىققاندىن كېيىنكى ئىش. ئارخىئولوگ ۋون لىكوك ئېلان قىلغان مانى يېزىقىدىكى T.M.176نومۇرلۇق يادىكارلىقتا مۇنداق جۈملە بار:○1① qočo uluš ikii otuz baliq qutii waxsikii (يەشمىسى: قۇچۇ ئېلىدىكى يىگىرمە ئىككى شەھەرنىڭ قۇت ۋە قوغداش ئىلاھى) . بىز بۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر (ئىدىقۇت) ئېلىنىڭ خېلى كەڭ تېروتورىيىگە ئىگە ئىكەنلىگىنى، كەم دىگەندىمۇ 22 شەھەر ئۇلارنىڭ ئىدارە قىلىشىدا بولغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئۇيغۇر (ئىدىقۇت) ئېلى پارچىلىنىپ خاقانىيە قۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ، مەھمۇد كاشغەرى ئېيتقىنىدەك ئۇلارنىڭ بەشلا شەھىرى بولىشى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. چۈنكى مەھمۇد كاشغەرى ئۆزى ئېيتقاندەك، پەقەت ئەڭ مەشھۇرلىرىنى يازغىنىدىن باشقا كۆپىنى دىنى ئەقىدە سەۋەبىدىن يازمىغان. ئۇيغۇر (ئىدىقۇت) ئېلىنىڭ تېروتورىيىسى ئىچىدىكى چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەسىدە لوپ شەھىرى، كىتىك شەھىرى ، مەردەك شەھىرى قاتارلىق مەشھۇر شەھەرلەر بولسىمۇ، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنىڭ يېزىلمىغانلىقى بۇنىڭغا مىسال بۇلالايدۇ. سوڭ سۇلالىسىنىڭ ئەلچىسى ۋاڭ يەندې )938-1006) يازغان «غەربىي ئايماققا ئەلچىلىك خاتىرىسى» دىكى بايانلىرى ئۇنىڭ، ئۇيغۇر (ئىدىقۇت) ئېلىگە 985- يىللىرى ئەلچى بولۇپ بارغاندا كۆرگەن بىلگەنلىرىنى ئاساس قىلغان. ئۇ :» جەنۇبتا ئۇدۇن(خوتەن)ضة، غەربىي جەنۇبتا تاجىك - پارسلارغا، غەربتە غەربىي ئەنەتكەك (ھىندىستان) نىڭ بولۇر، قارلىقتاغ، پامىرلارغا تۇتىشىدۇ .... ئۇلارنىڭ ئىدارە قىلىشىدا جەنۇبىي تۈرك، شىمالىي تۈرك، ئۇلۇغ چىگىل، كىچىك چىگىل، ياغما، قىرغىز، بارمان، قارلۇق، گېتو، يۈرۈڭ قەبىلىلىرىنىڭ نۇرغۇن ئاھالىلىرى بار ... « دېيىلگەن. ۋاڭ يەندىنىڭ بايانى ئەلۋەتتە شۇ قېتىمقى زىيارىتى داۋامىدا ئىگەللىگەن ماتېرىيال بولۇپ، ئەمەلىيەتتە شۇ ئەلنىڭ ۋاستىلىك تەمىنلىگەن ئۇچۇرىدىن ئىبارەت. ئەلۋەتتە بەزى ناملار شۇ چاغدىكى خەنزۇچە ئاتالغۇلار بويىچە تەرجىمە قىلىپ ئېلىنغان، مەسىلەن: جەنۇبىي ۋە شىمالىي تۈرك ئاتالمىسى. 大食 ئاتالغۇسىنى ئەرەب دەپ ئېلىشمۇ مۈمكىن، يۇقارقى نۇرغۇن قەبىلىلەرنىڭ بولىشىمۇ تېروتورىيىسىنىڭ ئۇنداق كىچىك ئەمەسلىگىدىن بىشارەت بېرىپ تۇرۇپتۇ. يۇقارقى قەبىلىلەرنىڭ جايلاشقان ئورۇنلىرىنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، چىگىللەر تالاس شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىن ئىلى ۋادىلىرىغىچە جايلاشقان. ياغما قەبىلىسى ھازىرقى قەشقەر ۋىلايىتى دائىرىسىگە تارقالغان بولۇپ خاقانىيە، ئەرەب ئىسلام ئەللىرىدە ياغما ئېلى نامىدا مەشھۇرلانغان. قىرغىزلارنىڭ ئاساسىي قىسمى يەنىلا ئاناساي ۋادىسىدا بولۇپ، بىر قىسمى ئۇيغۇر (ئىدىقۇت) ئېلى دائىرىسىگە كۆچكەن بولۇشى مۈمكىن. قارلۇقلارنىڭ ئاساسىي قىسمى چۇ دەريا ۋادىسىدا بولسا، بىر قىسمى يەنە ھازىرقى ئاقسۇ دائىرىسىدە ياشىغان. ئۇيغۇر (ئىدىقۇت) ئېلىدىن قالغان يەنە بىر ئۇچۇر «ئۇيغۇر ئىدىقۇتى تۆھپە مەڭگۈ تېشى »دۇر ، بۇ مەڭگۈ تاشنىڭ قەدىمكىي ئۇيغۇر يېزىقىدىكى نۇسخىسىنىڭ باش قىسمى يەنى تېروتورىيىسىگە مۇناسىۋەتلىك جايلىرى يوقالغان، 14- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تىكلەنگەن بۇ ئابىدىنىڭ خەنزۇ -چىسىنىڭمۇ ئالدىنقى قىسمى يوقالغان، لېكىن بۇرۇنقىلارنىڭ ئابىدىدىن كۆچەرگەن كۆچۈرمىلىرى ساقلىنىپ قالغان ، ئۇنىڭدا ” يارغول (交州) بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئېلىدۇر، چېگرىسى شىمالدا ئامۇر دەرياسىغىچە، جەنۇبتا جىۇچۇەنگىچە، شەرقتە ئۇدۇن - كاشغەرگىچە، غەربتە تۈبۈت(西番)گىچە بارىدۇ “ ① دەپ يېزىلغان. ئابىتاكىئۇ بۇ باياننى چۈشۈنۈشلىك قىلىپ ” غەربتە ئامۇر دەرياسىغىچە، شەرقتە سۇجۇغىچە تۇتۇشىدۇ. غەربىي جەنۇب تەرىپى خوتەن ۋە قەشقەر بىلەن تۇتاشسا ، جەنۇبتا شىزاڭ ئىگىزلىگى بىلەن چېگرىلىنىدۇ“ دەپ كۆرسىتىدۇ. مەن بۇ يەردە 高昌 دىگەن نامنى ئۇيغۇر دەپ ئالدىم، چۈنكى 14- ئەسىر قاراشلىرىغا مىنسۇب » ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈگى« دە ناھايىتى ئېنىق قىلىپ ” 高昌ئۇيغۇر“ دەپ ئىزاھلانغان. بۇ ئۇچۇرلارنىڭ كېلىش مەنبەئىي ئىشەنچىلىك بولۇپ، ئۇيغۇر ئىدىقۇتلىرى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلىنىلغان. مەزكۇر ئابىدىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئۇيغۇر (ئىدىقۇت) ئېلىنىڭ ئەمەلدارلىرىدىن كى كى قۇرسا ئىچقۇ يازغان .
     خەنزۇچىسى ئۇيغۇرچىسىنى مەنبە قىلىپ يېزىلغان بولىشى مۈمكىن، شۇڭا بۇ ماتىرىيالنىمۇ ئۇيغۇر ئىدىقۇت جەمەتى تەمىنلىگەن دىيىشكە بۇلىدۇ. «يۈەن سۇلالىسى تارىخى. بارچۇق ئارت تېگىننىڭ تەرجىمىھالى» دا: ” شەرقتە قۇمۇلدىن باشلىنىپ، غەرب تەرىپى تۈبەتلەرنىڭ غەربىي قىسمى بىلەن تۇتۇشىدۇ، شىمال تەرىپى ھازىرقى جىمسار ئەتراپىدىكى جايلارغىچە يېتىپ بارىدۇ، جەنۇب تەرىپى گەنسۇنىڭ جىۇچۇەن رايونى بىلەن تۇتۇشىدۇ “دىيىلگەن. ① 982- يىلى پارس تىلىدا يېزىلغان نامەلۇم ئاپتورنىڭ  «ھۇدۇدۇل ئالەم» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:” شەرق تەرىپى چىنىستان، جەنۇبى تىبەتنىڭ بىر قىسىم جايلىرى ۋە قارلۇق، غەربىي تەرىپى قىرغىزلارنىڭ مەلۇم بۆلەكلىرى، شىمال يېقىمۇ قىرغىزلار ، (قىرغىزلار؟) توققۇز ئوغۇز ئېلىنىڭ پۈتۈن چېگرىسىنىڭ ئەتراپلىرىغا تارقالغان .... تۈرك ئەللىرى ئىچىدە توققۇز ئوغۇز ئېلى ئەڭ چوڭ ھەم ئاھالىسىمۇ كۆپ. قەدىمدە پۈتۈن تۈركىستاندا قاغانلار مۇشۇ توققۇز ئوغۇز قەبىلىسىدىن چىقاتتى« 1. 《ھۇدۇدۇل ئالەم》دە يەنە ” چىنىستاننىڭ شىمالىدا تۈبۈت، توققۇز ئوغۇز ۋە قىرغىز يەرلىرى بار“، ” تۈبۈت نىڭ شىمالىدا قارلۇق ۋە توققۇز ئوغۇزلارنىڭ بىر قىسىم جايلىرى بار“، ” ياغما ئېلىنىڭ شەرقىي تەرىپى توققۇز ئوغۇز ئېلى .... ئۇلارنىڭ خاقانى بىلەن توققۇز ئۇغۇزلارنىڭ ئىدىقۇتى بىر ئۇرۇقتىن“، ” قىرغىز ئېلىنىڭ جەنۇبى توققۇز ئوغۇز چېگرىسى ھەم قارلۇقلارنىڭ مەلۇم جايلىرى بىلەن چېگرىلىنىدۇ “، ” قارلۇقلارنىڭ شەرقىي تەرىپى تۈبۈتلەرنىڭ بىر قىسىم يەرلىرى ، ياغما ۋە توققۇز ئوغۇزلارنىڭ چېگرىلىرىدۇر .... شىمالىدا تۈركەشلەر، چىگىل ۋە توققۇز ئوغۇزلار بىلەن چېگرىلىنىدۇ“، ” بارسىغان كۆل بويىدىكى بىر شەھەر ... بېگى قارلۇق بولسىمۇ ئاھالىلىرى توققۇز ئوغۇزلارغا سادىق“، ”كۇچا چېگرا رايوندا بولۇپ چىنىستانغا تەۋە، ئەمما دائىم توققۇز ئوغۇزلارنىڭ مۇداخىلىسىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ“○2 دىيىلگەن. گەرچە 《ھۇدۇدۇل