قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: bilgejan

[بىلىمدان] نامراتلىق ۋە بالىلار مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

4

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.19%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 584
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 644
تۆھپە : 2971
توردىكى ۋاقتى: 858
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-22 09:21:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qvshkvn يوللىغان ۋاقتى  2015-12-21 15:36
بىلىمدان ئەپەندى ياخشىمى سىز، مەن ئۆزۈم بىلىشنى خالا ...

ناھايىتى ئەتراپلىق تەپەككۈر قىلىپسىز، مۇھىم سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز.بالىلارنى بۆشۈككە بۆلەشنىڭ پايدىسى ۋە زىيىنىنىڭ نىسبىتى  توغرىسىدا مەنمۇ ئىزدىنىپ يۈرگەن ئىدىم.
خەلقىمىزنىڭ كۆچمەن چاۋىچىلىق دەۋرلەردىكى بۇ ئىجادىيىتى شۇ زامانلاردا بالىلار ۋە ئاتا-ئانىلارغا قۇلايلىقلار كەلتۈرگەن ئىدى.
ئۇ چاغلاردا بۆشۈكنىڭ بالىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە تەتقىقاتنىڭ بولۇشىمۇ تەسرەك ئىدى.قىسقىچە ئېيتقاندا،بالىنىڭ يۇمران مېڭىسىنىڭ تىنىمسىز چايقىلىشى زىيانلىق.
بۇ ھەقتە ئايرىم يېزىپ تورداشلارغا سۇنۇمەن. مەسئۇلىيەت بىلەن قالدۇرغان ئىنكاسىڭىز مېنى بۇ ھەقتە يەنە ئويلاندۇردى. رەھمەت!
uyghuray

4

تېما

7

دوست

1494

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   49.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48782
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 494
توردىكى ۋاقتى: 199
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-22 11:48:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2015-12-21 19:06
دۇنياغا داڭلىق ئامېرىكا پرىنسىتون ئۇنىۋېرستېتى تەتق ...

ئۇچۇر بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.

0

تېما

0

دوست

1534

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   53.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18287
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 486
توردىكى ۋاقتى: 40
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-22 12:54:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  مۇشۇ زاماندىكى مەلۇم بىر  جۇغراپىيىلىك  ئورۇندىكى مەلۇم ساندىكى ئادەملارغىلا  قارتىلغانمۇ ...   دۇنيادىكى   مۇۋاپىققىيەت  قازانغانلارنىڭ  قانچىسى نامرات ئائىلدىن كىلىپ چىققان قانچىسى  باي  ئائىلدىن  كىلىپ چىققان

62

تېما

54

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى: 215
تۆھپە : 3570
توردىكى ۋاقتى: 1146
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-22 14:30:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kulpat يوللىغان ۋاقتى  2015-12-22 12:54
بۇ  مۇشۇ زاماندىكى مەلۇم بىر  جۇغراپىيىلىك  ئورۇندىكى  ...

مېڭىنىڭ كۈلرەڭ ماددىسىنىڭ ئازلاپ كېتىشى جۇغراپىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەس. ئىنسانلا بولسا مېڭە ئاناتومىيىسىدە كۆپ پەرق بولمايدۇ، شۇڭا ئىنسانىيەتكە قارىتىلغان دەپ چۈشىنىڭ.
uyghuray

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

13

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   38.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1967
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 6121
توردىكى ۋاقتى: 1631
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-22 18:47:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىش خاراكتىرلىك يازما ئىكەن. ماڭا بەكلا يارىدى.

62

تېما

54

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى: 215
تۆھپە : 3570
توردىكى ۋاقتى: 1146
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-23 14:15:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-23 23:13  
Hayajan001 يوللىغان ۋاقتى  2015-12-21 23:54
ياخشىمۇسىز، بىلگەجان ئەپەندى.
مەن مۇشۇ تىمىغا مۇناسىۋ ...

