تىما يوللىغۇچىنىڭ ئىزاھاتى: بىر نەزىر-چىراق سورۇنىدا ئەتراپىمدىكىلەر بىلەن ساغلاملىق ئۈستىدە پاراڭلىشىپ قالدىم. بىر قوشنام «ساغلاملىق-بىباھا گۆھەر» ناملىق بىر كىتابچىنى كۆرگەنلىكىنى، بۇ كىتابچىدا ساغلاملىققا دائىر نۇرغۇن پايدىلىق بىلىملەرنىڭ بارلىقىنى ھەمدە ئائىلىسىدىمۇ مۇشۇ كىتابچىدىكى ساغلاملىقنى ساقلاشقا دائىر بەزى ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا باشلىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. نەزىردىن كېيىنكى بىر كۈنى مەن قوشنامدىن بۇ كىتابچىنى سوراپ ئېلىپ كۆرۈپ چىقتىم. بۇ كىتابچە ئەينى چاغدىكى مەملىكەتلىك يۈرەك، مېڭە قان تۇمۇر كېسەللىكلىرى تەتقىقاتى رەھبەرلىك گورۇپپىسىنىڭ باشلىقى خوڭ جاۋگۋاڭنىڭ جوڭنەنخەيدە سۆزلىگەن "ئىلمىي تۇرمۇش ئۇسۇلى، ساغلاملىق ۋە يۈرەك، مېڭە قان تۇمۇر كېسەللىكلىرى" ھەققىدىكى لىكسىيىسى ئىكەن. ئاپتونۇم رايونلۇق سىياسى كېڭەش ئىشخانىسى بۇ لىكسىيىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ 2002-يىلى 12-ئايدا كىتابچە قىلىپ باستۇرۇپ، سىياسى كېڭەش سېستىمىسىدا تارقاتقان ئىكەن.
مەن بۇ كىتابچىنى باشتىن-ئاخىر تولۇق كۆرۈپ چىقىش ئارقىلىق، ئۆزۈمنى خۇددى ساغلاملىق ھەققىدە ئىنتايىن ئېسىل بىر دەرس ئاڭلىغاندەك ھېس قىلدىم. دىمىسىمۇ بۇ كىتابچە ماڭا قانداق قىلغاندا يۈرەك-مېڭە قان تۇمۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقى، قانداق قىلغاندا ئېغىر داۋالاش چىقىملىرىدىن ساقلىنىپ، ئۇشتۇمتۇت جاننى ئالىدىغان خەتەرلىك كېسەللىكلەردىن يىراق تۇرۇپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا تولىمۇ جانلىق، ئەمەلىي دەرس بېرىپ، مىنى ساغلاملىق جەھەتتە مول ۋە چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە قىلدى. ئۆزۈم بەھرىمەن بولغان ساغلاملىق بىلىملىرىدىن كەڭ تورداشلارنىمۇ بەھرىمەن قىلىش نىيىتىدە، بۇ كىتابچىنى بىر نەچچە قىسمغا بۆلۈپ مۇنبەرگە يوللاشنى لايىق تاپتىم. مىنىڭچە، دۇنيادا ساغلام ياشاپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى خالىمايدىغان ئىنسان بولمىسا كېرەك. ساغلاملىق كىچىككىمۇ، چوڭغىمۇ؛ ياشقىمۇ، قېرىغىمۇ؛ بايغىمۇ، نامراتقىمۇ؛ ئەمەلدارغىمۇ، پۇخراغىمۇ...ھەممىسىگە لازىم. چۈنكى، ساغلاملىق بولغاندىلا ھەممە بولىدۇ، ساغلاملىقتىن مەھرۇم قالغاندا، باشقىلىرىدىنمۇ مەھرۇم قالىدىغان گەپ. بىزدە ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان «سۇ كەلگىچە تۇغان سال» دەيدىغان ھىكمەتلىك سۆز بار. ئىلمىي تۇرمۇش ئۇسۇلى، ساغلاملىق ۋە يۈرەك، مېڭە قان تۇمۇر كېسەللىكلىرى ھەققىدىكى بىلىملەردىن خەۋەردار بولۇپ، كېسەللىكنىڭ ھۇجۇمىغا قارىتا پۇختا تەييارلىق بىلەن تۇرالىساق، كېسەللىك ئالۋاستىسى بەدىنىمىزگە ھۇجۇم قىلىشقا پېتىنالمايدۇ. شۇڭا مەن سىزگە ئاتا-ئانىڭىزنىڭ، ئۆزىڭىزنىڭ ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن، ھەرقانچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ ئازراق ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ بۇ تىمىنى كۆرۈپ قويىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئىلمىي تۇرمۇش ئۇسۇلى، ساغلاملىق ۋە يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى ھەققىدە
مەملىكەتلىك يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى تەتقىقاتى رەھبەرلىك گورۇپپىسىنىڭ باشلىقى، پروفسور خوڭ جاۋگۋاڭنىڭ جوڭنەنخەيدە سۆزلىگەن لىكسىيىسى
1-نادانلىقنىڭ زىيىنى كېسەللىكتىن يامان
دونيا سەھىيە تەشكىلاتى 65 ياشقا يېقىنلاشقانلارنى ئوتتۇرا ياش، 65 ياشتىن 74 ياشقىچە بولغانلارنى ياشىنىشقا قەدەم قويغانلار، 75 ياشتىن 90 ياشقىچە بولغانلارنى ياشانغانلار، دەپ ھىسابلايدۇ. بۇ سورۇندا ئولتۇرغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشىنىشقا قەدەم قويغانلار قاتارىغا كىرىدۇ. ئۇنداقتا ئادەمنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئۆمرى قانچىلىك بولىدۇ؟ بىئولوگىيە قائىدىسى بۇيىچە، سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ ئۆمرى ئۇنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش مەزگىلىنىڭ 5 ھەسسىسىدىن 7 ھەسسىسىگىچە بولىدۇ. ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش مەزگىلىنى ئاخىرقى چىشى چىققان ۋاقىت (20 ياشتىن 25 ياشقىچە) بۇيىچە ھىسابلىغاندا، نورمال ئەھۋالدا 120 يىل ئەتراپىدا ئۆمۈر كۆرۈشى كېرەك. ئۇنداقتا قانداق ياشاش كېرەك؟ 120 يىل ئەتراپىدا ئۆمۈر كۆرۈش، 80، 90، ھەتتا 100 ياشتىن ئارتۇق ساغلام ياشاش ھەرگىزمۇ خام خىيال ئەمەس. ھەممەيلەن 100 ياشتىنمۇ ئارتۇق ساغلام ياشىشىمىز كېرەك. بۇ نورمال فىزىئولوگىيىلىك قانونىيەت. ئەمما، ئىنسانلار ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 120 يىل ئەتراپىدا ياشاشقا تىگىشلىك بولسىمۇ، ئارانلا 70 يىل ئەتراپىدا ئۆمۈر كۆرۈپ، 50 يىل ئەتراپىدا كەم ياشاۋاتىدۇ. ئەسلىدە 80 ياش، ھەتتا 90 ياشقا كىرگەنلەرمۇ ساغلام بولۇشقا تىگىشلىك ئىدى، ئەمما، خېلى بىرقىسىم كىشىلەر 40 ياشتىلا كېسەلچان بولۇپ قېلىۋاتىدۇ، 50 نەچچە ياشتا تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گېرىپتار بولۇپ، 60 نەچچە ياشتا قازا قىلىپ كېتىۋاتىدۇ، بۇ، 50 يىل بۇرۇن كېسەلچان بولدى دىگەنلىك. نۆۋەتتە، بالدۇر كېسەلچان بولۇش، بالدۇر مېيىپ بولۇش، بالدۇر قازا قىلىش بىرتۈرلۈك ئىجتىمائىي ھادىسە بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. بېيجىڭدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشۈمدە، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدىمۇ يوقۇرى قان بېسىم كېسىلىگە، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدىمۇ ئارتېرىيە قېتىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى بايقىدىم. ئىگىلىكىمىز تەرەققى قىلغان، كىرىمىمىز كۆپەيگەن، ماددى تۇرمۇشىمىز ياخشىلانغان تۇرۇقلۇق، نىمە ئۈچۈن بىر قىسىم كىشىلەر بىر قانچە ئون يىل بۇرۇن قازا قىلىپ كېتىدۇ؟ بەزىلەر يۈرەك، مېڭە قان تۇمۇر كېسىلى، ئۆسمە ۋە دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىغانلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنى ئىگىلىكىمىزنىڭ تەرەققى قىلغانلىقى، تۇرمۇشىمىزنىڭ باياشاتلىقىدىن كۆرۈۋاتىدۇ. بۇخىل كۆزقاراش ئىنتايىن خاتا. مىنىڭچە، بۇ كېسەللىكلەر ماددىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ يۈكسەلگەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى مەنىۋىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ يىتەرلىك بولمىغانلىقى، ساقلىقنى ساقلاش، ئىلمىي تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ساغلاملىق بىلىمىمىزنىڭ كەملىكىدىن بولىۋاتىدۇ. ئامېرىكىنى مىسالغا ئالساق، ئاق تەنلىكلەرنىڭ قارا تەنلىكلەرگە قارىغاندا ئورنى ۋە مەرتىۋىسى يۇقىرى، مال-دونياسى كۆپ، ماددىي تۇرمۇشى ياخشى، لېكىن يۇقۇرى قان بېسىم، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، دىئابىت كېسىلى ۋە ھەرخىل ئۆسمە كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولىدىغانلار قارا تەنلىكلەرگە قارىغاندا روشەن ھالدا ئاز، ئۆمۈرىمۇ ئۇزۇن. بۇ نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ گەپ، ئاق تەنلىكلەر سېستىمىلىق ساغلاملىق تەربىيىسى، مەنىۋىي مەدەنىيەت ۋە ساقلىقنى ساقلاش تەربىيىسى كۆرگەن، ئۆزىنى ئاسراش ئېڭىمۇ يۇقۇرى. دىمەك، بىزمۇ ئىلمىي تۇرمۇش ئۇسۇلى، ساقلىقنى ساقلاش ۋە ساغلاملىق بىلىملىرىنى سېستىمىلىق ۋە جىقراق بىلسەك، ئىگىلىكنى تەرەققى قىلدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ساغلام ياشاپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيمىز.
نۆۋەتتە ساغلاملىقىمىزغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئاساسىي كېسەللىك قايسى؟ بۇنىڭدا يۈرەك، مېڭە، قان تۇمۇر كېسەللىكى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۆتكەن يىلى دونيا بۇيىچە 15 مىليۇن300 مىڭ ئادەم يۈرەك، مېڭە قان تۇمۇر كېسەللىكى بىلەن قازا قىلغان، بۇ شۇ يىلى قازا قىلغان ئومۇمى ئادەمنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. دونيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئەمەلدارى: ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىلسا، يۈرەك، مېڭە قان تۇمۇر كېسەللىكلىرى بىلەن قازا قىلىپ كېتىدىغانلارنىڭ يېرىمىنى ئازايتقىلى بولىدۇ، دىگەنىدى. دوكتور جوڭ داۋخېڭمۇ: نۇرغۇن كىشىلەر كېسەللىك بىلەن ئەمەس، بەلكى نادانلىقتىن بالدۇر قازا قىلىپ كېتىۋاتىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن. شۇڭا نادانلىقتىن، بىلىمسىزلىكتىن بالدۇر تۈگەپ كەتمەيلى. مەن بۇ يەردە مۇنداق بىر مىسالنى كۆرسىتىپ ئۆتەي: بىر تونۇشۇمنىڭ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بار ئىدى، جىددىيلەشسە ياكى بىرەر ئىشتا كۈچەپ كەتسە بولمايتتى. بىر قېتىم ئۇ كىتاب يۆتكەيمەن