- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 16407
- نادىر
- 2
- يازما
- 712
ئۆسۈش
  16.02%
|

توي قىلغان تۇنجى يىلى ئەر - خۇتۇن ئىككىڭلار ھەر قانداق ئىشتا بىر - بىرىڭلارغا يول قۇيۇسىلەر ، 10 يىلدىن كېيىن بىر - بىرىڭلارغا ئامالسىز يول قۇيۇدىغان بۇلىسىلەر .
توي قىلغان تۇنجى يىلى ئايالىڭىز خىزمەتتتىن كېچىكىپرەك كەلسە ياكى ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كېتىپ كەچ قالسا ، ئەنسىرگىنىڭىزدىن دېرىزە ئالدىغا تۇرۇپ ئۇنىڭ كېلىشىنى تۆت كۆز بېلەن كۈتىسىز . 10 يىلدىن كېيىن سىز يېرىم كېچىگىچە كەلمىسىڭىز ئۇيقۇسىز ھالدا دېرىزە ئەينىكىدىن قارايدىغان ئايالىڭىز بۇلىدۇ .
توي قىلغان تۇنجى يىلى دوسلىرىڭىز بىلەن ئولتۇردىغان بۇلۇپ قېلىپ ئايالىڭىزدىن 100يۋەن سورىسىڭىز يەتمەي قالمىسۇن دەپ 200 يۋەن بېرىدۇ ، 10 يىلدىن كېيىن ئىدارىدىن بەرگەن مىڭ يۋەن مۇكاپەت پۇلىنى چۈشتە ئايالىڭىزگە بېرىپ چۈشتىن كېيىن 100 يۋەن سورىسىڭىز ، ئايالىڭىز كۆزىنى چەكچەيتىپ تۇرۇپ << نىمە قىلىسىز ئۇنچىۋالا كۆپ پۇلنى >> دەيدۇ .
تۇي قىلغان تۇنجى يىلى ئايالىڭىز ئۆيدىكى ئۇششاق - چۈششەك ئىشلار ئۈچۈن خاپا بۇلۇپ قالسا ئۇدۇللا بېرىپ سىزنىڭ ئانىڭىزغا دەيدۇ ، 10 يىلدىن كېيىن ئۆيدىكى ئىشلارنى ئىچىڭىزگە پاتۇرالماي ھاراقنىڭ كۈچى بىلەن دوسلىرىڭىزغا دەيسىز ، دوسلىرىڭىز ئايالىغا دەيدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئەتىسىدىن باشلاپ سىلەرنىڭ ئۆيدىكى ئىشلار داستانغا ئايلىنىپ ھەممە يەردە سۆزلىنىدۇ .
توي قىلغان تۇنجى يىلى سىز ئائىلىدىكى ئەڭ مۇھىم ئادەم بۇلىسىز . 10 يىلدىن كېيىن بۇ ئورۇنغا تەبىئىي ھالدا بالىڭىز ئولتۇردۇ ، سىز بولسىڭىز ئىككى بايغا بىر مالاي بۇلىسىز .
توي قىلغان تۇنجى يىلى خىزمەتتە نەتىجە يارىتىپ ئىلغار شەخس بۇلۇپ باھالانسىڭىز ، گېزىت - ژورناللاردا ماقالىڭىز ئېلان قىلىنسا ، ئايالىڭىز سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تاماقلارنى ئېتىپ سىزنى تەبىرىكلەيدۇ . 10 يىلدىن كېيىن بېرىلگەن مۇكاپەت ياكى قەلەم ھەققىنى سۈرۈشتۈردۇ .
توي قىلغان تۇنجى يىلى خوتۇنىڭىزغا << بۇ دۇنيادا پەقەت سېنىلا ياخشى كۆرۈمەن >> دېسىڭىز چەكسىز بەخت ئىچىدە ئىلكىدە تاتلىق كۈلۈمسىرەيدۇ . 10 يىلدىن كېيىن ئۇنىڭغا بۇ گەپنى دېسىڭىز ، كۆزىڭىزگە گۇمان بىلەن سوغۇق كۈلۈپ قۇيۇدۇ .
توي قىلغان تۇنجى يىلى ئۆيگە دوستلىرىڭىزنى چاقىرماقچى بولسىڭىز ئايالىڭىز ئۆينىڭ ئىچىدە پايپىتەك بۇلۇپ يۈرۈپ تايارلىق قىلىدۇ ، تېخى ئۆزى قىلالمايدىغان ئۆزگىچە تاماقلارنى ئانىسىغا ئەتتۈرۈپ ئۆيگە ئېلىپ كېلىدۇ . 10 يىلدىن كېيىن ئۈچ - تۆت دوستتىڭىزنى ئۆيگە تەكلىپ قىلغانلىقىنى دېسىڭىز << قاراڭ ، بۈگۈن بەك ھېرىپ كەتتىم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىنىڭمۇ مىجەزى يوق ، ئۆيدە ۋاڭ - چوڭ قىلىشقۇچە ئەڭ ياخشىسى ئۇلارنى ئاشخانىغا باشلىڭە >> دەيدۇ .