ياخشىمۇسىز، بىلگەجان ئەپەندى.
مەن مۇشۇ تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، بىر قانچە سوئال سوراپ باقاي.
1.مىڭە يىتىلىشى بىلەن IQنىڭ بىۋاستە مۇناسىۋىتى بارمۇ؟ مىنىڭ بۇ يەردە كۆزدە تۇتىۋاتقىنىم پەقەت لوگىكىلىق مۇناسىۋەتلەر بىلەن گىئومىتىريىلىك شەكىللەردىن ئىلىنىدىغان IQ سىنىقى. شۇنداق سىناقنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسى يۇقرى دەپ قارايدىكەن.
===========
شۇنداق، مېڭە يېتىلىشنىڭ ئەلۋەتتە ئەقلىي ئىقتىدار بىلەن مۇناسىۋىتى بار. مېڭىسى كەمتۈك يېتىلىپ قالغان بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىمۇ ماس ھالدا تۆۋەنرەك بولىدۇ چۈنكى ئەقىل مېڭىنىڭ پائالىيىتىدۇر.


2.ئەگەر بۇ ئىككىسى مۇناسىۋەتلىك بولسا، «نامرات» ئائىلىلەردە چوڭ بولغان بالىلارنىڭ IQ سى «نورمال» ئائىلىلەردە چوڭ بولغانلاردىن زادى قانچىلىك پەرىقلىنىدۇ؟
==================
بۇ تېمىدا تىلغا ئېلىنغان تەتقىقات تېمىسىدا بۇ پەرق 11 نومۇر ئىكەن.

3.بۇ يەردىكى مەسىلە بىز ئاسىيالىقىلار تۇغما ئەقىللىقمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلار تۇغۇلۇپ، چوڭ بولغۇچە ئەنگىلىيە-ئامرىكىلىق بالىلارنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىدە ياشىسا، ئۇلارىڭ ئوتتۇرچە IQسى تىخىمۇ يۇقرى بولۇش مۇمكىنمۇ؟
============
IQ سىنىقى ئەقىلىي قابىلىيەتنى ئۆلچەيدىغان مۇكەممەل بىر ئۇسۇل ئەمەس، شۇڭا پەقەت شۇ بىر كۆرسەتكۈچكە قاراپلا كىشىلەر ياكى كىشىلەر توپلىرىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىغا باھا بەرگىلى بولمايدۇ. ئاسىيالىقلار دېگەن ناھايىتى چوڭ ساندىكى كىشىلەر بولۇپ، تۇغما ئەقىللىق كىشىلەر ئافرىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى قىتئەلەردە ياشايدىغان كىشىلەر توپلىرىنىڭ ھەممىسىدىن چىقىدۇ ھەم سانى ناھايىتى ئاز بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ سىناقتىكى پەرقلەرنىڭ چوڭ بولۇشى ئەقلىي قابىلىيەتتىكى پەرقلەر ھەققىدە مەلۇم ئۇچۇر بەرسىمۇ، بۇنىڭغا قاراپ كىشىلەر توپلىرىنى ئاسىيالىقلار ئەقىللىق، ئافرىقىلىقلار دۆت، ياكى شۇ قاتاردىكى يەكۈنلەرنى چىقىرىش ئىلمىي ئەمەس.

شۇنداقتىمۇ، نۆۋەتتە ئامېرىكا جەمئىيتىدە ياشاۋاتقان ئاسىيالىقلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ دەرس نەتىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، بۇ مەلۇم دەرىجىدە ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئۇلارغا قويغان تەلىپى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، شۇنىڭغا قاراپلا ئاسىيالىقلار باشقىلاردىن ئەقىللىق دەپ خۇلاسىلىغىلى بولمايدۇ.