ئالەم》دە خېلى كەڭرى مەلۇماتلار بولسىمۇ، ئاپتور كىتابىنى باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن پايدىلىنىپ يازغانلىقى، يەنە كېلىپ پايدىلانغان ماتېرىياللار بىر دەۋىرنىڭ مەھسۇلى بولمىغىنى ئۈچۈن، چۈشەنچىلىرىدە ئارىلىشىپ قېلىش، دەۋرىي جەھەتتىن پەرقلەندۈرمەسلىك سەۋەنلىگى مەۋجۇت، شۇڭا بىز باشقا ماتېرىياللارنى ئاساس،《ھۇدۇدۇل ئالەم》 نى قۇشۇمچە پايدىلىنىش ماتېرىيالى سۈپۈتىدە پايدىلىنىشىمىز لازىم. بۇ ئەسەردىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلىنىڭ تۈبۈت، ياغما (خاقانىيە)، قىرغىز، قارلۇق، چىگىل، قىماقلار بىلەن چېگرىلىنىدىغانلىقى يېزىلغان. تارىخىي پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى، ئۇيغۇر (ئىدىقۇت) ئېلى كۈچەيگەن چاغلاردا پۈتۈن تۈركىي ئەللەر ئىچىدە ئەڭ چوڭ، ئەڭ كۈچلۈك ئەلگە ئايلانغان. غەربىي چېگرىسى ئامۇر - سىر ۋە چۇ دەريالىرىغىچە بارغان، شەرقىي چېگرىسى دۇنخۇااڭ – جىۇچۇەنلەرگىچە (دوكتۇر ئابىتاكىۇ كىتابىدىكى بەزى بايانلىرىدا ۋە كىرگۈزگەن خەرىتىسىدە دۇنخۇاڭ، ئەنشىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلى تېرىتۇرىيىسىدە بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەھمۇد كاشغەرىنىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا شەرقىي شىمال چېگرىسى ئۆتۈكەن تەرەپكىمۇ سوزۇلغان بولۇپ شۇ تەرەپتە بىر قىسىم زېمىنلىرى بولغان. ئابىتاكىۇ مەھمۇد كاشغەرىنىڭ بۇ قارىشىنى قوللايدۇ) تۇتاشقان. جەنۇبتا قەشقەر رايونىدىن تارتىپ كېيىنكى دەۋرلەردە بۆلۈنۈپ چىققان خاقانىيەنىڭ زېمىنلىرىنى ئۆز ھۆكۈمىگە ئالغان بولۇپ، خوتەن رايونىنى مەركەز قىلغان ” ئالتۇن ئىل “ ئۇيغۇر ھاكىمىيىتى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. شىمالىي تەرەپتە چېگرىسى مۇقىم بولمىغان، ئىلى دەريا ۋادىلىرىنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىغا ئالغان. دىمەك ئۇيغۇر (ئىدىقۇت) ئېلى بەزى مەنبەلەردە ئېيتىلغاندەك ئۇنداق كىچىك بىر خانلىق بولماستىن، كۈچەيگەن چاغلىرىدا خاقانىيە زېمىنلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ بىر ئەل بولغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر (ئىدىقۇت) ئېلىنىڭ بىر قىسىم زېمىنىدا ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشى بىلەن خاندانلىق پارچىلانغان ھەمدە ” خاقانىيە “سۇلالىسى بارلىققا كەلگەن، ئۇيغۇر (ئىدىقۇت) ئېلىنىڭ زېمىنى ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ ئىككى ئەل -” ئۇيغۇر (ئىدىقۇت) ئېلى“ ۋە ” خاقانىيە“ گە پارچىلانغان. بۇ ئىككى ئۇيغۇر ھاكىمىيىتىدىن باشقا يەنە خوتەن رايونىنى مەركەز قىلغان ئالتۇن ئىل ھەم دۇنخۇاڭ رايونلىرىنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر گەنجۇ ھاكىمىيىتى، ئۇندىن كېيىن يۇقارقى ھاكىميەتنىڭ ئىزىنى بېسىپ قۇرۇلغان ئۇيغۇر خېشى ھاكىميىتى بولغان. بۇ ئۇيغۇر ھاكىميەتلىرىدە بېرىكىش، يوقۇلۇش، پارچىلىنىش بولدى. جۈملىدىن ئۇيغۇر (ئىدىقۇت) ھاكىمىيىتى پارچىلاندى. ئۇيغۇر گەنجۇ ھاكىمىيىتى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر خېشى ھاكىمىيىتى قۇرۇلدى ھەم يىمىرىلدى. خاقانىيە غازات قىلىپ، ئالتۇن ئىل ھاكىيىتى بىلەن بولغان 40 يىلغا سوزۇلغان كۈرەشتە يېڭىپ ئۇنى يۇتۇۋالدى، ھەتتا ئۇيغۇر (ئىدىقۇت) ئېلىگە تەھدىت پەيدا قىلدى ھەم بىر قىسىم زېمىنلىرىنى بېسىۋالدى.
