ساغلاملىق-بىباھا گۆھەر (2)
-مەملىكەتلىك يۈرەك، مېڭە كېسەللىكلىرى تەتقىقاتى رەھبەرلىك گورۇپپىسىنىڭ
باشلىقى، پروفسور خوڭ جاۋگۋاڭنىڭ جوڭنەنخەيدە سۆزلىگەن لىكسىيىسى (داۋامى)
2-ياشانغانلار 3 «يېرىم مىنۇت» ۋە 3 « يېرىمسائەت» كە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ياشانغانلار 3 «يېرىم مىنۇت» ۋە 3 «يېرىم سائەت» كە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك، دەپ تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز. 3 «يېرىم مىنۇت» قا ئەھمىيەت بەرسەك، پۇل خەجلىمەيمۇ تۇيۇقسىز قازا قىلىشتىن قۇتۇلۇپ قالالايمىز. كۆپلىگەن كىشىلەر كۈندۈزى ساپ-ساق، ئەمما كەچتە تۇيۇقسىز قازا قىلىپ كېتىدۇ، مەن ئۇنى تېخى تۆنۈگۈن كۆرگەن ئىدىمغۇ، نىمە سەۋەبتىن شۇنچە تۇيۇقسىز قازا قىلىپ كەتكەندۇ؟ دەپ قالىدىغان ئەھۋاللار دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇنداق بولىدىغانلار ئادەتتە كېچىدە ھاجەتكە چىقماقچى بولۇپ، ياتقان جايىدىن بەك تېز تۇرغاچقا مېڭىسىگە قان يىتىشمەي، قان بېسىمى بىراقلا تۆۋەنلەپ بېشى قېيىپ يىقىلىپ چۈشكەن بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بەزىلەرنىڭ باش سۆڭىكى سۇنىدۇ، بەزىلەرنىڭ يۈرەك سوقۇشى توساتتىن توختاپ قالىدۇ. ئۇنداقتا تېببى مۇتەخەسېسلەر نىمە ئۈچۈن بۇ 3 «يېرىم مىنۇت» نى ئوتتۇرىغا قويىدۇ؟ يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان كاردىئوگرامما ئارقىلىق يۈرەكنى تەكشۈرگەن ۋاقتىمىزدا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يۈرىكى كۈندۈزى نورمال بولسىمۇ، كېچىدە توساتتىن يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يىتىشمەي، رېتىمسىز قىسقىرايدىغانلىقىنى بايقىدۇق. نىمىشقا مۇشۇنداق بولىدۇ؟ چۈنكى ئادەم بەك تېز ئورنىدىن تۇرغاندا، قان بېسىمى بىراقلا تۆۋەنلەپ، مېڭىگە قان يىتىشمەيدۇ-دە، يۈرەك توساتتىنلا سوقۇشتىن توختاپ قالىدۇ. (1) ئۈچ «يېرىم مىنۇت» تىببى مۇتەخەسىسلەر ئوتتۇرىغا قويغان 3 «يېرىم مىنۇت» دىگەنلىك: ئويغىنىپلا ئورنىدىن تۇرماي، كارۋاتتا يېرىم مىنۇت يېتىش، كارۋاتتا يەنە يېرىم مىنۇت ئولتۇرۇش، ئاخىرىدا ئىككى پۇتىنى كارۋاتتىن ساڭگىلىتىپ يەنە يېرىم مىنۇت ئولتۇرۇش دىگەنلىكتۇر. بۇ 3 «يېرىم مىنۇت» ئارقىلىق پۇل خەجلىمەيمۇ قان بېسىمى بىراقلا تۆۋەنلەپ مېڭىگە قان يىتىشمەسلىكتىن ساقلانغىلى بولىدۇ ھەمدە يۈرەك بىخەتەر بولۇپلا قالماي، تۇيۇقسىز قازا قىلىش، يۈرەك مۇسكۇلى ئۈلۈش ۋە مېڭىگە قان چۈشۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ. بىر قېتىم ساغلاملىق تەربىيىسى دەرسىدىن كېيىن، بىر پېشقەدەم كادىر ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى. مەن: «نىمىشقا يىغلايسىز؟» دەپ سورىسام، ئۇ كۆڭلى تېخىمۇ بۇزۇلغان ھالدا: «ھەي، ئىككى يىل ئىلگىرى كېچىدە ھاجەتكە چىقماقچى بولۇپ، ئورنۇمدىن بەك تېز تۇرۇپ كەتكەن ئىكەنمەن، شۇ ھامان بېشىم قېيىپ كەتتى، 2-كۈنى يېرىم پالەچ بولۇپ قېلىپ، 8 ئاي كارۋاتتىن چۈشەلمەي ياتتىم. دۈمبەمنىڭ تېرىلىرى تىشىلىپ، ياتاق يارىسى بولۇپ قالدىم، بالىلىرىممۇ ۋاپاسىزلىق قىلدى. بۈگۈنكى ساغلاملىق دەرسىنى بۇرۇنراق ئاڭلىغان بولسام، 8 ئاي بىھۇدە ئازاپ تارتماس ئىكەنمەن» دىدى.
