- تىزىملاتقان
- 2014-3-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4458
- نادىر
- 4
- يازما
- 254
ئۆسۈش
81.93%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mustafaoguz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-9-23 02:05
يەيدىغان نەرسىلىرىمىزنىڭ سۈنئىيلىشىپ، خىمىيىلىشىپ كىتىشى بىلەن بىرگە مىڭىمىزگە ئوزۇق بىرىدىغان بۇ يىمەكلىكلەر تەسىرىدە بەزى ئىدىيەلىرىمىزدىكى خىمىيىلىشىشكە قارىتا ھەيران قالالمىدۇق، توغرىسى قوبۇل قىلدۇق.
ئەلۋەتتە، ئالدى بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرۈش كىرەككى ئومۇن دىگەندەك بىر كىشىنىڭ بىزگە ياقمىغان شەخسى قىزىقىشى ۋەياكى ئادىتىنى تۇتقا قىلىۋىلىپ ئۇنىڭ جەمئىيەتكە كۆرسەتكەن ئىجابىي قىممىتىنى يوققا چىقىرىپ سۆكۈش ھەقىقەتەن يولسىزلىق ھەم قاراقورساقلىقتۇر. بۇ دىندا ھەم قانۇندا چەكلىنىدۇ. كۆپچىلىك دىنلار كىشىلەرنىڭ ئەيىپىنى كوچىلاش ھەم شۇ بىر ئىككى ئەيىپى بىلەن بىر پۈتۈن ئەمىلىنى ئومۇم ئالدىدا ئىنكار قىلىشنى ئەخلاق بابىدىن ھىساپلىمايدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن م.ھوشۇر ئۇستازنىڭ ساغلاملىقىغا زىيانلىق بىر ئەيىپى بىلەن پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىشمۇ بۇنىڭ جۈملىسىدىن ئەلۋەتتە. خودا ئەپۇچان زات نى-نى گۇناھلارنى كەچۇرۋاتسا سەن بىزدەك نۇقسان تۆكۈلۇپ تۇرىدىغان ئىنساننىڭ كەچۈرمەيدىغان نىمە ھەققىمىز بار ؟
بىراق، قىرىنداشلىرىم، ئومۇن گەپتە مۇشۇ يەردە توختاپ قالسىمۇ بولاتتى، بىراق تىمىنىڭ ئەسلى يىزىلىش مەقسىتى ئارقىدىكى خىمىيىلەشكەن ئىدىيە مەزمۇنىدا ئىدى. بىز مۇھىم بىر نۇقتىغا ئىنتايىن سەل قاراۋاتىمىز. ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ شۇنداق بىر ھىكمىتى بار، يەنى مەزمۇنى بىر خاتا ئىشنى (ئەيىپنى) كۆرگەندە قول بىلەن توساش،قول بىلەن توسالمىسا تىل بىلەن توساش،تىل بىلەن توسالمىسا ئۇ يەردىن چىقىپ كىتىش،ئۇنىمۇ قىلالمىسا دىلىدا ئۇ ئىشقا نارازى بولۇش، مانا بۇ ئىماننىڭ ئەڭ ئاجىز ھالقىسى ئىكەنلىكى توغۇرلۇق بايان بار. مانا بۇ بىر شەخىس ئۆز شارائىتىغا قارىتا سىتراگىيە بەلگىلەپ گۈزەل، تىنچ، بىخەتەر جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ ئۆلچەم خەرىتىسى ئىدى. بىراق بىز ئۆزىمىزگە مەسئۇللۇق ،ئائىلىگە مەسئۇللۇق،جەمئىيەتكە مەسئۇللۇق تۇيغۇمىزدىن ۋاز كېچىشكە قاراپ ماڭدۇق. ئومۇن دىگەندەك خەق بىلەن نىمە ئىشىمىز، نىمە قىلسا قىلمامدۇ، ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى ئەمەسمۇ دەپ "ئىلغار" ئىدىيەدە قوراللاندۇق. ئومۇن خىلىدىن بۇيان جەمئىيەتنى ئوپىراتىسيە قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كىلىۋاتىدۇ، ھالبۇكى ئوپىراتسىيە پىچىقىنىڭ نە قەدەر گاللىقىنى ھىس قىلالىغۇدەك دەرىجىدە ئەمەس. چۈنكى ئىلىمنىڭ كۆتۈرۈلۇپ كىتىشى بىلەن، بىر ئىككى كىتابنى ئوقۇپلا جەمئىيەتنى ئوپىراتسىيە قىلىشقا ئالدىرايدىغان ئىلىمسىزلار توپى كۆپىيىپ كەتتى. ئىلىمسىزلىك ئىلىم دەپ شەرھلەندى.
ئومۇن، بوپتۇ سىنىڭ گۆدەكلەرچە ئويىڭىدا دىگىنىڭدەك بولسۇن. دىداكتىك يازغۇچىلىرىمىز، شائىرلىرىمىز كۈندۇزى مىللەت قىزلىرىنىڭ ئىپپەت سودىسى توغۇرلۇق يىغلىتىۋەتكۈدەك تەسىرلىك رومان،ماقالە ۋەياكى شىئىر يازماق بىلەن مەشخۇل بولسۇن، كېچىسى قاۋاھلاردا،بەزمىخانىلەردە يۇرسۇن ئۆز قىزىدەك قىزلار بىلەن رەڭدارلىشىپ يۈرسۇن. بىزمۇ غەرپتىن ئىمپۇرت قىلغان يۈكسەك « ئەركىن» ھەم «ئىلغار» قاراشلىرىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ كېچىسىنى كۆرمەسكە سېلىپ، كۈندۇزى يازغان ئەسەرلىرى ئۈچۈن تون كىيگۈزەيلى. دىنىي زىيالىرىمىزمۇ ھەم كۆلگە سىيماڭلار يامان بولىدۇ دەپ بىزگە ئۆگۈت قىلسۇن،ئۆزى بىرىپ كۆلگە سىيسۇن بىز كۆلنى سۇغۇرۋاتىدۇ دەپ بىلەيلى. ئاتىلىرىمىز بالام تاماكا چەكمە،ھاراق ئىچمە دەپ تەربىيەنى سوقسۇن، ئاندىن قولىمىزغا پۇل تۇتقۇزۇپ ئۆزىگە ھاراق،تاماكا ئەكىرگۈزسۈن، بىز دادام ماڭا ئىبرەت بولۇشى ئۈچۈن ياخشى نىيەتتە ئۆزىنى زەھەرلەۋاتىدۇ دەپ ھەممە ئىشقا «ئىلغار»ئىدىيە،كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلايلى. ئۇ ۋاقىتتا بۇ جەمئىيەت تىنچ،بىخەتەر،گۈزەل جەمئىيەتكە ئايلىنىدۇ، شۇنداقمۇ ؟
ھىندىستان ئاتىسى گەندىنىڭ ئالدىغا تۇرمۇشى نامرات بىر ئانا دائىم شىكەرلىك تاتلىق يەيدىغان بالىسىغا شۇ تاتلىقنى يىمەسلىكى توغرىسىدا تەربىيە قىلىپ قويۇشى ئۈچۈن كەلگىنىدە، گەندى بىر ھەپتىدىن كىيىن كىلىشنى بۇيرۇپتۇ. بىر ھەپتىدىن كىيىن كەلگىنىدە بالىغا پەقەت «بالام،بۇندىن كىيىن ئۇ تاتلىقنى يىمە»دەپتۇ. ئانا ھەيرانلىقتا نىمە ئۈچۈن شۇ بىر كەلىمىنى دىيىشكە بىر ھەپتە كىچىكتۇرگىنىنى سورىغىنىدا، ئۆزىنىڭمۇ شۇ تاتلىقنى بۇرۇن يەيدىغانلىقىنى، شۇڭا بىر ھەپتە يىمەستىن ئاندىن بالىغا تەربىيە قىلغانلىقىنى ئىيتقان.
شۇنى ئۇنۇتما ! بىر پاھىشە ياكى ھەمجىنىسنىڭ ئۆز ئۆيىدە قانداق ئەيىپ ئىش قىلىشى باشقا گەپ، ئەمما ئۇ ئىشنى ئاممىۋى سورۇنغا ئىلىپ چىقسا باشقىلارنىڭ توسۇش يولى بار. چۈنكى بىرى ئۆز شەخسىي مۇھىتىدىكى قىلمىش بولسا،يەنە بىرى باشقىلارنىمۇ زەھەرلەيدىغان باشقا كىشىلەر جەمئىيىتىگە دەخلى قىلىدىغان قىلمىشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىككىسى ئارىسىدىكى پەرقنى ئايرىۋال . بىراۋنىڭ ئۆز ئۆيىدىكى گۈللۈكىگە قالايمىقان ئەخلەت تاشلاپ دەسسەپ گۈللىرىنى ئۆلتۇرىشىگە بىزنىڭ ئۆيىمىز بولمىغانلىقى ئۈچۈن بىرنىمە دىيەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. ئەمما كوچىدىكى كوللىكتىپ گۈللىكىدە شۇ قىلمىشلارنى سادىر قىلسا بىز ئۇنى توسۇيمىز. گەپكە كەلسەك ،م.ھوشۇر ئۇستازنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىدا قانچىلىك تاماكا چېكىشى ئۆزىنىڭ ئىشى. بىراق كوللىكتىپقا سۇنغان كىتابىدا تاماكا چەككەن رەسىمىنى چېقىرىشى شەخسىيلىكتىن ھالقىغان كوللىكتىپلىق چەمبىرىكى ئىچىدىكى ئىشتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇرمەننىڭ بۇنى تەنقىدلەش ياكى ماختاش ھوقۇقى باردۇر، ھەتتا قىلىنىشى كىرەك. بىراق ئۇ ئەيىپىنى تۇتقا قىلىۋىلىپ ئىجابىي قىممىتىنى يوققا چىقىرىش يولسىزلىقتۇر. |
|