- تىزىملاتقان
- 2012-2-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4250
- نادىر
- 2
- يازما
- 178
ئۆسۈش
75%
|
1017695944 يوللىغان ۋاقتى 2015-4-6 13:18
نىمىگە ئاساسەن بۇنى ئەپقاچتى گەپ دەيسىز ؟؟؟ ئەمەلىي ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم، قېرىندىشىم.
ئۇ سىن نۇسخىسىنى مەنمۇ كۆرگەن، لېكىن ئۇ سۆزلىگۈچى تېببىي ساھەدىكى كىشى بولماستىن، بەلكى دىننىي ساھەدىكى شەخستۇر. ئەيدىزنى ساقايتىش نۆۋەتتە دۇنيا كۆز تىكىۋاتقان مەسىلە. ئەگەر يەمەنلىك تېۋىپ ئەيدىزنى سەللىمازا ساقايتىدىغان ئىش بولسا، دۇنيا ئالىملىرى ئېنىقلا بۇنىڭغا نەزەر سالىدۇ. بەلكىم يەمەنلىك تېۋىپ ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئىممۇنتېت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان دورىنى ياسىغان بولۇشى مۇمكىن، بۇنداق بولغاندا، ئەيدىزنى ساقايتالمىغان تەغدىردىمۇ، بىمارنىڭ ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولىدۇ، نورمال ئىقتىدارى ئەسلىگە كېلىدۇ، لېكىن تېنىدە يەنىلا ئەيدىز ۋىرۇسى مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇنداق داۋالاشنى ئاپتونوم رايونىمىزدىمۇ قىلالايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخى ھەقسىز.
ئامېرىكىدا بىئولوگىيە ساھەسىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر دوكتور بىلگەجانمۇ بۇ ھەقتە ماقالە يازغانلىقى ئېسىمدە. كېيىن بىر ئىنكاستىن كۆرۈشۈمچە، تۈركىيەدىكى يىغىندا سۆزلىگەن ئۇيغۇر موللاممۇ ئۆزىنىڭ ئالدىراپ شۇ گەپنى دەپ قويغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانمىش. كېسەل داۋالاش دىننىي ساھەنىڭ ئىشى ئەمەس، ئەلۋەتتە كېسەلنىڭ ساقىيىپ كېتىشىنى ئاللاھتىن تىلەيمىز، لېكىن ئۇنىڭغا ئۆزىمىز سەۋەب ئىزدەيمىز، بۇ سەۋەب موللامنىڭ تەبلىغى بولماستىن، بەلكى تېببىي داۋالاش بولۇشى كېرەك.
مىش مىش گەپتىن بىرنى دەپ قويغۇم كەلدى، تېببىي ساھەدىكى بىر ساۋاغدىشىمدىن ئاڭلىسام، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بىر ئۆزبىكىستانلىق رايونىمىزدىكى ھەقسىز ئەيدىزنى داۋالاش تۈرىگە قاتناشماقچى بوپتۇ، لېكىن دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو بولمىغاچقا، دوختۇرلار داۋالاشقا ئامالسىز قاپتۇ، لېكىن باشقا تۈردىكى داۋالاشنى پۇل خەجلەپ قىلسا بولىدىكەن. خەقتىن ئاڭلىغان بولغاچقا، مىش مىش گەپ دەپ قويدۇم، ئاشۇ ئۆزبىكىستانلىق بۇ خىل داۋالاشنىڭ ئۈنۈمىنى داۋالىنىۋاتقانلاردىن كۆرمىگەن ياكى ئاڭلىمىغان بولسا، ئەلۋەتتە بۇنى تەلەپ قىلمايتتى.
بىزدە ھازىر يىراقتىكى «موللام داموللام، يېقىندىكى موللام جا موللام» دەيدىغان ئەھۋال ئېغىرمىكىن قانداق، يېنىمىزدىكى ھەقسىز داۋالاشنى قوبۇل قىلماي، كۆرۈپ باقمىغان يەمەنلىك تېۋىپقا تەلۈنىمىز.
ئۈندىداردا ئەيدىزنى داۋالايدىغان دورىنى ساتىدىغان بىرسى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم، ئۇ دورىگەر تېخى 8-سىنىپنىمۇ تۈزۈك ئوقۇمىغان ئىكەن. تېببىي ۋە دورىگەرلىك ساھەسى يۇقىرى سەۋىيەدىكى كىشىلەرنى تەلەپ قىلىدۇ، تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتقىمۇ نومۇرى يۇقىرى ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىنىدۇ، بۇ ھەرگىز چاقچاق قىلىدىغان كەسىپ ئەمەس. ئۇ دورا ساتتى دەسلەپتە ماڭا «دەرس» ئۆتتى، ئاندىن ئۆزەممۇ تېببىي ئوقۇغان ۋە ئەيدىز كەسىپىدە نەچچە يىل ئىشلىگەن بولغاچقا، مەن ئۇنىڭغا «دەرس» ئۆتۈشكە باشلىدىم، سۆزلىرىمنىڭ ئىسپاتلىرى تولۇق، ئەمەلىي بولغاچقا، گېپىمگە سەل قايىل بولدى، لېكىن يەنىلا ئۇ دورىلارنى سېتىشنى خالايدىغاندەك، مەيلى ئىختىيارىڭىز دېدىم ئىچىمدە.
«توپىلاڭدىن توقاچ ئوغۇرلايدىغانلار بولۇشى مۇمكىن» ئەمەس، ئېنىقلا ئوغۇرلايدۇ توقاچنى. 300% پايدا چىقسا ئۆلۈمدىن قورقمايدۇ دېگەن يەردە، 500% پايدا چىقسا ئىمان، ۋىجدان ۋە نومۇس دېگەننى باياملا بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، ساقايمايدىغان كېسەلگە ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچىپ سېتىۋېرىدۇ. ئەيدىز ھەققىدىكى چۈشەنچىسى تۆۋەن كىشىلەر بۇنى راست دەپ بىلىۋېلىپ، بار بېساتىغا شۇ ئاقماس دورىنى سېتىۋالىدۇ. بۇنداق قويۇپ كېتىۋاتقان بىمارلار ئاز ئەمەس. ئەرز قىلاي دېسە ساتقۇچىنى تاپالمىغان ياكى ئىسپات تولۇق ئەمەس. |
|