- تىزىملاتقان
- 2015-1-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 12855
- نادىر
- 0
- يازما
- 1240
ئۆسۈش
7.14%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا putin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-9-22 22:49
ئۇمۇن ئەپەندىنىڭ خىلى ئۇزاق ۋاقىتتىن كىيىن چىققان بۇ يازمىسى ئىنتايىن قىممەتلىك چىقىپتۇ .بۇ يازمىنىڭ قەلەم قۇۋىتى ئىلگىرىكى ئەسەرلەرگە قارىغاندا ئاممىبابلىققا قاراپ ،كەسپىي سۆزلەردىن چۈشىنىشلىك سۆزلەرگە قاراپ مىڭىپتۇ .بىراق ،ئىلگىرى سۈرلمەكچى بولغان ئىدىيە ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيىلىك تەپەككۈردىن ئۆتۈپتۇ .
ئۇمۇن ئەپەندى تېلغا ئىلىپ ئۆتكەن ئا.مۇھەممەتئىمىننىڭ تاماكا چىكىشى ۋە ئۆزباشنىڭ ماقالىسىدىكى بۇ ئىشنى كىتابخۇمار ئۇ ئايالغا مەززىلىك قىلىپ چۈشەندۈرۈشى ۋە تاماكا چەككەنلىكى ئۈچۈن كىتابىنى ئوقۇماسلىق ،ئىتراپ قىلماسلىق شۇئارىنى بىيىتماقچى بولغانلار پەقەت ئۆزىنىڭ مەلۇم خىل نىيىتىنى ‹قۇيرۇق ›ئارقىلىق ئىنكار قىلىش ئۈچۈنلا بازارغا سالىدۇ .ھەممىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئىسلامسىز بولغان كىشىلەرنىڭ ئەجرىدىن كەلگەن نەرسىلەر ئارقىلىق تۇرمىشىمىز بىيىتىپ تۇرىمىزيۇ لىكىن ،بۇ نەرسىلەرنى ئىسلام ئاڭ سىلىقى ئارقىلىق ئۆلچەيمىز .بۇنداق كىشىلەر ئۆزىگە كىرەك قىلىدىغنى ئىسلامنىڭ قىممىتى ياكى ھەق قىممىتى ئەمەس بەلكى ئۆز قىممەت دەپ قارايدىغان ئىدىيەنىڭ قىممىتىدۇر .
يەنە ئەركىنلىك ۋە دىنىي ئىتىقادقا قارىتا ئۇيغۇر جەمئىتىنىڭ زامانلىق ئالاھىدىلىكىنى ئىنتايىن توغرا شەرھىيلەپسىز .ئىسىڭىزدە بولسۇن ئۇممۇن ئەپەندى .دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سان ۋە سۈپەت سىلىشتۇرمىسىغا ۋارىسلىق قىلغان ئۇيغۇر جەمىئىتىدىمۇ شۇنداق كىشىلەر بار .ئاڭسىز ھالدا ئىتىقادمەن ۋە مۆھمىن بولۇپ ياشايدىغان .بۇلار ئاللاھنىڭ ئەلچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ،بارى - يوقى بىلەن ئىمان كەلتۈرۈپ ،ئىسلام ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغانلارنىڭ بىلىمدان ،تىرىشچان ،ئىلىمخۇمار ،مەرىپەتپەرۋەر ،ئەلەم ۋە قەلەمگە ماھىر جەمىئەت ئىقتىساسلىقلىرى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ھەرخىل پەتىۋا ۋە ھەدىسپەرەسلىك ئارقىلىق تەرەققىيات ،ئەركىنلىك ،مائارىپ، مەدىنىيەتلەرگە تۇشقۇنلۇق قىلىدۇ .بۇنى بىزنىڭ تارىخىمىزدىكى زۈلمەتلىك بىرقانچە بۆلەك ۋاقىتلار ئىسپات بولالايدۇ .ئۇيغۇر ئۇلۇسلىرىمىز ئۆزىگە ئىتىقادنىڭ ئىنىقلىمىسىنى مېللەتتىن .ئىزدىسە ،ئاشقىنىنى ئۆز ھەق دەپ بىلگەن دىندىن ئىزدىسە ئاندىن ئەركىن ،تۆھپىكار ،تەرەققىيات ساھىبى ،ھۆر ئۇيغۇر كىشىللىرى پەيدا بولىدۇ .يەنىلا دىنىي ئىتىقادچلىقنى ھاياتلىقنىڭ ئالدىنقى ئۆلچىكى قىلىدىغان جايىل كىشىلەر بولسا دىندارلار ،ئىستىلارچىلار ،باسمىچىلار ،سىياسەتۋازلار تەرىپىدىن جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن قۇل ئۇيغۇر جەمىئىتىنى بىقىپ ياتىدۇ .
|
|