- تىزىملاتقان
- 2013-3-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 10776
- نادىر
- 13
- يازما
- 472
ئۆسۈش
100%
|
turantikin يوللىغان ۋاقتى 2015-12-30 12:32
قۇرۇق گەپ،بۇنىڭ يالغانلىقىنى بىلگەجانمۇ ئىشقىلىپ بى ...
http://yarp.net.cn/uighur/e/acti ... ssid=52&id=2019
ئەيدىزنى ساقايتىدىغان دورا چىقتىمۇ؟
ئەسسالام ئەلەيكۇم قېرىنداشلار،
يىقىندىن بىرى ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى ۋە ئۈندىدار قاتارلىق ۋاستىلەر بىلەن تارقالغان ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاپ پۈتۈنلەي ساقايتىدىغان بىر دورىنىڭ چىققانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر نۇرغۇن كىشىلىرىمىزنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە تالاش-تارتىشلارغا سەۋەب بولدى. ئەيدىز كېسىلى نۆۋەتتە دۇنياغا، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرگە چېتىشلىقى بار ئاپەت خاراكتىرلىك بىر كېسەل بولغاچقا، بىئو-مىدىتسىنا ساھەسىدىكى ئۇيغۇر كەسىپ ئەھلىلىرى ئەيدىز كېسەللىكلىرى تەتقىقاتىغا يىقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغان ئىدۇق. مەن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنۋاتقان ئىلمىي ماقالىلەرنى ئوقۇپ تۇرۋاتقان ۋە ئۆتكەن يىل 12-ئايغىچە دۇنيادىكى تىببى مۇتەخەسىسلەر ۋە ئالىملارنىڭ ئەيدىز كېسىلىنى بوي سۇندۇرۇش ئۈچۈن ھېلىمۇ توختماي ئىزدىنىۋاتقانلىقى ۋە بۇ جەھەتتە بىر قىسىم كىشىنى ئېلھاملاندۇرىدىغان ئىلگىرلەشلەرنىڭ مەيدانغا كىلۋاتقانلىقىنى بىلەتتىم.
بۇ قېتىم ئەيدىز كېسىلىنى سەللىمازا داۋالاپ ساقايتىدىغان دورا چىققانلىقى ھەققىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن بۇ يېڭى خەۋەر مەن ۋە نۇرغۇن ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى ۋە بىز بۇ توغرىدا بىر ئورتاق پىكىرگە كەلدۇق. بۇ مەسلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنى مۇھىم دەپ بىلىپ كۈچلۈك مەسئۇليەت تۇيغۇسى بىلەن بۇ ئىشنى ئېنىقلاشتا كۈچ چىقارغان بارلىق ئالىملىرىمىزغا ۋە تىببى مۇتەخەسىسلىرىمىزگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. مەن تىببىي ساھەدە دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق 15 ئۇنىۋىرستىتنىڭ بىرى بولغان ئامېرىكا نىيۇيورك شەھرىدىكى نوپۇزلۇق ئۇنىۋىرستىت-كولومبىيە ئۇنىۋىرستىتىدا مىدىتسىنا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنۋاتقان دوختۇر مەمەت ئىمىن ئاكا بىلەن تەپسىلىي پىكرلەشتىم. ئۇ ئۇزۇندىن بۇيان ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدا كۆپ ئىزدىنىپ مۇشۇ ھەقتە بىر قىسىم ئاممىباپ ئۇيغۇرچە ماقالىلارنىمۇ يازغان بولۇپ، ئەيدىز كېسىلى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلاردىن ناھايتى ئەتراپلىق خەۋەردار ئىكەن.
ئۇ بۇ توغرىدا مۇنداق چۈشەنچە بەردى:
ئەيدىز كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى HIV ۋىرۇسى كۆپىنچە لىمغا ھۆجەيرىلىرىدە يوشۇرۇنۇپ ياتىدىغان بولۇپ پۇرسەت بولغاندا كۆپىيىپ قاندىكى مىقدارى يۇقىرىلايدۇ. گەرچە قاندا HIV ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈپ تاپالمىغان تەقدىردىمۇ بۇ ئەيدىز كېسىلىنىڭ پۈتۈنلەي ساقىيىپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. چۈنكى ئىلگىرىمۇ ئامېرىكىدا قاندىكى HIV ۋىرۇسى پۈتۈنلەي تۈگىگەن بىمار ئۈستىدە كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان تەتقىقات نەتىجىلىرى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما 2-3 يىل ئىچىدە شۇ بىمار قېنىدا يەنە HIV ۋىرۇسى قايتا پەيدا بولغان بولۇپ، بۇ HIV ۋىرۇسىنىڭ شۇ بىمار لىمفا ھۆجەيرىلىرىدە يوشۇرۇنۇۋالغانلىقىنى، ئەمەليەتتە بىمارنىڭ سەللىمازا ساقايمىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ھازىرغىچە دۇنيادا گەرچە HIV ۋىرۇسى سانىنى تىزگەنلەيدىغان ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئىلىپ بىرىشتا ئىشلىتىدىغان دورىلار بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەيدىزنى پۈتۈنلەي ساقايتىدىغان دورا تېخى بارلىققا كەلمىدى.
بۇ قاراشلار مېنىڭ قارىشىم بىلەن تامامەن ئوخشاش بولۇپ، باشقا بىر قسىم تىببى ئالىملىرىمىزنىڭمۇ پىكىرىنى ئالغاندىن كىيىن تۆۋەندىكى خۇلاسىگە كەلدۇق: «ھازىر بار بولغان ئىلمىي پاكىتلارغا ئاساسەن بۇ قېتىم تارقالغان «ئەيدىزنى پۈتۈنلەي ساقايتىدىغان دورا بارلىققا كەلدى» دىگەن خەۋەر ئىشەنچلىك ئەمەس».
دۇنيادا ئىلىم-پەننىڭ بىرلا تىلى بولىدۇ، غەربنىڭ ياكى ئۇيغۇرنىڭ دەپ ئايرىلمايدۇ. ئۇيغۇر تىبابىتى دورىلىرىنى تەتقىق قىلىۋاتقان ئالىملىرىمىز، مەسىلەن، ياپونيەدىكى دوكتۇر ئەلقەم تۇرسۇن قاتارلىقلار، ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنىڭ كېسەل داۋالاش مىخانىزىملىرىنى ئىلمىي ماقالە قىلىپ يېزىپ ئېلان قىلىۋاتىدۇ ۋە غەربنىڭلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيا ئالىملىرى ئېتراپ قىلغاچقا نوپۇزلۇق ئىلمىي ژورناللاردا ئېلان قىلىنىپ باشقىلار تەرىپىدىن پايدىلىنىش ماتىرىيالى قىلىنىۋاتىدۇ. گەرچە بىر قىسىم ئىجتىمائىي مەسلىلەردە كىشىلەر ئۆز خالىغىنى بويىچە پىكىرىنى بايان قىلسا يوللۇق بولسىمۇ، ئەمما پاكىتنى ئاساس قىلىدىغان تەبئىي پەن ساھەسىدە قولىدا ئېنىق پاكىت بولمىغان ئەھۋالدا ياكى باشقىلارنىڭ سانلىق مەلۇمات ۋە ئىلمىي پاكىتلىرىنى كۆرسىتىپ نەقىل قىلماي تۇرۇپ ھۆكۈم جۈملىلەرنى ئىشلىتىش ئىلمىيلىك ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇندىن كىيىن مۇشۇ خىلدىكى ئىلمىي مەسلىلەردە كىشىلىرىمىزنىڭ ئىلمىي پاكىتلارنى سۈرۈشتۇرۇپ ئاندىن بىر قاراشقا كىلىشىنىڭ ناھايتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيمەن. يۇقىرىدىكى خۇلاسىمىز نوقۇل ھالدا غەرب تىبابىتى بويىچە ئىلىپ بىرىلغان تەتقىقاتلار ئاساسىدا يەكۈنلەنگەن بولماستىن، بەلكى بار بولغان ئوچۇق ئاشكارا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئىلمىي پاكىتلار ئاساسىدا يەكۈنلەنگەن. شۇ سەۋەب مۇشۇ يېڭى ئەيدىز دورىسى توغرىدا ئېنىق بىر چۈشەنچىگە كىلەلمەي گاڭگىراپ قالغان قېرىنداشلارنىڭ كاللىسىدىكى سۇئاللىرىغا بۇ يەردە جاۋاپ چىققان بولۇشىنى ۋە توغرا چۈشىنىۋىلىشىنى سورايمەن.
ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش ھەققىدە تەپسىلىيرەك توختالغۇم بار بولسىمۇ، ئەمما ھازىرچە خىزمەت ۋە تەتقىقاتلىرىمنىڭ ئالدىراشلىقى، يېزىشىمنى كۈتۈپ تۇرۋاتقان تېمىلارنىڭ كۆپلۈكى تۈپەيلى بۇ تېمىدىكى مەزمۇنلار ھەققىدە سۇئالىڭلار بولسا ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرالماسلىقىم مۇمكىن، بۇ پەقەت ۋە مەن تونۇيدىغان بىر قىسىم كەسپىي تەتقىقاتچى-ئالىملار ۋە تىببىي مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. قالغىنى، ئوقۇرمەنلەر ئۆزلىرى قاراپ بىر كۆز قاراشتا بولسا بولىدۇ.
ھۆرمەت بىلەن: بىلگەجان
2014-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى (ئامېرىكا سان ئانتونيو )
|
|