    ئۇيغۇر (ئىدىقۇت) ئېلىنىڭ كېيىنكى دەۋرلىرىدە يەنى خاقانىيە پارچىلىنىپ چىققاندىن كېيىنكى تېروتورىيىسى ھەققىدە خاقانىيە خان جەمەتىدىن بولغان مەھمۇد كاشغەرى ئىنسىكدىلوپىك ئەسىرى  《دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك》 تە ئېنىق مەلۇماتلارنى قالدۇرغان بولۇپ بىزنى مەنپەئەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.
ئۈسمى تارىم. ئىسلام ئېلىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە ئېقىپ بارىدىغان چوڭ دەريا. ①①
ئۆتۈكەن. تاتار(موڭغۇل) دالاسىدىكى بىر يەرنىڭ نامى. ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىن.②
ئارامۇت. ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىن جايلاشقان بىر تۈرك قەبىلىسى. ③
تۈبۈت. ... بۇ يەرنىڭ شەرقىي تەرىپى چىنغا، غەرب تەرىپى كەشمىرگە، شىمال تەرىپى ئۇيغۇر يۇرتىغا .... تۇتۇشىدۇ.④
بۈگۈر. كۇچا شەھىرى بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ئارىلىقىدىكى تاغ ئۈستىگە قۇرۇلغان قەلئە. بۇ يەر چېگرا. ⑤
تالاس. تىراز دىگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان شەھەرنىڭ نامى. بۇ شەھەر ئىككى بولۇپ، بىرى ئۇلۇغ تالاس دىيىلىدۇ، يەنە بىرى مۇسۇلمانلار چېگرىسىدا بولۇپ، كەمى تالاس-كىچىك تالاس دىيىلىدۇ.⑥
ئىلى ۋادىسى بىلەن يافىنىچ ۋادىسى ئارىلىقىدا چېگرىغا جايلاشقان بىر شەھەرگىمۇ ئىككى ئۆگۈز دەپ نام بېرىلگەن⑦.
بەدەل ئارت. ئۇچ بىلەن بارسىغان ئارىسىدىكى بىر داۋان. ⑧
تارىم. ئۇيغۇر چېگرىسىدىكى كۇچا دىگەن يەرنىڭ يېنىدىكى بىر جاي.⑨
كۈسەن. كۇچا دەپ ئاتىلىدىغان شەھەرنىڭ يەنە بىر نامى. بۇ شەھەر ئۇيغۇرلارنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان⑩.
چۇرچان-چەرچەن. چىن يولىدىكى مۇسۇلمانلار چېگرىسىنىڭ بىرى.○1
كەمى تالاس. كىچىك تالاس .ئۇيغۇرلار چېگرىسىدىكى بىر ئۆتكەلنىڭ نامى.
كىڭۈت. ئۇيغۇر چېگرىسىدىكى بىر شەھەرنىڭ نامى.○3
يافىنچ.ïlα ئىلى يېنىدىكى بىر كىچىك شەھەرنىڭ نامى.○41
بارسىغان. ئافراسىياپ ئوغلىنىڭ ئېتى. بارسىغان شەھىرىنى شۇ بىنا قىلغان. بۇ مەھمۇدنىڭ ئاتىسىنىڭ شەھىرىدۇر.○5
مەھمۇد كاشغەرىنىڭ بايانلىرى قىممەتلىك پاكىت ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى مەھمۇد كاشغەرى ئەسىرىنى يېزىش ئۈچۈن، تۈركىي خەلقلەر ياشىغان زېمىنلەردە ئون يىلدىن ئوشۇق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، شۇنداقلا ئۇ خان جەمەتىدىن بولغانلىقتىن بەزى ئىچكى سىرلاردىنمۇ خەۋەردار بولىشى مۈمكىن. ئۇ يېتىلگەن ئالىم، خان جەمەتىگە مەنسۇب شەخس، يەنە ئون نەچچە يىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ماتېرىيال توپلىغان، شۇڭا بۇ ئۇچۇرلارنى تامامەن ئىشەنچىلىك دېيىشكە بولىدۇ.
مەھمۇد كاشغەرىنىڭ يۇقارقى مەلۇماتلىرىغا ئاساسلىنىدىغان بولساق، غەربىي جەنۇبتا چەرچەنگە ( كېيىنكى چاغلاردا تېخىمۇ سۈرۈلۈپ چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ ۋاششەھىرى يېزىسىنىڭ شەرقىگىچە) كېلىپ قالغان. تىبەتلەر تەرەپتىكى چېگرىسى ئۆزگەرمىگەن. خاقانىيە تەرەپتە چېگرىسى دەسلەپ ئاقسۇدا (16- ئەسىردە ياشىغان داڭلىق ئۇيغۇر تارىخچىسى مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر كۆرەگانى ‹‹تارىخى رەشىدىي ›› دە ئاقسۇنىڭ شەرقىنى ئەنئەنىۋى چۈشەنچە بويىچە ” ئۇيغۇرىستان “ دەپ ئاتىغان(، كېيىنچە سۈرۈلۈپ كۇچاغا، ھەتتا بۈگۈرگىچە كەلگەن. مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ئۆتۈكەن ھەققىدە ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىن دەپ يېزىشىغا قارىغاندا ، شەرقىي شىمال تەرەپتە چېگرىسىنىڭ ئۆتۈكەن تامان سوزۇلغانلىقىغا، ئۇ تەرەپلەردىمۇ بىر قىسىم زېمىنلىرى بارلىقىغا ئىشەنچ قىلىشقا بولىدۇ.
    خۇلاسە قىلغاندا ئۇيغۇر (ئىدىقۇت) ئېلى دەستلەپ تامامەن ئاجىز ھالەتتە ئىدى. شەرقىي ئۇيغۇرلار كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن غەربىي ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىشىپ، تۇرپان، قۇمۇل، قاراشەھەر ئويمانلىقلىرىنى ئىگەللەپ مۇستەققىل ھاكىمىيىتىنى بەرپا قىلغان. بۇ ئەل 10- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كۈچۈيۈپ تېروتورىيىسى تارىم ۋادىسىدا خوتەن رايونىدىن باشقا ھەممە جايلارنى، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدا ئىلى ۋادىسىنى ئىگەللىگەن بولۇپ ئامۇر، سىر، چۇ دەريا بويلىرىغىچە يېتىپ بارغان، ھازىرقى تاشكەنت، ئالما-ئاتا، جامبۇللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. 10-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ خاقانىيەنىڭ قۇرىلىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ غازات نامى بىلەن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى نەتىجىسىدە ، ئۇيغۇر (ئىدىقۇت) ئېلى نۇرغۇن زېمىنلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى، جۈملىدىن ئىلى رايونىدا ئىككى تەرەپ قاتتىق ئېلىشىپ ئاخىرقى ھىسابتا ئۇيغۇر (ئىدىقۇت) ئېلى مەغلۇب بولغان بولسا كېرەك، تاكى ئامۇر، سىر، چۇ دەريا بويلىرىغىچە بولغان زېمىنلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان. بۇ سوقۇشلار ئىنتايىن دەھشەتلىك بولغان بولۇپ》دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك《تە مۇناسىۋەتلىك شېئىر، قۇشاقلار خاتىرىلەنگەن. ئاخىرقى ھىسابتا بۇ ئىككى ئەلنىڭ جەنۇبتا چەرچەن (كېيىنچە چاقىلىقنىڭ ۋاششەھىرى يېزىسىنىڭ شەرقىدىراق)، كۇچا (كېيىنچە بۈگۈر بولغان بولسا كېرەك) لار چېگرا بولغان. شىمالىي شىنجاڭدا بولسا ئىلى ۋادىسىدا بىرقىسىم جايلىرىنى ساقلاپ قالغىنىنى ھىسابقا ئالمىغاندا ، كۆپ قىسىم جايلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان. ئۇيغۇر (ئىدىقۇت) ئېلى خاقانىيەگە خېلى كۆپ زېمىنلىرىنى تارتقۇزۇپ قويغاندىن كېيىن تېروتورىيىسى ئاساسەن ئۆزگەرمىدى، ئۇ مەيلى قىتانلارغا بېقىندى بولۇپ قالغاندا بولسۇن، موڭغۇللارغا بېقىندى بۇلۇپ، مىلادىيە 1369- يىللىرى پۈتۈنلەي يۇقالغىچە بولسۇن تېروتۇرىيىسى ئاساسەن ئۆزگەرمىدى، شۇڭا 11-ئەسىرلەردىن باشلاپ تاكى يۇقالغىچە بولغان ۋاقىتتىكى تېروتورىيىسى ھىساب قىلىنىۋاتىدۇ.
    ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقى ( مىلادى 646 - يىلىدىن 845 - يىلىغىچە 199 يىل ھۆكۈم سۈرگەن ). مىلادىنىڭ 840 - يىلىغا كەلگەندە تەخت تالىشىش، ئىچكى ئىسيان، باشقا تائىپەلەرنىڭ ھۇجىمى، تەبىئى ئاپەت قاتارلىق سەۋەپلەردىن ناھايىتى ئېغىر ئەھۋالدا قالدى. شۇ سەۋەپلىك شەرقى ئۇيغۇرلار ھازىرقى مۇڭغۇلىيەدىكى ئورخۇن دەرياسى بويىغا جايلاشقان پايتەختى قارابالغاسۇنىنى تاشلاپ چىقىپ، قاغانلىقنىڭ سىياسى مەركىزىنى تەڭرى تاغلىرىنىڭ باغرىغا يۆتكەپ كىتىشكە مەجبۇر بولدى. شەرقى ئۇيغۇرلارنىڭ غەرپكە كۆچۈشى ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ ۋۇجۇدقا كىلىشىگە توغرىدىن توغرا سەۋەپ بولدى.
    ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنى ئۇيغۇر - ئورخۇن خانلىقىنىڭ داۋامى دەپ كېسىپ ئېيتالايمىز. ( ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى مىلادى 850 - يىلدىن 1335 - يىلىغىچە 485 يىل ھۆكۈم سۈرگەن ). ئۇيغۇر ئدىقۇت خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى پان تېكىن مىلادىنىڭ 848 - يىلى قاغانلىق تەختىگە چىقتى. پان تېكىن قاغان بولغاندىن كىيىن ئاۋال تىبەتلىكلەرنى تۇرپاندىن قوغلىدى. ئاندىن كىيىن ، بوكو تېكىن قۇماندانلىقىدىكى ئۇيغۇر قوشۇنلىرى تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالى ئېتەكلىرى ( ماناس، ئۈرۈمچى، بەشبالىق قاتارلىق جايلار ) دىن قىرغىزلارنى قوغلاپ چىقاردى. بوكو تېكىن مىلادىنىڭ 866 - يىلى چىڭخەي ئەتراپلىرىدا تىبەتلىكلەرنى تارمار قىلىپ ئۇلارنىڭ سەردارى ساڭكۇڭ رىنىڭ كاللىسىنى ئالدى. شۇنىڭ بىلەن كەڭسۇدا 100 يىل ( مىلادىنىڭ 770 - يىلىدىن 866 - يىلىغىچە ) تۇرغان تىبەتلىكلەر ئۇ جايدىن قوغلاپ چىقىرىلدى. بۇنىڭ بىلەن خېشى كارىدورىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ 870 - كەڭسۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. شۇنىڭدىن باشلاپ پان تېكىن كەڭسۇ ( گەنسۇ ) دىكى ئۇيغۇرلار بىلەن يېقىن قېرىنداشلارچە مۇناسىۋىتىنى ئورناتتى. پان تېكىن يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان بىر قاتار غەلىبەلىرىدىن كيىن مىلادىنىڭ 866 - يىلى بەشبالىقنى ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ پايەختى قىلىپ بەلگىلىدى. ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىرى يازدا بەش بالىقتا يازلاپ قىشتا ئىدىقۇت شەھرىدە قىشلايتتى.
بەشبالىق ۋە ئىدىقۇتنى پايتەخت قىلغان ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى ئۇيغۇر ئورخۇن خانلىقىنىڭ داۋامى ئىدى. ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ تېرىتورىيىسى شەرقتە ھازىرقى جۇچۈئەنگىچە، غەرپتە بۈگۈرگىچە، جەنۇپتا تكلىماكان چۆلىگىچە، شىمالدا جەنۇبى ئالتايغىچە سوزۇلغان بولۇپ ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىرى شەرقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىز قەبىلىسىدىن ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئىدىقۇت ئۇنۋانى بىلەن ئاتىدى. ئۇلاردىن كىم خان بولسا ئىدىقۇت ئۇنۋانى قوشۇپ ئېيتىلاتتى. مەسىلەن : ئىدىقۇت بارچۇق ئارت تېكىن، ئىدىقۇت قۇجىغار تېكىن دىگەنگە ئوخشاش. قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا ئىدىقۇت سۆزى - بەختلىك پادىشاھ دىگەن مەنىنى بېرەتتى. ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان ئوغلى ------ پان تېكىن مىلادىنىڭ 866 - يىلى بوكو تېكىن تەرەپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.