دەپ تازا جىق كىتابنى كۆتۈرۈپتۇ. بىر قېتىمدا ئىككى، ئۈچ پارچىدىن كۆتەرسە ھىچ ئىش بولمايتتى، ئەمما ئۇ بىر قېتىمدىلا بىر قۇچاق كىتابنى بىراقلا كۈچەپ كۆتەرگەنلىكتىن، يۈرىكىنىڭ سوقۇشى شۇ ھامان توختاپ قالغان، جىددىي قۇتقۇزۇش ئارقىلىق يۈرىكىنىڭ سوقۇشى ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن مېڭىسى كاردىن چىققاچقا ئۆسۈملۈك ئادەمگە ئايلىنىپ قالغان. داۋالىنىش ئۈچۈن بىر يىلدىلا بىر مىليۇن 500 مىڭ يۇەن پۇل كەتكەن. ئەگەردە ئۇ ساغلاملىق تەربىيىسى كۆرگەن، ياشانغانلارنىڭ زورۇقۇپ كۈچەپ كەتسە بولمايدىغانلىقىنى بىلگەن بولسا، ئۆسۈملۈك ئادەمگە ئايلىنىپ قالمىغان بولاتتى ھەم بىر مىليۇن 500 مىڭ يۇەنمۇ خەجلىمىگەن بولاتتى. يەنە بىر مىسال: پىلانلىق ئىگىلىك مەزگىلىدە، بېيجىڭدا بىر كىشى 11-ئاينىڭ بېشىدا بىر مۇنچە يېسىۋىلەك سېتىۋېلىپ، شامالدىسۇن دەپ تام تۈۋىگە تىزىپ قويۇپتۇ، بىر قانچە كۈندىن كېيىن قار يېغىپ كېتىپتۇ، ئۇ يېسىۋىلەكنى ئۈششۈپ كەتمىسۇن دەپ ئۆيگە ئېلىپ چىقماقچى بولۇپ، بىرىنچى قېتىمدا ئۈچ تۈپ يېسىۋىلەكنى كۆتۈرۈپ ئۈچىنچى قەۋەتنىڭ بالكۇنىغا ئەپچىقىپتۇ، ئىككىنچى قېتىمدىمۇ ئۈچ تۈپ يېسىۋىلەكنى كۆتۈرۈپ چىقىپتۇ، ئۈچىنچى قېتىمدا 50 نەچچە جىڭ ئېغىرلىقتىكى يەتتە تۈپ يېسىۋىلەكنى بىراقلا كۆتۈرۈپ چىقىپتۇ. بۇ كىشى ئادەتتە جىسمانىي ئەمگەك قىلمىغاچقا، بىراقلا 3-قەۋەتكە قايتا-قايتىلاپ چىقىپ-چۈشكەنلىكتىن، قاتتىق چارچاپ، دېمى سىقىلىپ كېتىپ ئارقىدىنلا قان ئارىلاش بەلغەم تۈكۈرۈپتۇ، بولالماي ئەنجىن دوختۇرخانىسىغا كەپتۇ. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ جىددىي خاراكتىرلىك يۈرەك مۇسكۇلى ئۈلۈش ۋە يۈرەك سول قېرىنچىسى زەئىپلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلاندى. جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈچۈن 0.1 گرام كېلىدىغان 15 مىڭ يۇەنلىك ئوكۇلدىن بىر ئامپۇل ئۇردۇق. ھەممىمىزگە مەلۇم، ئالتۇننىڭ بىر گرامى ئاران 100 يۇەن، 0.1 گرامى 10 يۇەن، بۇ دورىنىڭ 0.1 گرامى 15 مىڭ يۇەن. ئوكۇل ياخشى بولغاچقا ئوكۇلنى ئۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭ يۈرەك قان تۇمۇر يوللىرى راۋانلاشتى. بۇ بىمار ئاخىرى 60 مىڭ يۇەن بىلەن ساقايدى. ئويلاپ بېقىڭلار، ئەينى ۋاقىتتا 100 جىڭ يېسىۋىلەكنى 12 يۇەن دىسەك، 50 جىڭ يېسىۋىلەكنى 6 يۇەنگە سېتىۋالغىلى بولاتتى. ئۇ 6 يۇەنلىك يېسىۋىلەكنى دەپ 60 مىڭ يۇەن خەجلىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە جېنىدىن ئايرىلغىلى قىل قالدى. ئەگەر ئۇ ساغلاملىق تەربىيىسى كۆرگەن بولسا بۇنداق ئېغىر ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنالايتتى. ئادەتتە كۆپ ھەرىكەت قىلمايدىغان كىشىلەر ئېغىر ئىشلارنى قىلمىسا، تۇيۇقسىز ئەھۋال يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
مەنبە: ئاپتونۇم رايونلۇق سىياسى كېڭەش ئىشخانىسى تەرجىمە قىلىپ باستۇرغان "ساغلاملىق-بىباھا گۆھەر" ناملىق كىتابچە