توي قىلغان تۇنجى يىلى خوتۇنىڭىز سىزگە ئارتۇقچىلىقى بەكمۇ كۆپ ، ئىشچان مۇلايىم ، كەمسۆز كۆرۈنىدۇ ، 10 يىلدىن كېيىن ئۇ باشقىچە ئادەمگە ئايلىنىپ قالغاندەك ، كۆزىڭىزگە ئازازۇل ، بېشەم ، مۇتتەھەم كۆرۈنىدۇ .
توي قىلغان تۇنجى يىلى ئايالىڭىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۈرۈپ كۆرۈپ شەھەر بويىچە ئاڭ گۈزەل ، ھەر جەھەتتىن يېتىشكەن قىزدىن بىرنى ئېلىۋالغانلىقىڭىزغا پەخىرلىنىپ كېرىلىپ يۈرىيسىز ، 10 يىلدىن كېيىن ئەتتىگىنى ئويغۇنۇپلا قاپاقلىرى ئىششىپ ساڭگىلىغان ، چاچلىرى پاخپايغان ساپما كەشنى يەكپاي كېيىپ ، يۈرگەن ئايالىڭىزنى كۆرۈپ ئېغىر خۇرسىنىسىز .
توي قىلغان تۇنجى يىلى سىز ھەر قانچە يالغان گەپ قىلسىڭىزمۇ ئايالىڭىز ئىشىنىدۇ ، بەزىدە مىنى ئەكىلىتىپ چاقچاق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلايدۇ . 10 يىلدىن كېيىن سىز ئاللانى گۇۋاھلىققا تارتىپ قەسەم قىلسىڭىزمۇ قىلغان گېپىڭىزگە ئىشەنمەيدۇ .
توي قىلغان تۇنجى يىلى ئايالىڭىز بىلەن بازار ئارىلاۋىتىپ بىرەر قىز ساۋاقدىشىڭىز بىلەن ئۇچۇرشىپ قېلىپ سالاملاشسىڭىز ، ئايالىڭىزمۇ سىز بىلەن تەڭ سالاملىشىدۇ ، ھەتتا ئۇنىڭغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن << بۇنىڭدىن كېيىن ئارلىشىپ ئۆتەيلى >> دېگەندەك گەپلەرنى قېلىدۇ .10 يىلدىن كېيىن كۆچىدا ئۇچۇرشۇپ قالغان بىرەر قىز ساۋاقدىشىڭىز بىلەن بەش - ئون مېنۇت موڭدۇشۇپ تۇرۇپ قالسىڭىز ، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن چاچلىرى پاخپايغان كۆزلىرى چەكچىيىپ ، قاپاقلىرى تۈرۈلگەن بىرى بىلەن بۇلىدىغان بىر مەيدان شىددەتلىك جەڭگە تەيارلىق قېلىپ قويسىڭىز بۇلىدۇ .
توي قىلغان تۇنجى يىلى ئايالىڭىز بىلەن تەگىشىپ قېلىپ ئايالىڭىز ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كەتسە ، كەچتە ئانىسى قىزىنى يېتىلىگەن پېتى ئۆيىڭىزگە ئەكىلىدۇ ، ئاندىن ئىككىڭلارنى ئولتۇرغۇزۇپ قۇيۇپ ئۆي تۇتۇشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ، ئالدىڭلاردا تېخى نۇرغۇن كۈنلەرنىڭ بارلىقىنى ، بىر - بىرىڭلارنىڭ كەمچىلىگىنى ئەپەۇ قىلىپ ئۆتۈشىڭلارنىڭ كېرەكلىگىنى ئېيتىپ نەسىيەت قىلىدۇ . 10 يىلدىن كېيىن ئايالىڭىز ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كەتسە ، سىزنىڭ ئانىڭىز ئىككى - ئۇچ ئايالنى ئۆزىگە ھەمرا قىلىپ ، قولىدا داستىخان كۆتەرگەن ھالدا قېينانىڭىزنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئەپۇ سوراپ ئايالىڭىزنى ياندۇرۇپ كېلىدۇ .
توي قىلىپ 10 يىلدىن كېيىن ....