62

تېما

54

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى: 215
تۆھپە : 3570
توردىكى ۋاقتى: 1146
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-23 14:15:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-23 23:13  
Hayajan001 يوللىغان ۋاقتى  2015-12-21 23:54
ياخشىمۇسىز، بىلگەجان ئەپەندى.
مەن مۇشۇ تىمىغا مۇناسىۋ ...
ئەڭ مۇھىمى، ئىنسانىيەت ئېرىق، مىللەت، كىشىلەر توپى بويىچە ئايرىپ، يەككە شەخىسلەرنى مەلۇم توپنىڭ بىر قىسمى بولغانلىقى ئۈچۈن كەمسىتىدىغان ھېتلىر زامانىسىدىن كېيىن، بۇ خىل كىشىلەر توپلىرىنى دەرىجىگە ئايرىيدىغان ئىشقا ئىنتايىن زىل مۇئامىلە قىلىدۇ. ئەگەر يۇقىرىدىكى سوئاللارنى ئامېرىكىدىكى ئاممىۋى سورۇندا سورىسىڭىز، كىشىلەر ھەتتا سىزنى ئېرقىي كەمسىتكۈچى دەپ ئەيىپلىشى مۇمكىن. بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋال بولۇپ، ئېرقىي كەمىستكۈچىلەر جەمئىيەت تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىدۇ. بۇنىڭ بىر مىسالى، ھازىرقى ھايات ئالىملار ئىچىدە سىتىۋىن خاۋكىڭ فىزىكا ساھەسىدىكى ئەڭ داڭدار ئالىملارنىڭ بىرى بولغىنىغا ئوخشاش، جەيمىس ۋوتسونمۇ بىئولوگىيە ساھەسىدە ئوخشاش ئورۇندىكى داڭدا نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى. ئەمما بۇ DNA نىڭ قوش بۇرمىسمان تۈزۈلۈشنى بايقاپ يېڭى زامان بىئولوگىيە، مېدىتسىنا ئىنقىلابىغا ئاساس سالغان بۇ ئالىم نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۇ باشلىقلىقنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىۋاتقان داڭلىق سوغۇق بۇلاق پورتى تەجىرىبىخانىسىدىكى بىر ئافرىقىلىق ئوقۇغۇچىسىنى كەمسىتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ بارلىق ۋەزىپىلىرى ئېلىپ تاشلىنىپ جەمئىيەتتە ئېغىر ھاقارەتكە ۋە ئېغىر قىسمەتلەرگە دۇچار بولدى. ئەلۋەتتە، ئۇ كەچۈرۈم سوراپ خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئابرويى ئەسلىگە كەلسىمۇ خىزمەت ئورنى ئەسلىگە كەلمىدى. 90 دىن ئاشقان بۇ ئالىم بىلەن كىلەر ئايدا كۆرۈشۈش پۇرسىتىم بولىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن پىكىرلىشىپ قالسام، ئۇنىڭ ئەقلىي قابىلىيەتكە بولغان قاراشلىرى ھەققىدە سوراپ باقاي.

1

تېما

10

دوست

2478

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  49995
يازما سانى: 289
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 714
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-28 01:29:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2015-12-23 14:15
ئەڭ مۇھىمى، ئىنسانىيەت ئېرىق، مىللەت، كىشىلەر توپى بو ...