مەنبە: نازىم بىلوگى (ئەسكەرتىش: ماقالىنىڭ قايسى ژۇرنالدا بېسىلغانلىقىنى تاپالمىدىم. ئەمما ماقالىنىڭ قىمىمىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، بىلوگىدىن كۆچۈرۈپ كېلنىدى.)

2

تېما

2

دوست

1502

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   50.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33927
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 430
توردىكى ۋاقتى: 95
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 10:56:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالە ئىنىقلا سوتسىيالىزىملىق ئىدىيە ئازاد قىلىشقا ئۇچراپ ئۇيغۇرلارنى بۈيۈل ئاسىيا يەنە جۇڭخۇا زىمىنىڭ ئىپتىدائى ئاھاللىرىدىن بولغان دىگەن ئۇقۇمنى يۇرۇتماقچى بولغىنى ئىنىق .بىراق ،روسىيا تارىخچىللىرى ۋە گىرمانىيە تارىخچىللىرى ئاللابۇرۇن ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىنى شەرقى گېرمانيەنىڭ ئىپدائى ئاھالىللىرى شەرققە كۆچىشى بولسا ،روسىيە-كاۋكاز،موڭغۇلىيە ،شىنجاڭ يەنە بىر بۆلىكى ياۋروپا قايتىپ كەتكەن يەنە ۋىنگىرىيە بەلكىن ھونگىرىيە دىگەن نامدىن ئۆزگەرگەن بولىشى مۇمكىن دىگەن ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ نۇرغۇنلىغان تارىخچىلارنى قايىل قىلغان بۇنىڭغا پەقەت جۇڭگۇلۇق تارىخچىلارلا قۇشۇلمايدۇ .چۈنكى تارىختا ئىسمىنى ئاڭلىسا تىترەپ كىتىدىغان ھون دىگەن نامنى ئۇيغۇرلار بىلەن باغلاشنى خالىمايدۇ .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