ئادەم تۇمۇش قۇرغانىكەن ، ھەر خىل دىشۋاچىلىقلارغا يولۇقىدۇ ، رەڭگارەڭ خوشاللىق ، بەختكە چۆمۈلىدۇ . نىكاھلىق تۇرمۇشتا تۈرلۈك ، تۈمەن قىيىن ئىشلار ، باش قېتىنچىلىقلىرى قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرۇدۇ . مۇھاببەتلەشكەنلەر بىر - بىرىنى ياختۇرۇپ قىلىپ كېيىن بىر - بىرىدىن ئايرىلالماس بۇلۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىشقانلىقى ئۈچۈن توي قىلىدۇ . ئەمما توي قىلغاندىن كېيىن ھەر ئىككىيلەن ئاستا - ئاستا ئۆزلىرىنىڭ مېجەز خارەكتېردىن تارتىپ تۇرمۇش ئۇسۇلىغىچە بىر- بىرىگە تامامەن ئوخشىمايدىغان ئىككى ئادەم ئىكەنلىگىنى ھېس قىلىشىدۇ . چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ زېممىسىگە تۇرمۇشنىڭ تۇگمىنىنى چۆرگىلىتىش ۋەزىپىسى يۈكلەنگەن بولغاچقا ، دەل مۇشۇنداق مۇرەككەپ جەرياندىلا ئاندىن ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن ئۆزلىرىنىڭ باشقا - باشقا ئائىلىدە چوڭ بولغان ئىككى ئادەم ئېكەنلىگىنى ھېس قلىدۇ .
شۇڭا توي قىلغاندىن كېيىكى 10 يىل ھەم ناھايتى شېرىن ، ھەم خەۋپ - خەتەرگە تولغان پەيت دەپ قارىلىدۇ . بۇ ۋاقتتا كۆپۈنچە ئەر - خوتۇنلار ئادەتتە بىر ياكى ئىككى باللىق بولغان بۇلىدۇ . شۇڭا ئائىلىنىڭ تۈرلۈك ئېھتىياجلىرى ، باللىلارنىڭ غېمى ، ئەر - ئايال ئىككەيلەننى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن خېلىلا چارچىتىدۇ . ئايال ئەينەكتىن سولغان چىرايى ، يوغۇنىغان ساغرىسى ، بوشۇشۇپ ساڭگىلىغان قۇرسىقىنى كۆرۈپ خۇرسىنىدۇ . ئۆزىدىن زىلۋا ، چىرايلىق قىز - چوكانلارغا قاراپ شۇلاردەك ياسانغۇسى ، ئاشۇلاردەك كىيىنىپ ، غەم - غۇسسىسىز يۈرگىسى كېلىدۇ . بەزىدە مۇشۇنداق بۇلۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبىنى ئېرىدىن ئىزدىگۈسى كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن سوقۇشۇدۇ ، جىدەل قىلىدۇ . ئەرمۇ ئۆيدىكى ۋاڭ - چوڭ تۈگۈمەس جىدەل - ماجرالاردىن زېرىكىپ سىرتلاردا قاڭقىپ يۈرۈشكە ئۆيگە كەچ قايتىشقا ئادەتلىنىشكە باشلايدۇ . ھەتتا بەزىدە ئۇچۇپ يۈرگەن كەپتەرلەرگە باسماق قۇرۇشنى ئويلاپ قالىدۇ . مانا بۇ تويدىن كېيىنكى 10 يىلنى خەتەرلىك دېيىشىمىشنىڭ سەۋەبى . شۇڭا سىز ئالدىڭىزدا كېلىدىغان 20 يىلىڭىز ، 30 يىلىڭىزنى خاتىرجەم ئۆتكۈزەي دېسىڭىز مۇشۇ 10 يىللىق تۇرمۇش تەجىربىڭىزنى ئوبدان يەكۈنلەپ ، تۇرمۇشنىڭ يۈگىنىنى قۇلىڭىزدا چىڭ تۇتۇڭ . ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، ھەممە ئىشنىڭ زىيادە مۇككەممەل بۇلىشىنى تەلەپ قىلىش ئادەمنى بارا - بارا تۇرمۇش لەزىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ ، زىيادە قۇسۇرچىلىق ، ئۆزىنىكىنىلا راست قىلىش بەختتىن بارغانسېرى يىراقلاشتۇرۋىتىدۇ . بىر - بىرىگە كەڭ قورساق بولغاندا ، بىر - بىرىنى چۈشەنگەندە ، ئىناق ئۆتۈشكە ئادەتلەنگەندە ، ماسلاشقاندا ، << ئالتۇن توي >> غىچە بىر - بىرىگە يار - يۆلەك بۇلۇپ ، ئۈمرىنى جىدەل - ماجراسىز ، كۆڭۈل ئاغرىقسىز ئۆتكۈزگىلى بۇلىدۇ .
مەنبە ؛ ئاياللار ژورنىلى |
|