- تىزىملاتقان
- 2014-11-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3754
- نادىر
- 1
- يازما
- 77
ئۆسۈش
58.47%
|
atlanjan يوللىغان ۋاقتى 2015-11-23 13:26
پۈتۈنلەي قۇرۇق گەپ.
ئاتا-ئانا ئارقىلىق ئېرسىيەت قالسا ...
بىلگەجاننىڭ يازمىسى ھازىرقى زامان بىئولوگىيەساھەسىدىكى بايقاشلار نوقتىسىدىن قارىغاندا ھىچقانداق مەسىلە يوق (ئىلم پەننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بەلكىم خاتا دېيىلىشى مومكىن ،بىراق مۇشۇ ۋاقىتتا توغرا دەپ قارىلىدۇ. )بىلگەجاننىڭ يازمىسى مومىڭىزنىڭ كەچۈرمىشى ئىرسىيەت ئىزى قالدۇرىدۇ دېدى .پۈتۈنلەي ئىرسىيەت قالىدۇ دېگىنى يوق.
سىز ئىرسىيەت ئىلمىي جەھەتتە DNAۋە خىرومۇسۇم سەۋىيسىدە قاپسىز. تۆۋەندىكىلەرنى ياخشى ئوقۇمىغان ئوخشايسىز :ئەسلىدە بۇ خىل ئېپىگېنىتىكىلىق ئۆزگىرىشلەر پەقەت ھامىلە يېتىلىشى جەريانىدا يۈز بېرىدۇ، دەپ قارالغان ئىدى. بېراق ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلار چوڭلار تېنىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ DNA سىغىمۇ خىلمۇ-خىل مولىكۇلالار قوشۇلۇپ قالىدىغانلىقى، شۇ ئارقىلىق بىر قاتار ھۈجەيرە ئۆزگىرىشلىرىنى پەيدا قىلىپ راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. بەزى ۋاقىتلاردا DNA زەنجىرىگە مىتىل گۇرۇپپىسىنىڭ قوشۇلۇپ قىلىشى يېمەك-ئىچمەكتىن ياكى مەلۇم خېمىيىلىك ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن بولىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. سزىيىف دورىلار بىلەن ئېپىگېنتىكىلىق ئۆزگىرىشلەرنى ئوڭشاش ئارقىلىق ھايۋانلاردىكى بەزى راك كېسەللىرىنى ساقايتقىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.
گېنىتىكاشۇناسلار بۇ خىل ئېپىگېنىتىكىلىق ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئاتا-ئانىدىن بالىغا، بىر ئەۋلادتىن يەنە بىر ئەۋلادقا ئېرسىيەت قالىدىغانلىقىنى ھەيرانلىق ئىچىدە بايقىدى. دۇك ئۇنىۋېرستېتىدىكى (ئامېرىكىدا) رەندى جىرتىل مىتىل گۇرۇپپىسى مول بولغان يېمەكلىك بىلەن ئوزۇقلانغان چىشى چاشقاننىڭ كېيىنكى ئەۋلادىنىڭ تۈك رەڭگىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. DNA دە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولماي تۇرۇپ مىتىل گۇرۇپپىسىنى قوشقىلى ياكى ئېلىۋەتكىلى بولىدۇ ھەمدە كىلىپ چىققان ئۆزگىرىشلەر خۇددى گېندىكى توساتتىن ئۆزگىرىشكە ئوخشاش ئەۋلادقا ئېرسىيەت قالىدۇ.
نىمە ئۈچۈن بىرئادەمنىڭ ئائىلە تەربىيسى كەلگۈسىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. يىقىنقى تەتقىقاتلاردا بىرتۈركۈم جىنايەتچىلەرنىڭ گىنى تەكشۈرۈلگەن بولۇپ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى ئاشۇنداق جىنايەت نەق مەيدانلىرى كۆرگەن كەچۈرمىشى بار. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئەسەبىيلىكە مۇناسىۋەتلىك گىنى قوزغايدىغان ئىنزىم ھەرىكەتكە كېلىپ شۇخىل گىننىڭ ئىپادلىگۈچى ئاقسىلنى سىنتىزلاپ چىققان .شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كىيىن جىنايەت ئۆتكۈزگەن. ئەگەر بىر داۋاملىق بىر ئادەم كىچىكىدە داۋاملىق تىرىشچانلار ئارىسىدا چوڭ بولسا مۇھىت تەسىرىدىن ئۇئادەمنىڭ گىنىدە توساتتىن ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندە شۇ خىل مۇھىت يۆنىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك ئاقسللارنى ئىپادىلەيدىغان گىنلارغا ئوڭايراق ئۆزگىرىدىغان يۈزلىنىش بار شۇنىڭ بىلەن ئۇ نىڭ ئەۋلادلىرى تىرىشچانراق مىجەزلىك بولىدۇ. جىنسى خىروموسۇم دەل ئەۋلات تاشلاپ ئىرسىيەت قىلغاچقا ئىككى تال جىنسى خىروموسۇمنىڭ بىرتىلى كىلىش مەنبەسى ئۇنىڭ مومىسىدىن كىيىن دادىسى ياكى ئانىسىغا ئاندىن سىزگە يېتىپ كېلىدۇ. ئوتتۇرىدىكى مەگىللەردىكى گىنىڭ توساتتىن ئۆزگىرىش مۇھىت تەسىرىدە يەنى شۇخىل كەچمىش يۆنىلىشىگە ئۆزگىرىپ ئىرسىيەت قالىدۇ. بۇ خۇددى ۋاراڭ چۇرۇڭ ئائىلىدە چوڭ بولغان بالا ئۇرۇشقاق بولۇپ چىقىش ئىھتىمالى چوڭ بولغىنىدەك. ھازىرقى يىڭى تەتقىقاتلار بويىچە بىلگەجاننىڭ يازمىسى مەلۇم ئاساسىي باردۇر. |
|