قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1613|ئىنكاس: 22

دۇنيا ئەندىزىسى قانداق ئۆزگىرەيدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

25

تېما

1

دوست

1406

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   40.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30148
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 60
تۆھپە : 438
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيا ئەندىزىسى قانداق ئۆزگىرەيدۇ

سىياسىي تەھلىلچى زاتلار دائىم خەلقئارا شاھمات ئارقىلىق دۇنيا ئىشلىرىنى مىسال قىلىدۇ. ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە شەخسلەر دۇنيادىن ئىبارەت شاھمات تاختىسىدا ھىيلە ئىشلىتىپ، تىرىشىپ ئۈستۈنلۈك توپلايدۇ. پات-پات بىر ئالاھىدە ئۇستا كۈتمىگەن يەردىن چىقىپ يېپيېڭى شاھمات يولى ئارقىلىق پۈتكۈل شاھمات ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىدۇ، خۇددى 1972-يىلى رىچارد نىكسون ۋە ھېرى كىسىنگېر جۇڭگونى زىيارەت قىلغان «مۇز يېرىش ساياھىتى»غا ئوخشايدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە، خەلقئارا سىياسىي بىر قىسىم ئەقىل-پاراسەتكە مول يېڭى تەپەككۇرغا جىددىي موھتاج. كۆپلىگەن چوڭ دۆلەتلەر دىپلوماتىيە پاتقىقىغا پېتىپ قالماقتا. ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇش مەيدانىغا يەنە قايتىپ كەلدى. رۇسىيە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يېتىم قويۇشىغا ئۇچرىدى. جۇڭگو بارلىق دېگۈدەك قوشنىلىرىنىڭ قارشىلىقىنى قوزغاپ قويدى. ئەنگلىيە ياۋروپانىڭ چېتىدە قالماقتا. جۇغراپىيىۋى سىياسەتتىن ئىبارەت بۇ شاھمات دادىل يېڭى شاھمات قەدىمىگە مۇراجىئەت قىلماقتا. ئېھتىمال نېمە شاھمات يولى بولىشى مۇمكىن؟
يېڭى يالتاچە مۇداپىئە: ۋىلادىمىر پۇتتىننىڭ سىياسىيدىكى ئالاھىدە ئۇستا ياكى ئۆلىدىغان ئەخمەقلىقى توغرىسىدا كىشىلەردە ئىختىلاپ بار. رۇسىيەنىڭ بۇ پرېزىدېنتىغا چوقۇنغۇچىلار پۇتىننىڭ قىرىمنى يۇتۇۋېلىش ھەرىكىتىنى غەربنى تەمتىرىپ قويغان دادىل شاھمات قەدىمى دەپ قارىدى (ئەينى چاغدا، پۇتىننىڭ غەربتىكى چوقۇنغۇچىلىرى بەزىدە«ئۇ خەلقئارا شاھمات ئويناۋاتىدۇ، لېكىن بىز دامكا ئويناۋاتىمىز» دەيتتى). لېكىن، رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ لىڭشىپ قېلىشىغا ئەگىشىپ، پۇتىننىڭ شاھمات يولى قارىماققا بارغانسېرى قوپال كۆرۈنۈشكە باشلىدى. رۇسىيە قولدىن كەتكەن جايلارنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن «يېڭى يالتاچە مۇداپىئە» دەپ ئاتاشقا بولىدىغان شاھمات يولىنى قوللاندى. بۇ كىشىگە ئىلگىرىكى بىر ئىشنى ئەسلىتىدۇ: ئەينى يىلى جوسېف ستالىن، فرانكلىن روسېلېۋت ۋە ۋىنستون چېرچىل قاتارلىق رەھبەرلەر ھەقىقەتەن دۇنيانى بىر يەر شارى شاھمات تاختىسى قىلىۋالغان ئىدى، ئۇلار ئۇرۇشتىن كېيىنكى ياۋروپانى ئوخشىمىغان كۈچ تەسىر دائىرىسىگە ئايرىدى. پۇتىننىڭ ئارزۇسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۆپ قىسىم رايونىنى قاپلىغان رۇسىيە كۈچ تەسىرى چەمبىرىكىگە قايتىدىن ئېرىشىشتۇر. غەربتىكى بەزى كىشىلەر يېڭى يالتاچە ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى بار دەپ قارايدۇ. باشقىلار بولسا بۇ تەسەۋۋۇر ئىپلاسلىق ۋە كىشىنى بىزار قىلىدۇ دەپ قارايدۇ. پۇتىن چوڭ دۆلەتلەر سودىسى ئىدىيىسى ھەققىدە توختالغاندا، ئەينى يىلى مېدىيەلەرنىڭ گىتلېر بىلەن سىتالىننىڭ 1939-يىلى ئىمزالىغان ئۆز ئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسىغا باھا بېرىشى زىيادە سەلبىي، ئادىل بولمىغانلىقىنى، بۇنداق پوزىتسىيەنىڭ ئۆزىگە پايدىسى يوقلىقىدىن بېشارەت بەردى. ناچار شاھمات. يۈز بېرىش نىسبىتى: %30
ۋەدىگە ۋاپا قىلمايدىغان برېتانىيەچە قايتۇرما ھۇجۇم: بۇ ئەنئەنىۋى ئەنگلىيەچە شاھمات ئويناش كۆپ يىل تاۋلانغاندىن كېيىن كامالەتكە يەتتى، ئاساسىي مېڭىش يولى ياۋروپادا بۆلۈپ باشقۇرۇش ھەمدە سەۋرىچانلىق بىلەن ئىتتىپاق قۇرۇشتۇر. ئۆتكەن نەچچە ئەسىردە، ئەنگلىيە بۇ خىل شاھمات ئويناش ئۇسۇلىنى ئىشقا سېلىپ ئىسپانىيە، فرانسىيە ۋە گېرمانىيەلىكلەرنى مەغلۇپ قىلدى. ياۋروپادىن ئىبارەت بۇ شاھمات نۆۋەتتە قارىماققا بۇ كىلاسسىك شاھمات يولىنى ئويناشتىكى مۇكەممەل شەرتكە يەتكەندەك قىلىدۇ. فرانسىيە ۋە گېرمانىيە ئارىسىدىكى دەز بارغانسېرى چوڭقۇرلاشماقتا، ياۋروپانىڭ شىمالىي قىسىمى بىلەن جەنۇبىي قىسىمىنىڭ دۈشمەنلىك كەيپىياتى بارغانسېرى كەسكىنلەشمەكتە. لېكىن، ئەنگلىيەلىكلەر ئويۇن ئويناش ئىقتىدارىنى يوقىتپ قويدى، ئىتتىپاق قۇرۇش جەھەتتە ئىپادىسى دۆلەتلەرچە بولدى. ئەنگلىيە دىپلوماتىيە پائالىيىتى ۋە ھىيلە-مىكىر ئارقىلىق مەقسەتكە يەتكىلى بولمىغان ئەھۋالدا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن تەلتۆكۈس ئايرىلىپ چىقماقچى بولىۋاتىدۇ. بۇ شاھمات قەدىمى شاھمات تاختىسىنى ئۆرۈۋېتىش ھەمدە مەيدىسىنى كېرىپ تۇرۇپ شاھماتخانىدىن چىقىپ كېتىش ئارقىلىق پايدىسىز ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرغانغا باراۋەر، مۇنداقچە ئيېتقاندا بىر خىل تاكتىكا، ئاچچىقلىنىش دېسەك توغرا بولىدۇ. يۈز بېرىش نىسبىتى %0 (نۆۋەتتىكى شەرت ئاستىدا)
ئەسەبىي موللىلارچە شاھمات يولى: بۇنداق شاھمات ئويناشقا ئاساسلانغاندا، قايتىدىن ئوتتۇرا شەرق تەرتىپى بەرپا قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئامېرىكا ۋە ئىراننىڭ يارىشىشىدۇر. بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ «ئىراق ۋە سۇرىيە ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەمدە ئىراقنىڭ بىرلىكىنى ساقلاش جەھەتتە ئورتاق مەنپەئەتى بار. ئىران يەنىلا سۇرىيە بەشار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئاساسلىق سىرتقى قوللىغۇچىسى، شۇڭا سۇرىيەدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرماقتا. بىر قىسىم ئامېرىكىلىقلار ئىراننىڭ رايونلۇق قارا نىيىتىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ غازاتنى قوللىشى تېخىمۇ چوڭ تەھدىت پەيدا قىلدى دەپ قارىدى، ئەقىللىق ۋە تەجرىبىلىك ئىرانلىقلار ئەمەلىيەتتە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى قالاق ئەسلىيەتچىلەرگە قارىغاندا ھەمكارلىشىشقا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ. ئىران بىلەن يادرو مەسىلىسىدە كېلىشىم تۈزۈپ، ئىرانغا قارىتىلغان ئىقتىسادىي جازا بىكار قىلىنسىلا، يېپيېڭى بىر ئوتتۇرا شەرققە بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا كۈن قالىدۇ. بۇ تەكلىپ ئاڭلىماققا كىشىنى بەك قىزىقتۇرىدۇ. ئەمما تېھراننىڭ يادرو پىلانىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا تەييارلىنىدىغانلىقىغا ھېچكىم كاپالەتلىك قىلالمايدۇ ھەمدە ئىران شۇنداق قىلغان تەقدىردىمۇ، ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ جازانى بىكار قىلىدىغانلىقىغا ھېچكىم كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىككى چوڭ ئىتتىپاقدىشى ئىسرائىلىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى بۇ تاكتىكىدىن غەزەپلىنىپ، خەتەرلىك ۋە ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولمايدىغان ئىنكاس قايتۇرىدۇ. شۇڭا بۇنداق شاھمات ئويناش ئېھتىماللىقى يۈز بەرمەسلىكى مۇمكىن. يۈز بېرىش نىسبىتى: %20
جەنۇبىي كورىيە ئاچقۇچى: جۇڭگونىڭ پەقەت بىر رەسىمىي ئىتتىپاقدىشى شىمالىي كورىيە بار. جۇڭگوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا شىمالىي كورىيە بايلىققا ئەمەس بەلكى بىر يۈككە تېخىمۇ ئوخشايدۇ. لېكىن، جۇڭگو ئاسىيادىكى دىپلوماتىيەدە يېتىم قېلىش ھالىتىنى بۇزۇش ئۈچۈن جەنۇبىي كورىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يېقىنلاشتۇرماقتا. جۇڭگو رەئىسى شى جىنپىڭ سېئۇلنى زىيارەت قىلدى، شىمالىي كورىيەلىكلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرگىنى شى جىنپىڭنىڭ بۈگۈنگە قەدەر پيوڭياڭنى زىيارەت قىلىش ئويى يوق. جۇڭگو-جەنۇبىي كورىيە مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق يېقىنلاشتۇرۇش بېيجىڭغا نىسبەتەن كۆپ خىل جەلىپ قىلىش كۈچى بار. جۇڭگو جەنۇبىي كورىيە ۋە ياپونىيە ئارىسىدىكى كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان دۈشمەنلىك كەيپىياتتىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ئاسىيادىكى بۇ ئىككى چوڭ ئىتتىپاقدىشى ئارىسىغا بىر قوزۇق قېقىشتۇر. جۇڭگو-جەنۇبىي كورىيە يېقىنچىلىقىنىڭ يەنە ئىقتىسادىي ئەھمىيىتى بار. ئەمما بۇنىڭدا بىر توسالغۇ بار. جەنۇبىي كورىيە ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىك قوغداش كۈنلىكىگە تايىنىپ شىمالىي كورىيەگە تاقابىل تۇرىدۇ. جەنۇبىي كورىيە جۇڭگو بىلەن پايدىسى ئېنىق بولمىغان ئىتتىپاق تۈزۈش ئارقىلىق جەنۇبىي كورىيە-ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىقىنى قۇربان قىلىشقا تەييارلاندىمۇ يوق؟ ئۇنداق ئېھتىماللىق يوق، ھېچ بولمىغاندا ھازىر شۇنداق. يۈز بېرىش نىسبىتى: %30
ئەستايىدىل ئوقۇرمەنلەر ئېھتىمال يۇقىرىقى ھەرقانداق بىر دىپلوماتىيە شاھمات يولىنىڭ ئەمەلىي يۈز بېرىش نىسبىتىنىڭ ناھايىتى كىچىك ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىدۇ. قىسمەن سەۋەبى دېموكراتىك دەۋردە رىشېليۇ ياكى بىسماركنى دوراش ناھايىتى تەس. ئەڭ ئەقىللىق جۇغراپىيىۋى سىياسەت ئىستراتىگىيەشۇناسى بولغان تەقدىردىمۇ ئىجتىمائىي مېدىيە، پۇل-مۇئامىلە بازىرى، ئاممىۋى ھەرىكەت ۋە تېررورىزم مالىمانچىلىقى سەۋەبلىك قالايمىقانلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. بۈگۈنكى كۈندە شاھمات ئۇستىسى بولۇشنى ئويلىغان كىشىلەر يەر شارى شاھمات ۋەزىيىتىنى كۆزەتكەن چاغدا، ئۇرۇقلارنىڭ ئۆزلىكىدىن يۆتكىلىشكە باشلىغانلىقىنى بايقىشى مۇمكىن.

مەنبە: پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورى. ئاپتورى ئەنگلىيە پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتىدە ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى، ئېنېرگىيە مەسىلىسى، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە خەۋەر بېرىشكە مەسئۇل. ئوكيان تەرجىمە قىلدى.


5

تېما

10

دوست

3639

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   54.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15798
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 1146
توردىكى ۋاقتى: 469
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تەرجىملەر ئۇزلۇپ قالمىسۇن
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10638
يازما سانى: 1309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1265
تۆھپە : 2972
توردىكى ۋاقتى: 773
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر  بىر ئېھتىماللىقنىڭ  يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى ھەقىقەتەن تۆۋەن تۇيۇلىدىكەن .كىشىگە قەستەن تەتۇر تەھلىل  قىلىۋاتقاندەك تەسىر بېرىدىكەن .

0

تېما

3

دوست

1380

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17973
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 410
توردىكى ۋاقتى: 74
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

2

تېما

2

دوست

217

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   72.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34163
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 68
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما

تۈمەن ئۆركىشى

14

تېما

50

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   20.29%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4025
يازما سانى: 1576
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1636
تۆھپە : 4348
توردىكى ۋاقتى: 787
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موشۇنداق خەلقئارالىق ئېقىم مەسىللەرنى يوللاپ تۇرغايسىز.

2

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12274
يازما سانى: 1092
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1585
تۆھپە : 3129
توردىكى ۋاقتى: 814
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاھمات ئوينىغاندا، گەردە، توپ، ئوفىستىر ۋە ئاتلارنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىدىن ھۇشيار تۇرۇش كىرەك.

15

تېما

1

دوست

4190

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 1266
توردىكى ۋاقتى: 314
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسىڭلار مۇشۇ شاھمات ئويناش قائىدىسىنى ئاددىي قىلىپ دەپ بىرىسىلەر؟
شاھمات ئىسىملىرىنىمۇ دەپ بەرسەڭلار
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )