ساغلاملىق-بىباھا گۆھەر (3) ئىلمىي تۇرمۇش ئۇسۇلى، ساغلاملىق ۋە يۈرەك، مېڭە قان تۇمۇر كېسەللىكلىرى ھەققىدە -مەملىكەتلىك يۈرەك،مېڭە قان تۇمۇر كېسەللىكلىرى تەتقىقاتى رەھبەرلىك گورۇپپىسىنىڭ باشلىقى، پروفىسور خوڭ جاۋگۋاڭنىڭ جوڭنەنخەيدە سۆزلىگەن لىكسىيىسى (داۋامى) 3-ئىلمىي ۋە ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك بۇ يەردىكى مۇھىم بىر مەسىلە-كۆز قاراش مەسىلىسى. كۆپچىلىك كۆز قارىشىنى جەزمەن ئۆزگەرتىشى كېرەك. ئۇنداقتا كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىش دىگەن نىمە؟ شۇنى تولۇق تونۇشىمىز كېرەككى، ھازىرقى خىلمۇ-خىل كېسەللىكلەر، تىگى-تەكتىدىن ئالغاندا، تۇرمۇش ئۇسۇلىمىزنىڭ ئىلمىي بولمىغانلىقىدىن پەيدا بولماقتا. ئەگەر ئىلمىي ۋە ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بەرسەك، ھەرخىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇشنى زور دەرىجىدە ئازايتالايمىز. بۇنى مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش، لايىقىدا ھەرىكەت قىلىش، تاماكا تاشلاش ۋە ھاراققا چەك قويۇش، روھىي جەھەتتىكى تەڭپوڭلۇقنى ساقلاش دىگەن 4 جۈملىگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. بۇ 4 جۈملە سۆزگە ئەمەل قىلغاندا، يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىنى %55، مېڭىگە قان چۈشۈش كېسەللىكى ۋە تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكىنى %75، دىئابىت كېسەللىكىنى %50، ئۆسمە كېسەللىكىنى %33 ئازايتىپ، ئۆمۈرنى ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 10 يىلدىن ئارتۇق ئوزارتقىلى بولىدۇ. يەنە كېلىپ بۇنىڭغا پۇل كەتمەيدۇ، شۇڭا سالامەتلىكنى ئاسراش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاددىي ھەم ئاسان، لېكىن ئۇنىڭ ئۈنۈمى ئىنتايىن چوڭ. نىمە ئۈچۈن كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىشنى ئالاھىدە تەكىتلەيمىز؟ مەن 1981-يىلى ئامېرىكىغا باردىم، 1983-يىلىدىن بۇيان كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىببىي تەتقىقاتى بىلەن مەخسۇس شۇغۇللاندىم. مىنىڭ ئۇستازىم ناھايتى داڭلىق، دۇنيادىمۇ نوپۇزلۇق پروفېسور ئىدى.ئۇ مىنى چىكاگۇ غەرب ئېلىكتىر شىرىكىتى ئاچقان بىر يىغىنغا باشلاپ باردى. چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن، شىرىكەت خوجايىنى 55 ياشتىن 65 ياشقىچە بولغان پىنسىيىگە چىققانلارغا يىغىن ئېچىپ، 10 يىل ئىچىدە كېسەل بولمىغانلارنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن پوپايكا، بىر چويلا توپ پالىقى ۋە نەق پۇل مۇكاپات بېرىمىز، دەپ جاكارلىدى. يىغىن ئەھلى ئىنتايىن خۇشال بولۇشۇپ چاۋاك چېلىشىپ كەتتى. مەن قايتىپ كېلىپ ئويلىنىپ قالدىم. بۇ ئامېرىكىلىق شىرىكەت خوجايىنى بەك ئەقىللىق ئىكەن، ئەگەر ئۇنىڭ ئىشچىلىرى 10 يىل كېسەل بولمىسا، نەچچە مىليۇن يۇەن داۋالىنىش پۇلى تېجەپ قېلىنىدۇ ئەمەسمۇ. ئۇ ئىشچىلىرىغا ئاران بىردىن پوپايكا، بىر دانە چويلا توپ پالىقى ۋە بىر ئاز نەق پۇل بەردى، ئەمما سىز ئويلاپ بېقىڭ، ئۇ بۇنىڭدىن قانچىلىك پۇل تېجەپ قالىدۇ؟ بۇ شىرىكەت خوجايىنى كاللىسىنى ئىشلىتىپ تېجەپ قالغان پۇلغا سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، چېنىقىش ئۆيى ۋە چويلا توپ مەيدانى قاتارلىقلارنى ياساپ، كۆپچىلىكنى چېنىقىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تەن ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇپ كېسەل بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغان. بېيجىڭغا قايتىپ كېلىپلا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، پارتىيە ياچېكا سېكرىتارلىرىنىڭ ھېيت، بايرام كېلىشى بىلەنلا كونا كېسەللەرنى يوقلاۋاتقانلىقىنى، كېسىلى قانچە ئېغىر بولسا ، شۇنچە كۆپ يوقلاۋاتقانلىقىنى، ئەمما ساغلام كىشىلەر بىلەن ھىچكىمنىڭ كارى بولمايۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. مەن بۇ يەردە ئامېرىكىلىقلار ساغلام كىشىلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىكەن، كونا كېسەللەرگە كۆڭۈل بۆلمەيدىكەن، دىمەكچى ئەمەس. بىزدە بولسا، 10 يىل كېسەل بولمىسا، ئىشقا سېلىۋېرىمىز، ئۇنىڭ بىلەن ھىچكىمنىڭ كارى بولمايدۇ. ئامېرىكىدىكى بۇ شىرىكەت خوجايىنىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقى بولۇپ، كۆپچىلىك كېسەل بولماي، ساغلام بولسۇن، دەيدىكەن. بىزدە بولسا ساغلام كىشىلەرگە ھىچكىم كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. كېسىلىڭىز قانچە ئېغىرلاشسا، شۇنچە كۆپ يوقلاپ كېلىدۇ، شۇنچە كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئۇزۇن كېسەل تارتقانلارنى ھەر يىلى چاغان كېلىشى بىلەنلا يوقلاپ بارىدۇ. داۋالاش ياخشى بولسىلا بولدى، 50 مىڭ يۇەن، 100 مىڭ يۇەن خەجلەنسىمۇ پىسەنت قىلمايمىز. مىنىڭ مەسئۇللۇقىمدىكى كېسەل بۆلۈمىدە بىر كادىر بىر قېتىم بالنىستا يېتىپ داۋالانسا نەچچە ئون مىڭ يۇەن خەجلەيدۇ. بىزنىڭ دۆلىتىمىزدە بىر كىشىنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن 1 مىليۇن يۇەن كەتسە ھىچگەپ ئەمەس، ئەمما كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر تىيىنمۇ خەجلەنمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە تىببىي مۇتەخەسىسلەرنىڭ مۆلچەرىچە، يۈرەك، مېڭە، قان تۇمۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر يۇەن خەجلەنسە، داۋالاش راسخودىدىن 100 يۇەن تېجەپ قالغىلى بولىدىكەن. بېيجىڭنىڭ يېزىلىرىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانتىم، مەلۇم بىر دېھقان ئائىلىسىنىڭ يىللىق كىرىمى 200 مىڭ يۇەندىن ئاشىدىكەن، خېلىلا باي ئىكەن. باھار بايرىمىدا بالىلىرىغا پوجاڭزا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈنلا 2000 يۇەندىن ئارتۇق پۇل خەجلەپتۇ، مۇشۇنداق باي ئادەمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قارىسىڭىز، بىر ئائىلىدىكى يەتتە ئادەم بىر چىش چوتكىسىنى ئىشلىتىدىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، چىش چوتكىلاش ئارتۇقچە ئىش ئىكەن. نەتىجىدە، بۇ يەتتە ئادەمنىڭ تۆتى يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بوپتۇ. ئەمەلىيەتتە ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ساغلام بولۇشى بىر قانچە خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇشنى ئازايتىدۇ، مەسىلەن، ئارتېرىيە قېتىش، يۈرەك كېسىلى ۋە دىئابىت كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەر. چەتئەلدە ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقى بىرىنچى ئورۇنغا قويىلىدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىمۇ ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ساغلاملىقىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ. شۇڭا كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، دىگەننى تەكىتلەۋاتىمىز. تۆۋەندە، ئارتېرىيە قېتىشىش، ئۆسمە، دىئابىت كېسىلىنىڭ قانداق پەيدا بولىدىغانلىقى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن. بۇ كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولىشىدا ئىككى سەۋەب بار. بىرى، ئىچكى سەۋەب، يەنە بىرى تاشقى سەۋەب. ئىچكى سەۋەب-ئېرسىيەت، گېن ئامىلىدۇر. كېسەلنىڭ پەيدا بولىشىدا ئىچكى سەۋەب بىلەن تاشقى سەۋەب بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئالدى بىلەن ئىچكى سەۋەب ئۈستىدە توختىلايلى. ئىچكى سەۋەب بىر خىل ئېرسىيەت، بىرخىل يۈزلىنىش ھىسابلىنىدۇ، مەسىلەن،ئاتا-ئانىسىدا يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بولسا، بالىسىنىڭ %45 دە يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى پەيدا بولىدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىسىنىڭ بىرسىدە يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بولسا، بالىسىنىڭ %28 دە يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى پەيدا بولىدۇ. قان بېسىمى نورمال بولغان ئاتا-ئانىدىن توغۇلغان بالىدا يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بولامدۇ-يوق؟ يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى ناھايتى ئاز پەيدا بولىدۇ، ئەمما ئۇ %3.5 ئەتراپىدا بولىدۇ.چۈنكى ئېرسىيەت بىرخىل يۈزلىنىش. نىمە ئۈچۈن بەزى بوۋاقلارنىڭ توغۇلۇشى بىلەنلا خولىستېرىنى يۇقىرى بولىدۇ؟ ئەمدىلا توغۇلغان بوۋاقنىڭمۇ قان بېسىمى يۇقىرى بولىدۇ؟ مانا بۇ ئېرسىيەتنىڭ بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىشىدىن بولغان. ئېرسىيەتنىڭ تەسىرىنى مۇنداق بىر ئاددىي مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي: توشقان نىمە يەيدۇ؟ تۇرۇپ يەيدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا تۇخۇم سېرىقى بىلەن ھايۋانات مېيىنى ئارىلاشتۇرۇپ يىگۈزسەك، 4 ھەپتىدىلا خولىستېرىنى ئۆرلەپ، 8 ھەپتىدە ئارتېرىيىسى قاتىدۇ، 12 ھەپتىدىن كېيىن توشقان گەپ يوق تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بولىدۇ. بىز يەنە بېيجىڭ ئۆردىكى ئۈستىدە تەجرىبە ئىشلىدۇق، ئۇنىڭغا تۇخۇم سېرىقى بىلەن ھايۋانات مېيىنى ئارىلاشتۇرۇپ يىگۈزدۇق، ئەمما ئەجەپلىنەرلىكى شۇكى، ئۆردەككە ئۇنى كۈندە يىگۈزسەكمۇ خولىستېرىنى ئۆرلىمىدى، ئارتېرىيىسىمۇ قاتمىدى، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىمۇ بولمىدى. ھەيران قالارلىق ئىش. نىمە ئۈچۈن ئوخشاشلا بىرخىل يىمەكلىكنى توشقان يىسە ئارتېرىيىسى قاتىدۇ، ئۆردەك يىسە ھىچنىمە بولمايدۇ؟ بۇنىڭ قائىدىسى ناھايتى ئاددى. توشقان دىگەن توشقان، ئۆردەك دىگەن ئۆردەك-تە، بۇنىڭدا نىگىزلىك مەسىلە- ئېرسىيەت ئوخشىمايدۇ. ئادەممۇ شۇنداق. نىمە ئۈچۈن بەزىلەر مايلىق گۆش يىسە خولىستېرىنى ئۆرلەپ، ئارتېرىيىسى قېتىپ، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ؟ ئەمما يەنە بەزىلەر كۈندە مايلىق گۆش يىسىمۇ ھىچنىمە بولمايدۇ، چۈنكى ئالدىنقىلار توشقان مىجەز، كېيىنكىلەر ئۆردەك مىجەز. ئۆردەك مىجەز ئادەم ھىچنىمە بولمىغىنى بىلەن ، توشقان مىجەز ئادەم پېشكەللىككە ئۇچرايدۇ. بەزىلەر ھىچقانچە تاماق يىمىسىمۇ سەمىرىپ كېتىدۇ، بەزىلەر تاماقنى كۆپ يىسىمۇ سەمىرىمەيدۇ، چۈنكى ئادەمنىڭ مىجەز- خاراكتىرى ئوخشاشمايدۇ، بەزى جانلىقلاردا ئېرسىيەت%100 بولىدۇ، ئېرسىيەتتىمۇ يۈزلىنىش بولىدۇ. نۆۋەتتە يۇقىرى قان بېسىم، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، دىئابىت كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش بىرخىل يۈزلىنىش بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. كۆپچىلىك: ئادەم بىلەن ئادەم قارىماققا ئىگىز- پاكارلىق، ئۇرۇق-سىمىزلىك، چىراي-شەكىل جەھەتتە ئانچە كۆپ پەرقلىنىپ كەتمىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئاسمان-زىمىن پەرقلىنىدۇ. مەسىلەن، ئادەم ھاياتىدا نۇرغۇن ئىسسىق-سوغوقلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ، بەزىلەر كۆڭۈلسىزلىككە ۋە ناھەق تەنقىتلىنىدىغان ئىشلارغا دۇچ نكەلگەندە بىۋاستە يۈرىكىگە تەسىر قىلىپ، يۈرىكى سېلىپ، قان بېسىمى ئۆرلەپ، چىرايى تاتىرىپ، غەزەپتىن تىتىرەپ كېتىدۇ، يەنە بەزىلەر روھىي بېسىمغا ئۇچراپ ئاچچىقلانسا يۈرىكىمۇ سالماي، قان بېسىمىمۇ ئۆرلىمەي، ئاشقازىنى ئاغرىيدىغان، ئاشقازىنى تېشىلىپ قانايدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. بىر قىسىم كىشىلەر ئاچچىقى كەلسە دىئابىت كېسىلى بولۇپ قالىدۇ، يەنە بىرقىسىم كىشىلەر ئاچچىقى كەلسە، يۈرەك كېسىلىمۇ بولماي، راك كېسىلى بولۇپ قالىدۇ. بۆلۈمىمىزدە يېشى 60 تىن ئاشقان بىر كىشى بار ئىدى، ئۇنىڭ تېنى ناھايتى ساغلام ئىدى. بىر كۈنى ئۇ ئۆيىگە قايتىپ بېرىپلا بىر شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپ بولالماي قاپتۇ. ئەسلىدە ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى بىر تار كوچىدىن ۋېلىسىپىتلىق چىقىپ بۇرۇلۇشىغىلا قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتقان يۈك ماشىسىغا قاتتىق سوقۇلۇپ كېتىپ، بۇيۇن ئومۇرتقىسى قاتتىق زەخمىلىنىپ پۈتۈن بەدىنى پالەچ بولۇپ قاپتۇ. دوختۇرخانىغا بېرىپ، ئوغلىنىڭ بۇرنى، ئاشقازىنى، سۈيدۈك يولى قاتارلىق ئەزالىرىغا 7 نەيچە ئۆتكۈزۈلۈپ جىددىي قۇتقۇزىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئوغلى 25 ياشقا كىرگەن بولۇپ، توي قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان ئىكەن. دوختۇر ئۇنىڭغا ئوغلىنىڭ بۇيۇن قىسمى ۋە بىلىنىڭ تۈۋېنى پالەچ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن توي قىلىش، خىزمەت قىلىش، نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈش ئەمەس، چوڭ-كىچىك تەرەت قىلىشىنىڭمۇ تەسكە چۈشىدىغانلىقىنى، ئۆمۈر بۇيى بىر ئادەم ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. داۋالىنىشقا كېتىدىغان پۇلچۇ؟ 3 كۈندە 10 مىڭ يۇەن كېتىدىكەن، مۇشۇنداق بولسا، نىمە توشايدۇ، ئوغلىنىڭ ئەھۋالى مۇشۇنداق تۇرسا، ئۇنىڭغا كېم قارايدۇ؟ قانداق قىلىش كېرەك؟ دادىسى بۇ ئەھۋادلنى كۆرۈپ ئۆيىگە قايتقان كېيىن، غەم-قايغۇ دەستىدىن گېلىدىن سۇمۇ ئۆتمەپتۇ. ئاخىرى بولالماي دوختۇرخانىغا كېلىپ تەكشۈرتسە قىزىل ئۆڭگەچ راكى بولۇپ، كېكىرتىكى توسۇلۇپ قالغانىكەن. دەرھال ئوپىراتسىيە قىلىشقا توغرا كېلىپ ئوپىراتسىيە قىلىنىپتۇ، كېيىن يەنە ئاشقازىنىنىڭ ئىككى يېرىدە يارا بارلىقى سىزىلىپتۇ. 3 ئاي ئىلگىرى ناھايتى ساغلام بىر ئادەم قاتتىق روھىي بېسىم بىلەن غەم-ئەندىشىدىن باش كۆتىرەلمەي، ئىككى يېرىدىن ئۈچ كېسەل چىقىپ، ئاخىرى ئۇ غەم-قايغۇ ئىچىدە ئوغلىدىن بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتتى. دىمەك، بەزىلەر روھىي بېسىمغا ئۇچرىسا ئېلىشىپ قالىدۇ. بەزىلەر ھەرقانچە روھىي بېسىمغا ئۇچرىسىمۇ، قاتتىق ئاچچىقلانسىمۇ ھىچنىمە بولمايدۇ. يىغىنچاقلىغاندا، ئادەمنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى، جۈملىدىن روھىي جەھەتتىن بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ئوخشاش بولمايدۇ. ئېسىمدە قېلىشىچە، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دا قىزىل قوغدىغۇچىلارنىڭ كۈندە ئەتىگەندە قىلىدىغان تۇنجى ئىشى كاپىتالىزىم يولىغا ماڭغان ھوقوقدارلارنى كۈرەش قىلىش ئىدى. مەلۇم بىر ئورۇننىڭ بىر ئايال پارتكوم سېكرىتارى ئىلگىرى-كېيىن 100 قېتىمدىن ئارتۇق كۈرەشكە تارتىلغان، چېچى مەجبۇرى چۈشۈرۈۋېتىلگەن، كۈنبۇيى تېزلاندۇرۇپ قويۇلغان. ئەمما بۇ ئايال ناھايىتى ئىرادىلىك بولۇپ، كۈرەش قىلىنىپ بولۇپ ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن نىمە يىگۈسى كەلسە شۇنى يىگەن، ئۇيقۇسى كەلسە ئۇخلىغان.....ھىچ ئىش بولمىغاندەك يۈرىۋەرگەن. مەن ئۇنىڭغا چىن كۆڭلۈمدىن قايىل. ئۇ ھەقىقەتەن كومپارتىيە ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپ، ئۇنى «ئالاھىدە ماتىرىيالدىن ياسالغان» دىيىشكە بولىدۇ. شۇ مەزگىلدە دوختۇرخانىمىزدىكى بىر سېستىرالار باشلىقىمۇ تارتىپ چىقىرىلدى. ئۇ شاڭخەيلىك بولۇپ، ئۈلگىلىك سېستىرا ئىدى، بىمارلارغا خۇددى بىر تۇغقان قېرىندىشىدەك مۇئامىلە قىلىدىغان، تولىمۇ ياخشى سېستىرا ئىدى. ئەمىسە نىمىشقا تارتىپ چىقىرىلدى؟ باشقىلارنىڭ دىيىشىچە، دادىسى تارىخىي ئەكسىلئىنقىلابچىمىش. بۇ سېستىرا باشلىقى بەك ۋاپادار بولغاچقا، دادىسىغا ھەر ئايدا 20 يۇەن ئەۋەتىپ بېرىدىكەن، شۇڭا سىنىپىي مەيدانى ئېنىق ئەمەس، دەپ قارالغان. ئۇنىڭ بېشىدىن ئىسسىق-سوغوق ئۆتمىگەچكە، ئەتىسى تارتىپ چىقىرىلىدىغانلىقىنى، چېچىنىڭ چۈشۈرىۋېتىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ، بەك قورقۇپ كېتىپ قاتتىق غەم-ئەندىشىدە قالغان ھەم قورققىنىدىن ئەس-ھۇشىنى يوقىتىپ، ئەتە ئاھانەتكە قالغاندىن كۆرە، ئۆلگىنىم تۈزۈك، دەپ ئويلاپ ئوپىراتسىيە پىچىقى بىلەن بېغىشىدىكى تومۇرىنى كېسىپ، قېنىنى چىلەككە ئاققۇزغان، قان ئېقىپ يېرىمىغا كەلگەندە، قان بېسىمى تۆۋەنلەپ، قان تۇمۇرى تارتىشىپ، قان داۋاملىق ئاقالماي، جېنى چىقمىغان. ھەي، ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ تاڭ ئاتقاندىن كېيىن قىزىل قوغدىغۇچىلار كېلىدۇ، دىگەننى خىيالىدىن ئۆتكۈزۈپ، چىشىنى چىشلەپ 5-قەۋەتتىن سەكرىگەن، يەرگە بېشىچە چۈشۈپ، نەق مەيداندىلا جان ئۈزگەن. بۇ يەر دەل ئىشقا بېرىپ-كېلىشتىكى ئۆتەر يولىمىز ئىدى، جەسەت ئېلىپ كېتىلگەن بولسىمۇ، مېڭە قېتىقى يەرنى بىر ئالغان بولۇپ، ئادەم زادى چىداپ تۇرغىلى بولمايتتى. بۇ ۋەقە ھەرگىز ئېسىمدىن چىقمايدۇ. نىمە ئۈچۈن بەزىلەر 100 قېتىمدىن ئارتۇق كۈرەش قىلىنىپمۇ ھىچ ئىش بولمىغاندەك يۈرۈۋېرىدۇ؟ يەنە بەزىلەر ئەتىسى كۈرەش قىلىنىدىغانلىقنى ئاڭلاپلا روھىي جەھەتتىن تۈگىشىپ كېتىدۇ؟ مانا بۇ ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان يېرى. ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ روھىي جەھەتتىكى چىداملىقى، روھىي ھالىتى، مىجەز خاراكتىرى، ئىرادىسى ۋە باشقا تەرەپلىرى ئوخشىمايدۇ. مانا بۇ ئىچكىي ئامىلنىڭ ئوخشىماسلىقى. نىمە ئۈچۈن بېيجىڭدىكى بەزى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قان بېسىمى يوقۇرى بولىدۇ؟ بەزى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئارتېرىيىسى قېتىپ قالىدۇ؟ چۈنكى بىرسىنىڭ چوڭ دادىسىنىڭ قان بېسىمى يۇقىرى، يەنە بىرسىنىڭ چوڭ ئانىسى يۈرەك مۇسكۇلى ئۈلۈش كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن. شۇڭلاشقا، ئۇنىڭ قان بېسىمى باشلانغۇچ مەكتەپتىكى چېغىدىلا ئۆرلەپ كەتكەن بولۇپ، ئەگەردە ئۇنىڭدا يەنە سەمىرىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا ئالدىنى ئالمىسا ئۇ چوقۇمكى تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ كاندىداتى بولىدۇ.
(داۋامى بار)
مەنبە: "ساغلاملىق-بىباھا گۆھەر"ناملىق كىتابچە |