- تىزىملاتقان
- 2014-4-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 492
- نادىر
- 0
- يازما
- 17
ئۆسۈش
96%
|
ھۆرمەتلىك ئەپەندىلەر،مەن ئىنكاس يازغاندا رۇس چوچقىلىرى دەپ رۇسلارنى تىللاۋىرىشىنى بىر خىل مەدەنيەتسىزلىك دەپ قارايمەن.يېقىنقى زامەن تارىخىمىزدا ھەقىقەتەن رۇس ھۆكۈمرانلىرى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى بىلەن ئوينىشىپ بىزنىڭ مىللىي مەنپەئەتىمىزگە نۇرغۇن زىيانلارنى سالغان. بىراق رۇسلارنىڭ مەدەنيەت جەھەتتە بىزگە پايدا يەتكۈزگەن يەرلىرىمۇ بار.يېقىنقى ۋە ھازىرقى زاماندا بىز زامانىۋىي مەدەنيەتنى قەيەردىن قوبۇل قىلغان ؟ ئەلۋەتتە رۇسلاردىن . شۇ چاغلاردا ( ھازىرمۇ شۇنداق) شەرق ۋە شەرقى شىمال تەرىپىمىزدە چارۋىچى موڭغۇللار ،غەربىي جەنۇپ تەرىپىمىزدە ئەنگىلىيىنىڭ قول ئاستىدىكى نامرات ھىندىستان، جەنۇپ تەرىپىمىزدە بۇددىست تىبەتلەر،شەرقى جەنۇبىمىزدا فېئودال خەنزۇلار بىز ئاشۇ غەرپ ۋە غەربىي شىمال تەرىپىمىزگىرەك توغرا كېلىدىغان رۇسلار ياكى رۇسلار باشقۇرىشىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تاتار،ئۆزبېك قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق يېقىنىقى زامان ياۋروپا مەدەنيىتى بىلەن ئۇچىرشىپ دۇنيانى تونۇشقا باشلىغان ئۆزىمىزنى تونۇشقا باشلىغان. بىزنىڭ نۇرغۇن زىيالىلىرىمىز 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ روسىيە ۋە رۇس تەسىرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيادا ئوقۇپ كېلىپ ياكى شۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ بىزگە يېقىنىقى زامان ئەدەبىيات-سەنئىتىنى،ئىلىم -پېنىنى تونۇتقان. كىشىلىرىمىز كاستىيۇم-بۇرۇلكا كىيىشنى،چاچ قويۇشنى،ئاياغ مايلاشنى،كىيىمگە دەزمال سېلىپ كىيىشنى 1949-يىلىدىن بۇرۇنلا ئاشۇ رۇسلاردىن ئۆگۈنۈپ بولغان. غۇلجا ،چۆچەك.ئۈرۈمچى،ئاتۇش ،قەشقەر،تۇرپانلاردا رۇس مائارىپنى ئۆلگە قىلغان پەننىي مەكتەپلەر قۇرۇلغان.مەكتەپلىرىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان تەبئى پەن ئاتالغۇلىرى رۇس تىلىدىن كىرىپ دۇنياغا يېقىنلاشقان.بىراق ھازىرقى بالىلىرىمىز بۇ ئاتالغۇلارنى ئاتىيالمايدۇ.تىلىمىزدىمۇ 10% ئەتىراپىدا رۇس تىلى بار. يېقىنقى زاماندا نۇرغۇنلىغان رۇس ئالىملىرى سىياسىي مەقسەتلىرىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتىئىنەزەر بىز ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلغان.20-ئەسىرنىڭ 20- يىللىرىدا ستالىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەرگە ئىسىم قويغاندا ،رۇس ئالىملىرىدىن مالوف قاتارلىق ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن سوۋېت زىمىنىدىكى تارنچى-قەشقەرلىكلەرگە ئۇيغۇر ئىسمىنى قويۇپ بەرگەن .شۇنىڭ بىلەن دىيارىمىزدا يوقىلىپ كەتكىنىگە 1000 يىلغا يېقىنلاشقان مۇبارەك نامىمىز ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغان. 1930-يىللاردا شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەسلىھىتى ۋە شۇ چاغدىكى زىيالىلىرىمىزنىڭ تەلىپى بويىچە بۇ ئۇيغۇر دېگەن ئىسىمنى
ئۆلكىلىك كېڭەشتە قانۇنلاشتۇرۇپ، مىللەت نامى قىلىپ قوللۇنۇشقا رۇخسەت قىلغان.
1950-يىللارنىڭ دەسلىۋىدە،ئۈرۈمچىدىكى ئالى مەكتەپلىرىمىز ۋە شىمالدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلىرىمىزدە ئاساسەن سوۋېت ئىتتىپاقنىڭ ئۆلچىمىدىكى دەرىسلىكلەر ئىشلىتىلگەن.بۇ ھالەت بىزنىڭ شۇ چاغدىكى مەدەنيەت سەۋيىمىزن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭكىدىن زور دەرىجىدە يوقۇرى بولۇپ شۇ چاغدىكى مەدەنيەت كەيپىياتىمىزدىن يېڭى كەلگەن خەنزۇ رەھبىرىي كادىرلار ھەيران قالغان.
مەن يوقۇرقى بايانلار ئارقىلىق رۇسلار بىزنىڭ قۇتقۇزغۇچىمىز دېمەكچى ئەمەس. ئىشقىلىپ يېقىنقى زامان تارىخمىزدا،رۇس مەدەنيىەتى باشقا خەنزۇ كوڭزى مەدەنيىتى،تىبەت بۇددىزىمى ،ئېنگىلىز غەرپ مەدەنيىتىگە قارىغاندا بىزنى ئويغىتىش رولىنى ئوينىغان . ئابدۇقادىر داموللامنىڭ دىني مائارىپ ئىسلاھاتىمۇ قوللاشقا ئېرىشەلمىگەن. ئەگەر رۇس -ياۋروپا مەدەنيىتى بىزگە تەسىر كۆرسەتمىگەن بولسا بىزنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىيەت دەۋرىمىز تېخىمۇ ئۇزىراپ كەتكەن بولاتتى. شۇڭا رۇسلارغا بولغان ئۆچمەنلىك بىزنى ئەقلىمىزدىن ئاداشتۇرۋەتسە بولمايدۇ.
|
|