- تىزىملاتقان
- 2011-9-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 9497
- نادىر
- 1
- يازما
- 568
ئۆسۈش
89.94%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا abdulquddus تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-9-8 16:40
obzorqi يوللىغان ۋاقتى 2015-9-6 10:52
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم abdulquddus ئەپەندى ، ياخشى تۇردىڭى ...
ۋائەلەيكۇم ئەسسالام!
ھۆرمەتلىك ئوبزورچى ئەپەندىم!
سىزمۇ ئوبدان تۇرىۋاتىدىغانسىز؟
جەنابىي ئاللاھ ھەرزامان سالامەت ، خۇشۋاخ بولىشىڭىزنى نېسىپ ئەيلىگەي، ئامىين!
بۈگۈن مەن خېلىلا ئېغىر روھىي بېسىمدىن قۇتۇلۇپ قالدىم. چۈنكى، مەن سىزدەك جاسارەتلىك بىر ئىلمىي ھەمراز بىلەن ئۇچرىشىپتىمەن ئەمەسمۇ؟
دەرۋەقە، سۆيۈملۈك ئانا تىل - يېزىغىمىز دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلىك قىسمەتلەر ئەقلى ئويغاق مەسئۇلىيەتچان ئىلىم ئەھىللىرىنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ. ئەمما مەن مۇنداق دېيىش بىلەن ئۆزۈمنى ئۈستۈن چاغلىماقچىمۇ ئەمەس. پەقەتلا، جەنابىي ئاللاھ ئاتا قىلغان ئېقىل ۋە تىلدىن ئىبارەت خىسلەتلىك ۋە ھىكمەتلىك ئىككى نىئمەتنى قەدىرلەش يولىدا ئىزدەنگۈچى، خالاس.
ئۆز نۆۋىتىدە بۇ ئەقلى ھۇشى جايىدىكى ھەر قانداق ئىنساننىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان ئىمانى، ۋىجدانى بۇرچىدۇر.
ئەمما كۆپ ئەپسۇس، زور كۆپ سانلىق «زىيالى» لىرىمىز بۇ جەھەتتە تولىمۇ بىپەرۋالىق، ھەتتا قۇيرۇقۋازلىق قىلىپ يۈرىۋاتقاچقا، سۆيۈملۈك ئانا تىل - يېزىغىمىز كىشىنى قاتتىق ئېچىندۇرىدىغان پاجىئەتلىك قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ.
بۇ يەردە قىسقىچە ئېيتىپ ئۆتىدىغان بولسام:
1)1962-يىلىغىچە مۇشۇ يېزىغىمىزنى قوللىنىپ تۇرمۇش ۋە تەرەققىياتتا ئىپادىلەشكە تېگىشلىك سۆز - جۈملىلەرنى لايىغىدا يېزىپ ، ئالاقىمىزنى ئاسان، ھاجىتىمىزنى راۋان قىلىپ بىر ئوبدان ياشاپ كېلىۋاتاتتۇق. ئەمما كۈتۈلمىگەندە لەنەت تەككۈر «يېزىق ئىسلاھاتى» پەيدا بولۇپ ئاتالمىش «يېڭى يېزىق» دېگەن بىر نېمە ئۆگۈنۈش-قوللىنىشقا سۇنۇلدى ۋە نۇرغۇنلىغان پىشقەدەم زىيالىلىرىمىز ساۋاتسىز بولۇپ ئىنتايىن ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى. ئاللاھقا كۆپ شۇكۈر، مىليونلىغان خەلقىمىزنىڭ «دادۇ پەريادى» بىلەن مونۇ يېزىغىمىز ئەسلىگە كەلدى. ئەمما كېيىن كۈتۈلمىگەندە ئاتالمىش «ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىغى» دېگەن بىر نېمە پەيدا بولدى. ئۇنىڭدىن بىر مەھەل ئۆتۈپ «ئۇيغۇر لاتىن يېزىغى» دېگەن بىر نېمە پەيدا بولدى. شۇنداق قىلىپ دەسلەپكى «لاتىنچىلاشقان يېزىق» تا < چ > ئوقۇلىدىغان ھەرپ ئەمدى < ق > ئوقۇلىدىغان قىلىپ بېكىتىلدى. بۇنىڭ بىلەن «Mening balam nahayiti yaxshi qong boldi» دېگەن جۈملىنى بەزىلەر «مېنىڭ بالام ناھايىتى ياخشى چوڭ بولدى.» دەپ ئوقۇسا، بەزىلەر «مېنىڭ بالام ناھايىتى ياخشى قوڭ بولدى.» دەپ ئوقۇيدىغان بولدى.
