- تىزىملاتقان
- 2015-7-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2060
- نادىر
- 0
- يازما
- 91
ئۆسۈش
2%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tumaris0 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-30 12:56
aratvrkye يوللىغان ۋاقتى 2015-12-30 11:40
پەرزەنتىمىز قىز بالا بولۇپ قالسا قانداق قىلىشىمىز مۈم ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ھۆرمەتلىك تېما ئىگىسى ئاكا ، سىزنىڭ يازمىڭىزدىن ماڭا ئاكا يوللۇق كېلىدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلدىم . سىزنىڭ بۇ تېمىڭىزنى كۆرۈپ ئىنتايىن خوشال بولدۇم . سىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىپ يازغان تېمىڭىزنى ھەربىر ئاتا - ئانا كۆرۈپ بالىلارنىڭ ئائىلە تەربىييسىنى ياخشى ئېلىپ بېرىشتا ئۈلگە قىلسا ئەجەپ ئەمەس . ئائىلە - بالىلارنىڭ تۇنجى مەكتىپى ، ئاتا - ئانا بولسا بالىلارنىڭ تۇنجى ئۇستازى . بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن مەكتەپكە كىرگۈچە بولغان ئارىلىقتا ئاساسەن ، ئاتا - ئانىسىنىڭ ، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ گەپ - سۆز ، ئىش - ھەرىكەتلىرىنى دورايدۇ ، ئۈلگە قىلىشىدۇ . شۇڭا بالىلارنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشىدە دەسلەپكى ئائىلە تەربىيسى ئەڭ مۇھىم . ئادەتتە چىۋىقنى كۆك چېغىدا ھەرياققا ئەگكىلى بولغان بىلەن قۇرۇپ قالغاندا ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ ، پەقەت ئوچاققا تۇتۇرۇق بولىدۇ . بالىلارنى تەربىيلەش جەريانىمۇ مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ . بەزىلەر بالىلىرىنى ئاچ - توق ، يالىڭاچ قويمىساقلا بولدى ، تەربىيە دېگەننى مەكتەپ قىلىدۇ . بىز تەربىيە قىلساق مەكتەپتىكىلەر ئېشەك باقامدىكەن . ئوقۇتقۇچىلارمۇ مائاش ئالغاندىكىن ، مائاش ئالغانغا چۇشلۇق بالىلارنى ياخشى تەربىيلىشى كېرەك دەپ قارايدۇ . ئەمەلىيەتتە ئاتا - ئانىلار بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ تەلىم - تەربىينى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرگە مەكتەپنىڭ تەلىم - تەربىيە پائالىيتىگە ماسلىشىپ بېرىشى كېرەك . ئاساسلىقى ئۆزلىرى تەربىيينى ياخشى ئىشلەشكە تىرىشىشى كېرەك . چۈنكى چايناپ بەرگەن ناننىڭ تەمى بولمىغىنىدەك ، تەلىم - تەربىينىڭ ھۇلىنى ئۆزىمىز پۇختا قۇرمىساق كېيىن قانچە كۈچىگەن بىلەنمۇ بىكار .
گەرچە مېنىڭ بالام بولمىسىمۇ سىزنىڭ سىناق ئۇسۇلىڭىزنى ، كېيىنچە توي قىلىپ بالام بولغاندا قوللىنىپ باقىمەن . مەن ئوقۇتقۇچى ئەمەس ، بىراق ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندىن باشلاپ بالىلار تەربىيسى ئۈستىدە ئىزچىل ئىزدىنىپ كېلىۋاتىمەن .ئىنشائاللاھ ، ئىزدىنىشلىرىم ئاساسىدا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ قالسام ئەجەپ ئەمەس .
مېنىڭچە ، بالىلارنى تەربىيلەشنى ئاساسلىقى ، ئاياللار ھامىلدار ۋاقتىدىنلا باشلىشى كېرەك . كىتابنى ئۈنلۈك ئوقۇش ، بالىغا پاراڭ قىلىپ بېرىش ......قاتارلىق ئىشلار ئارقىلىق بالىلارنى ياخشى تەربىيلەشنىڭ ئالتۇندەك پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەسلىك زۆرۈر .
ئۇنىڭدىن كېيىن 0 ياشتىن تاكى 7 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىمۇ بارلىق تەلىم - تەربىيە ئۇسۇلىنى قوللىنىش ، ھەرگىزمۇ بىپەرۋالىق قىلماسلىقى كېرەك .
بالىلار ئۇششاق يېشىنى تۈگەتكەندىن كېيىن قىلىنغان تەربىينىڭ ئاساسلىقى ئۈنۈمى يوق دېيەرلىك . چۈنكى بۇنداق چاغدا بالىلار ئۆزىگە خاس ، مۇقىم بولغان مىجەز - خاراكتىرنى ئاللىقاچان يېتىلدۈرۈپ بولىدۇ .
بالىلار - بارلىق ئاتا - ئانىلارنىڭ ئۈمىدى .ھەرقانداق ئاتا - ئانا بالىلارنى ياراملىق ئادەم بولسىكەن دەپ ئويلايدۇ . لېكىن تەربىيە ئۇسۇلى توغرا بولمىسا ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدۇ . شۇڭا ھەرقانداق بىر ئاتا - ئانا ئالدى بىلەن ئۆزىنى تەربىيلىشى ، ئەرلەر ئايالىنى ياخشى تەربىيلىشى ، قىزلىرىنى ياخشى تەربىيگە ئىگە قىلىشى كېرەك . شۇنداق قىلغاندا ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ . قىز - ئاياللارنىڭ ئائىلە ئەخلاق تەربىيسى ياخشى بولمىسا ، ئەرلەرنىڭ ھەرقانچە كۈچىگىنى بىلەنمۇ بىكار . ئۆگەنگەن خۇي ئاسانلىقچە ئۆزگەرمىگەندەك ھە دەپ قۇيۇپ ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلىشىدۇ . شۇڭا بالىلارنى ياخشى تەربىيلەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى ، ئايالىڭىزنى ، ئاچا - سىڭىللرىڭىزنى ياخشى تەربىيلەڭ ، باشقۇرۇڭ . چۈنكى سىز ئائىلڭىزدىكىلەرگە نىسبەتەن بىر پادىچى . كىمكى پادىسىنى ياخشى باشقۇرمايدىكەن ، بۇنىڭدىن تارتىدىغان زىيىنىمۇ ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ ...........بالىلار كىچىكىدىن ياخشى تەربىيگە ئىگە قىلىنسا ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۆزىنىڭ توغرا يولىنى ئۆزلىرى تېپىپ ماڭالايدۇ . بىراق ئىدديسى بولغانغان بالىنى قانچە باشقۇرغان بىلەنمۇ بىكار ، بۇ ئەمەلىيەت جەريانىدا ئىسپاتلانغان ئىشلاردۇ ر. جىق سۆزلەپ قويدۇم ئەپۇ قىلىشىڭىزنى سورايمەن .......... |
|