- تىزىملاتقان
- 2014-9-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1478
- نادىر
- 1
- يازما
- 89
ئۆسۈش
47.8%
|
ئىلىم چېيى ئەسلىدىن مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك تېملىرى ۋە مەزمۇنلىرى بىلەن تولىمۇ خاراكتېرلىك. ئۆتكۈر ئەپەندى خاتىرىسىگە بېغىشلانغان سانى ھەممىمىزدە مەمنۇنىيەتلىك تۇيغۇلارنى ئاپىرىدە قىلدى. ئىلىم چېيىنىڭ ئىلمىي ۋە قىممەتلىك سورۇنلىقىغا كۆز تەگمىسۇن.
ئۆتكۈر ئىلىم چېيىنىڭ فىلىمىنى تولۇق كۆرگەندىن كېيىن:
1. ئۆتكۈر ئەپەندى ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخىدىمۇ ئۈلگىلىك ، كەم ئۇچىرايدىغان تىپ. بۇ زاتنىڭ بەدىئىي دىتى ئۇ ھايات ۋاقتىدىلا كۆپچىلككە نامايەن بولغان. بۈگۈن ئىلىم چېيى ئارقىلىق ئەدەبىيات جەمئىيەتشۇناسلىقى نوقتىسىدا ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ قەلىمىگە ياخشى باھا بېرىلىپتۇ. ئۇنىڭ يازغانلىرى دەل ئۇنىڭ كۆڭلىدۇر، غايىسىدۇر. بىز بۇنى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىنمۇ بايقايمىز.
2. بۈگۈنكى زامان يۈنىلىشىگە تەۋە ئەدىبلەر ئارىسىدا ئۆتكۈر ۋە زوردۇن سابىر ئەپەندىلەر بۈيۈك تېمىلار قاتارىدا سانىلىدۇ. بۇنى ھېس قىلىش ، تونۇش ۋە تونۇتۇش مۇھىم ئىشلارنىڭ مۇھىمى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنسا «ئۆتكۈر ئىلىم چېيى»غا ئوخشاش ئىلمىي ۋە ئەھمىيەتلىك چايلار يېتەرلىك دەرىجىدە ئاۋۇپ مەنىۋىيىتىمىزدىكى چاڭقاقلىقنى سەل بولسىمۇ باسالىغان بولاتتى، بۇ قېتىمقىسى شۇنىڭ دەسلەپكى ئۈلگىسى بوپتۇ.
3. ئۆتكۈر ئەپەندىنى مەنىۋى ئۇستاز، بۈيۈك ئابىدە دېدۇق، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش ئۇستازلارنىڭ مەنىۋىيىتىمىزگە يېتەكچىلىك قىلغان ئۇستازلىقى قانداق ۋە نەدە؟ بۇ ئەمدىدىن باشلاپ بولسىمۇ بىزنىڭ لىللا ۋە ساپ ھالدا توختىلىشىىمىزغا توغرا كېلىدىغان تەرەپكەن. بۇ تەرەپ روياپقا چىقسا خەلچىخان ئانىمىزنىڭ ھاياجاندىن تۈككەن ياشلىرى يەنىمۇ ئورنىنى تاپقان بولاتتىكەن، دېگەن ئويغا كەلدىم.
4.خەلچىخان ئانىمىز،ئوسمان ئىسمائىل تارىم مۇئەللىم، قۇربان مامۇت ئەپەندى، پەرھات جىلان ئەپەندى، مۇھەممەت پولات ئەپەندى، زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئەپەندى ۋە سۇلايمان قىيۇم ئەپەندىلەر ئۆتكۈر ئەپەندى ھەققىدىكى ئىلىم چېيىغا رەسمىي ھالدا ھەقىقىي زىننەت ۋە قىممەتنى ئۈستىلەپ قوشۇپتۇ. ئۆتكۈر ئەپەندى ھەققىدىكى ئىلمي سەييارە سورۇنلاردىكى كىشىنىڭ خۇشلىقنى قوزغايدىغان تىپىنى يارتىپتۇ .
ئومۇمەن، تەشكىللەش ، ئورۇنلاشتۇرۇش ، يېغىش ئاخىردا روياپقا چىقىرىش جەريانلىرىدىكى تۈرلۈك قېيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ياكى بىمەنلىكلەر يۈز بەرگەن تەپسىلاتلارغا يېتەرلىك يۈزلىنش ئارقىلىق مۇۋاپىقىيەتلىك ئۈتكۈزۈلگەن ئۆتكۈر ئىلىم چېيي يۈز پىرسەنىتلىك ئىستىتىك تۇيغۇمىزنى تولۇق جاللاندۇرالمىسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ كۆزلىگەن ھەقىقي ئەھمىيەتلىك نىشانىغا يېتىپتۇ. كۆپچىلىك ئەسلى مۇشۇنداق بولىشىنى خالايىتتى. ئىلىم چېيىنىڭ قەدەملىرى قۇتلۇق بولسۇن. |
|