- تىزىملاتقان
- 2012-8-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1795
- نادىر
- 0
- يازما
- 114
ئۆسۈش
79.5%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arman312 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-18 17:47
گەرچە مەن سادىق ئىسلامىزىمچىلاردىن بولمىساممۇ،بەزىلەرنىڭ سۇئالىغا بىلگىنىمنى يېزىشىنى لايىق تاپتىم:
ئەگەر دوزاخ بولمىسا،يەنىلا دىنغا،خۇداغا ئىتىقاد قىلامتىڭىز؟
بۇ سۇئاللار ..ھەممە ئىشلاردا داۋاملىق مەنپەئەتنى ئالدىنقى ئۇرۇنغا قۇيۇپ پىكىر يۈرگۈزۈشكە ئادەتلەنگەنلىكتىن كىلىپ چىققان.
ئالدىنقى يىللاردا «ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۈيۈپ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش» باش تېمسىدىكى پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلۇپ،دىنى ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ،داۋاملىق پارتىيە ھۆكۈمەتتىن ئاغىرنىپلا يۈرۈيدىغان كىشلەرنىڭ،«ئالىمەن»نىلا ئەمەس،«مەن نىمە بىرەلەيمەن» ،ھېچ بولمىسا«مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش»نى بولسىمۇ بىلىپ،مۇقىملىققا تۆھپە قۇشۇپ،ۋەتەنپەرۋەرلىك ھسياتىنى ئۇرغۇتۇش مەقسەت قىلىنغان.«شىرىن چۈش»پروگىراممىسىنىڭ2-سانىدىمۇ ئازات سۇلتان ئەپەندىم مۇشۇ مىننەتدارلىق ھەققىدە قەيىت قىلىپ ئۆتتى.
يۇقارقىدەك سۇئالغا قارىتا ھەدىستە مۇنداق كەلگەن:
ساھابىلەر مۇھەممەت ئەلەيھىسالامدىن،ئى رەسۇلۇللىلاھ،بىز مۇشۇ ئەمەللىرىمىز بىلەن جەننەتكە كىرەلەمدۇق؟ دەپ سورىغان،بۇنىڭغا جاۋابەن:مىنىمۇ ئەمەللىرىم جەننەتكە ئېلىپ كىرەلمەيدۇ،پەقەت ئاللاھ ئۆز رەھمىتى بىلەنلا جەننەتكە كىرگۈزىدۇ(ھەدىسنىڭ ئاساسى مەزمۇنى شۇ،تۇلۇق تىكستىنى بىلىدىغانلار قالدۇرۇپ قويسا بۇلىدۇ).
مەزكۇر ھەدىس دەل :ئىسلام دىنىدا ياخشى ئەمەلنى قىلشنىڭ مەقسىتى جەننەتكە كىرىش ئۈچۈنلا ئەمەس،يامانلىقتىن يېنىش دوزاختىن ساقلىنش ئۈچۈنلا ئەمەس،بەلكى ھەممە ئىبادەت پەقەت ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈنلا بۇلۇش كىرەكلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
شۇڭا دىيلىدۇ.مۇسۇلمانلار ئاللاھ بىلەن سودا قىلىشمايدۇ(يەنى ياخشىلىق قىلدىم جەننەتنى بەر دەپ....ۋە ياكى يامانلىقتىن ياندىم دوزاختىن قۇتۇلدۇر.....).بەلكى «كشىنىڭ ھەربىر تىنىقى،ھەربىر ئۈگىسى ئۈچۈنمۇ ھەركۈنى بىردىن سەدىقە قىلش لازىم بۇلىدۇ» دىگەن ھەدىسنىڭ رۇھى بۇيىچە،ئاللاھقا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ قۇلچىلىق قىلىدۇ خالاس.
--------------------------
ھازىر«دىنى ئەسەبىي ئىدىيە»نىڭ تەسىرىنى تۈگىتىش مۇقىملىقنىڭ ئىھتىياجى،ئەمما ئەسەبىيلىك يالغۇز دىندىلا (يەنى ئىسلام دىنىدىلا) ئەمەس،مانا مۇشۇنداق ئۆزلىرىنى«ئەركىن پىكىرچىلار» دەپ ئاتىۋالغان ياكى ئويلىۋالغانلاردىمۇ بار.شۇڭا ھەم مۇشۇ خىل «ئەركىنىزىم»چىلاردىنمۇ ئۈمىد قىلدىغىنىمىز،ئۈزىڭىزنىڭ پىكىرىنى ياقلاش ئۈچۈن،باشقىلارنىڭ ئابرۇيىغا،دىنى ئىتىقادىغا،دىنىغا تىل تەككۈزمەڭ،ھاقارەت قىلماڭ.چۈنكى ئاتىئىزىمچى كومپارتىيمىزمۇ نۇرمال،قانۇنلۇق دىنى ئىتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغدايدۇ.بىز تور مۇنبىرىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەم مۇھتاجمىز.
----------
بىر كىشىنىڭ چىشى ئاغرىپ قېلىپ دوختۇرغانىغا بېرىپ كۆز دوختۇرىغا كۈرۈنۈپ ئەھۋالنى دەپتىكەن،دوختۇر تۇرۇپ كىتىپ:سىز دوختۇرخانىغا توغرا كەپسىز،ئەمما بۈلۈمنى توغرا تاپالماپسىز دەپ چىشى دوختۇرىنىڭ ئىشخانىسىنى كۆرسىتىپ قۇيۇپتۇ،دوختۇر ئۇنىڭغا رىتسىپ يېزىپ بىرىپتۇ،بىمار شۇ رىتسىپ بۇيىچە دورىلارنى تەقلەپتۇ،ئەمما دورىنى ئاچچىق،پەرھىزى كۆپ ۋە ياكى ئاللىقانداق سەۋەپلەر بىلەن يىمەپتۇ.ئارلىقتا چىش ئاغرىقى توختاپ قالغاندەك بۇلۇپتۇ-يۇ،ئەمما بىر مەزگىلدىن قايتا قوزغۇلۇپتۇ.ھېلىقى دورىلارنى يەي دىسە دورىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن،شۇڭا ئامالسىز ھېلىقى دوختۇرخانىدىكى دوختۇرنى يەنە ئىزدەپ بېرىپتۇ.
دوختۇر ئۇنى تۇنۇپ،يەنە نىمە بولدى؟ دەپ سوراپتۇ.
بىمار:ھېلىقى چىش ئاغرىق ساقايمىدى...........دەپ دورىلارنى يىمىگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ.
.........................................
ھېكايە مۇشۇ يەردە تامام....ھازىر جەميتىمىزدە دوختۇرخاننى تاپالىغان بىلەن «بۈلۈم»نى تاپالمىغانلار،دوختۇر ۋە دورىنى تاپقان بىلەن تەكچىگە ئېلىپ قۇيۇپ،«كسلى» ساقايماي،«دوختۇرخانا» ياكى »دوختۇر» دىن ئاغرىنىپ يۈرۈۋاتقانلار بار.............
بۇ ھىكاينىڭ قۇرۇلمىسىنى تەھلىل قىلماي،مەنسىگە ئالاھىدە دىققەتنى ئاغدۇرغايسىلەر،بىھۇدە تالاش تارتىشقا سەۋەپ بولمىغاي.بۇ ھەم مەزكۇر تىمىدىكى بەزى تورداشلارنىڭ ئىنكاسىدىن مەلۇم بولغان كۆز قارىشغا جاۋاپ
----------------------- |
|