- تىزىملاتقان
- 2015-5-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 255
- نادىر
- 0
- يازما
- 9
ئۆسۈش
85%
|
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىزلەر!
بۇ تېمىغا يازغان ئالدىنقى ئىنكاسىمدا دەپ ئۆتكەن ئابدۇقادىر داموللامنىڭ بۈيۈك كۆرسەتمىسى شەخسەن مېنىڭ مەسىلىلەرنى كۆزىتىشىمدىكى ۋە باھالىشىمدىكى تۈپ چىقىش نۇقتام . مۇشۇ چىقىش نۇقتام بۇيىچە مەن بىلىمسىزلىكنى مىللىتىمىزنىڭ بىرىنچى نۇمۇرلۇق رەھىمسىز رېئاللىقى دەپ قارايمەن. مەيلى ئۆزىمىزنى ۋە ئۆزىمىزنى ئوراپ تۇرغان مۇھىتنى تونۇش جەھەتتىن بولسۇن ۋە مەيلى ئۆزگەرتىش جەھەتتىن بولسۇن، بىلىمنىڭ ئاداققى زۆرۈر شەرت ئىكەنلىكى ئاللىقاچان ئوتتۇرغا چىققان مەسىلە. مەسىلىلەرگە بولغان تونۇشىمىزنىڭ يىتەرسىز بولۇشى ۋە ئاشۇ يىتەرسىز تونۇشنىڭ بىزنىڭ خاتا پوزىتىسسىيە تۇتىشىمىز ۋە خاتا ھەرىكەت قوللىنىشىمىزغا سەۋەپچى بولۇپ قىلىشى شۇ مەسىلىدە يىتەرلىك توغرا تونۇشنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن كېرەك بۇلىدىغان بىلىم، تەجرىبىلەرنىڭ كەم بولغانلىقى تۈپەيلىدىن بولىدۇ، ئەلۋەتتە.
دىمەك، ھاياتتىكى مەسىلىلەرگە قارىتا توغرا تونۇش تۇرغۇزۇش ئۈچۈن، ئاشۇ مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئاساسىي بىلىملەرنى يىتەرلىك ئىگەللەش زۆرۈر. ئائىلە تەربىيىسى، مەكتەپ تەربىيىسى ۋە جەمىئىيەت تەربىيىلىرىدىكى يىتەرسىزلىك چوڭ بولىۋاتقان ئەھۋالىمىزدا، دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئەپەندى « ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە» دېگەن كىتابىدا تۇنۇشتۇرغان ئامېرىكا جەمىئىيىتىدە ئاللىقاچان ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانغان «ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش»، «ئۆمۈر بۇيى ئۆگىنىش» تىن ئىبارەت ئىجتىمائىي ئادەتنى بىزمۇ جىددى ئۆزلەشتۈرىشىمىز قەتىئىي لازىمدۇر. ئەنە شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئاساسىي مائارىپنىڭ سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان ، مەسىلىلەر ھەققىدىكى بىلىملەرنىڭ يىتەرسىزلىكى تۈپەيلى مەسىلىلەرگە بولغان تونۇشنىڭ يىتەرسىز بولۇپ قىلىش مەسىلىسىنى شۇنداقلا مەسىلىلەرگە بولغان تونۇشنىڭ يىتەرسىز بولۇپ قىلىش مەسىلىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان پوزىتىسسىيە ۋە ھەرىكەتلەردىكى خاتالىقلارنى توغرىلاش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلالايمىز. مۇشۇ نۇقتىنى بويلاپ ئويلىغاندا، پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمىئىيىتىدە بىزگە بىلىم بېرىدىغان شارائىت ۋە ۋاستىلەر قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى، ئەلۋەتتە. مانا مۇشۇ نۇقتىئىنەزەردىن قارىغاندا، ئىلىم چىيىنىڭ تارىخي زۆرۈرلىكىگە گەپ كەتمەيدۇ. شۇڭا، باشقا مەسىلىلەردىن پەيدا بولغان شەخسىي زىدىييەتنى مىللەتنىڭ مەنپەئەتىگە چىتىلىدىغان ئىلىم چىيى مەسىلىسگە ئارلاشتۇرۋالماسلىقىنى ئۆز قەۋىمنى سۈيىدىغان بارلىق ئەزىز قېرىنداشلاردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.
ئىككىنچىدىن، ئۆتكۈر ئەپەندى بىزنىڭ ئابىدە خاراكتېرلىك ئالىمىمىز. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ رولى ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ دائىرىسىدىن ھالىقىپ چىقىپ، مەدىنىيەت تارىخمىزدا بەلگىلىك ئىزنا پەيدا قىلدى. مېنىڭچە، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان تارىخىدا مىللى ئۆزلۈككە ئۆتكۈر ئەپەندىدەك جان كىرگۈزگەن شەخىسلەر ئىنتايىن ئاز. جان ئۈزگەندىن كېيىن، بىر-بىرىمىزنىڭ جىنازىسىنى كۆتىرىدىغان ئەزىز قېرىنداشلىرىم، قارا يەرنىڭ باغرىغا كىرىپ كەتكىنىگە 20 يىل بولغان مۆھتىرەم ئاتىمىزنىڭ مۇبارەك خاتىرىسىنىڭ ئالدىدا، ئەسلى بىر-بىرىمىزگە ئازار يەتكۈزۈشمىسەك بۇلاتتى. قارىغاندا، ھەربىرىمىز ئۆز خەلقىمىز ۋە ئالىمىمىزغا بولغان مۇھەببىتىمىزنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئەستايىدىللىق ۋە سەمىمىلىك بىلەن تەكشۈرۈپ باقساق بۇلىدىغان ئوخشايدۇ. بارلىق ئىنكاسلارنىڭ ئىچىدە ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ بالىلىقتىكى ئەسلىمىسىنى يوللىغان قېرىندىشىمىز ئەسلى مەقسەتكە ئەڭ يىقىنلاشقان. لېكىن، بارلىق ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، ئۆتكۈر ئەپەندىنى خاتىرلەش ئاساسىي كەيپىياتقا ئايلىنالمىغان. مانا بۇ ئىشلاردىن بىزنىڭ ماھىيەتلىك ئاجىزلىقىمىز كۆرۈنۈپ تۇردىكەن. ئۇ بولسىمۇ، مىللى بەخىت-سائادىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ كۈشەندىسى ئىتتىپاقسىزلىقتۇر. ھالبۇكى، ئاشۇ مىللى بەخىت- سائادەت ئۆزىمىزنىڭ، ئۆمۈرلۈك ھەمراھىمىزنىڭ، بالىلىرىمىزنىڭ، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ، كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ بەخت-سائادىتىنىڭ ئۇل تىشى ئەمەسمۇ بۇرادەرلەر؟ بولسا ھەممىمىز بۈيۈك ۋە تەڭداشسىز بولغان زاتنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن بىر-بىرىمىزگە بولغان ئاشقۇن ھېسسىياتىمىزغا ھاي بېرەيلى!
|
|