ۋا ئەلەيكۇم ئەسسالام ھۆرمەتلىك ئوبزورچى ئەپەندىم!
قىممەتلىك سالامىڭىز ۋە ئىنكاسىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت.
جەنابىي اللە سىزنىڭمۇ تېنىڭىزگە سالامەتلىك ، تۇرمۇشىڭىزغا بەخت ، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇقلار ئاتا قىلغاي . ئامىن . اللەقا شۈكرى . مەنمۇ سالامەت ئوبدان تۇرىۋاتىمەن.
بىز سۆزلەم قۇرۇلمىسىنى تەھلىل قىلغاندا، نوقۇل بىرلا نوقتىنى ئاساس قىلساق توغرا بولمايدۇ. ئەمما ، سىز بۇ جەھەتتە ئىلگىرلىمەي تۇرىۋاتىسىز.
مېنىڭچە:
1) تۈپ سۆز بىلەن ئۇنىڭ تۈرلەنگەن قىسمىنى كونكرىتنىرەك تەھلىل قىلىشىمىز، قارا-قويۇق بىرلا نوقتىدىن قاراپ تەھلىل قىلماسلىغىمىز كېرەك. چۈنكى تۈپ سۆزنىڭ قۇرۇلمىسى بىلەن تۈرلەنگەن قىسمىنىڭ ئۆزىگە خاس مەنا ئىپادىلەش ئالاھىدىلىگى بار. ئەگەر بۇنىڭغا دىققەت قىلماي، تۈپ سۆزنىڭ تۈرلەنگەن قىسمىنى تۈپ سۆز ھالىتىگە يېقىنلاشتۇرىمىز، دېسەك، ئۇ ھالدا قىرانلىق دەۋرىگە يەتكەن ئادەمدە بالىلىق دەۋرىدىكى ئالاھىدىلىگىمۇ بولىشى كېرەك ئىدى، دېگەندەك خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويىمىز. رۇشەنكى، بۇ مەنتىقىلىق خۇلاسسە بولماي قالىدۇ. چۈنكى ئادەمنىڭ قىرانلىق دەۋرىدە بالىلىق دەرىدىكى مىجەز بولمايدۇ،- دە(؟)
شۇنىڭ ئۈچۈن پارچىلاپ كۆرۈپ چىققان نەتىجىدىن ئورۇنسىز چۆچۈپ كەتمەي، تاۋۇشلارنىڭ تىل – تەلەپپۇز جەھەتتىكى قولاي بولغان ماسلىشىش قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەككى، بىھۆدە ھالدا تەلەپپۇز قىيىنچىلىغى سادىر قىلىپ قويماسلىغىمىز كېرەك.
قاراڭ:
(1) ئالدىنقى ئىنكاسىمدا دەپ ئۆتكىنىمدىكىدەك، تۈرك تىلىدىكى :
b - p , c - ç , d - t, g - k, z - s لار بەلگىلىك ئورۇندا ئەشۇ خىل تەركىپدىشى بۇيىچە بىر - بىرىگە ئۆزگىرىپ تۈرلىنىش بىلەن بەلگىلىك يېڭى مەنالارنى ئىپادىلەيدۇ.
(2) مۇنداق ئەھۋال رۇس تىلىدىمۇ بار. مەسىلەن:
شۇ نىڭ ئۈچۈن تۈۋەندىكى ئەھۋالدا:
تۈپ ھازىرقى قائىدە ئەسلىدىكى قائىدە
سۆزلەملەر بۇيىچە تۈرلىنىشى بۇيىچە تۈرلىنىشى
چاتاق چاتىقىم چاتىغىم
قىزىق قىزىقى قىزىغى
ئەللىك ئەللىكى ئەللىگى
ئۆتۈك ئۆتۈكۈم ئۆتۈگۈم
يىرىك يىرىكى يىرىگى
غەزەپ غەزىپىم غەزىۋىم
مەنسەپ مەنسىپىڭ مەنسىۋىڭ
تۈپ سۆزلەرنىڭ ئەسلىدىكى قائىدە بۇيىچە تۈرلىنىشى ئېقىلغا مۇۋاپىق بولۇپ، تۈۋەندىكىدەك ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە:
1 ) تىل قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن؛
2 ) تەلەپپۇز قىلىشقا ئاسان؛
3 ) ئاڭلىنىشقا يېقىملىق؛
4 ) ئىملا قائىدىسى ئىلمىي ھالدا ئىزچىللىغىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن زامانداشلىرىمىز ۋە كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ئەجداتلىرىنىڭ كىتاپ ماتېرياللىرىنى خاتاسىز ئوقۇپ چۈشىنەلىشىگە پايدىلىق؛
5) تىل–يېزىغىمىزنىڭ يۇمشاق-يېپىشقاقلىغىنى ھەقىقىي گەۋدىلەندۈرۈشكە پايدىلىق؛
6) ئۇيغۇر تىل - يېزىغىنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنىڭ يۈكسەكلىگىنى نامايان قىلىشقا پايدىلىق؛
7) بۇنىڭ بىلەن سۆيۈملۈك ئانا تىل يېزىغىمىزغا چاپلانغان «تىلنى توغرا ئىپادىلەپ بىرەلمەيدۇ» ، «جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىھتىياجىغا ماسلىشالمايدۇ»، «مىللەتلەر ئىتىپاقىنىڭ ئىھتىياجىغا ماسلىشالمايدۇ» دېگەن لەنىتى تۆھمەت – ھاقارەتلەرنى ئىلمىي يۇسۇندا يوق قىلىشقا پايدىلىق.
مۇشۇنداق بولغان ئىكەن، يانىلا ھازىرقى ئىملا قائىدىسىنى قوبۇل قىلىشتا چىڭ تۇرىۋىرەمدۇق؟
خەير، بۇ دېگەنلىرىمنى ئوبدانراق ئويلىنىپ كۆرەرسىز.
ئاللاھقا ئامانەت .