مومىڭىزنىڭ كەچۈرمىشلىرى سىزنىڭ گېنلىرىڭىزدا ئىز قالدۇرىدۇ
تۇرسۇنجان بىلگە تەرجىمىسى
ئاپتور: دەن ھۇرلىي
مەنبە: بايقاش ژۇرنىلى
دارۋىن بىلەن فىرۇئىد بىر قاۋاقخانىغا كىرىپتۇ. ئانا-بالا ئىككى ھاراقكەش چاشقان ئېگىز ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئىككى بوتولكىدىن ھاراق ئىچىپتۇ.
ئانا چاشقان بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇلارغا قارىغىنىچە مۇنداق دەپتۇ: "ھەي تالانت ئىگىلىرى! دەڭلارچۇ، ئوغلۇم قانداقسىگە مۇشۇنداق بولۇپ قالدى؟"
"ناچار ئېرسىيەت" دەپتۇ، دارۋىن.
"ناچار ئانا تەربىيىسى" دەپتۇ، فىرۇئىد.
يۈز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، «تەبىيەتمۇ ياكى تەربىيەمۇ؟» يەنى بىيولوگىيەمۇ ياكى پىسخولوگىيەمۇ-- بۇ قىياسلار قىلىقنىڭ پەقەت بىر كىشىدىلا ئەمەس، بەلكى نەچچە ئەۋلاد ئارىسىدا قانداق يېتىلىدىغانلىقى ۋە داۋاملىشىدىغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.
يىللار ئۆتۈپ، 1992-يىلى ئىككى ياش ئالىم فىرۇئىد ۋە دارۋىننىڭ ئىزىنى بېسىپ، راستىنلا بىر قاۋاقخانىغا كەلدى. بىر نەچچە پىۋا بوتولكىسى قۇراقدالغاندىن كېيىن قاۋاقخانىدىن يېنىپ چىققىنىدا، ئۇلار ھاياتلىقتىكى سەرگۈزەشتىلەرنىڭ - پەقەت سىزنىڭلا ئەمەس يەنە ئانىڭىز، مومىڭىز ۋە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئىلگىرىكى ئەجدادلىرىڭىزنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنىڭ قانداق قىلىپ گېنلارغا بىۋاستە تەسىر قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان يېڭى ئېنقىلاب خاراكتىرلىك نەزەرىيەنى شەكىللەندۈرۈشكە باشلىدى.
قاۋاقخانا مادىرىدتا ئىدى. ئۇ چاغدا ئىسپانىيەنىڭ ئەڭ قەدىمىي ئالىي ئوقۇتۇش مەركىزى كاجال ئىنىستىتۇتىدا بىر نىرۋا بىيولوگىيەسى خەلقىئارالىق يىغىنى ئېچىلىۋاتاتتى. مونتىرىيول (كانادادىكى) شەھىرىدىكى مىكجىل ئۇنىۋېرستېتىدىن كەلگەن مولىكۇلا بىيولوگىيەسى ۋە گېنىتىكا ئالىمى موش سىزىيىف ئەزەلدىن پىسخولوگىيە ياكى نېرۋولوگىيە تەتقىق قىلىپ باقمىغان. بېراق ئۇ ئۇنىڭ تەتقىقاتىنى بۇ يىغىنغا مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان بىر خىزمەتدىشىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن بۇ قېتىملىق يىغىنغا قاتنىشىپ قالغان ئىدى. ئوخشاشلا مىكجىل ئۇنىۋېرستېتىدىن كەلگەن نېرۋابىيولوگىيە ئالىمى مايكول مىينىيمۇ شۇ خىزمەتدېشىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن بۇ يىغىنغا كەلگەن ئىدى. ئۇ خىزمەتدېشىنىڭ دېيىشىچە، بەلكىم موش سىزىيىفنىڭ كۆز قاراشلىرىنى بىلىپ بېقىش مىينىينىڭ ھايۋانات مودىللىرىدىكى ئانىلارنىڭ كارى بولماسلىق تەتقىقاتىغا پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ئۇ يەر ھېلىھەم كۆز ئالدىمدا - ئۇ مەخسۇس پىسا چىقىرىدىغان بىر بولۇڭدىكى كىچىك قاۋاقخانا ئىدى، دەيدۇ مىينىي. « موش پەقەت كوشىر (يەھۇدىيچە)تاماقلارنى يېگەچكە ئۇ كوشىر يېمەكلىكلەرنى تېپىش ئويىدا ئىدى، پىۋا كوشىر ئىكەن. موش ھەر قانداق يەردە پىۋا ئىچسە بولىۋىرىدىكەن. مەن ئېرلاندىيەلىك (پىۋىنى كۆپ ئىچىشتە داڭقى بار)، شۇنداق قىلىپ ھەممە ئىش يولىدا بولدى.
ئۇ ئىككەيلەن گېنىتىكا تەتقىقاتىدىكى يېڭى بىر قىززىق نۇقتا ھەققىدە قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى. 1970-يىللاردىن بۇيان، تەتقىقاتچىلار ھۈجەيرە يادروسى ئىچىدىكى DNA نىڭ مەلۇم باشقا بىر نەرسىنىڭ قايسى گېنلارنى ئىپادىلەشنى ئېيتىپ بېرىشكە ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقىنى بىلگەن ئىدى، يەنى بىر ھۈجەيرە تۆرەلمە يېتىلىش جەريانىدا بىر يۈرەك ھۈجەيرىسىگە ئايلىنىش كېرەكمۇ، بىر جىگەر ھۈجەيرىسىگىمۇ؟ ياكى بىر مېڭە ھۈجەيرىسىگىمۇ؟ دېگەندەك قارارلارغا بىر بۇيرۇق كېرەك بولاتتى.
شۇنداق نەرسىنىڭ بىرى دەل ئورگانىك مولىكۇلالاردىكى ئورتاق تۈزۈلۈش بولغان مىتىل گۇرۇپپىلىرى ئىدى. مىتىل گۇرۇپپىسىنىڭ خۇددى بىر تاماق رىسالىسىدىكى خەتكۈچتەك رولى بار بولۇپ، مەلۇم بىر ھۈجەيرىنىڭ خاس ئاقسىللىرىنى ياساش ئۈچۈن لازىملىق گېنلارنىلا تاللاپ ئىپادىلەشتەك مۇھىم ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدۇ. چۈنكى مىتىل گۇرۇپپىسى گېنلارغا قىستۇرۇلغان، ئەمما گېننىڭ خېمىيەلىك تەركىبى بولغان DNA نىڭ قوش بۇرمىسىمان تۈزۈلۈشىدىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، بۇ خىل DNA دىكى گېن كودلىرىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ گېنلارنىڭ ئىپادىلىنىپ چىقىشىنى ئۆزگەرتىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ خىل ھادىسىنى تەتقىق قىلىدىغان ساھە ئېپىگېنىتىكا دەپ ئاتالغان. يەنى گىرىك تىلىدىكى «ئېپى» قوشۇمچىسى توغرىسىدا دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
ئەسلىدە بۇ خىل ئېپىگېنىتىكىلىق ئۆزگىرىشلەر پەقەت ھامىلە يېتىلىشى جەريانىدا يۈز بېرىدۇ، دەپ قارالغان ئىدى. بېراق ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلار چوڭلار تېنىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ DNA سىغىمۇ خىلمۇ-خىل مولىكۇلالار قوشۇلۇپ قالىدىغانلىقى، شۇ ئارقىلىق بىر قاتار ھۈجەيرە ئۆزگىرىشلىرىنى پەيدا قىلىپ راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. بەزى ۋاقىتلاردا DNA زەنجىرىگە مىتىل گۇرۇپپىسىنىڭ قوشۇلۇپ قىلىشى يېمەك-ئىچمەكتىن ياكى مەلۇم خېمىيىلىك ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن بولىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. سزىيىف دورىلار بىلەن ئېپىگېنتىكىلىق ئۆزگىرىشلەرنى ئوڭشاش ئارقىلىق ھايۋانلاردىكى بەزى راك كېسەللىرىنى ساقايتقىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.
گېنىتىكاشۇناسلار بۇ خىل ئېپىگېنىتىكىلىق ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئاتا-ئانىدىن بالىغا، بىر ئەۋلادتىن يەنە بىر ئەۋلادقا ئېرسىيەت قالىدىغانلىقىنى ھەيرانلىق ئىچىدە بايقىدى. دۇك ئۇنىۋېرستېتىدىكى (ئامېرىكىدا) رەندى جىرتىل مىتىل گۇرۇپپىسى مول بولغان يېمەكلىك بىلەن ئوزۇقلانغان چىشى چاشقاننىڭ كېيىنكى ئەۋلادىنىڭ تۈك رەڭگىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. DNA دە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولماي تۇرۇپ مىتىل گۇرۇپپىسىنى قوشقىلى ياكى ئېلىۋەتكىلى بولىدۇ ھەمدە كىلىپ چىققان ئۆزگىرىشلەر خۇددى گېندىكى توساتتىن ئۆزگىرىشكە ئوخشاش ئەۋلادقا ئېرسىيەت قالىدۇ.
خوش، مادىرىتتىكى قاۋاقخانىدا سىزىيىف ۋە مىينىي بۈيۈك ھەم ئېھتىمالى تۆۋەن بولغان بىر ئىلمىي پەرەزنى مۇلاھىزە قىلدى: ئەگەر يېمەك-ئىچمەك ۋە خېمىيىلىك ماددىلار ئېپىگېنىتىكىلىق ئۆزگىرىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرالىسا، ئۇنداقتا بەزى كەچۈرمىشلەريەنى بالىغا سەل قاراش، زەھەر چېكىش ۋە باشقا روھىي بېسىم كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئامىللارمۇ ئوخشاشلا بىر كىشىنىڭ مېڭىسىدىكى DNA لەرگە ئېپىگېنىتىكىلىق ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلالامدۇ؟ بۇ سوئال قىلىق ئېپىگېنىتىكىسى دەپ ئاتىلىدىغان يېڭى بىر ساھەنىڭ بارلىققا كىلىشىگە ئاساس سالدى. بۇ يېڭى ساھەدە ئونلىغان-يۈزلىگەن تەتقىقات نەتىجىلىرى بارلىققا كىلىپ مېڭىنى ساقايتىشنىڭ يېڭى داۋالاش ئۇسۇللىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
قىلىق ئېپىگېنىتىكىسىدىن ئېرىشلگەن يېڭى بىلىملەرگە ئاساسلانغاندا، بىزنىڭ ئۆتمۈشىمىزدىكى ئېچىنىشلىق كەچمىشلەر ياكى بىزنىڭ يېقىنقى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۆتمۈشى بىزنىڭ گېنىمىزدا مولىكۇلىلىق ئىز قالدۇرىدۇ. ئۇلۇغ بوۋا-مومىلىرى روسىيەدىكى يەھۇدى مەھەلىلىرىدىن قوغلانغان يەھۇدىلار، بوۋا-مومىلىرى مەدەنىيەت ئىنقىلابى خانە-ۋەيرانلىقلىرىنى بېشىدىن كەچۈرگەن جۇڭگولۇقلار، ئاتا-ئانىسى قىرغىنچىلىقلاردىن ساقلىنىپ قالغان ئافرىقىلىق كۆچمەنلەر، ھەر قانداق مىللەتتىكى ھاراقكەش ۋە خورلىغۇچى ئاتا-ئانىلارنىڭ تەربىيىسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن قورامىغا يەتكەن كىشىلەر - ھەممىسى پەقەت ئەسلىمە بىلەنلا يۈرمەيدۇ.
خۇددى دېڭىز تاشقىنى يانغاندىن كېيىن دېڭىز سۈيى بېسىپ ئۆتكەن يەردىكى ھەممە نەرسىنىڭ ئۇجۈر-بۈجۈرلىرىگە قۇملار سېڭىپ كەتكەندەك، بىزنىڭ كەچۈرمىشلىرىمىز ۋە ئەجدادلىرىمىزنىڭ كەچۈرمىشلىرى ھېچيەرگە كەتمەيدۇ، ھەتتا ئۇنتۇلۇپمۇ قالمايدۇ. ئۇلار بىزنىڭ بىر قىسمىمىز بولۇپ قالىدۇ، بەلكىم گېنىتىكىلىق قۇرۇلمىمىزغا چىڭ يېپىشقان بىر مولىكۇلىق باغ بولۇپ قالىدۇ. DNA شۇ پېتى تۇرىۋېرىدۇ، ئەمما پىسخولوگىيىلىك ۋە قىلمىشتىكى ئالاھىدىلىكلەر ئىرسىيەت قالىدۇ. بەلكىم مومىڭىز سىزگە پەقەت پولتىيىپ چىققان تىزىنىلا ئېرسىيەت قالدۇرماي، بەلكى ئۇ تۇغۇلغان ۋاقتىدا تاشلىنىپ قېلىشنىڭ دەردىنى تارتقانلىقتىن كىلىپ چىققان خامۇشلۇق كېسىلىنىمۇ ئېرسىيەت قالدۇرۇشى مۇمكىن.
بەلكىم ئۇنداقمۇ بولماس. ئەگەر مومىڭىزنى مېھرىبان ئاتا-ئانىلار بېقىۋالغان بولسا، ئۇ ئېرىشكەن مۇھەببەت ۋە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىدىن سىزمۇ بەھىرلىنىۋاتقان بولۇشىڭىز تامامەن مۇمكىن. قىلىق ئېپىگېنىتىكىسىنىڭ مىخانىزىمى پەقەت كەمچىللىك ۋە ئاجىزلىقلارنىلا ئۆز ئىچىگە ئالماي يەنە ئارتۇقچىلىق ۋە ماسلىشىشچانلىقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. ئەگەر سىز تەلىيىڭىزگە قارشى ناھايىتى ئوسال ۋە پاسسىپ بوۋا-مومىنىڭ ئەۋلادىدىن تۇغۇلۇپ قالغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا يېڭىدىن چىقىۋاتقان داۋالاش ئۇسۇللىرى پەقەت كەيپىياتنى ئەمەس، يەنە سىزگە ئېرسىيەت قالغان ئېپىگېنىتىكىلىق ئۆزگىرىشلەرنىمۇ داۋالىيالايدۇ. خۇددى مومىڭىزنىڭ سەھراچە كۆينەكلىرىدە، سىز ئۇنى كېيسىڭىزمۇ ياكى ئۆزگەرتسىڭىزمۇ ئىختىيارىڭىز. گېنوم (گېن گۇرۇپپىلىرى) نىڭ ھاياتلىق خەرىتىسى ئىكەنلىكى بىلىنگىنىگە ئۇزۇن يىللار بولدى، بېراق ئېپىگېنوم خۇددى ئۆچۈرگۈچكە ئوخشايدۇ: يېتەرلىك دەرىجىدە تەۋرەتسىڭىز، ئائىلىڭىز قارغىشقا كەتكەن "داغلار"نى ئۆچۈرۋىتەلىشىڭىز مۇمكىن.
20 يىل بۇرۇن، بىر ئېنقىلابنى باشلاپ قويغان مىينىي بۈگۈن خىزمەت ئورنىدا ئىشلىتىۋاتقان يوغان شىرەنىڭ ئارقىسىدا ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ مىكجىل ئۇنىۋېرستېتىغا قاراشلىق روھىي ساغلاملىقنى ئاساس قىلىدىغان دوگلاس ئىنىستىتۇتىنىڭ تۆتىنچى قەۋىتىنىڭ بۇلۇڭىدىكى ئىشخانىسىنىڭ ئەينەكلىرىنى بىر غىرىچ قېلىنلىقتا قار قاپلىغان ئىدى. ئۇنىڭ قامەتلىك تۇرقى ۋە ئۇ يەر-بۇ يەرلىرىگە قىرو قونغاندەك كۆرۈنىدىغان تەبئىي چۇۋۇلۇپ تۇرغان چېچى كىشىگە چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدىكى بىرىنى ئەسلىتەتتى - ئەمەلىيەتتە ئۇ بۇ ھەپتە ئاخىرىدا نەق چاڭغا تېيىلغىلى بارماقچى ئىدى. پولدا رەڭگارەك، يېلى چىڭراق ۋە بەزىلىرىدە يەل ئاز قالغان گىلىيلىق شارلار چېچىلىپ ياتاتتى. ئۇلارنىڭ بىرىدە "ئاتمىش يىللىقىڭىزغا مۇبارەك!" دېگەن خەتلەر تۇراتتى.
«مەن ئەزەلدىن نېمە سەۋەبتىن كىشىلەرنىڭ قىلىقلىرى ئوخشاشمايدىغاندۇ، دېگەنگە قىزىقاتتىم» دەيدۇ ئۇ. «بىزنىڭ ھەر بىر ئىش-ھەرىكىتىمىز، قىلىقلىرىمىز پەرقلىق. بەزى كىشىلەر ئۈمىدۋار كىلىدۇ، يەنە بەزىلىرى چۈشكۈن بولىدۇ. نېمىشقا بۇنداق كۆپ خىللىق بولىدۇ؟ تەدرىجىي تەرەققىيات ئەڭ ئۇتۇقلۇق ئارتۇقچىلىقنى تاللايدۇ، ئەمما ئۇ خىل تونۇشنى زادى نېمە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟»
داۋامىنى كىلەر ساندىن ئوقۇڭ...
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالە بىلىمدان ژۇرنىلىنىڭ 6-سانىدا ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر ماقالىنىڭ PDF نۇسخسىنى بىلىمدان مەخسۇس سەھىپىسىدىن (http://www.okyan.com/html/bilim) ۋە نۇرلۇق چەمبەر بىلوگى (http://nurluk-chember.com/?page_id=233) دىن چۈشۈرۋالالايسىز. بىلىمدان تور ژۇرنىلىمىزدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ماقالىلەرنى رۇخسەتسىز تارقاتسىڭىز بولىدۇ. تارقاتقاندا بىلىمدان تور ژۇرنىلىدىن ئېلىندى دەپ ئەسكەرتىڭ ۋە ماقالە ئاپتورىنى چۈشۈرۈپ قويماڭ. رەھمەت.
|