- تىزىملاتقان
- 2012-2-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4250
- نادىر
- 2
- يازما
- 178
ئۆسۈش
75%
|
Fatiha يوللىغان ۋاقتى 2015-4-8 22:59
ھەممە نەرسىگە دەلىل كېرەكقۇ؟
مەن شۇ دورا ھەق ...
مەن پەقەت توردىكى بىر ئىنكاستىن «خاتا دەپ قويغانلىقىنى ئېتراپ قىلدى» دەپ ئوقۇدۇم، ئەلۋەتتە مېنىڭ بۇ كۆرگىنىم دەلىلگە ياتمايدۇ.
مەن سىزگە بۇرۇن ئېيتقاندەك، مەن تېببىي ساھەدىكى ئادەم، ھەم ئەيدىز خىزمىتىنى نەچچە يىل ئىشلىگەن. مېنىڭ بىلىشىمدىكى ئەيدىزنى تېخى ساقايتىدىغان دورا ياكى دوختۇر چىقمىدى، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارغا مېنىڭ قۇلاق ۋە كۆزۈم ھەر ۋاقىت ئوچۇق!
سىز پەقەت ئاشۇ ئۇستازنىڭ سۆزىدىن باشقا دەلىلگە ئىگە ئەمەسسىز. دىننىي ئىلىم ئۇ تېببىي ئىلىمدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۇ ئۇستازنىڭ دىننىي ئىلىمىگە قەتئىي گۇمانىم يوق، لېكىن تېببىي ئىلىم ۋە مۇناسىۋەتلىك ساۋاتلىرىدىن گۇمانلىنىشقا ئەلۋەتتە ھوقۇقلۇقمەن.
سىزدىن سوراپ باقسام، بىرەر ئەيدىز بىمارنىڭ دورا يەپ سەللىمازا ساقايغىنىنى سىز ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆردىڭىزمۇ؟
سىز پەقەت ئۇ ئۇستازنىڭ دىننىي ئىلىمىگە ئەقىدە قىلىپلا، دېگەن گەپلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئىشنىپ قېلىۋاتىسىز. مەنمۇ بەش ناماز مۇسۇلمان، لېكىن ھازىرغىچە پەزىلەتلىك بىرەر موللامنى ئۇچراتقىنىم يوق، پەزىلەت ئۇلارنىڭ ئاغزىدىلا بار، يۇقىرى سەۋىيەدە ئوقۇغان ئىمام دەرىجىلىك ئۈچ موللامنىڭ ھەممىسى ماڭا بىر قېتىمدىن يالغان گەپ قىلىپ باقتى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۇنچىلىك يالغانچىلىق ھېچقانچە ئىش ئەمەسكەن، لېكىن مەن يالغانچىلىققا ئەشەددىي ئۆچ، ئۆزەمنىڭ زىيىنىغا بولسىمۇ راست سۆزلەشنى ئۆزەمگە يېتەكچى قىلىۋاتىمەن. يەنە كېلىپ، ھازىرقى سەللا كۆزگە كۆرىنىۋالغان موللاملارنىڭ ھەممىسىدە كىبىر بار. ئۇنتۇپ قالماڭكى، شەيتان ھاراق- شاراب ياكى ئوغۇرلۇق قىلىپ دوزاققا مەھكۇم بولمىغان، بەلكى كىبىر سەۋەبىدىن ئاللاھنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغان. ھەر كىم ئىلىملىك بولسا شەيتانچىلىك ئىلىملىك ئەمەستۇ!؟ لېكىن ئۇلارنى دوزاققا باشلاۋاتقىنى دەل شۇ كىبىر. شۇنچە ئىلىملىك ۋە مەرتىۋىلىك تۇرۇپ، بېشىنى تۇپراق كەبى تۆۋەن قىلالىغان ئىنساننى ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىدۇ، ھەتتا ئەتراپتىكى ئىنسانلارمۇ ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ.
گەپ قېيىپ كېتىپ قالدى. دېمەكچىمەنكى، ئىلىم ئۇ پەزىلەتتىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئىلىملىك ئادەمنىڭ پەزىلەتلىك بولۇشى ناتايىن. ئاللاھ ئىنسانغا ئەقىل، ئىرادە ۋە كەيپىياتنى تەبئىي بېرىدۇ، لېكىن ئەخلاق- پەزىلەتنى ئۆزىمىز يېتىلدۈرىمىز. يەنە كېلىپ، ئىلىملەر ئىچىدىمۇ پەرقلەر بار، دىننىي ئىلىمدا كامالەتكە يەتكەن كىشىنىڭ تېببىي ئىلىمنىمۇ بىلىپ كېتىشى ناتايىن. شۇڭا ھەر ئىشنى ئۆزىنىڭ كەسىپ ئىگىسى قىلسۇن، بىزدە قۇشقاچنىمۇ قاسساپ سويسۇن دەيدىغان تەمسىل بار ئەمەسمۇ!؟
سىز بىر دىننىي ئۇستازنىڭلا گېپىنى دەلىل ۋە دەستەك قىلۋالماي، ئەتراپىڭىزدىكى ئەيدىز خىزمىتى ياكى تېببىي خىزمەت بىلەن شوغۇللىنىۋاتقانلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ كۆرسىڭىز، مېنىڭچە ئەڭ ياخشى ۋە ئىشەنچىلىك ئۇقۇمغا ئېرىشەلەيسىز. ئەگەر ئۇنىڭغا ۋاقتىم يەتمەيدۇ دېسىڭىز، توردىن ئىزدىنىپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئېنگلىزچە ياكى خەنزۇچە بىلسىڭىز، ئۇنداق ئۇچۇرلار شۇ تىللاردا كۈرمىڭ. ھەر ئىشنى كەسىپ ئىگىسىگە قويۇپ بېرىڭ، ھەرگىزمۇ ئۆز ھېسىياتىڭىزنى ياكى ئەقىدىڭىزنى ئارىلاشتۇرىۋالماڭ! |
|