قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 21716|ئىنكاس: 73

[بوزقىر]گاۋ چىيۇ قانداقلا بولمىسۇن توپ تېپەلەيتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پەرۋايىم پەلەك

51

تېما

23

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   52.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1208
يازما سانى: 984
نادىر تېمىسى: 18
مۇنبەر پۇلى: 7498
تۆھپە : 4395
توردىكى ۋاقتى: 3243
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-8

نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-15 03:06:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

خوۋ گوپىڭ

بوزقىر تەرجىمىسى

فېليەتون يازىدىغان بىر دوستەك  يېقىندا گاۋ چىيۇ ھەققىدە بىر ماقالە يېزىپتۇ. ئۇ ماقالىسىدە نە قەلەمدە، نە ئەلەمدە ھېچقانداق ئىقتىدارى يوق شەرقىي ئاستانە كوچىلىرىدا تەمتىرەپ يۅرگەن  بىر سالپا-ساياق سولتەكنىڭ بىر توپ تېپىش بېلەنلا تەلىيى كېلىپ، ئەمىرلىك مەنسەپ كۇرسىغا ئولتۇرۇپ قالغانلىقىنى قەيىت قىپتۇ.
       شۇ ماقالىنى ئوقۇۋېتىپ ئويلىنىپ قالدىم. شۇ دوستەك  نېمە مەسىلىنى يورۇتماقچىكىنە ؟ تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى، 700نەچچە يىل بۇرۇنقى سوڭ سۇلالىسى فېۋدال خاندانلىق تۈزۈمىدىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەت. شۇنداق ئىكەن ئەمەلدارلارنىڭ دېگىنى دېگەن، قىلغىنى قىلغان بولىدىغان گەپ.شۇنداق تۇرۇپ كىممۇ خاندانلىقنىڭ گېپىنى يىرالىسۇن دەيسىز؟ بولۇپمۇ گاۋ خۇيزوڭ گاۋ چىيۇنى ياخشى كادىر ،دېسە كىممۇ ئۇنى قارا قورساق،دېيىشكە جۈرئەت قىلالىسۇن؟ بۇ پەقەت خان ئالىيلىرى بېلەن ئىدىيە جەھەتتىكى يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىماسلىققا ھېچكىمنىڭ ھەددى ئەمەسلىكى ھەممىگە ئايان بولغىندەىكلا بىر ئىش ، خالاس. ئوخشىمىغان كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ گەپ قىلماي يەنە 700نەچچە يىل ساقلاشقا توغرا كېلىدىغان گەپ.
            ۋەھالەنكى، 700يىلدىن كېيىن ئۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان مۇھاكىمىلەرنىمۇ كەم-كۈتسىز بولدى دېگىلى بولامدۇ؟ بۇنىسى ناتايىن. ئاۋال شۇنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىش زۆرۈركى، گاۋ چىيۇ مەيلى قانداقلا بولمىسۇن توپ تېپەلەيدۇ، بۇ ساھەدە ئۇنى ئەڭ ماھىر توپچى، خەلقئارلىق چولپان دېيىشكىمۇ بولىدۇ. مۇبادا جۇڭگونىڭ پۇتپول كوماندىسىدا مۇشۇنداق ماھىر تەنھەركەتچىدىن بىرسى بولىدىغانلا بولسا ئالامەت ئىش بولغان بولارىدى. شۇنداق بولغىنىدا تالاي توپ مەستانىلىرى ئۇنى مەبۇد تىكلەپ ،  ئۇنىڭ ئايىقىغا باش قويغان بولاردىدى.
          يەنە ئېيىتساق ، تەنتەربىيە ساھەسىدە ئاز-تولا بىرنېمە بىلىدىغانلارنىڭ كېيىن ئەپلەپ-سەپلەپ ئەمەلدارلىق سورۇنىغا كىرىۋېلىپ چوڭ-كىچىك مەنسەپ كۇرسىدا ئولتۇرۇپ باققانلىقى ھازىرقى زامان جەمئىيىتىدە ھەيران قالغۇچىلىكى يوق ئىش ھېساپلىنىدۇ، يەنە كېلىپ ئەشۇنداق ئىشلارمۇ رۇي بېرىپ باققان.مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىدە جۇاڭ زېدوڭ ئىسىملىك بىر دۇنيا تىك-تاك توپ چىمپىيوىنى بىرلا دومىلاپ مىنىستىر بولغان، جىڭجۈ تىياتىرى توۋلايدىغان خاۋ لىياڭ ئىسىملىك بىر ئارتىسمۇ مىنىستىرلىق كۇرسىغا ئولتۇرۇپ باققان. بۇنداق جانلىق پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، گاۋچىيۇغا ئوخشاش توپ تېپەلەيدىغانلارنىڭ ئەمەلدار بولۇشى ئىلگىرىمۇ بولغان، ھازىرمۇ بولغان كەلگۈسىدىمۇ بولۇش ئېھتىمالى بولغان ئىشلاردۇر.
        فېليەتون بېلەن ھەپىلىشىدىغان ئەشۇ دوستەكنىڭ قارىشىچە، ئەمەلدارلار سورىنىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىلا قەلەمگىمۇ ،ئەلەمگىمۇ ماھىرلاردىن بولۇشى كېرەككەن. بۇ سېپى ئۆزىدىن چەك باسمايدىغان گەپلەردۇر.
       مەن مەلۇم ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئورگىنىنىڭ كوللىكتىپ پەتىلەش پائالىيىتىگە تەكلىپ بېلەن قاتنىشىپ باققان. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىريەرگە يىغىلىپ شات خوراملىققا چۆمگەن شۇ پائالىيەتتە بىراۋ ۋاڭ ھاكىمنى نومۇر ئورۇنلاپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. ۋاڭ ھاكىم 40تىن ھالقىغان ، داڭلىق ئۇنۋېرسىتېتنىڭ ماگىستىرئاسپىرانىتى بولۇپ، ئادەتتە قەغەزگە قارىماي تۇرۇپ شۇنداق جانلىق، راۋان دوكلات بېرىدىغان ناتىق كىشى ئىدى. باشقىلارنىڭ ھەممىسىلا ئۇنى قورسىقىدا ئۇمىچى بار ھاكىم، دەپ ھۆرمەتلەيىتتى. ۋاڭ ھاكىم دەسلىپىدە نومۇر كۆرسىتىپ بېرىشكە ئۇنىماي تۇرىۋالدى. كېيىن باشقىلار ئۇنى ماقتاپ ئۇچۇرىۋەرگەندىن كېيىن تۆۋەندىكى شېئىرنى ئوقۇپ بەردى :

پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكى بەك ياخشى،
قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ بۇغداينى سۇغۇرۇش بەك موھىم.
يولۋاس يىلى كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقىچىلا ئۆتۈپ كەتتى،
توشقان يىلىدىكى چاغاننى كۈتىۋالايلى.

      بۇنى قانداقمۇ شېئىر دېگىلى بولسۇن؟ ھەتتا دېكلىماتسىيە قىلاي دېسە ئېغىزغىمۇ چۈشمەيدىغان تۇرسا ؟ بۇنىڭدىن ۋاڭ ھاكىم تولىمۇ ئوڭايسىزلىنىپ يۈزلىرى پوكاندەك قىزىرىپ كەتتى، خۇددى تۇخۇم تۇغۇشقا تەرەددۇت قىلىۋاتقان مىكياندەك ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانىدى.قارىماققا يۇقۇرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بۇ تالانىتلىق ھاكىمنىڭ قورسىقى سامان بېلەن توشۇپ كەتكەندەك قىلاتتى. مانا بۇنداق ئىشلار زامانىمىزدىكى ئەمەلدارلىق سورۇنىدا قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ. مەيلى نېمىلا دېمەيلى ۋاڭ ھاكىم قانداقلا بولمىسۇن قاملاشسۇن-قاملاشمىسۇن بىر نېمىلەرگە غىڭشىپ باقتى؛ ئەمما، تالايلىغان چېن ھاكىم ، لى ھاكىملارنىڭ مۇشۇنچىلىك غىڭشىشنىمۇ قاملاشتۇرالمايدىغانلىقى ئېنىق. ھەتتا ئۇلار شېئىرنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ.چۈنكى، ئۇلار بېلەن ئەدەبىياتنىڭ  ئارىلىقى نەچچە مىڭ چاقىرىم كېلىدۇ. مۇشۇ ئەمەلدارلارنى گاۋچىيۇغا سېلىشتۇرساق ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرىقلەرنى تاپالماي قىيلىنىپ كېتىشىمىز تۇرغانلا گەپ. ئەمما، گاۋچىيۇ قانداقلا بولمىسۇن توپ تېپەلەيدۇ. مانا بۇ ئۇنىڭ باشقىلاردىن پەرىقلىنىدىغان بىردىن بىر ئالاھىدىلىكىدۇر.
        قەلەمگىمۇ ، ئەلەمگىمۇ ماھىر بولۇش ئۆلچىمىنى گاۋچىيۇغا تەدبىقلىساق دەرۋەقە ئەمەلىيەتتىن يىراقلاپ كەتكەن بولىمىز،شۇنداقلا ئىقتىدارلىقلارنىمۇ  تەڭلىكتە قويغان بولىمىز.مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ئەمەلدارلار سورۇنىدىكىلەرمۇ ئادەم ، ئادەم بولغان ئىكەن ئىككى تەرەپلىمىلىككە ئىگە بولماي قالمايدۇ. ئەمەلدارلارنى قەلەمگىمۇ ، ئەلەمگىمۇ ماھىر ئەمەس بولۇش ئۆلچىمى بوىيىچە ئۆلچىگەندە بۇ ئۆلچەمگە توشۇدىغانلارنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىگىمۇ بىر نېمە دېمەك تەس. ۋەھالەنكى، توپ تېپىشنى بىلىدىغان گاۋچىيۇنىڭ ئەمەلدارلىققا تاللانغانلىقىنى يامان ئىش، دېگىلى بولمايدۇ. بۇنى سالاھىيەت بويىچە ئۈچرەتكە تۇرغۇزۇپ مەنسەپ كۇرسىغا ئولتۇرغۇزۇشتەك قېلىپلىشىپ قالغان ئۆلۈك ھالەتكە نىسبەتەن ئېيىتقاندا بىر قېتىملىق ئىسلاھات دېيىشكىمۇ بولىدۇ.
        گاۋچىيۇ ھەققىدە توختالساق ، ئۇنىڭ لىن چوڭغا زىيانكەشلىك قىلىپ ، ئۇنىڭ خوتۇنىنى تارتىۋېلىش پىلانىنى تۈزىگەنلىكىنىڭ ئۆزىلا ئەخلاق ساپاسىنىڭ نەقەدەر تۆۋەن، نىيىتىنىڭ نەقەدەر قارا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك پاكىت بولالايدىغانلىقى راسىت. ئەمما، ئۇنىڭدىكى ھوقۇقىغا تايىنىپ ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىش خاھىشىنى ئۇنچە بەك كۈچلۈك دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. ئۇ قانداقلا بولمىسۇن ئوردىدىكى ھۆكۈمەت ئاپاراتلىرىغا مەمۇر قوبۇل قىلىشتا يەرلىكتىكى ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارنى قوبۇل قىلىپ ، كوچا-كۇيلاردىكى بىكارچىلارنى ئازايىتقان.بۇنى ئوردىدىكى ۋەزىر ئەزەم سەي جىڭ غوجامنىڭ ئۆزىنىڭ 9ئوغلىنى ئوردىغا ھۆكۈمەت ئەمەلدارى قىلىپ ئورۇنلاشتۇرىۋالغانلىقىغا نىسبەتەن روشەن سېلىشتۇرما قىلىشقا بولىدۇ. گاۋچىيۇنىڭمۇ ئۆز يېقىن-يورۇقلىرىنى ئوردىغا ھۆكۈمەت ئەمەلدارى قىلىپ ئورۇنلاشتۇرىۋېلىشى ھېچقانچە تەس ئىشمۇ ئەمەس ئىدى. ئۇ بىر ئېغىز گەپ بېلەنلا پۈتىدىغان ئىش ئىدى. ئەمما، گاۋ چىيۇ نېمىشقا بۇنداق قىلمىغان ؟ بۇنىڭدا پەقەت بىرلا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. ئۇ بولسىمۇ گاۋ چىيۇنىڭ قانداقلا بولمىسۇن توپ تېپىشنى بىلىدىغانلىقىدا بولسا كېرەك ، ئەتىمالىم.

مەنبەسى : خەنزۇچە «فېليەتون ئايلىق ژۇرنىلى»   

280

تېما

30

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3053
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14480
تۆھپە : 11190
توردىكى ۋاقتى: 4001
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-7

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-15 11:56:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق مىساللار ئامرىكىدىمۇ بارغۇ ، ئاۋۇ سىۋا سىنگىر  دىگەنمۇ بىر دۇنياۋى كىنو چولپىنى ئىدى، مانا قاراڭ ھازىر دىگەن شىتات باشلىقى ،

بىراق شۇنىسى باركى سىۋاسىنگىرنى خەلىق سايلىغان ،خەلىق ئۇنى مىنۇت ىسىكۇنىت نازارەت قىلىپ تۇرىدۇ ، ئۆتكەندە يوتقاننىڭ تېشىدىن تېپىپ قويغان بالىسى سەۋەپلىك بولۇشىغا سەتلەشتۇغۇ ،  گاۋچىيۇنى بولسا خان ئائىلىرى ئۆستۇرگەن ، ناۋادا گاۋچىيىۇنىمۇ خەلىق سايلىغان ،ھەم نازارەت قىلالىغان بولسا  توپ تىپىشنى بىلگەن بىلمىگەن بولۇشنىڭ كارايىتى چاغلىق ئىدى،
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

251

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35
يازما سانى: 1280
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 8342
تۆھپە : 5047
توردىكى ۋاقتى: 1842
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-24

تۆھپىكار باشقۇرغۇچى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-15 12:24:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېلىقى بارىنىڭ بېشىغا چىققان گاۋ ئەمىرمۇ ..بارىنى دۆلەت كاماندىسىغا
كۈرگەزمىگەن .

5

تېما

0

دوست

4776

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   92.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1614
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1104
تۆھپە : 705
توردىكى ۋاقتى: 84
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-15 17:26:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى ilimدە2011-09-15 12:24يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ھېلىقى بارىنىڭ بېشىغا چىققان گاۋ ئەمىرمۇ ..بارىنى دۆلەت كاماندىسىغا
كۈرگەزمىگەن .  


ئاپلا ، ئاپلا ، سۇڭ سۇلالىسىنىڭ پارىڭى بولاۋاتقان :  
ئەمەلىيەتتە قەلەم تۇتقانلارغا قارىغاندا توپ تېپىدىغان ،ناخشا ئېيتىدىغان،  چولپانلارنى  ئەمەلگە تەيىنلىسە پۇقرالارنى ئىدارە قىلىشقا ياخشراق بولارمىكىن :چۈنكى خەلق شۇلارغا سەل مايىل ئەمەسمۇ ؟
مەسىلەن گاۋچىيۇۋ توپ تېپەلەيدۇ ، ئۇ ھېچ  بولمىغاندا كومانسىدىسدىكىلەرگە گېپى ئۆتىدۇ  ، باشقىلار ئۇنى توپ تەپكەنلىكى ئۈچۈن ھۆرمەت قىلىدۇ ، ئۇ ئەمەلدە تۇرغان بىلەن ئەمەلىيەتتە يۈرگىزىدىنى شۇ خاننىڭ تۈزگەن قانۇن - پەرمانلىرى :
گاۋچىيۇۋ قانداقلا بولمىسۇن توپ تېپەلەيدىكەن ، بىزدە  شوپۇرلارمۇ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئەمەل تۇتۇپ كېتىدىغانلار بارغۇ :

يەنە كېلىپ ئۇزۇن مەزگىل توپ تەپكەندىن كېيىن كىشىدە توپ ئوينىغاندىكىدەك خاراكتىر شەكىللىنىپ قېلىشى مۇمكىن ، مەسىلەن ، قانداق ۋاقىتتا مۇداپىئەدە تۇرۇش ، قانداق ۋاقىتتا ھۇجۇمغا ئۆتۈش ، كىمگە پاس بېرىش دىگەندەك : بەلكىم گاۋچىيۇۋنى ئۆستۈرگەندە بۇلارنى ئويلىماندۇ !

0

تېما

0

دوست

818

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   63.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5023
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 161
تۆھپە : 147
توردىكى ۋاقتى: 715
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 00:03:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر ئەمەلنى پۇلغا  ساتامىش     

پەرۋايىم پەلەك

51

تېما

23

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   52.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1208
يازما سانى: 984
نادىر تېمىسى: 18
مۇنبەر پۇلى: 7498
تۆھپە : 4395
توردىكى ۋاقتى: 3243
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-8

نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 00:31:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى sarqokaدە2011-12-24 00:03يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ھازىر ئەمەلنى پۇلغا  ساتامىش     

شۇنىڭغىمۇ ھەيران قالدىڭىزمۇ؟ بۇندىن بەش-ئالتە يىل ئىلگىرى سەنشى ئۆلكىسىنىڭ بىر ناھىيەسىدە ناھىيىگە قاراشلىق ئىدارىلەرنىڭ مەنسىپىنى باھا تالاشتۇرۇپ ساتقانلىق قىلمىشى خەۋەر قىلىنمىدىمۇ؟ ئەڭ يۇقۇرى باھادا سېتىلغىنى ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقىلىق مەنسىپى بولۇپ ئاران 300نەچچە مىڭ يۇەنگە سېتىلغان.بۇنىڭ سەۋەبى سۈرۈشتۈرۈلگەندە  «ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىگە قاراشلىق مەكتەپلەر كۆپ، ئادەم سانىمۇ كۆپ، شۇڭا بۇ ھوقۇقنى سېتىۋالغانلار سالغان دەسمايىنى ئاسانلا قايتۇرۇپ ئالالايدۇ »»دېيىلگەن.
تېخىمۇ چاتاق يېرى سەنشى ئۆلكىسىدىكى  بىر ناھىيەنىڭ ناھىيىگە قاراشلىق ئىدارىلەرنىڭ مەنسىپىنى باھا تالاشتۇرۇپ ساتقانلىق قىلمىشى پاش بولغاندىن كېيىن ئالاقىدار رەھبەرلەر مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا : « ناھىيىمىزنىڭ يەر بايلىقى چەكلىك، سانائەت ئاساسى ئاجىز. باشقا قوشۇمچە تاپاۋەت بولمىغاچقا ناھىيىگە قاراشلىق ئىدارىلەرنىڭ مەنسىپىنى باھا تالاشتۇرۇپ سېتىش ئەۋىج ئالغان»دېيىلگەن.

پەرۋايىم پەلەك

51

تېما

23

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   52.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1208
يازما سانى: 984
نادىر تېمىسى: 18
مۇنبەر پۇلى: 7498
تۆھپە : 4395
توردىكى ۋاقتى: 3243
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-8

نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 10:26:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بازار ئىگىلىكى دەۋرىدە  بىرلا نەرسە كەم قالغاندەك تۇرىدۇ. ئۇ بولسىمۇ ھوقۇق تاللا بازىرى قۇرۇش.بۇ بازاردا خېلى پۇل تاپقىلى بولامدىكىن دەيمەن

280

تېما

30

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3053
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14480
تۆھپە : 11190
توردىكى ۋاقتى: 4001
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-7

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 10:46:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھوقۇق تاللا بازىرى بۇ ئۇقۇم خېلى بولاپ قويىدىكەن ھە ، مۇشۇنداق ئىسم قويۇلمىغانلا يېىرى بار ئەمىليەتتە  ئىچىكى قىسىمدا سېتىپ بۆلىشىۋالىدۇ ، ھوقۇق دىگەننى ،ما قېتىم قۇرۇلتايدا كۆرسىتىلگەن تۆت كەمچىلىكنىڭ بىرى پارخورلۇق ، پارخورلۇقنىڭ يادرۇلۇق مەزمۇنى ھوقۇق سېىتۋېلىىش ، خۇددى بوشەن سېتىۋالغاندەك ،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )