- تىزىملاتقان
- 2013-1-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3511
- نادىر
- 0
- يازما
- 219
ئۆسۈش
50.37%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ordakent تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-12 02:59
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تىما ئىگىسى قېرىندىشىم !
ئېغىر كۆرمىسىڭىز سىز كىچىكىڭىزدە ئاڭلىغان ( ياكى ئوقۇغان ) ھېلىقى چۆچەكنىڭ قايسى چۆچەك ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئېيتقان بولسىڭىز . بىزمۇ ئىزدىنىپ ، سېلىشتۇرۇپ باققان بولساق .
يەنە بىر ھېكايەت بار :
« بىر ئانا ئىككى قولىغا ئىككى ئالمىنى ئېلىۋالغان كىچىككىنە قىزىدىن سوراپتۇ :
__ قىزىم ! ئالمىڭىزدىن بىرنى ماڭا بېرىڭە ! __ . قىز دەرھال ئىككىلى ئالمىنى بىر چىشلەمدىن چىشلەپ يىيىشكە باشلاپتۇ . بۇنى كۆرگەن ئانىنىڭ كۆڭلى يېرىم بوپ قىزىنىڭ كۆيۈمسىزلىكىدىن ئاغرىنىپ تۇرغاندا قىزچاق :
___ ئانا ! سىز بۇ ئالمىنى يەڭ ! بۇ ئالما قولۇمدىكى ئالمىدىن تاتلىقكەن ! __ دەپتۇ . بۇنى كۆرگەن ئانا ئىختىيارسىز قىزىنى باغرىغا بېسىپتۇ . »
خوش ! مۇشۇ ھېكايەتكە ئوخشاش ، بەلكىم جالالىدىن بەھرام ئاكىنىڭ كۆڭلىدىكىنى ھەقىقەتنى سىز بىلەن بىز چۈشەنمىگەن بولۇشىمىز مومكىن . شۇڭا يەنىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلىنىپ ، « يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس » سەكمىكىن دەيمەن . |
|