- تىزىملاتقان
- 2015-2-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 948
- نادىر
- 0
- يازما
- 66
ئۆسۈش
89.6%
|
...شۇڭلاشقا سىزدە بالىلار بىلەن چىقىشىپ ئوينىيالايدىغان بالىلارچە ھېس تۇيغۇ ،بالىلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ھېس قىلىپ تۇرىدىغان بىرخىل تۇيغۇ،پىسخىك ساپا ، يۇمۇرىستىك خارەكتىر ، بالىلارچە قىلىق ، بالىلارچە كەيپىيات دىگەنلەر يوق بولسا ئەڭ ياخشىسى بىزدەك قىلىپ بالىلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىمەن دەپ بالىنىمۇ ھەم ئۆزىڭىزنىمۇ قىينىماي بولدى قىلىڭ ! بالا سەل چوڭلاپ 7 ياشقا كىرگەندە كونا ئۇسۇل بويىچە ئوقۇتقۇچى-ئوقوغۇچى -5 قۇر يېزىش -10 قېتىم ئوقۇش ----مۇشۇ يوسۇندا ساۋادىنى چىقىرۋالسىمۇ بولىۋېرىدۇ . ساۋادىنى چىقىرىشقا كۆزىمىز يەتمىسە بالىلارغا ھەر جەھەتتىن ئۇلارنىڭ تەپەككۈرىنى ئويغۇتىدىغان ، ئويلاندۇردىغان مەسىللەر، ئويۇن، تەجىرىبىلەر بىلەن ئۇچۇراشتۇرۇپ ئامېرىكا ياپونىيە مائارىپىدىكىدەك بالىلارغا مۇستەقىل پىكىر قىلىشنى ، بولۇپمۇ مىڭڭە ئىشلىتىشنى يەنى ئويلاشنى دىمەك ئاز بولسىمۇ تەپەككۈر قىلىشقا يېتەكلەشنى چىڭ تۇتساق دەپ ئويلايمەن .
بۇ تىمىنىڭ مۇشۇ يەرلىرى ھەممىمىزنىڭ چۇقۇم ئويلۇنۇپ ئىش كۆرىشىزگە بەكمۇ ئەرزىيدىكەن ھەم بەكمۇ مۇھىم ھالقىلىرى ئىكەن دەپ ئويلىدىم.
يەنە 3-بەت 18-قاتاردىكى مۇنۇ ئەسكەرتمە مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىنتايىن زىل ھەم ئىنتايىن ئىنچىكە نوقتىلار ئىكەنپەرزەنتىمىز قىز بالا بولۇپ قالسا قانداق قىلىشىمىز مۈمكىن ؟ مېنىڭچە بۇنىڭدىمۇ مەسىلە يوق . قىز بالىلار قىزىقىپ ئوينايدىغان ئويۇنلارغا كىرىشتۈرۋەتسەك بولىۋېرىدۇ . مەسىلەن ، قىز بالىلار قونچاق ئويناشقا قىزىقىدۇ ئەمەسمۇ ، بىز بالىنىڭ قونچىقىغا قاغەزدىن ھەر خىل كىيىملەرنى تەييارلاپ، ھەر بىر كىيىمىنىڭ ئۈستىگە ھەرىپلەرنى يېزىپ قويۇپ ، مەسىلەن ‹ ئا › يېزىلغان كىيىمنى قىزىم بۈگۈن قونچىقىمىزغا ئاق كىيىمىنى كىيگۈزەيلى ‹ ق › قارا ئىشتىنىنى كىيگۈزەيلى دەپ بىر مەزگىل ئوينىغاندىن كېيىن ‹ ئا + ق = ئاق نى بلىپ كېتىدۇ . ئىشقىلىپ ئۆزىمىز ئويلاپ نۇرغۇن ئويۇنلارنى تاپساق بولىۋېرىدۇ. مەسىلە سىزنىڭ بالا بىلەن ئويناشقا ۋاقتىڭىز ، تاقىتىڭىز ، ئادىتىڭىز بارمۇ يوق ؟ يۇمۇرلۇق كەيپىيات يارىتالامسىز يوق ؟ بىردەم مايمۇن ، بىردەم ئېيىق ، بىردەم كىچىك بالا بىردەم بوۋاي ياكى موماي بولالامسىز ؟
يەنە ھەم يەنە تەكىتلەيدىغان مەسىلە شۇكى بالىغا ئازىراقمۇ زورلاش ، مەجبۇرلاش بولماسلىغى شەرت ، بولمىسا ئۆزىڭىزمۇ ، بالىمۇ چارچاپ قالىسىز ، چارچاشلا ئەمەس بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەكىس تەسىر كۆرسىتىشى ئېنىق ....
بۇنوقتىلارنى ئەستايىدىل ئويلۇشۇپ پۇختا تەييارلىق قىلىپ سەۋىرچانلىق بىلەن (ئەقىلگە تايىنىپ تۇرۇپ)ئىش قىلمىغاندا تېما ئىگىسى ئېيتقاندەك كۆزلىگەن مەقسەتكە يىتەلمەيلا قالماستىن ئەكسىچە ئاقىۋەت كۈرۈلۈپ قېلىش ئېھتىماللىقى چوڭدەك قىلىدۇ.
تېما ئىگىسىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئاجرىتىپ شۇنچە ئېسىل بىر تىمىنى تەييارلاپ بىزلەرگە يوللاپ بەرگىنىگە كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر!!!ئىگىمىز تېنىڭىزنى سالامەت،ئائىلىىڭزنى بەختىيار، ئىشلىرىڭىزنى بەرىكەتلىك قىلغاي!!!
مېنىڭمۇ بىرجۇپ قىزىم بار:چوڭى 4ياشتا،كىچىكى 1يېرىم ياشتا.ماڭا بەكمۇ ياقتى بۇ تېما. تېما ئېگىسىگە يەنە بىر قېتىم رەخمەت!!! |
|