(2) ئۈچ «يېرىم سائەت» تىببىي مۇتەخەسىسلەر ئوتتۇرىغا قويغان 3 «يېرىم سائەت» دىگەنلىكچۇ: بىرىنچى، ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ، مادارىغا چۇشلۇق يېرىم سائەت ھەرىكەت قىلىش، تەيجى گۇمپىسى ئويناش، كۈندە ئۈچ كىلومېتىردىن ئارتۇق تېز ياكى ئاستا پىيادە مېڭىش ۋە ياكى باشقا ھەرىكەتلەرنى قىلىش؛ ئىككىنچى، چۈشتە يېرىم سائەت ئۇخلاش، چۈشتە ئۇخلىسا، چۈشتىن كېيىن ئادەمنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ ھەم ياخشى بولىدۇ. ياشانغانلار كەچتە كېيىن ئۇخلايدۇ، سەھەر ئورنىدىن تۇرىدۇ، شۇڭا چۈشتە ئارام ئېلىشى كېرەك؛ ئۈچىنچى، كەچتە سائەت 6 دىن 7 گىچە بولغان ئارىلىقتا يېرىم سائەت پىيادە مېڭىش. ياشانغانلار كەچتە ئوبدان ئۇخلىسا، قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىش، مېڭىگە قان چۈشۈش ۋە يۈرەك مۇسكۇلى ئۈلۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ. ساغلاملىق تەربىيىسى كۆرگەندە، بەزى ئاددى ئۇسۇللار ئارقىلىق نۇرغۇن كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ھازىر كىشىلەر پەن-تېخنىكا تەرەققى قىلدى، دەپ قاراپ، كېسەل داۋالىتىشتا يۇقىرى پەن-تېخنىكىدىن ئۈمىد كۈتمەكتە. يۇقىرى پەن-تېخنىكىنىڭ ياخشىلىقىدا گەپ يوق، لېكىن ئۇنىڭغا تۆلىنىدىغان بەدەلمۇ ناھايتى كۆپ بولىدۇ، يەنە كېلىپ ئۇنىڭدىن ئاز سانلىق كىشىلەرلا بەھرىمەن بولالايدۇ. يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسىدە دوختۇرخانىمىز مەملىكەت بۇيىچە تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. يۈرەك كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، بىمار 214 كۈن ئۆمۈر كۆردى. لېكىن 200 مىڭ يۇەندىن كۆپ پۇل خەجلىدى، ئىچىدىغان دورىسىنىڭ بىر قۇتىسى 5000 يۇەن، بىر ئامپۇل ئوكۇل 1500 يۇەن، دىمەك بۇنىڭغا تۆلىنىدىغان بەدەل بەك كۆپ بولۇپ كېتىدۇ. يۈرەك ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇنى داۋالاشتا كۆۋرۈك سېلىش ياكى تىرىگۈچ قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. ھازىر تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى داۋالاش ئۈچۈن قان تۇمۇرنى راۋانلاشتۇرۇش نەيچىسى ئىشلىتىپ، تىرىگۈچ قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ تىرىگۈچنىڭ دىئامېتىرى ئۈچ مىللىمېتىر بولۇپ، ئېغىرلىقى 0.5 گرامغىمۇ يەتمەيدۇ، ئەمما باھاسى 25 مىڭ يۇەن. بىر قېتىمدا ئۇنىڭدىن ئىككى، ئۈچى ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە تۇمۇرنى راۋانلاشتۇرۇش نەيچىسىدىن بىرسى قويۇلىدۇ، ئۇنىڭ باھاسى 18 مىڭ يۇەن بولۇپ، بىر قېتىم ئىشلەتكەندىن كېيىن تاشلىۋېتىلىدۇ. شۇنداق بولغاندا بىر قېتىملىق ئوپىراتسىيە ئۈچۈن 50-60 مىڭ يۇەن، ھەتتا 100 نەچچە مىڭ يۇەن پۇل كېتىدۇ. بىراق يۇقىرى پەن-تېخنىكا بىمارنى ساپ-ساق ھالەتكە كەلتۈرەلمەيدۇ، دىمەكچىمەنكى، يەنىلا كېسەل بولمىغان ياخشى. يۇقىرى قان بېسىمىنى كونترول قىلىش ئىنتايىن ئاسان، كۈندە بىر تابلىت دورا يىسىلا مېڭىگە قان چۈشۈشنى ئازايتقىلى بولىدۇ. مېڭىگە قان چۈشكەندە، باش سۆڭىكىدىن تۆشۈك ئېچىپ قاننى سۈمۈرۈپ تارتىشقا توغرا كېلىدۇ، بىمار قۇتقۇزىۋېلىنغان تەقدىردىمۇ، يېرىم پالەچ بولۇپ قالىدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە مىڭىگە قان چۈشۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولمىغان ياخشى. دوختۇرخانىمىزدا يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولغىلى 12 يىل بولغان بىر بىمار داۋالانغان. ئۇنىڭ قان بېسىمى غەلىتە بولۇپ، دورا يىمىسە بىئارام بولمايدىكەن، لېكىن قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش دورىسىنى يىگەندىن كېيىنلا بىئارام بولىدىكەن، شۇڭا ئۇ كۆپۈنچە دورا يىمەيدىكەن. ئۇ قانداق قىلسام بولار، دەپ ئىككى دوختۇردىن مەسلىھەت سورىغانىكەن، بىر دوختۇر ئۇنىڭغا دورىنى ئۈزمەي يىيىشنى تاپىلاپتۇ. يەنە بىر دوختۇر ئۇنىڭغا: دورا يىسىڭىز بىئارام بولىدىكەنسىز، ئۇنداقتا دورا يىمەڭ، دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دورا يىمەپتۇ. 12 يىل مابەينىدە ئۇ تەدرىجى ھالدا يۈرەك قان تۇمۇرى، مېڭە قان تۇمۇرى قېتىش ۋە سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ھەپتىدە 3 قېتىم قان تازىلىتىپ، يىلدا 90 مىڭ يۇەندىن 10 يىلدا 900 مىڭ يۇەن پۇل خەجلەپ، خوتۇنى خىزمەت ئورنىدىن رۇخسەت ئېلىپ، ئۇنى 10 يىل بېقىپ، كۈنبۇيى چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، ھەددى ھىساپسىز جاپا تارتىپ، ئاخىرى قازا قىلدى. ئەمەلىيەتتە كۈندە 30 فوڭ خەجلەپ بىر تابلىتكا دورا يىگەن بولسا كۇپايە قىلاتتى. لېكىن ئىلمىي ئۇسۇل قوللىنىلمىغاچقا، 900 مىڭ يۇەندىن ئارتۇق پۇل خەجلىگەن. بۇنداق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشمۇ ئىنتايىن ئاسان. ساغلاملىق تەربىيىسى كۆرگەن كىشىلەر كېسەل ئازابىدىن قۇتۇلۇپ قالالايدۇ، تۇيۇقسىز ئەھۋال يۈز بېرىشنىڭمۇ ئالدىنى ئالالايدۇ. دىمەك، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ رولى يۇقىرى پەن-تېخنىكىدىن ئۈستۈن. (داۋامى بار)
مەنبە: "ساغلاملىق-بىباھا گۆھەر" ناملىق كىتابچە |