- تىزىملاتقان
- 2014-2-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1065
- نادىر
- 0
- يازما
- 63
ئۆسۈش
6.5%
|
nirioyna يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 22:19
مۇشۇ مەكتەپكە لىكسىيە سۆزلىگىلى كەلگەنلەمۇ مانى بىلە ...
شۇەنزاڭ(تاڭسىڭ)نىڭ ساياھەت خاتىرسىنى كۆرگەنلەر بىلىدۇ،مىلادى 600-يىللاردا تۇرپان، كۇسەن،خوتەنلەر بۇددا دىنىنىڭ مەركەزلىرىدىن ئىدى،تاڭسېڭنىڭ يېزىشىچە ئەينى چاغدىكى كۈسەندە نۇرغۇن بۇددا دىنى ئولىمالىرى بولغان،ئۇلار ئۆز ئارا ئىلمى مۇنازىرىلەر قىلىشىپ تۇرغان،تاڭسىڭمۇ شۇ مۇنازىرىگە قاتناشقان.لېكىن بۇ چاغدا ئورخۇن دەريا بويىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى كۆك تۇركلەر بىلەن بىرلىكتە شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان.تاڭسىڭ ماۋرا ئۇننەھىر رايونىنىڭمۇ شامان دىنىدا ئىكەنلىگىنى يازغان،تاڭسىڭ تۇرپان، كۇچادا قىزغىن قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن بولسا،سەمەرقەنتلىكلەر ئۇنىڭغا ئازراقمۇ قىزىقمىغان. بىزنىڭ كۆپ دىنغا ئېتىقاد قىلىشىمىز،كۆپ خىل يېزىق ئىشلىتىشىمىز بىزنىڭ ئىتنىك ئاساسىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك.مەن قېرىنداشلىرىمىنىڭ ئالىمىمىز ئابدۇشكۇر مۇھەممەت ئىمىننىڭ چىقارغان خۇلاسىسىنى كۆپرەك مۇلاھىزە قىلىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن،ئالىمىمىز بىزنىڭ ئەسلى تىگىمىز ساك دەپ خۇلاسە چىقاردى،ھىندىستاندا بۇددا دىنىنى ۋۇجۇتقا كەلتۇرگەن ئاريانلار ۋە ھازىرقى ئىرانلىقلار بىلەن نەسىلداش،تۇركنىڭ ئەسلى تىگىمۇ ساك.كۇچادىن چىققان داڭلىق دىنى ئولىما كۇماراجىۋانىڭ دادىسى ھىندىستانلىق دىيىلىدىكەن.بۇددا دىنىغا ئىشەنگەن زامانلىرىمىزدا شۇ دىن بىلەن بىرلىكتە شۇ دىن ئۈچۈن خىزمەت قىلغان يېزىقلارنىمۇ ئۆزلەشتۇرىشىمىز لازىم بولدى.سوغدى يېزىقىنى ئۆزىمىزنىڭ يېزىقى دىسەك خاتا بولماس،چۇنكى تارىخى ماتىرياللارغا قارىغاندا بىزنىڭ تەركىۋېمىزدە سوغدىلار ئىنتايىن كۆپ بولغان،نىستۇرىيان دىنى بىلەن سۇرىيە يېزىقى بىزگە يىتىپ كەلدى،ئىسلام دىنى بىلەن بىللە ئەرەپ يېزىقى بىزگە يىتىپ كەلدى.ئالىمىمىز ئېيتقاندەك بىزنىڭ ئەژداتلىرىمىز ئوتتۇرا شەرىقلىقلەر بىلەن بىرلىكتە ياشاشنىڭ ماھىيىتىنى تەڭرىگە باغلاپ كەلدى،شەرقى ئاسىيالىقلار پادىشاھ ۋە ھوقوققا باغلىدى،ياۋرۇپالىقلار بولسا ياشاشنىڭ ماھىيىتىنى تەبىئەتكە باغلىدى.بىز بىر دىن مىللىتى،بىزنىڭ ھەر بىر قېتىملىق ئېتىقاد ئۆزگەرتىشىمىز كەسكىن كۆرەشلەر نەتىنجىسىدە بولدى.زارا ئاستىرا دىنىدىن مانى دىنىغا ئۆتۇش ئورخۇن خاندانلىقىنىڭ يىمىرىلىشىگە سەۋەپچى بولدى دىگۇچىلەر بار.بۇددا دىنىدىن ئىسلام دىنىغا ئۆتۇشمۇ قانلىق جەڭلەر ئارقىلىق بولدى. |
|