https://en.wikipedia.org/wiki/IQ_and_Global_Inequality
ماۋۇ ئاممىۋى سورۇندا بار گەپكەن. سىز يۇقىرىدا پەننى تەتقىقات دىگەن سوبىكتىپ خائىشقا بىقىنمايدۇ، دەپ تۇرۇپ، يەنە ئەمەلى تەكشۈرۈش-سىتاتىدا كۆرۈلگەن نەتىجىلەرگە بىر تەرەپلىمە مۇئامىلىدە بولۇشىڭىز قوش ئۆلچەم قوللىنىشمۇ،قانداق؟
دۇنيادا بىر توپ ئىرىقچى ئادەملەرنىڭ ئىرىقچىلىققا قارشى تۇرغۇچىلار بولۇۋالغانلىقىدىنمۇ چاكىنا ئىش بولمىسا كىرەك. ئىرقى پەرىق سوبىكتىپ ئەمەس، ئوبىكتىپ، يەنى ئىرىقلار ئەسلىدىنلا فىزىكىلىق ۋە بەزى تۇغما خارەكتىر ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن پەرىقلىنىدۇ، ھەتتا ئەقلى پەرىقنىڭ بولۇشىمۇ كونكىرىت بولۇشى مۇمكىن.
ئاق تەنلىك ئىرىقچىلارنىڭ ھىيلىگەرلىكىنى، ساختىپەزلىكىنى مەن ئوبدان بىلىمەن. شۇڭا سىز تىلغا ئالغان ئۇلارنىڭ ئاتالمىش «ئەخلاقى ئىلغارلىقى»نى مەن ئوسرۇققا تەڭ كۆرىمەن.
بىلسىڭىز تارىختا ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەقلى بۆلۈنمىسىنىڭ يۇقىرىلىقىنى پەش قىلىپ، ئۆزىنى يۇقرى ئىرىق دەپ نىگىرلارنى كەمسىتكەن. ھەتتا ئۇلار نىگىرلارنى ئىنجىل ئوقۇشقىمۇ يارىمايدۇ، دەپ كەمسىتكەن. ھازىرقى ئاق تەنلىكلەرنىڭ بىر ئۆرۈلۈپلا ئالىجاناپ قىياپەتكە كىرىۋىلىشى، بىرىنچىدىن ئىرىقچىلىق ھازىر پۈتكۈل دۇنيادا ناچار دەپ قارىلىدىغان ئىقىمغا ئايلاندى، يەنە بىرى ئۇلارنىڭ ئەقلى سىناقلاردا Ashkanazi يەھۇدىيلار بىلەن شەرقى ئاسىيالىقلاردىن كۆرىنەرلىك دەرىجىدە كەينىدە قالغانلىقى ئۈچۈن، چىنىپ قىلىشتىن ساقلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. شۇنداق قىلىپ ئۆزى ئىرقى كەمسىتىشكە ئاساس قىلغان قوراللىرىدىن بىرىگە ئۆزلىرىنىڭ ئۇچراپ كىتىشىنى خالاشمىدى.
سىز ئاممىۋى سورۇندا كەمسىتىلىدىغانلىقىنى دەپسىز. ئۇلار راست چاندۇرمايدۇ. لىكىن شەخسى، چوڭقۇر پىكىرلەشسىڭىز ئاق تەنلىكلەرنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ ئىرىقچى ئىكەنلىكىنى چوقۇم بايقايسىز. گەپ سىزنىڭ ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى گەپنى قانداق چىقىرىشىڭىزدا، ھەم ئۇلارنىڭ پىكىر خاھىشىنى ۋە ھىسى خائىشىنى قانداق تارازىدا ئۆلچىشىڭىزدە.
ئىھتىمال سىز دەۋاتقان «ئاسىيالىقلار» دىگەن ئۇقۇمنىڭ بەك كەڭ مەنىدە ئىيتىلىدىغانلىقى مۇشۇنى كۆرسەتسە كىرەك. مەن بىلگەن ھىندىستانلىق ئوقۇغۇچىلار خىلى ئەقىللىق، ئىھتىمال ئۇلار دۆلىتىدىكى تاللانغان يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرىدىن بولۇشى مۇناسىۋەتلىكتۇ، لىكىن ئۇلارنىڭ قىلىقلىرىدىن نامراتلىق چىقىپ تۇرىدۇ.بىراق ئەقلى ئىقتىدارغا مۇناسىۋەتلىك تىلغا ئىلىنغان «ئاسىيالىقلار» كۆپىنچە جوڭگولۇقلار بىلەن ياپون ۋە كورىئانلارنى، يەنى شەرقى شىمالى موڭغۇل ئىرقىدىكى كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ھىس قىلىشىمچە، مۇشۇ ئىنسانلار ئەگەر ئومۇميۈزلۈك ھاللىق تۇرمۇش سەۋيىسىگە يەتسە، ئۇلارنىڭ پەرزەنىتلىرى ئەقلى كۈچتە ئاق تەنلىكلەرنى (شىمالى ياۋروپالىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى) بىسىپ كىتىدۇ. بىراق مەن ئاسىيادىكى مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنى شەرقى ئاسىيالىقلار بىلەن ئوخشاش كۆرمىدۇم. بىۋاستە ئافرىقلىقلارنى چوڭقۇر چۈشىنىپ باقمىدىم. بىراق كۆرگۈنۈم،  گەپنى ئىنچىكە قىلمىغىنىمغا ئۆزرە سورايمەن.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )