قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6930|ئىنكاس: 51
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

دوكتۇر ئابدۇسالامنىڭ كۈۋەيىت ئونۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

10

دوست

4155

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11326
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 83
تۆھپە : 1361
توردىكى ۋاقتى: 1047
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-13
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-14 03:23:57 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
دوكتۇر ئابدۇسالامنىڭ كۈۋەيىت ئونۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى

    مەن بۇ قېتىمقى سۆھبەت يېغىنىدا تەكلىپكە بىنائەن نۇتۇق سۆزلەش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن ھەمدە ماڭا بېرىلگەن بۇ شان-شەرەپكە چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. گەرچە مەن سۆزلەيدىغان مەزمۇنلار مېنىڭ ۋەتىنىمنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەققىدە بولسىمۇ، لېكىن مەن بۇيەردە باشقىلارنىڭ خاتا چۈشىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەستىن جۇشقۇن ھېسياتىم بىلەن سۆزلىمەكچىمەن. چۈنكى، كۇۋەيتتە مۇسۇلمانلارنىڭ قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى باشقا بارلىق مۇناسىۋەتلەردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان.
    مەن بۈگۈن مۇھىمى ئىلىم-پەن ئۈستىدە سۆزلىمەكچىمەن. ئەگەر ئۆزىمىزنىڭ تامامەن ھەقلىق بولغان ئىززەت- ئابرويىمىزنى ساقلايمىز دېسەك، ئالدى بىلەن ئەرەب ۋە ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئىلىم-پەن ئىتتىپاقىدىكى ئىجادىيەت مەسىلىسىگە ئېتىبار بېرىشىڭلارنى، ھەمدە زۆرۈر بولغان پائالىيەت ۋە تەدبىرنىڭ قەدەم باسقۇچلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇڭلارنى ئۆتۈنىمەن. لېكىن مەن بۇ مەسىلىنى سۆزلەشتىن ئىلگىرى بىر نەچچە مىنۇت ۋاقتىڭلارنى ئېلىپ «زەررىچە فىزىكىسى» نىڭ بەزى تەرەققىياتلىرى، بولۇپمۇ ئېنىرگىينىڭ ئاساسى شەكىللىرى ۋە تەبىئەت كۈچلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بەزى مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن. بۇلار مەن شۇغۇللىنىۋاتقان ۋە تەتقىق قىلىۋاتقان ئىلمىي مەسىلىلەردۇر.

    ئاساسى كۈچلەرنىڭ بىرلىكى
    فىزىكا ئالىملىرى بۇنىڭدىن پەقەت 20 يىل ئىلگىرىلا، ئېنىرگىينىڭ ئاساسى شەكىللىرىنىڭ تارتىش كۈچى ئېنىرگىيسى، ئېلېكتىر ماگنىت ئېنىرگىيسى ۋە يادرو ئېنىرگىيسىنىڭ ئىككى خىل شەكلى بولغان ئاجىز تەسىر ئېنىرگىيسى ۋە كۈچلۈك تەسىر ئېنىرگىيسىدىن ئىبارەت تۆت خىلغا بۆلۈنىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ئېنىرگىيەنىڭ يۇقارقى شەكىللىرى بىرخىلدىن يەنە بىرخىلغا ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، تارتىش كۈچى ئېنىرگىيسىنىڭ ئېلىكتىر ئېنىرگىيسىگە ئايلىنىدىغانلىقى كۆپچىلىككە ئايان. سۇ كۈچىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش بۇ خىل ئۆزگىرىشنىڭ ئىسپاتى بۇلالايدۇ.
    نۆۋەتتىكى ۋەزىپە ئېنىرگىينىڭ ئۈچىنجى خىل شەكلى (يەنى كۈچلۈك يادرو كۈچى) مۇشۇ بىر پۈتۈنلۈكنىڭ بىر قىسمى بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشتۇر. بىز بەزى كەسىپداشلار بىلەن بىرلىكتە بۇ خىل پىكىرنى سېستېمىلق بايان قىلدۇق. ھەمدە تەجرىبە لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بۇ خىل تەجرىبىلەر ئامېرىكا، ھېندىستان ۋە ئەنگىلىيەلەردە ئىشلىنىشكە باشلىدى. ئەگەر بۇ تەجرىبىلەر مۇئەييەنلەشتۇرىلىدىغان بولسا (يەنى ئېنىرگىينىڭ ئۈچىنجى خىل شەكلى مۇشۇ پۈتۈنلۈكنىڭ بىر قىسمى بولىدىغان بولسا) خۇدانىڭ شەپقىتىگە شۈكرى ئېيتىمەن. بىز تەخمىنەن ئۈچ يىل ئىچىدە بارلىق يادرو كۈچلىرى بىلەن ئاتومنى شەكىللەندۈرگۈچى ئېلىكتىر كۈچىنىڭ ئوخشاش بىر كۈچ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقىمىز. مۇشۇنداق بولغاندا، تارتىش كۈچى بىلەن يېقىندا ئېتراپ قىلىنغان ئېلېكتىر- يادرو كۈچىنىڭ بىرلىكىنى ئىسپاتلاش ئەڭ ئاخىرقى نىشان بولىدۇ، خالاس.
    بۇ بىرلىك نەزەرىيسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى مۇنداق: تارتىش كۈچى، ئېلېكتىر كۈچى ۋە يادرو كۈچى قاتارلىق كۈچلەرنىڭ بارلىقى، بىرخىل تەسىر كۈچىنىڭ ئوخشىمىغان ئىپادىلىنىشىدىن ئىبارەت. قارىماققا بۈگۈنكى كۈندە بۇ خىل قاراشقا ئىشەنگىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن بىز چۇقۇم ئۇنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز. يۇقىرىدىكى كۆز قاراشنى ئەڭ دەسلىپىدە ئېينىشتىيىن ئوتتۇرىغا قويغان ئېدى. لېكىن بۇنى ئېنىق، توغرا بايان قىلىش ۋە دەلىلەش ئۈچۈن تەخمىنەن 50 يىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن، مەن تالاش-تارتىشتا قالغان بۇ ئاخىرقى مەسىلىنى كەلگۈسىدە ئىسلام دۆلەتلىرىدىن چىققان ياش بىر فىزىكنىڭ ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ۋە تىلەيمەن.
   سىرتقى كۆرۈنۈشى تۈپتىن ئوخشىمايدىغان تەبىئەت كۈچلىرىنىڭ بىرلىكى ئۈستىدە تەۋرەنمەستىن ئىزدىنىش بىز فىزىكلارنىڭ ئېتىقادىمىز. شۇنداقلا مەندەك بىر مۇسۇلماننىڭمۇ ئىتىقادى. مەن ئاللاھنىڭ بىر قسىم ئورۇنلاشتۇرۇشىنى چۈشىنىپ يېتىشىنى شان- شەرەپ ۋە بەخت دەپ بىلىمەن. شۇڭا تۆۋەنچىلىك بىلەن ئاللاھقا شۈكرى قىلىمەن.
   1979-يىلى 12-ئايدىكى نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمىدا مەن فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، تەكلىپكە بىنائەن سىتوكھولىمدىكى كاتتا ھەشەمەتلىك زىياپەت زالىدا شىۋېتسىيچە پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ زىياپىتىگە تەشەككۇر ئېيتىپ سۆز سۆزلىگەن ئېدىم. مىنىڭ شۇ چاغدىكى سۆزۈمنىڭ بىر قىسمىنى ئوقۇپ ئۈتۈشۈمگە رۇخسەت قىلغايسىلەر. بۇلار مىنىڭ تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا بىرلىكى ۋە سېممېترىكلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىمغا مۇناسىۋەتلىك بىر بۆلىكىدىن ئىبارەت. «فىزىكا ئىلمىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى- پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بايلىقى. ئۇنى كەشىپ قىلىشقا شەرق ۋە غەرب، جەنۇپ ۋە شىمالدىكى ئەللەر تەڭ قاتناشقان. ئىسلامنىڭ مۇقەددەس كىتابى «قۇرئان» دا مۇنداق دېيىلگەن:‹ئاللاھ يەتتە ئاسماننى بىرىنى بىرىنىڭ ئۈستىدە قىلىپ ياراتتى، مېھرىبان ئاللاھنىڭ يارىتىشىدا ھېچ نۇقساننى كۆرمەيسەن،سەن (ئاسمانلارغا) تەكرار قاراپ باققىنكى، بىرەر يوچۇقنى كۆرەمسەن. ئاندىن سەن يەنە ئىككى قېتىم قارىغىن، كۆزۈڭ (ئاسماندا بىرەر نۇقسان تېپىشتىن) ئۈمىد ئۈزگەن ۋە تالغان ھالدا قايتىدۇ›.(قۇرئان كەرىم،سۈرە مۈلك 3- ، 4- ئايەتلەر) .بۇ بارلىق فىزىكلارنىڭ ئىتىقادى – بىزنى ئىلھاملاندۇرىدىغان ۋە بىزگە يار-يۆلەك بولىدىغان ئىتىقاد. بىزنىڭ ئىزدىنىشمىز قانچە چوڭقۇر بولغانسېرى، بىزنىڭ ھەيرانلىقىمىز شۇنچە ئاشىدۇ. كۆزىمىز شۇنچە قامىشىدۇ.»
    مەن بۇ گەپلەرنى بۈگۈن كەچتە كەلگەنلەرنى ئويغىتىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۈچىنچى دۇنيا كىشىلىرىگە، يەنى ئىلىم-پەن ئۈستىدىكى ئىزدىنىش رىقابىتىدە پۇرسەت ۋە ماددىي بايلىق كەمچىل بولغانلىق سەۋەبىدىن ئارقىدا قالغانلىقىنى ئېتراپ قىلغان كىشلەرگە قارىتىپ ئېيتىۋاتىمەن.

    ئىلىم- پەن پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بايلىقى
    ئىلىم- پەننىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بايلىقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ۋە ئىلم- پەن تەرەققىيات تارىخنىڭ پۈتكۈل مەدەنىيەت تارىخىغا ئوخشاش بەزى دەۋرلىك ئالمىشىشنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى تەكىتلەش يۈزسىدىن مەن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن چاغدا قىلغان سۈزۈمدە مۇنداق بىر تارىخى باسقۇچنى ئەسلەپ ئۆتكەنىدىم: بۇنىڭدىن 760 يىل ئىلگىرى، شوتلاندىيلىك بىر ياش يىگىت ئۆز ئانا يۇرتىدىن ئايرىلىپ، جەنۇپقا قاراپ سەپەر قىلىپ،ئىسپانىيدىكى تولېدو(Toledo) غا كەلگەن. ئۇنىڭ ئىسمى مېخائېل(Mechael) بولۇپ، مەقسىتى تولېدو ۋە كوردۇۋادىكى ئەرەب ئونۋېرستىتلاردا تۇرۇپ ئىشلەش ئىدى. مېخائېل مىلادى 1217-يىلى تولېدوغا يىتىپ كىلىپ، ئۇ يەردىكى ئۇلۇغۋار بىلەن بىر پىلان تۈزگەن. ئۇنىڭ پىلانى ئارىستو تىلىنى لاتىن تىل سېستىمىسدىكى ياۋرۇپاغا تونۇتۇش ئىدى. ئۇ گرېك يېزىقىدىكى ئەسلى نۇسخىنى چۈشەنمىگەچكە، ئۇنىڭ ئەرەبچە تەرجىمىسىدىن تەرجىمە قىلىشقا كىرىشكەن. ئاندىن ئۇنى ئىسپانچە ئىزاھلاپ چۈشەندۈرگەن. تولېدو ۋە سالېرنودىكى مەكتەپلەرنىڭ بارلىققا كىلىشى غەربتە ئىلىم- پەن ئىجادىيەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ. لېكىن شۇنىمۇ ئىزاھلاپ ئۆتۈش زۆرۈركى، ئىسلام ئەللىرىدە خېلى بۇرۇنلا يورۇتۇلغان ئەقىل-پاراسەت چىراغلىرى بۇ مەكتەپلەرگىمۇ يورۇقلۇق ئېلىپ كەلگەنىدى.
    ئىلىم- پەن ئىجادىيەت پائالىيتىدىكى بۇ دەۋرىي ئايلىنىشنى مەن تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتىپ بىرەلەيمەن. گېئورگې سارتون ئۆزىنىڭ بەش توملۇق ئىلىم- پەن تارىخى ھەققىدىكى ئۆچمەس ئەسىرىدە، دەۋرلەرنى پەن مۇۋەپىقىيەتلىرى توغرىسىدىكى ھىكايىلەر بىلەن بۆلگەن. ھەربىر دەۋرنى 50 يىلغا ئايرىپ، ھەر 50 يىلنى بىر مەركەزلىك شەخسكە باغلىغان. مەسىلەن،سارتون مىلادىدىن ئىلگىرىكى 450~400- يىللارنى ئەپلاتون دەۋرى دەپ ئاتىغان. ئۇنىڭدىن كىيىنكى دەۋرلەرنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئارستوتېل دەۋرى، ئېۋكىلد ۋە ئارخىمېد دەۋرى قاتارلىق دەۋرلەرگە ئايرىغان. مىلادى 700-يىلىدىن 1100-يىلىغىچە بولغان 350 يىلنى جىملىئى جابىر، خارەزمى، رازى، مەسئۇدى، ۋافا، برونى، ئىبىن سىنا، ئىبىن ھەسەن ۋە ئۆمەر ھەييام دەۋىرلىرىگە ئايرىغان.
     بىز بۈگۈنكى كۈندە ئەل برونى بىلەن ئىنبىن سىنانىڭ ئاساسى زەررىچىلەرنىڭ تۈپ خۇسۇسىيەتلىرى توغرىسىدىكى بىر- بىرىگە يېزىشقان خەتلىرىنى كۆرىدىغان بولساق، ئەل برونىنىڭ ئەقلى خۇلاسە چىقىرىش ئۇسۇللىرى يەنىلا يىڭى بىلىنىدۇ. يۇقىردىكى ئادەملەر يالغۇز فىزىكا ئالىملىرى بولۇپلا قالماستىن،بەلكى ئۇلارنىڭ مېدىتسىنا، ماتىماتىكا، گېئولوگىيە، پەلسەپە ۋە ئاسترونومىيە ساھەلىرىدىمۇ ئوخشاشلا ئۇلۇغ تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز لازىم. ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كۆزقاراشلىرى ۋە بىلىملىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جارى قىلدۇرۇپ ۋە بايان قىلىپ، 11- ۋە 12- ئەسىر فىزىكىسىنىڭ بىر قسىمى قىلىپ كىرگۈزۈلمىگەن. مانا بۇ ئىلىم-پەندە كىشىنى ناھايىتى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان بىر ئىش. بۇنىڭغا شۇ دەۋر جەمئىيىتىدە قايتا-قايتا ئۆزگىرىش بولۇپ، كېيىنكى ھۆكۈمدارلار دائىم ئۆزلىرىنىڭ قارام ھەرىكەتلىرى بىلەن ئىلىم-پەن ئۇچقۇنلىرىنى ئۆچۈرۋەتكەنلىكى سەۋەپ بولغان.
    1350-يىلىدىن كىيىن ئىسلامىيەت دۇنياسى ئارقىدا قالدى. لېكىن 1437-يىلدىكى سەمەرقەندنىڭ ئەھۋالى بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئىدى. ئەمىر تېمۈرنىڭ نەۋرىسى ئۇلۇغبېكنىڭ خانلىق ئوردىسى ئىلىم- پەننىڭ ئوچىقى ئىدى.
     بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەل كىنىدى :«ھەقىقەتنى ئېتراپ قىلىش بىز ئۈچۈن نۇمۇس ئەمەس. ھەقىقەتنىڭ مەنبەسى قەيەردە بولۇشتىن قەتئىينەزەر بىز ئۇنى قوبۇل قىلىشىمىز ۋە ئۇنى ئۆزىمىزنىڭكىگە ئايلاندۇرۋېلىشىمىز كېرەك. ھەقىقەتنىڭ پەللىسىگە چىققانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەقىقەتنىڭ ئۆزىدىن قىممەتلىك ھېچقانداق نەرسە بولمايدۇ، ھەقىقەت ئىزدەنگۈچىنىڭ ئېناۋىتىنى ۋە ئورنىنى زىيانغا ئۇچراتمايدۇ.»دەپ يازغان. ئەل كىنىدى توغرا ئېيتقانىدى. مەيلى ئۇ قايسى يەردە تېپىلغان بولۇشىدىن قەتىئىنەزەر ھەقىقەت دېگەن مەڭگۈ ھەقىقەتتۇر. ئاللاھ بىزنى ئۆزى ياراتقان دۇنيانى چۈشەندۈرۈپ بېرىشكە خەلق ئەتتى.

    ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئىلىم-پەندە ئارقىدا قالغانلىقى
    ئىسلام ئەللىرى نىمىشقا ئارقىدا قالدۇق؟ بۇنىڭغا ھېچكىم ئېنىق جاۋاپ بېرەلمەيدۇ. بۇنىڭدا ئەلىۋەتتە سرتقى سەۋەبلەرمۇ بار. مەسىلەن، موڭغۇللارنىڭ كەلتۈرگەن ۋەيرانچىلىقلىرى. بۇ ۋەيرانچىلىقلار كىشىنىڭ ئىچىنى سىيرىلدۈرسىمۇ، لېكىن بۇ ۋەيرانچىلىقلار ئىلىم-پەننى پەقەت بىر مەھەل ئۈزۈپ قويدى. چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى ھىلاكۇ ماراگادا بىر رەسەتخانا قۇرغان. مىنىڭ كۆزىتىشىمچە، ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئىلىم-پەندە ئارقىدا قېلىشىدىكى سەۋەبلەر ئىچكى قىسىمدا دەپ ئويلايمەن. بىزنىڭ ئىچىمىزدە پەرۋاسىز ۋە ئېتىبارسىز قاراشنىڭ ھۆكۈم سۈرگەنلىكىنى ئەينى ۋاقىتتا ئەڭ ئۇلۇغ جەمئىيەتشۇناس ۋە تارىخشۇناسلارنىڭ بىرى بولغان ھەمدە پۈتكۈل بىر دەۋرنىڭ شانلىق پاراسەت ئىگىلىرىنىڭ بىرسى بولغان ئىبىنن خەلدۇننىڭ بىر ئابزاس سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئىسپاتلايمەن. ئىبىن خەلدۇن ئۆزىنىڭ «مۇقەددىمە» ناملىق كىتابىدا: «ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شىمالىي دېڭىز ياقىسىدىكى فرانسىيە تۇپرىقىدا چوڭ بىر پەلسەپە ئىلمىنى ئۆگىتىش ئورنى بارئىكەن. ئۇ يەرگە ئوقۇشقا بارغان كىشلەر نۇرغۇنلىغان پەنلەرنى ئۆگىنىدىكەن. كىشلەرگە سېستىملىق تۈردە ئالەمنىڭ جىمى مۆجىزىلىرىنى چۈشەندۈرىدىكەن. ئۇلارنىڭ شاگىرتلىرىمۇ ناھايتى نۇرغۇن ئىكەن… ئۇ يەردە نىمە بارلىقىنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ. لېكىن بىزنىڭ دىنى ئىشلىرىمىزدا فىزىكىنڭ قىلچىمۇ مۇھىم ئەمەسلىكىگە شەك-شۈبھە يوق. شۇڭا ئۇ ئىشلار بىلەن كارىمىز بولماسلىقى كىرەك» دېيىلگەن. ئىبىن خەلدۇن ئىلىمگە قىزىقمىغان، ئارزۇمۇ قىلمىغان، ئۇنىڭغا ئىتبارسىز قارىغان، ھەتتا ئىلىمنى ئۆچ كۆرگەن. بۇ خىل پەرۋاسىزلىق يىتىملىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەل كىندىنىڭ ئەنئەنىسى – ھەرقانداق جايدىن ئىمكان قەدەر ئېھتىياجلىق ئىلىمگە ئېرىشىش ئەنئەنىسىنى ئەستىن چىقىرىپ قۇيۇشى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلىم-پەن جەھەتتىكى ئىزدىنىشى ئەينى ۋاقىتتا يىڭىدىن مەيدانغا كېلىۋاتقان غەرب ئىلىم- پەنلىرى بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈپ قويغان. ئۇنىڭدىن كىيىنكى بەش يۈز يىل ئىچىدە مۇسۇلمانلار تەشنالىق بىلەن ئىلىم ئىزدىدى.
    ئىبىن خەلدۇن دەۋرىدىن باشلانغان ئىلىم ۋە پاراسەتتە يىتىم قېلىش قۇدرەتلىك ئىسلام ئىمپىرىيسى، تۈركلەرنىڭ ئوسمان ئىمپىرىيسى، ئىراننىڭ سەپەۋى ئىمپىرىيسى ۋە ھىندىلارنىڭ موغۇل خانلىقىغىچە داۋام قىلدى. ئىسلامىيەتتىكى بىر مۇنچە بىلىم تۈسىنى ئالغان پەتىۋالار، ئىلىم- پەنگە توسالغۇ بولدى. ئۇ چاغدا پەننى تەتقىقاتنىڭ ھەرقاندىقى دىنى مەدرىسلەرگە مەركەزلەشكەنىدى. دىنى مەدرىسلەردىكى ئېغىزاكى تارقىلىدىغان دىننى ئەقىدىلەر يىڭىلىق يارىتىشتىنمۇ مۇھىم ھىساپلىناتتى.

    ئىسلام ئەللىرىدە ئىلىم – پەننى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى
    مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ ئالتۇن دەۋرى بولغان 8-،9-، 10-،11- ئەسىرلەردە ئىلىم-پەن ئۈستىدە ئىزدەنگەنلىكىنى، ھەمدە ئىلىم- پەننى راۋاجلاندۇرغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى تېپىش قىيىن ئەمەس. مۇسۇلمانلار قۇرئان ۋە پەيغەمبەرنىڭ ھەدىسلىرىگە ئەمەل قىلىدۇ. دەمەشىق ئونۋېرستىتىدىكى ئاپتۇر مۇھەممەد ئەجەبۇل خاتىپنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئىلىم – پەننىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەشتە مۇنۇ سۆزدەك پاساھەتلىك سۆز يوق:«قۇرئان كەرىمنىڭ 250 ئايىتىدە شەرىئەت ئەھكاملىرى بايان قىلىنغان، 750 پارچە ئايىتىدە بولسا (قۇرئاننىڭ تەخمىنەن سەككىزدىن بىرى) مۇسۇلمانلارنڭ تەبىئەتنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنى تۇنۇش، ئەقىل-پاراسەتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىلىم- پەن ساھەلىرىنى جەمئىيەت پائالىيتىنىڭ بىر تەركىبى قىسمى قىلىش توغرىسىدا تەشۋىق قىلىنغان.»
    پەيغەمبىرىمىز ھەدىستە:«ئالىملار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرىدۇر» دېگەن. بۇ شەرەپلىك نام ئىلىم – پەن بىلىملىرىگە ئىشەنگەن ئالىملارغا مەنسۇپ. چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ ياراتقانلىرىنى چۈشىنىدىغان ئالىيجاناپ ئادەملەردۇر.
    بىز ئىلىم- پەن دۇنياسىدا يەنە تارىختىكى ئالدىنقى قاتارغا ئۆتەلەمدۇق–يوق؟ مەن سەمىمىيلىك بىلەن شۇنى كۆرسىتىمەنكى، ئەگەر پۈتكۈل جەمئىيەت، بولۇپمۇ ياشلىرىمىز ئەنە شۇنداق ئۈمىدلىك نىشاننى كۆزلەيدىغانلا بولسا، بىز چۇقۇم ئۇ نىشانغا يىتەلەيمىز. ئۆزىمىزنىڭ تارىخى تەجرىبىسى ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ تەجرىبىسىگە ئاساسلانغاندا، شۇنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلىشىمىز كىرەككى، ئىلىم- پەندە ئاسان يول يوقتۇر. خەلق ئىگىلىكىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتىنىڭ بىر پىرسەنتىدىن ئىككى پىرسەنتىگىچە بولغان قىسمىنى ئاساسىي پەنلەر ۋە ئومۇمى پەنلەرنى تەتقىق قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا ئاجرىتىشنى قولغا كەلتۈرىشىمىز كىرەك. كەم دىگەندە بۇنىڭ ئوندىن بىر قىسمىنى خاس ھالدا نۇقۇل ئىلىم- پەننى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ئاجرىتىشىمىز كىرەك. ياپۇنىيە مىڭجى يىلىدىكى ئىسلاھات دەۋرىدە شۇنداق قىلدى. ئەينى ۋاقىتتىكى تيەنخۇاڭ پادىشاھ تەختكە چىقىش نۇتۇقىدا:«بىلىم مەيلى ئۇ يەرشارىنىڭ ھەرقانداق يىرىدە بۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز ئۇنىڭغا ئېرىشىشمىز لازىم.» دېگەنىدى. بۇنىڭدىن 60 يىل ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ شۇنداق قىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيسىنىڭ خادىملىرى كۆپەيتىلدى ھەمدە ئۇلار بارلىق ساھەلەردە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نىشاننى ئوتتۇرغا قويدى. بۈگۈنكى كۈندە سوۋېت پەنلەر ئاكادېمىيسى بىر مىليۇندىن ئارتۇق ئالىم توپلانغان ئاپتۇنومىيلىك تەشكىلات بولۇپ قالدى. كىشىنى زوقلاندۇرىدىغان سوۋېت ئىتتىپاقى تۈزۈمى ئاستىدا، ھەرقايسى تەتقىقات ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغان ئالىملارغا ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئۇلار تۈرلۈك ئالاھىدە ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولماقتا.
    جەمئىيتىمىزدە بىزنىڭ ئەنە شۇنداق قىلىشىمىزغا يول قويۇلامدۇ-يوق؟ ھۆكۈمىتىمىز بىلەن ۋاقىتلىق پىكىر-ئىختىلاپلىرى بولغان دۆلەتلەردىن كەلگەن ئالىملارنى كەمسىتىمىزمۇ-يوق؟ ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى توختىتىپ قۇيىمىزمۇ-يوق؟ دېگەن سۇئاللارنى قويۇپ بېقىشىمىز كېرەك.
    مەن بۇ سۆزۈمدە باشتىن-ئاخىر ئىسلام ۋە ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئىلىم-پەن جەھەتتە ئىتتىپاق تۈزۈش مەسىلىسى ئۈستىدە توختالدىم. گەرچە بۇ دۆلەتلەردە ھازىر سىياسى جەھەتتىن ئىتتىپاق تۈزۈشكە مۇمكىن بولمىسىمۇ، لېىن ئىلىم-پەن ئىتتىپاقى ئەينى زاماندا، يەنى ئىسلام ئىلىم-پېنىنىڭ ئۇلۇغ دەۋرىدە مەۋجۇت ئىدى. بۇ خىل ئىلىم-پەن ئىتتىپاقىنى ئاڭلىق تۈردە تەشكىللەش زۆرۈرۈ. بۇ ئىتتىپاق ھۆكۈمىتىمىز ۋە ئالىملىرىمىزنىڭ مەنىۋى ۋە ماددى جەھەتتىن يەنىمۇ قوللىشىغا مۇھتاج. بۈگۈن بىز ئىسلام، ئەرەب ئەللىرىدىن كەلگەن ئالىملار كىچىك بىر تەشكىلات تۈزدۇق. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىلىم – پەن مەنبەسى ۋە ئىلىم – پەن ئىجادىيەت كۆلىمى، خەلقئارا سەۋىيسىنىڭ يۈزدىن بىرىدىن ئوندىن بىرىگىچە توغرا كىلىدۇ. بىز چۇقۇم بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ئادەم ۋە ماددى كۈچلەرنى يىغىپ، خۇددى بىر ئەمەلىي مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغان تەشكىلاتتەك خىزمەت قىلىشىمىز كىرەك.
    بىز يالغۇز بىر مۇنچە ئايرىلىپ قېلىشلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارالىق نورمال سەۋىيدىنمۇ ئايرىلىىپ قېلىشقا دۇچ كېلىۋاتىمىز. بىزنىڭ دۆلەتلىرىمىزنىڭ ئىلىم- پەننى باشقۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن غەربنىڭ ياكى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيسىنىڭ ئىلىم- پەن تەشكىلاتلىرىدىكى ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى ئوتتۇرىسدا بىر چوڭ ھاڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.
    يىغىپ ئېيتقاندا، ئىسلام ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىدا ئىلىم- پەننىڭ گۈللىنىشى تۆۋەندىكى بەش شەرتكە باغلىق، بۇلار: مەجبۇرىيەتنى قىزغىنلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىش؛ مەرتلىك بىلەن ياردەم قىلىش؛ بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش؛ ئىلىم –پەن ئىشلىرىدا ئۆزى-ئۆزىنى باشقۇرۇش؛ خەلقئاراغا يۈزلىنىش قاتارلىقلاردۇر.
     ئۈچ مۇراجىئەت
    مەن نىمە ئۈچۈن ئىلىم ئىجاد قىلىش ئىشلىرىنى ناھايىتى قىزغىن تەشەببۇس قىلىمەن؟ بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، بىزدە ئاللاھ ئاتا قىلغان كۈچلۈك ئىلىم ئېلىش ئارزۇسى بولۇشتىن باشقا، بۈگۈنكى شارائىتتا بىلىم-كۈچ، ئەمەلىي پەن- ماددى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرىدىغان ئاساسلىق ۋاستە بولۇپ قالدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر سەۋەب شۇكى، بىز خەلقئارا ئىجدىمائىيەتنىڭ ئەزاسى بولساقمۇ، باشقىلار بىزنى كۆزگە ئىلمايدۇ. بىز بىلىمنى ئىجاد قىلغان كىشلەرنىڭ ئەيىبلىشى ۋە مەسخىرىسىگە ئۇچراۋاتىمىز. مەن سۆزۈمنى ئۈچ مۇراجىئەت بىلەن ئاياغلاشتۇرماقچىمەن. بىرىنچى مۇراجىئىتىم، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئىشلەۋاتقان بارلىق ئالىملارغا ۋە كەسىپداشلىرىمغا، ئىككىنچى مۇراجىئىتىم ئۆز تەلىماتلىرى ئارقىلىق جەمئىيتىمىزنى ئالغا يېتەكلەۋاتقان خادىملارغا، ئۈچىنجىسى بولسا دۆلەتلىرىمىزنىڭ رەھبىرىي خادىملىرى ۋە مەمۇرىي باشقۇرۇش خادىملىرىدىن كۈتىدىغان ئۈمىد. مەن سۆزۈمنى ئالدى بىلەن قېرىنداشلىرىمغا ۋە ئالىملارغا مۇرجىئەت قىلىشتىن باشلايمەن. مۇنداق پەرەز قىلايلى،ئەگەر سىزنى پەن ۋە ئەمەلىي پەنگە زۆرۈر بولغان بارلىق ئۈسكۈنە ۋە ياردەملەرگە ئېرىشتى دەيلى،ئەگەر سىزنىڭ تەتقىقاتىڭىز كەلگۈسىدە ئەمەلىي قوللىنىلسا، سىلەرنىڭ ئۆز تەشكىلاتىڭلاردا ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىڭلار بولسا، ئۆز جەمئىيتىڭلارنى تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىڭلارنى زېھىن قۇيۇپ ئىشلىشىڭلارغا ئىمكانىيەت بولسا، چەتئەللەردىكى ئالىملار سىلەرنى بۇ ئىلىم – پەننى گۈللەندۈرۈشتىكى يىتەكچىلىك رولۇڭلارنى جارى قىلدۇرۇشقا تەكلىپ قىلغان بولاتتى. ئۇ ھالدا سىلەرنىڭ تەتقىقات ئورنۇڭلار بىرلەشكەن ئىسلامىيەت ئىلىم پەن ئىتتىپاقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلانلارنى تۈزگەن بولاتتى. نىمە ئۈچۈن بىزنىڭ ئىسلام دۆلەتلىرىدە ماتىماتىكا پېنىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورۇنلىرى يوق؟ بۇنىڭغا ھەيرانمەن. ئەگەر بىزنىڭ ئۆز ئادەملىرىمىز كەم بولىدىغان بولسا، ئۇ ھالدا مۇشۇ پەن ساھەسىدە ساھىبخان دۆلەت بولۇپ، خەلقئارادا ھەمكارلىق تەتقىقات ئېچىۋېتەيلى. بۇنداق قىلغاندا خەلقئارالىق ئىلىم – پەن ساھەسىدىكى قەرزىمىزنى ئادا قىلغىنىمىزدىن سىرت، بىزگىمۇ پايدېسى كۆپ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، INTRO يادرو يېغىلىش تەتقىقات تەشكىلى ۋە خەلقئارا ئىلىم – پەن بىرلەشمىسىنىڭ خەلقئارالىق يەرشارىنى تەكشۈرۈپ كۆزىتىش پىلانىغا ئوخشاش ئىشلارغا بىزنىڭ مەملىكىتىمىزنىڭمۇ قاتنىشىشنى ياكى غەيرىي رەسمىي يۇسۇندا قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن؛ ئىككىنچى مۇراجىئىتىم، ئارىمىزدىكى ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي تەلىماتى بىلەن ئىجدىمائىيەتنى ئاۋات قىلىپ تۈزەۋاتقان كىشلەرگە قارىتىلىدۇ. بىز قۇرئان كەرىمدىكى تەلىملەرنى ئۇنتۇپ قالمايلى، ھەمدە بۇ تەلىملەرنىڭ ئىجتىمائىي نىشانلىرىمىزغا ئورتاق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمايلى. ئىسلام ئەللىرىدىكى مەكتەپلەر ۋە دەرىسلىكلەر ئىبىن سىنا دەۋرىدىكى ئىلىم – پەنلەر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ھازىرقى زامان ئىلىم – پەنلىرىدىكى چۈشەنچىلەرنى تەتقىق قىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى لازىم؛ ئەمدى مەن ئەڭ ئاخىرقى مۇراجىئىتىمنى بىزنىڭ دۆلەت ئىشلىرىمىزغا مەسئۇل بولۇۋاتقان كىشلىرىمىزگە قارىتىمەن. ئىلىم- پەن مۇھىم نوقتا. چۈنكى ئىلىم – پەن ئەتراپىمىزدىكى ئالەمنى ۋە ئاللاھ لايىھىلىگەن دۇنيانى تۈپ نېگىزىدىن چۈشىنىدۇ. ئىلىم – پەننىڭ مۇھىم بولۇشىدىكى يەنە بىر مۇھىم سەۋەپ شۇكى، پەندىكى كەشپىياتلار بىزگە ماددىي مەنپەئەت بېرىدۇ. قىسقىسى،ئىلىم – پەن ھەممىلا يەرگە ئومۇميۈزلۈك باب كىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ، شۇنداقلا ئەرەب ۋە ئىسلام مىللەتلىرىنىڭ ھەمكارلىشىشىدىكى ۋاستە بولالايدۇ. لېكىن بىز خەلقئارا ئىلىم – پەن ئىشلىرىدا قەرزدارمىز. بىز چۇقۇم غورورىمىزغا تېگىدىغان بۇ خىل قەرزنى ئادا قىلىشىمىز كېرەك.

    ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئىشىنى ئاسان قىلغاي ،ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ھىدايەت ئاتا قىلغاي! ئامىن!
1981 -يىلى كۇۋەيت .

مەنبە: «ئەرەب-ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئىلىم-پەن ئىجادىيەت قۇدرىتى»،  قىزىققانلار مۇشۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.

نەشىرىياتى: جوڭگو پەننى ئوموملاشتۇرۇش نەشىرىياتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر-قازاق شۆبسى.

2

تېما

37

دوست

5179

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   3.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3167
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 26
تۆھپە : 1627
توردىكى ۋاقتى: 340
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-12
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-14 12:46:28 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdulquddus تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-14 12:54  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
كۆپتىن - كۆپ ئەزىز ۋە مۆھتەرەم قېرىندىشىم!
ئەتتىگەندە تۇنجى بولۇپ بۇ يوللانمىڭىزنى كۆرۈپ بەكمۇ خۇرسەند بولدۇم!
ئاللاھ ئىلمىڭىزنى تېخىمۇ زىيادە قىلغاي، ئامىن!
دىن بىلەن (ئىسلام دىنىنى كۆزدە تۇتىمەن) پەننى بىر - بىرگە دۈشمەن قىلىپ كۆرسىتىۋاتقان ۋە   ئاللاھ دېگەن نامنى كۆرسە 70 پۇشتىغىچە نەپرىتى تۇتۇپ كېتىدىغان نائەھلى ئىنسانلار مانا بۇ يازمىنى ئوبدانراق تەھلىل قىلىپ كۆرگەي.
ئاللاھ ئىنسانلارنى ۋە بۇ دۇنيانى ئۆزىنىڭ قۇدرىتى ۋە ھىكمىتى بىلەن ياراتقان. قۇرئانى كەرىمنى تەتقىق قىلغانلىكى ئادەم بۇ نوقتىنى تۇنۇپ يېتەلەيدۇ.
ئاللاھنىڭ تەلىماتى ئىلىم - پەننىڭ ھەر قانداق تۈرىگە ، ئىجتىمائىي ، تەبىئى پەن ساھەلىرىگە تامامەن يېتەكچى بولالايدۇ. مېنىڭ ئالدىنقى بىر قانچە ئىنكاسلىرىمدا بۇ نوقتا كۆزدە تۇتۇلغان. نۆۋەتتە شۇنى تەكىتلەيمەنكى، مائارىپقا ئىسلامىيەتنى يېتەكچى قىلماي تۇرۇپ  ياخشى يۈزلىنىشكە مەڭگۈ ئىگە بولغىلى بولمايدۇ!!!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

37

دوست

5179

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   3.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3167
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 26
تۆھپە : 1627
توردىكى ۋاقتى: 340
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-12
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-14 12:50:13 |ئايرىم كۆرۈش
مەرھۇم ئابباس بورھان ئەپەندىمنىڭ «دانىشمەن دوكتۇر ئابدۇسالام » دېگەن كىتاۋى كىمدە بار؟ مۇمكىن بولسا خەۋەرلىشىپ قالساق.

0

تېما

1

دوست

122

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   40.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11480
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 40
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-14
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-14 13:39:13 |ئايرىم كۆرۈش
cooloff يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 13:10
ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر مائا ...

ئۇلارنىڭ مائارىپتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئەلۋەتتە ئۇلانىڭ ئۆزىگە خاس دۇنيا قارىشى ۋە تىرىشچانلىقىدىن قولغا كەلگەن،لېكىن  بىز مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن  ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئۆگەنگەندىن تاشقىرى ئۆزىمىزگە خاس بولغان مائارىپ ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشىمىز زۆرۆردۇر.

66

تېما

24

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13594
توردىكى ۋاقتى: 6677
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-12
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-14 13:42:23 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-14 13:48  
abdulquddus يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 12:46
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
كۆپتىن - كۆپ ئەزىز ۋە مۆھتەرەم قېرى ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ئابدىقۇددۇس ئەپەندىم!
سىز ئويغۇر تېلىنىڭ فۇنتىكىلىق ئەۋزەللىكلىرىنى ئىسلامنى يېتەكچى قىلىپ بايقىغانمۇ ياكى بۇ تىلنى بېۋاستە تەكشۆرۈش ئارقىلىق بايقىغانمۇ؟
ئىسلامغا كىرمىگەن بىرەر پەرەڭ تەتقىقاتچى ئۇيغۇر تىلىنى ئەستايىدىل تەكشۈرسە سىز بايقىغانلارنى بايقىيالامدۇ ياكى بايقىيالمامدۇ؟...

__________
تېمىدىن تەرمە:

ئىلىم – پەن ھەممىلا يەرگە ئومۇميۈزلۈك باب كىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ، شۇنداقلا ئەرەب ۋە ئىسلام مىللەتلىرىنىڭ ھەمكارلىشىشىدىكى ۋاستە بولالايدۇ. لېكىن بىز خەلقئارا ئىلىم – پەن ئىشلىرىدا قەرزدارمىز. بىز چۇقۇم غورورىمىزغا تېگىدىغان بۇ خىل قەرزنى ئادا قىلىشىمىز كېرەك.

مانا بۇ گەپنىڭ پوسكاللىسى!

0

تېما

3

دوست

1427

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   42.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19948
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 454
توردىكى ۋاقتى: 216
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-9
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-14 18:16:12 |ئايرىم كۆرۈش
uduni يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 16:59
ئ‍اچاڭ ياكى سىڭلىڭ ۋە ياكى قىزىڭنى مىنىڭ قېشىمغا ئ‍ۋە ...

بۇنداق سەت يامان گەپلەربىلەن ئۇلارنى قايىل قىلماقتايوق ،ئسلامغا تىخىمۇ ئۇچقىلىپ ،دۇنيادىكى ئەڭ ئسىل ئەڭ توغرا بىر دىنغا ھاقارەت قىلىسىزخالاس . دوستۇم.قىرىندىشىم ياخشى سوزلۇك بۇلۇپ تىرشىپ بىلىم ئگەنلەپ ئۇلارغا ئۇزىنىڭ خاتالاشقانلىقىنى ھەق يولنىڭ پەقەت ۋە پەقەت ئىسلام ئكەنلىكىنى تۇنۇتۇپ قۇيىشىمىز كىرەك دەپ ئۇيلايمەن ،

0

تېما

0

دوست

633

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   26.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34535
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 180
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-3
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-14 18:18:53 |ئايرىم كۆرۈش
cooloff يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 13:10
ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر مائا ...

ئىسلامنى يىتەكچى قىلغانمۇ قىلمىغانمۇ سىز قاندا بىلىسىز ئۇنى

2

تېما

37

دوست

5179

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   3.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3167
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 26
تۆھپە : 1627
توردىكى ۋاقتى: 340
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-12
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-14 20:18:19 |ئايرىم كۆرۈش
cooloff يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 13:10
ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر مائا ...

       ئىنساننى ئاللاھ ياراتتى.  ئاللاھ ئىنساننى ياراتقاندا بولسا مېڭە بىلەن شۇ مېڭىنىڭ تەپەككۈر قىلىش پونكىسسىيىسىنى بىللە ياراتقان. شۇڭا ئىنسان ئۆزىنىڭ ھەر قانداق «تەرەققىيات» تۈسىنى ئالغان يېڭىلىقلىرىنى «مەن ياراتتىم» دېيىشكە ئەسلا ھەققى يوق! ئەگەر «مەن ياراتتىم» دەپ چوڭچىلىق قىلسا تەكەببۇر نائەھلى شەيتاندىن پەرقى قالمايدۇ ۋە دوزىخى بولۇپ كېتىدۇ.
      ئامېرىكا ۋە باشقا جايلاردىكى بارلىق «تەرەققىيات»چىلار بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس ۋە سىرتىدا بولماسلىغىمۇ كېرەك!
     تۈۋەندىكى ئادرېسنى ئېچىپ كۆرۈپ باققايسىز.

./thread-12456-1-1.html

     خەير، جەنابىي ئاللاھ تەۋپىق – ھىدايەت ئاتا قىلغاي، ئامىين!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )