- تىزىملاتقان
- 2015-3-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 163
- نادىر
- 0
- يازما
- 19
ئۆسۈش
54.33%
|
بۇ تېما مۇسۇلمان خەلقلىرىنىڭ يۈرۈگىدىكى ئارمانلىرى بىر ئالىمنىڭ تىلىدا ئەكىس ئەتكەن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر تېما بوپتۇ. بۇنى ئاداۋەتلىك پاراڭلار بىلەن بۇلغىمايلى.
ئۇيغۇرلارمۇ باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرگە ئوخشاشلا نېجادلىق مەنزىلىنى كۆرۈش ئۈچۈن تىنىمسىز ئىزدىنىۋاتقان بىر خەلق. ئۇيغۇرلارمۇ يېڭى ۋە ئىلغار ئېدىيەگە ئېھتىياجىلىق. مەن دوكتۇر ئابدۇسالامنىڭ ئېدىيىسىنى ئىلغارلىق سۈپىتىدە قوبۇل قىلدىم.
ئەلبەتتە ئېدىيەنى قوبۇل قىلىشلا كۇپايە قىلمايدۇ ، ئۇنى ئۆز قەلبىمىزنىڭ ساداسىغا ئايلاندۇرۇپ شەرھىيەلىيەلەيدىغان بولىشىمىز كېرەك. مۇسۇلمانلارنىڭ چېكىنىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدىكى كۆز قارىشىم دوكتۇرنىڭ قارىشى بىلەن تولىمۇ ئوخشىشىدىكەن. بۇنىڭدىن تولىمۇ روھلاندىم. ھەقىقەتەنمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ چېكىنىشىنىڭ سەۋەبى باشقىلارنىڭ باش كۆتۈرىشى ۋە بۇزغۇنچىلىغىدىن سىرت يەنە مىللەت ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلۇغى تايىنىدىغان يادرولۇق ئەقىدىنىڭ چېكىنىشىدىن بولىدۇ. مۇشۇ قاراشنىڭ تۈرتكىسىدە مەن مىللەتتىكى چېكىنىشنى دىننىڭ ئۆزىدىكى چېكىنىش دەپ قارايدىغانلارغا بۇ نوقتىنى چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كەلدىم. شۇڭا مىللەتنىڭ تەرەققىيات مەسىلىسىدە ئېمكان بار دىنى ئېتقاد تېمىسىنى ئاساسى چىقىش نوقتىسى قىلماسلىقنى، بولمىسا پىكىر-چۈشەنچىدە ئاسانلا تۇيۇق يولغا ۋە ئىختىلاپ ئارىسىغا كىرىپ قالىدىغانلىغىمىزنى ئەسكەرتىپ كەلدىم.
مەنچە دەۋىر تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلىشى تېمىسىدا ئۆزىمىزگە كېرەكلىك بولغان ئىلغار ئېدىيىنى دەۋىر ئۆزىنىڭ تەرەققىيات روھىدىن ئالالايمىز. مۇشۇ پىكىرلىرىمگە مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراپ باشقا بىر تېما ئاستىدا يازغان چۈشەنچىلىرىمنى قوشۇپ قويغۇم كەلدى.
جاھان ئېدىيەگە توشۇپ كەتتى. يېڭىسى زادى قايسى، كېرەككە كېلىدىغىنى قايسى قانداق ئىلغا قىلىش كېرەك..!؟ مەنچە بۇ سوئال ھەممە ئادەمنى قىينىماقتا.
مېنىڭ چۈشەنچەمدە يېڭى ئېدىيە ، پۈتۈن دېققەتنى دەۋىر ئېمكانىيەتلىرىگە قارىتىپ تەرەققىيات ۋە يۈكسىلىشنىڭ يولىنى ئىزدەيدىغان ئېدىيە.
يېڭى ئېدىيەدە ئاغرىنىش بولمايدۇ، گۇمان بولمايدۇ، يالغانچىلىق ۋە سەمىمىيەتسىزلىك بولمايدۇ، ئۆتمۈشكە ساپلىنىپ قېلىش بولمايدۇ، دەۋىرنىڭ جاپالىرىدىن ۋايساش، قېيداش بولمايدۇ. قوساق كۆپىگى ۋە ئۆچمەنلىك بولمايدۇ . پەقەتلا پۈتۈن دېققەت زاماننىڭ ئېلىپ كەلگەن ئېمكانىيەت ۋە پۇرسەتلىرىنى چىڭ تۇتۇشقا قارىتىدىغان ئېدىيەدۇر.
مەسىلەن ئۇچۇر دەۋرى ۋە يەرشارىلىشىشنىڭ بىزدەك بېكىنمە خەلقلەرگە ئېلىپ كەلگەن پۇرسىتى، ئېلىم-پەن ۋە قاتناش تەرەققىياتى بىلەن قايتا ئەۋزەللىككە ئېرىشىۋاتقان ئىچكى قۇرۇقلۇق جۇغراپىيىسىنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان پۇرسىتى دېگەنلەرگە ئوخشاش. مەنچە ئۇيغۇرلار دۈچ كېلىۋاتقان مىسلىسىز پۇرسەت-ئىمكانىيەتلەر بار. مەنچە بۇنى ھەر بىرىمىزنىڭ كۆڭلى خۇددى چۈشتەك بولسىمۇ تۇيۇپ تۇرىۋاتىدۇ. مەنچە بۇ ئېمكانىيەتلەرنىڭ بىزگە قۇچاق ئېچىشى پۈتۈنلەي بىزنىڭ يېڭى-ئىلغار ئېدىيەبىلەن كېلىپ قارشى ئېلىشىمىزغا قاراپ قالدى.
كونا ئېدىيە ئەينى بىر پاتقاقلىققا ئوخشايدۇ. بىز تۇپراقنى تىللىساقمۇ يامغۇرنى تىللىساقمۇ بېكار، ئاخىرىدا يەنىلا پاتقاقتا بوغۇلۇپ يوقۇلۇشتەك تەغدىردىن قۇتۇلالمايمىز.
تارىخ بىزگە ئۆتمۈشنىڭ ئېزىتقۇ ئاچچىق ھېسلىرىغا،ئۇششاق -كونا ھېسابلىرىغا، ئۆچ-ئاداۋەتكە نادانلىق ۋە بېكىنمىچىلىككە ساپلىنىپ قالماسلىغىمىزنى ۋە ئەسىرلەپ كەچكەن كونا پاتقاقلىقتىن يۇلقۇنۇپ چىقىشىمىزنى ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپتۇ. مەنچە بۈگۈنگە بۈگۈننىڭ كۆزى ۋە تەڭرى بەرگەن ئەقىل بىلەن قاراپ ، كەلگۈسىگە رېئال بۈگۈنىمىز بىلەن يۈزلىنىشىمىز كېرەك. |
|