بۇ زادى نىمە ئۈچۈن؟
بىزنىڭ ئۆز يېزىغىمىزنىڭ گۈنايى زادى نىمە؟
بىلىنگەن ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، چەتئەل تىلىدىكى ئىسىم – ناملارنى توغرا يېزىشنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈنمىش....!
بۇ قانداق ئەھۋال؟
بىز يېزىغىمىزنى باشقىلارنىڭ تىل – تەلەپپۇز ئىقتىدارىنى نىشانلاپ ئىجات قىلىمىزمۇ؟
ئەگەر شۇنداق بولىدىغان بولسا، قېنى ماۋۇ قوشنىمىز «ئۇيغۇر» دېگەن نامنى «ۋېيزۇ» ياكى «ۋېيۋۇئېر»، «قەشقەر»نى «كاشى»... دەپ خاتا يازىدۇ. شۇڭا بىرەر خەنزۇ ئالىم : «بىزنىڭ مونۇ يېزىغىمىزدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم – ناملىرىنى توغرا يازغىلى بولمايدىكەن» دەپ «خەنزۇ ئۇيغۇر يېزىغى» دېگەن يېزىقنى ئىجات قىلىپتىمۇ؟
ئوخشاشلا ماۋۇ رۇسلارمۇ «ئۇيغۇر» دېيەلمەي «ئۇيگۇر»، «ھېتلېر» دېيەلمەي «گېتلىر»،.. دەپ يازىدۇ. ئۇلاردىنمۇ بىرەر ئالىم چىقىپ : « بىزنىڭ مونۇ يېزىغىمىزدا باشقىلارنىڭ ئىسىم – ناملىرىنى توغرا يازغىلى بولمايدىكەن» دەپ «رۇس ئۇيغۇر يېزىغى» دېگەندەك يېزىقنى ئىجات قىلىپتىمۇ؟
ئوخشاشلا ئىنگىلىزلارمۇ «ئۇيغۇر»نى ئۇيغۇر دەپ تەلەپپۇزمۇ قىلالمىغاننىڭ تاشايىنىدا Uygur ، Uigur ، Uighur دەپ يازىدۇ ۋە «ۋېگې»، «ۋېگۇئې» دەپ تەلەپپۇز قىلىدۇ. ئەمما ئۇلاردىنمۇ بىرەر ئالىم چىقىپ : «بىزنىڭ تىل – تەلەپپۇزىمىزدا باشقىلارنىڭ ئىسىم – ناملىرىنى توغرا يازغىلى ۋە ئىپادىلىگىلى بولمايدىكەن»دەپ «ئىنگىلىز ئۇيغۇر يېزىغى» دېگەننى ئىجات قىلىپتىمۇ؟
ياق!
ئۇنداق بولسا بىزگە نىمە لاۋىزىلىق؟
2) بۇ دەرت ئاز بولۇپ قالغاندەك، 1985 –يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بىر ئوبدان قېلىپلاشقان ۋە «ئالتۇن دەۋرى» گە ئۇلاشقان مونۇ تىل - يېزىغىمىزنىڭ گرامماتىكىلىق قائىدىسىگە «مېتە» چۈشۈشكە باشلىدى ۋە ئەمدى تىلىمىز شۇ قەدەر مەنتىقىسىز، تېتىقسىز، لاۋىزا بولۇشقا باشلىدىكى، ئادەمنىڭ « ھۆ !» قىلغۇسى كېلىدۇ!!! (تەپسىلاتىنى ./thread-27697-1-1.html دىن كۆرۈشكە بولىدۇ.)
بىزنىڭ يېزىغىمىز زادى نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ؟
قېنى بىزنىڭ زىيالىلىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى؟
ئەي ئۇيغۇر زىيالىلىرى!
ئىلىم ھەقىقىتى ئۆلدىمۇ؟
ۋىجدانىڭلارنى قاغا – قۇزغۇنلار يەپ كەتتىمۇ؟
سىلەرگە زادى نىمە بولدى؟
خەير، بولىدىغان ئىش بولدى. ئەمما خەلقىمىزنىڭ جانىجان مەنپىئەتىگە بىۋاستە تاقىلىدىغان بۇ مەسىلىدە يانىلا مۇرەسسەچىلىك، بىخەستەلىك قىلىشقا ھەرگىزمۇ بولمايدۇ. بەلكى، زامانداشلىرىمىز ۋە كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ خاس تىل – يېزىغىمىزنى خاس قائىدە – قانۇنىيەتلىرى بۇيىچە قوللىنىشقا يول ئېچىشىمىز، قارا قۇيۇن ، ئازغىندى شاماللارنىڭ ئالدىدا يىلتىزى يوق قامغاقتەك ھەر قاياققا دۇمىلاۋەرمەسلىگىمىز كېرەك! زىيالى دېگەن نامغا يارىشا ياشاش كېرەك!!!
شۇنىڭ ئۈچۈن:
1)تۇنجى قېتىم قوللىنىلغان «يېڭى يېزىق» تىن باشقا خىل لاتىنچە يېزىقلارنى يېزىق مەيدانىدىن قوغلاپ چىقىرىش كېرەك. چۈنكى، ئۇ يېزىق قوللىنىلغان مەزگىلدە نۇرغۇن قىممەتلىك ماقالىلار ۋە ھەتتا رومانلار يېزىلغان. شۇنداقلا نۇرغۇن تارىخىي ئەسەرلەرنىڭ تېكىستلىرى ترانسكرىپسىيە قىلىنغان ئىدى...
2) 1986-يىلىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان گرامماتىكىلىق قائىدىلەرنى شەرتسىز ئەمەلدىن قالدۇرۇش، «ئالتۇن دەۋر»نى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق، تىل قانۇنىيىتىنىڭ قالايمىقان قىلىنىشنىڭ ھەتتا بۇزغۇنچۇلۇققا ئۇچرىشىنىڭ جىددىي ئالدى ئېلىنىشى كېرەك.
زامانداشلىرىمىز ۋە كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىز ئۇيغۇر تىلىنىڭ نەقەدەر پاساھەتلىك، تاتلىق، راۋان ۋە مەنتىقىلىق تىل ئىكەنلىگىنى ئەمەلىي ھېس قىلىشى كېرەككى، ئۈگەنگەنسىرى زوق-ئىشتىياقى جانلىنىدىغان بولسۇن!
......................!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
بەزى قاراشلىرىمىزدا پەرقلەر بار ئىكەن. بىرئاز ئويلىنىپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن.
ئابزاسلارنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلىڭىز بەكمۇ ئاقىلانە ئېيتىلغان، ئەلبەتتە. بۇمۇ تىل دەرسلىگىمىزدە ئوبدان تۇنۇشتۇرىلىشى كېرەك. ھازىرقى ئۇسۇل ھەقىقىتەن توغرا بولمىغان!!!
خەير، ئاللاھقا ئامانەت بولۇڭ!
|
|