3

دوست

4537

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   84.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22034
يازما سانى: 306
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1394
توردىكى ۋاقتى: 455
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 11:09:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   oghuzkhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-10 11:12  

ئۇرخۇن خانىدانلىقىنىڭ تېرىتورىيىسى:

  
           كېيىنكى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانىدانلىقى ۋا قاراخانلار تېرىتورىيىسى :

0

تېما

0

دوست

777

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   55.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34244
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 230
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 11:21:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   isimtugaptu تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-10 11:23  

مۇنۇ تېمىغا قانداق ئ‍ىنكاس يازساق بولا،،،يىغىپ يۆگەپ ئ‍ەكەلسە تارىختا ئ‍ۇيغۇرلار ئ‍ۆزىنىڭ ھاكىمىيىتى بوپتىكەندە،،،ماندا يېزىپ باقاي

2

تېما

5

دوست

3121

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   37.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9152
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 529
تۆھپە : 595
توردىكى ۋاقتى: 176
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 12:43:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
putin يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 10:56
بۇ ماقالە ئىنىقلا سوتسىيالىزىملىق ئىدىيە ئازاد قىلىشق ...

مۇشۇ ۋلادىمروۋىچ پوتىنوف نىڭ بەزى پىكىرلىرى خىلى ئىلمى بەزىدە .

2

تېما

1

دوست

2570

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   19%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9957
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 191
تۆھپە : 665
توردىكى ۋاقتى: 160
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 12:49:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقارقى خەرىتىدىن،تېرىتۇرىيە ئورنىنى تازا ياخشى بىلگىلى بولمايدىكەن.بولسا قېرىنداشلار ھازىرقى خەرىتە ئاساسىدا سىزىپ كۆرسەتسەڭلار.تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بۇلاتتى.

0

تېما

1

دوست

2057

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   1.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27382
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 610
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 13:21:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت . بۇ ماقالىدا بىر يېڭى ئىددىيە باركەن ، يەنى ئىدىقۇت خانلىقى  ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بىۋاستە داۋامى .

بىراق پۇتىن بۇرادەرنىڭ ئىنكاسىنى چۈشۈنەلمىدىم ، ئىدىقۇت خانلىقى بىلەن ئەڭ ئاخرقى بىر ھۇننىڭ ، ئات چاپتۇرۇپ ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئايرىلغىنىغا بۇ ۋاقىتتا 500 يىل بولغان تۇرسا ، بۇ ماقالىدىكى مەزمۇن بىلەن ئۇيغۇرنىڭ ئىتنىك مەنبەلىرىنىڭ بىرى ھۇنلاردۇر دىگەن بۇ يەكۈن بىلەن سىغىشىدۇ ھەرگىزمۇ تىپىشمەيدۇ .

پۇتىن بۇرادەر ياكى مەن خاتا چۈشىنىۋالدىممۇ ؟

0

تېما

20

دوست

1574

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   57.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28130
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 478
توردىكى ۋاقتى: 101
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 14:00:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
azat408 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 12:49
يۇقارقى خەرىتىدىن،تېرىتۇرىيە ئورنىنى تازا ياخشى بىلگ ...

بىلگىلى بولمايدىغان يەنە نەسى بار ، خەرىتىنى ئانچە بىلىپ كەتمەمسىز نېمە . ئورخۇن ( ئەسلى ئورقۇن ) خانلىقىنى خەرىتىسى ئوبدان قارىسىڭىز شىمالدا رۇسىيە تەۋەسىدە بايقال كۆلىدىن تارتىپ جەنۇبتا مۇڭغۇل يايلاقلىرىغىچە ، پەرىزىمچە ھازىرقى يىن شەن ( يەنى قەدىمكى نامى چوغاي ) تېغىغىچە غەربتە ئالتاي تىزمىلىرىدىن شەرقتە قاراپ باقسام ھازىرقى خۇلۇنبۇئېر يايلىقىغا يېقىندەك قىلىدۇ ، ئۇنىمۇ ئۆز ئىچىگى ئەپ قالىدۇ ، مەنچە ھىنگان تاغلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن . ئاساسلىق ئىگىلىگىنى بۇ ئەسلىدىكى كۆكتۈرۈك خانلىقى دەۋرىدە بۆلۈنگەن ھالەتتىكى شەرقىي تۈرۈكلەرنىڭ زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى ئېھتىمال . غەربىي تۈرۈكلەر ئىگىلىگەن زېمىن بولسا غەربتە ئرال كۆلىگىچە .........
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )