قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
ئىگىسى: yolchi

يوقالغان مەسئۇلىيەت، ۋايىغا يەتكەن ناچار تەرجىمە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

2

دوست

1117

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   11.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  46447
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 318
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-26
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-6 21:29:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qim-qim يوللىغان ۋاقتى  2016-1-6 17:46
كىتاپلىرىمىز  بۇنداق بولسا...........كوچىلاردىكى، ئاممىۋى  ...

ھى ھى ھى ھى...
uyghuray

1

تېما

0

دوست

2352

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26211
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 710
توردىكى ۋاقتى: 74
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-6 23:53:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Pishamshan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-7 00:06  

ئاللا ... ئاللا !
يۇقارقى يازمىنى كۆرۈپ ئاپتۇماتىك تەرجىمىمۇ ئاۋۇ ئادەم تەرجىمىسىدىن ياخشىدەك ھېس قىلىپ قالدىمغۇ ؟ بۇ كىتابنى ھەرگىز ئالمايمەن .

1

تېما

0

دوست

2352

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26211
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 710
توردىكى ۋاقتى: 74
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-7 00:05:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tpa يوللىغان ۋاقتى  2016-1-5 22:06
جەنۇپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى 《بەك ئوبدان》 چۈشىنەم ...

جەنۇپتا ئۇنداقمۇ ئەمەستۇ ؟ شىمالدا مەن مىن كاۋ خەن دېسە كىم ھەيران قالاتتى ؟ بۇ خۇددى مەن يەسلىنى پۈتتۈردۈم دېگەن بىلەن ئوخشاش . شەخسەن مەن كوچىدا ئانا تىلىدا سۆزلىمەي خەقنىڭ زۇۋانىدا پاراڭلاشقانلارنى كۆرسەم چىرايىغا تۈكۈرىۋەتكۈم كېلىدۇ . قوشۇمچە تىل بىلىش ئارتۇقچىلىق ، ئەمما ئۆز تىلىدا سۆزلىمەسلىك نومۇس .

0

تېما

0

دوست

2038

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   1.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  52403
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 590
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-15 23:42:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
putin يوللىغان ۋاقتى  2016-1-5 11:15
قەلەم ئىگىسىنىڭ ھازىرقى بىنۇرمال ئەمما كىشىلەر ئانچ ...

قوللايمەن
uyghuray

1

تېما

4

دوست

4177

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   72.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17559
يازما سانى: 382
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1250
توردىكى ۋاقتى: 147
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-28
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-16 00:11:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە باشقا ئىش ،ئەدەبىي تەرجىمانلىق ئۇ باشقا ئىش . تەرجىمان تەرجمە قىلغاندا خەت بويىچە تەرجىمە قىلىۋىرىدۇ، ئەدەبىي تەرجىمان بولسا ئەسلىگە سادىق بولغان ئاساستا ئەسەرنى قايتا يېزىپ چىقىدۇ. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدا بىر مۇئەللىمنىڭ ، مەلۇم بىر خەنزۇ يازغۇچىنىڭ قىزىل راۋاقتىكى چۇشمۇ ياكى ئۇچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسە مۇ ئىشقىلىپ (ئۇنتۇپ قاپتىمەن) بىر ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسنى كۆرۈپ ،ھاياجانلىنىپ تۇرۇپ: ئەسەرنىڭ خەنزۇچە ئەسلى نۇسخىسنى بېسىپ چۇشكەنلىكنى ،تەرجمىسنىڭ ناھايتى ياخشى ئىشلەنگەنلىكىنى دېگېنىنى ئاڭلىغان .

0

تېما

2

دوست

2204

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   6.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34906
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 704
توردىكى ۋاقتى: 165
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-16 16:30:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈپ ئۇچىرايدىغان ئەھۋال بۇھازىر .مۇشۇنداق تىل-يېزىقىمىزغا كۈڭۈل بۈلگەن تىما ئىگىسىدەك كىشللىرىمىزنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا چىقىشنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

1

تېما

0

دوست

165

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   55%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17693
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 70
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2016-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-22 12:21:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزكۇر يازما ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تورداشلارنىڭ يازغان ئىنكاسلىرىنىڭ ئىلھامى بىلەن يازمىنى قايتا پىششىقلاپ چىقتىم.يازما تېمىسىنى قىسمەن ئۆزگەرتتىم.تولۇقلانغان يازمامنى مۇنبەرگە قايتا يوللاشنى مۇۋاپىق كۆرمەي ئىنكاس قاتارىدا بۇ يەرگە چاپلاپ قويدۇم.باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئەسلىدىكى يازمىنىڭ ئورنىغا يۆتكەپ قويۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

1

تېما

0

دوست

165

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   55%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17693
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 70
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2016-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-22 12:26:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yolchi يوللىغان ۋاقتى  2016-1-22 12:21
مەزكۇر يازما ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تورداشلارنىڭ ياز ...

يوقىلىۋاتقان مەسئۇلىيەت ئېڭى، سارغىيىۋاتقان ئانا تىل

——  ئەدەبى تەرجىمىچىلىكىمىزدىكى كېسەللىكلەر ھەققىدە ئەندىشىلىك ئويلار

ئاپتورى :توغراق

بىزدىكى ئەدەبى تەرجىمانلىقنىڭ  ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى،ئۇنىڭ ھەر قايسى تارىخى دەۋىرلەردە  مول ئۇتۇقلارلارغا ئېرىشكەنلىكى قىل سىغمايدىغان پاكىت.يىراقنى قويۇپ تۇرۇپ يېقىنقى دەۋىرلەرنى ئالىدىغان بولساق 1950-يىللاردا يۈزلىگەن ئەسەرلەرنىڭ بىۋاسىتە رۇسچىدىن تەرجىمە قىلىنىپ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى «يېڭى ھايات»،«شەرق ھەقىقىتى»قاتارلىق نەشىر ئەپكارلىرى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرغانلىقى؛ئۇنىڭدىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا دۆلىتىمىزنىڭ مەشھۇر ئەسەرلىرى بولغان «سۇ بويىدا»،«ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»،«قىزىل راۋاقتىكى چۈش»،«لىياۋجەي رىۋايەتلىرى»،«غەرىپكە ساياھەت»قاتارلىق كلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ ئاجايىپ يۇقىرى ماھارەت ۋە يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تەرجىمە قىلىنغانلىقى؛شۇنداقلا يەنە «ئائىلە»،«تۈن يانغاندا»،«شاڭزى تۆگە»قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ ناھايىتى ئۇتۇقلۇق تەرجىمە قىلىنغانلىقى؛كۆپلىگەن دۇنياۋى ئەسەرلەرنىڭمۇ ئىنتايىن يۇقۇرى سەۋىيەدە تەرجىمە قىلىنغانلىقى ھېلىھەم يادىمىزدا.بۇ ئەسەرلەردىكى يۈكسەك تىل ماھارىتى،تەرجىمان ۋە مۇھەررىرلەردىكى مەسئۇلىيەتچانلىق، نەشىرياتلارنىڭ ئەستايىللىقى كىشىنى قايىل قىلىدۇ ھەم بىزدە ھۆرمەت تۇيغۇسى ئويغىتىدۇ.ئاشۇ بىر دەۋىردىكى مۆھتىرەملەرنىڭ قولىدىن چىققان ئەسەرلەر خۇددى ئانا تىلىمىزدا يېزىلغان ئەسەرلەردەكلا تەسىر بېرىدۇ،ھەتتا ئەسلى ئەسەردىنمۇ بەكراق لەززەت بېرىدۇ…مەسىلەن چۈيەننىڭ «جۇدالىق زارى»دېگەن شېئىرنى ئالىدىغان بولساق ئۇنىڭدىكى نەپىس تىل،تويۇنغان قاپىيە،جەزبىدار مەنا ئۇنى خۇددى بىرەر ئۇيغۇر شائىرى يازغاندەك تەسىراتقا كەلتۈرىدۇ…ئەپسۇس ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بىر تۈركۈم داڭلىق تەرجىمانلىرىمىزنىڭ ۋاپات بولۇشى،ئىككىنچى سەپكە چېكىنىشى،تەرجىمان قوشۇنىنىڭ ياشلىشىشى…دىگەندەك سەۋەپلەر بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىي تەرجىمىچىلىكىمىزدە شەكىللەنگەن ئەنئەنىدە بۇزۇلۇش،تەرجىمىچىلىكىمىز يەتكەن پەللىدە چېكىنىش كۆرۈلۈشكە باشلىدى.بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇنداق بۇزۇلۇش،بۇنداق چېكىنىش ئوقۇرمەنلەرگە بارغانسېرى مەلۇم بولماقتا.سۆز جۈملىلەرنىڭ قوپاللىشىپ ئەدەبىي تىل بىلەن ئاخبارات تىلىنىڭ ئوخشاپ قېلىۋاتقانلىقى،ئانا تىلىمىزدىكى ئەسەرنىمۇ  ئوقۇپ چۈشەنمەكنىڭ قىيىنلىشىپ قېلىۋاتقانلىقى،ئەبجەش ئاتالغۇلارنىڭ كۆپلەپ قوللىنىلىشى،چەتئەل كىشى ئىسىملىرىدە ئېنىق بىر ئۆلچەم-قېلىپنىڭ بولماسلىقى….قاتارلىق ئىللەتلەرنىڭ ئېغىرلىشىپ شانلىق تەرجىمىچىلىك يولىمىزغا داغ پەيدا قىلىۋاتقانلىقىمۇ يۇشۇرغىلى بولمايدىغان بىر پاكىت سۈپىتىدە بىزنى ئويلىنىشقا قىستىماقتا.بۇ يىل بوش ۋاقىتلىرىمدا پاكىستان يازغۇچىسى شاۋكەت سىدىقىنىڭ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان «ئاللاھنىڭ زىمىنى»رومانىنىنى ئوقۇسام روماندىكى«ئابۇنە»،«زىيەن»،جىڭ ۋاقتى» ،تاڭجاڭ» ، «تېرموس»،شىبەن»،«پۇڭمەنزە خوشىڭى»،«ئايلانت»،«ترېسىت»…دىگەندەك ئۇيغۇرچە ئەمەس سۆزلەر ئىچىمنى سىقتى.ئارقىدىن يەنە شۇ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان،ئۆمەرجان ئاۋۇت تەرجىمە قىلغان«ئىستانبۇلنىڭ بەختى»ناملىق روماننى ئوقۇسام كىتاپتىكى «سۈرە شۇرانىڭ 40-پارىسى»(323-بەت)،«كورد ئىشچىلار پارتىيىسى»(333-بەت) دېگەن جۈملىلەر ۋە «ئابدۇللا ئوكران»دېگەن ئىسىم بىئارام قىلدى.چۈنكى قۇرئان جەمئىي 30 پارە ئىدى،سۈرىنىڭ ئىچىدىكىسى پارە ئەمەس،ئايەت دىيىلەتتى. كىتاپتا تىلغا ئېلىنغان تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ نامى«كورد ئىشچىلار پارتىيىسى»ئەمەس،كۈرت ئىشچىلار پارتىيىسى ئىدى.ئۇنىڭ رەھبىرىنىڭ توغرا ئاتىلىشى ئابدۇللا ئوجىلان ئىدى.بۇ تېررورلۇق تەشكىلات  كاتتېشىنىڭ نەچچە يىللار بۇرۇن تۈركىيە دۆلىتى تەرىپىدىن ئۆمۈرلۈك جازاغا ھۆكۈم قىلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغانلىقى بىزنىڭ ئاخبارات تاراتقۇلىرىمىزدىمۇ كەڭ خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
ئوقۇغان بىر قانچە ئەدەبى ئەسەرلەر ئەدەبى تەرجىمانلىرىمىزدىكى ئانا تىل نامراتلىقى،تەرجىمان مۇھەررىر،نەشىرىياتلارنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە بولغان مەسئۇلىيەتسىزلىكى ھەققىدە ئويلاندۇرغان بولسا يېقىندا ئوقۇغان يەنە بىر تەرجىمە كىتاب -- ئامىركىنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى دان بىروۋىن  ( Dan Brrown) نىڭ«غايىب سىمۋول»ناملىق ئەسىرىنىڭ ئۇيغۇرچىسى مېنى ئەدەبى تەرجىمىچىلىكتە يامرىغىلىۋاتقان كېسەللىكلەر ھەققىىدە ئەندىشىلىك خىياللارغا پاتۇردى.
  دان بىروۋىننىڭ بىر نەچچە يىل بۇرۇن يۇقىرى ماھارەت بىلەن تەرجىمە قىلىنغان «داۋېنچنىڭ مەخپىيىتى»ناملىق ئەسىرى تارخ،مەدەنىيەت،دىن ۋە بىلىم ئۇچۇرلىرىنىڭ موللىقى،ۋەقەلىكىنىڭ مۇرەككەپلىكى،ئوبرازلارنىڭ خاسلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان بولغاچقا ئۇنىڭ «سىفىرلىق قەلئە»،«غايىب سىمۋول»،«پەرىشتىلەر ۋە شەيتانلار»،«دوزاخ»،«ئالدامچىلق»…قاتارلىق ئەسەرلىرىنىڭ تېزراق تەرجىمە قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدىم.
ئارزۇ قىلغىنىمدەك ئۆتكەن يىلى ۋە بۇ يىل شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت فوتو-سۈرەت نەشرىياتى  دان بىروۋىننىڭ «غايىب سىمۋول»ناملىق ئەسىرىنى«يوقالغان مەخپى بەلگە»دېگەن ئىسىم بىلەن نەشىر قىلىپ بازارغا سالدى.ئوسمانجان مۇھەممەت تەرجىمە قىلغان،زەپەرجان ئۇچقۇن مەسئۇل مۇھەررىر بولغان،ياسىن ئوبۇلقاسىم تەكشۈرۈپ بېكىتكەن،ئەنۋەر قۇتلۇق قايتا تەكشۈرگەن،تۇرسۇنپاشا ئابدۇرېھىم مەسئۇل كوررېكتورلۇقىنى قىلغان بۇ ئىككى قىسىملىق كىتاپنى قىزىقىش ئىچىدە قولۇمغا ئالدىم.
ئەپسۇس كىتاپنى ئوقۇغانسېرى قىزىقىشىم سۇسلاپ،تۈگىتىپ بولغۇچە بىزارلىقتا شۇنچىلىك ھاردىمكى بۇنى يېقىنقى يىللاردا ئوقۇغان ئەڭ ناچار كىتاب دەپ قارىدىم.
مېنى بۇ قاراشقا كەلتۈرگىنى ئەسلى كىتاپنىڭ ناچارلىقى ئەمەس،ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ ناچارلىقى ئىدى،كىتاپتىكى قەدەمدە بىر ئۇچرايدىغان كېسەل سۆز-جۈملىلەر،ئەسلى مەنىسىدىن تامامەن چەتنەپ كەتكەن ياكى تامامەن خاتا ئۆرۈلگەن مەزمۇنلار،ئىملا جەھەتتىكى خاتالىقلار،چۈشىنىكسىز سۆزلەر ھەم دىئالوگلار شۇنچىلىك قىينىدىكى ئۆزەمنى مەجبۇرلاپ يۈرۈپ،مەسئۇلىيەتسىز تەرجىمان ۋە مۇھەررىرلەردىن ئەپسۇسلىنىپ كىتاپنى ئاخىرى تاماملىغان بولدۇم.
«مەن بۇ خىزمەتنى ئورتاق تاماملىغان ئۈچ نەپەر سۆيۈملۈك دوستلىرىمغا»دېگەن كېسەل جۈملە(ئۈچ دېگەن سان بولغاندىكىن تەرجىمان يەنە كۆپلۈك بىلەن تۈرلەپ يۈرمەي ئۈچ سۆيۈملۈك دوستۇمغا دىسىلا  جايىغا چۈشەتتى  ئەسلى ) بىلەن باشلىنىدىغان كىتابتىكى  تىل باشتىن ئاخىرغىچە كېسەللىك ۋە نۇقسان بىلەن تولغان بولۇپ،ئۇنىڭ ھەممىسىنى بىر بىرلەپ كۆرسىتىشكە توغرا كەلسە چوڭ ھەجىملىك يازما بولۇدۇ،ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلماسلىق ئۈچۈن مەن كىتاب تەرجىمىسىدىكى نۇقسانلارنى بىر قانچە تۈرگە يىغىنچاقلاپ قىسچىلا ئوتتۇرىغا قويۇشنى مۇۋاپىق ھېساپلىدىم.دەلىل سۈپىتىدە كىتاپتىكى ساناقسىز كېسەل جۈملىلەر ئىچىدىن تاللانغان بىر قانچە مىسالنىلا يازمىغا كىرگۈزدۈم.
1.تىلى چۇۋالچاق،تىل ئادىتىمىز ۋە تىل قائىدىمىز ئېغىر بۇزۇلغان.
تەرجىمە قىلىش —يات تىلدىكى ئەسەرلەرنى ئەسلىگە سادىق بولغان ھالدا يەنە بىر تىلنىڭ قائىدە قانۇنىيەتلىرىگە بويسۇندۇرۇپ ئۆزلەشتۈرۈپ ئۆرۈش جەريانىدۇر.بۇ تەرجىماندىن يۈكسەك مەسئۇلىيەت، سەۋىيە ھەم ئانا تىل ماھارىتى تەلەپ قىلىدۇ.مەزكۇر كىتاپتا بۇنداق سەۋىيە ۋە ماھارەت ئىپادىسىنى تاپالمىغان بولۇپ،تىل نامراتلىقى،سەۋىيە گادايلىقى باشتىن ئاياق كۆزگە چېلىقىپ تۇرۇدۇ.تىل قائىدىمىزگە،ئانا تىل ئادىتىمىزگە،ئىپادىلەش شەكلىمىزگە زىت بولغان سۆز،جۈملە،دىئالوگلار قەدەمدە بىر ئۇچرايدۇ.بۇ يەردە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن بولمىغاچقا بىر قانچىسىنىلا كۆرسىتىپ قويۇمەن.
   (1) «1991-يىلى بىر پارچە ھۆججەت مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى باشلىقىنىڭ بىخەتەر ئىشكاپىغا سولىنىپ قالغاچقا،بۇ ھۆججەت ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ بىخەتەر ئىشكاپىغا قويۇپ قويۇلغان پېتى تۇرماقتا».[1-كىتاب،مۇقەددىمە ئالدى].
بۇ جۈملىدە ھەم مەنتىقىلىق خاتالىق ھەم گرامماتىكىلىق كېسەللىك بار. ئالدىدا ھۆججەت سولىنىپ قالدى  دىيىلسە ئارقىدىن ھۆججەت قويۇپ قويۇلغان دىيىلگەن.
  (2)«پىكاپنىڭ يول يۈزىگە تېگىپ ماڭغان چاقىدىن چىققان ئاۋاز ئۆزگەرگەندە روبوت لاڭدون خاتىرە كارتۇچكىلىرىنى رەتلەۋاتاتتى».[1-كىتاب،20-بەت].
بۇ جۈملىدىكى «پىكاپنىڭ يول يۈزىگە تېگىپ ماڭغان چاقى»دىگەننىڭ ئۆزىدىلا مەسىلە بار.
(3)«ئۇنىڭ ئەڭ خالىمايدىغىنى كاسېرىننىڭ ئەزىز مېھمىنىنىڭ تەجرىبىخانىغا كىرىشتە چوقۇم مۇشۇ قاراڭغۇلۇقتىن ئۆتۈشى كېرەك دېگەن تۇيغۇغا كەلگەن ئىدى».[1-كىتاب،229-بەت].
بۇ جۈملىدە نېمە دىيىلىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ،ئالدى كەينى ماسلاشمايدۇ،ئۇقۇم ئېنىق ئەمەس.
(4)«لاڭدون بىر پارچە ئاق قەغەز بىلەن بىر تال قەلەمگە ئېھتىياجلىق ئىدى،بۇنى ئاتمىش دەقىقە ئىچىدە بېكىتكىلى بولاتتى»[1-كىتاب،306-بەت].
     بۇ جۈملە كىتاپنىڭ تۈركچە نەشرىدە مۇنداق ئېلىنغان:«قەلەم ۋە قەغەز بولسىلا لاڭدون بۇنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يېشىۋىتەتتى».[تۈركچە 205-بەت]
يۇقىرىقى ئىككى جۈملىنى سېلىشتۇرۇپ باقساق تەرجىماننىڭ ئەسلىى ئەسەردىكىگە سادىق بولمايلا قالماستىن ئۇيغۇرچىنى قانچىلىك بۇزغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز.
(5)«بىر يول باشلايدىغان مەخپى بىلىمنىڭ كىرىش ئېغىزى؟ئاڭلىماققا بۇ پېتىر سولوموننى گۆرۈگە ئالغۇچى سىزنى دەپ قارىغانغا ئوخشاش،پەقەت سىزلا ئاچسىڭىز بولۇدىغان كىرىش ئېغىزى».[1-كىتاب،227-بەت]
بۇ جۈملىدىمۇ نېمە دىيىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭقارغىلى بولمايدۇ،تەرجىماننىڭ ئەسلى كىتاپتىكى مەزمۇننى چۈشەنمەي تۇرۇپ تەرجىمە قىلغانلىقى ناھايىتى ئېنىق.
(6)«چاقچىقىڭىز ئازراقمۇ كۈلكىلىك ئىش ئەمەس .-دېدى كاسېرىن…» [1-كىتاب،296-بەت]،«ئۇچۇرلارنىڭ مەخپىيەتلىك دەرىجىسىنى چوقۇم ساقلاڭ» [1-كىتاب،332-بەت].
       يۇقۇردا تىلغا ئېلىنغان مىساللار كىتاپتىكى كېسەل سۆز جۈملىلەرنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى بولۇپ،بۇنداق مىسالنى كىتاپنىڭ ھەممىلا يېرىدىن تاپقىلى بولۇدۇ.بۇ يەردە بۇنداق سۆز جۈملىلەرنىڭ ئەسلى قانداق بولۇشى كىرەكلىكى ئۈستىدە بەك تەپسىلى توختالمىدىم،توختالماي ئۇنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ھەزىم قىلىپ بېقىشىغا قالدۇرىمەن.
2.خاتا تەرجىمە قىلىش،ئەسلى مەزمۇنىدىن چەتنەپ كېتىش ئەھۋاللىرى گەۋدىلىك.
               ئەسلى ئەسەرگە سادىق بولۇش،ئەسلى مەزمۇنىنى ئەينەن يەتكۈزۈش —تەرجىمىچىلىككە قويۇلىدىغان ئەڭ ئەقەللى تەلەپ.بۇ تەلەپكە يەتمىگەن تەرجىمە ئەسەر يېنىكرەك ئېيىتقاندا كەمتۈك مەھسۇلات،ئېغىرراق ئېيىتقاندا براك قىلىنىدىغان مەھسۇلات جۈملىسىدىندۇر.مەزكۇر كىتاپتىكى خېلى بىر قىسىم سۆز ئىبارىلەرنى چۈشىنىپ بولالماي،توردىن كىتاپنىڭ تۈركچە نۇسخىسىنى تېپىپ،سېلىشتۇرۇپ تۈركچىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرچىسىنى چۈشىنىشكە مەجبۇر بولدۇم.مەلۇم بولدىكى چۈشەنگىلى بولماسلىقنىڭ سەۋەبى خاتا تەرجىمە ۋە ئەسلى مەنىسىدىن يىراقلاپ كېتىش ئىكەن.مەن بۇ يەردە بىر قانچە مىسال كەلتۈرىمەن.چۈشىنىشلىك بولۇشى ئۈچۈن ئاۋۋال تۈركچىدىن ئۆزلەشتۈرگىنىمنى،ئاندىن كىتاپتا يېزىلغېنىنى كۆرسىتىمەن.
(1)«ساتو ئون نەچچە يىلدىن بۇيان مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى خەۋىپسىزلىك باشقارمىسىنىڭ بېشى بولۇپ كەلگەندى»[تۈركچە،80-بەت]
«ساتۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان مەركىزى ئاخبارات ئىدارسى خەۋىپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خىزمەتچىلىرىنى ئىزچىل تۇتۇپ كەلگەن ئىدى»[ئۇيغۇرچە 1- كىتاب،111-بەت].
يۇقىرىقى ئىككى جۈملىنىڭ مەزمۇنى زور پەرقلىندۇ.كىتاپنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرىدە ساتو ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى خەۋىپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ  مىنىستىرى دەپ ئېلىنغان بولۇپ،تۈركچىسدە مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى خەۋىپسىزلىك باشقارمىسى دەپ ئېلىنغان.تەرجىمان ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئىچىدە يەنى ئىدارىنىڭ ئىچىدە  مىنىستىرلىق بولمايدىغانلىقىنى بىلمىگەنمۇ ياكى تەرجىمىدە توغرا بولۇشقا سەل قارىغانمۇ بۇنىسى نامەلۇم.
(2)«تاش پىرامىدانى بىر قولىدا كۆتۈرىۋلغان مەلەك ئۇدۇل بىرىنچى قەۋەتتىكى ئىشخانىسىغا كىرىپ خاتىرە كومپىيوتېرىنى ئېچىۋېتىپ پەستىكى لاڭدۇننى خىيال قىلدى.ئۇنىڭ مەخپى گەمىدە سۇ تېگىدە قالغان جەسىدىنى تېپىشقا نەچچە كۈن ياكى ھەپتە كېتىدىغانلىقىنى ئويلىدى،ئۇ چاققىچە مەلەك ئاللىبۇرۇن بۇ يەردىن كېتىپ بولاتتى»[تۈركچە 404-بەت]
«مىچائىل ئەلئېھرامنى ئالغاچ چوڭ چوڭ قەدەملەر بىلەن 2-قەۋەتكە چىقىپ،قول كومپىيوتېرى ئالدىدا ئولتۇردى.ئۇ تىزىملاتقاندىن كېيىن بىنا ئاستىدىكى لاڭدوننى ئەسلىدى.ئۇ نەچچە كۈن ھەتتا نەچچە ھەپتە بولغانلىقىنى بىلمەكچى بولدى.سۇغا چىلاپ ئۆلتۈرۈلگەن،مەخپى يەر ئاستى ئۆيىگە تاشلاپ قويۇلغان جەسەت ئەمدى بايقالغانىدى.ئەمدى ئۇ بۇنىڭ موھىملىقى قالمىغاندى.ئۇ چاغدا مىچائىل كېتىپ قالغانىدى».[ئۇيغۇرچە 2-كىتاب،212-بەت].
يۇقىرىقى ئابزاستىمۇ ئۇيغۇرچىسىنىڭ مەزمۇنى تۈركچىسىدىن خېلىلا پەرقلىنىپلا قالماستىن ئۇقۇرمەنگە خاتا چۈشەنچە بېرىدۇ.بۇ يەردىكى گەپ مىچائىل(تۈركچىسىدە مەلەك)نىڭ كومپىيوتېرنى ئېچىپ ئولتۇرۇپ  سۈرگەن خىيال ئۈستىدە كېتىۋاتقان بولۇپ،ئۇيغۇرچىسىدە ئۇنى كېتىپ قالغانىدى،جەسەت بايقالغانىدى دەپ تولىمۇ كۈلكىلىك ئالغان.
(3)«كاترېن سولومون ياتقان تاش شىرە سوغۇق ئىدى...يېنىدىكى شىرەدە تۇرغان غەلىتە پىچاققا قاراپ  ئۆزىنى نېمە ساقلاۋاتقانلىقىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرەتتى».[تۈركچە 408-بەت]
       «كاسېرىن سولوموننىڭ بەدىنىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى تاش شىرە مۇزدەك سوغۇق ئىدى…ئۇنىڭ يېنىدىكى ئىشكاپ ئۈستىدە تۇرغان غەلىتە پىچاق ئۇنى شۈركەندۈردى،نەتىجىدە پىچاق ئۇنى كۈرۈپ تۇراتتى»[ئۇيغۇرچە 2-كىتاب 217-بەت].
يۇقىرىقى ئىككى جۈملىنى سېلىشتۇرساق ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ قانچىلىك قوپال چىققانلىقىنى ھېس قىلالايمىز.
(4)«ئاكىسىنىڭ كۆزلىرىدىكى قايغۇ-ھەسرەتنى سەزگەن كاترېن ئۇنىڭ زاكارىينى ئەسلەۋاتقانلىقىنى بىلدى.پېتىر يىللاردىن بۇيان ئوغلىنىڭ ئۆلۈمىگە ئۆزىنى سەۋەپچى ھېساپلايىتتى.زاكارىينى تۈرمىدە تاشلاپ قويۇشنىڭ ئۆمرىدە قىلغان ئەڭ چوڭ خاتالىقى ئىكەنلىكىنى،شۇڭا ئۆزىنى پەقەت كەچۈرەلمەيدىغانلىقىنى كاترېنغا نۇرغۇن قېتىم سۆزلەپ بەرگەن ئىدى».[تۈركچە413-بەت]
      «پېتىر جالىلىنى ئەسلىدى.كاسرېن ئاكىسىنىڭ كۆزلىرىدىكى ھەسرەت نادامەتنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز بۇ نۇقتىلارنى ئويلاپ قالدى.كۆپ يىللاردىن بۇيان پېتىر ئېغىر گۇناھنى يۈدۈپ كېلىۋاتاتتى.ئۇ ئۆز ئوغلى ئۆلۈپ كەتكەندەك سەزدى.بۇرۇن كاسرېنغا كۆپ قېتىم گالىلى تۈرمىگە قامالغان،ئۇ ئۆمرىدە ئەڭ چوڭ قورقۇنۇشلۇق خاتالىق ئۆتكۈزگەن،ئەمما ئۇ مەڭگۈ ئۆزىنى كەچۈرمەيدۇ،دىگەنىدى».[ئۇيغۇرچە 2-كىتاب 225-بەت].
يۇقىرىقى تەرجىمىدە كىتاپتىكى ئەسلى مەزمۇن بۇرمىلانغان يەنى ئوغلىنىڭ ئۆلىمىگە ئۆزىنى سەۋەپكار ھېساپلىغان دادىنىڭ ئۆكىنىشلىرى بالىسىنىڭ ئۆكىنىشى قىلىپ  ئۆزگەرتىۋېتىلگەن بولۇپ،تەرجىماننىڭ ئەسلى ئەسەرنى پەقەتلا چۈشەنمىگەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدۇ.
   (5)«ئۇ كېچە ئېنىق يادىمدا،-دېدى ئۇ ئادەم نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ زاڭلىق قىلغاچ،-ھەممىنى بىلىپ تۇردۇم،تۈرمە باشلىقى ئوغلۇڭنى قويۇۋېتىش تەكلىۋىنى بەردى،ئەمما سەن ئۇنى تۈرمىدە قالدۇرۇپ زاكارىيغا ساۋاق بەرمەكچى بولدۇڭ.ئوغلۇڭ ساۋىقىنى ئالدى،ئۇنداق ئەمەسمۇ يا؟[تۈركچە 415-بەت]
         «شۇ كۈنى ئاخشىمى ھېلىھەم ئېسىمدە،-دېدى ئەر نەرسىلەرنى يىغىشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن مەسخىرە قىلغاندەك تەلەپپۇز بىلەن،-مەن پۈتۈن جەرياننى ئاڭلىدىم،گۇندىپاي باھا قويدى،ئەمدى ئوغلىڭىزنى ئېلىپ كېتىدۇ.ئەمما سىز جەزمەن گالىلىيدىن ساۋاق ئېلىشىڭىز كېرەك.ئۇنىڭ ئۇسۇلىدىن ۋاز كېچىڭ،ئوغلىڭىز ساۋاق ئالدى،توغرا،شۇنداق ئەمەسمۇ؟»[ئۇيغۇرچە 2-كىتاپ229-بەت].
يۇقىرىقى مىسالدىمۇ تەرجىمان ئەسلى ئەسەردىكىنى خاتا تەرجىمە قىلغان.تۈركچىسى بىلەن ئۇيغۇرچىسىنى سېلىشتۇرۇپ باقساقلا ئۇيغۇرچىسىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ناباپ چىققانلىقىنى ھېس قىلالايمىز.
(6)«گۈل چەكتۈرىۋالغان ئادەم پېتىر ئولتۇرغان ئورۇندۇقنى گەپ سۆز قىلماي ئۆيدىن ئلستا ئىتتىرىپ چىقىپ،ئۇنىڭ سىڭلىسىغا ئاخىرقى قېتىم قارىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلدى».[تۈركچە415-بەت]
   « ئۇ ئەر بىر ئېغىزمۇ زۇۋان سۈرمىدى.ئۇ ئاستا پېتىر ئولتۇرغان چاقلىق ئورۇندۇقنى ئىتتىرىپ ئۆيدىن چىقتى.پېتىرنى سىڭلىسىنىڭ ئۆيىنىڭ ئاخىرقى بىر پەردىسىدىن قانغۇدەك ھوزۇرلاندۇرماقچى بولدى»[ئۇيغۇرچە 2-كىتاب،230-بەت].
يۇقىرىقى مىسالدىكى « سىڭلىسىنىڭ ئۆيىنىڭ ئاخىرقى بىر پەردىسىدىن قانغۇدەك ھوزۇرلاندۇرماقچى بولدى»دېگەننى تەرجىماننىڭ قانداق چۈشىنىپ يۇقۇرقىدەك ئالغانلىقى بىزگە قاراڭغۇ،ئەمما بۇنى يەنىلا  ناباپ تەرجىمە دىمەي ئامالىمىز يوق.
(7)«روبېرت؟!،-كاترېننىڭ كۆزلىرى ئاۋۋال ھەيرانلىقتا،ئاندىن خۇشاللىقتا چەكچەيدى،-مەن سېنى تۇنجۇقۇپ قالدى دەپ ئويلاپتىمەن…   [تۈركچە433-بەت]
     «روبۇت،-ئۇنىڭ چۆچەكتەك ئېچىلغان كۆزلىرىدە شۈبھە پەيدا بولدى.كېيىن يەنە خۇشال تەلەپپۇز بىلەن سۆزىنى دھۋاملاشتۇردى،-ئەمما مەن،سىز ھازىرلا سۇغا چۆكۈپ ئۆلۈپ كېتىدىغان بولدىڭىز-ھە!»[ئۇيغۇرچە 2-كىتاب 261-بەت]
        كىتاپتىكى ۋەقەلىكتە مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى سۇ ساندۇقىغا سولاپ قويۇلغان روبېرىتنى قۇتقۇزۇپ چىقىدۇ،كاترېن ئۇنى تىرىك كۆرۈپ ھەيران قالدىدۇ.يۇقۇرقى دىئالوگ كاترېننىڭ دەل شۇ چاغدىكى ھالىتىنى ئىپادىلەۋاتقان بولۇپ،ئۇيغۇرچىسىدە« سىز ھازىرلا سۇغا چۆكۈپ ئۆلۈپ كېتىدىغان بولدىڭىز-ھە!»دەپ تولىمۇ كۈلكىلىك تەرجىمە قىلىنغان.
         يۇقىرىقى مىساللار كىتاپتىكى ئەسلىگە سادىق بولماسلىق،چۈشىنىپ تەرجىمە قىلماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ پەقەتلا بىر قىسمى بولۇپ،ئۇيغۇرچە ئىقتىباسلاردىن تەرجىماننىڭ تىلىمىزنى قايسى دەرىجىدە بۇزغانلىقىنى،مەشھۇر بىر كىتاپنى پۈچەكلەشتۈرۈپ قايسى دەرىجىگە ئاپىرىپ قويغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز.ئەڭ ئېچىنارلىقى (4)(5)مىسالدا كىتاپنىڭ ئەسلى مەزمۇنى،ئاپتۇرنىڭ دىمەكچى بولغانلىرى تامامەن ئۆزگەرتىۋېتىلگەن.تەرجىمان ئاپتۇرنىڭ نېمە داۋاتقانلىقىنى پەقەتلا چۈشەنمىگەن.
3.كىتاپتىكى ئىسملار ئەسلىدىكىسى بويىچە  ئەينەن ئېلىنمىغان،ھەتتا ئىككى كىتاپتىمۇ ئىزچىللىق ساقلانمىغان.
(1)دان بىروۋىننىڭ ئەسەرلىرىدىكى ۋەقەلىك بەلگەشۇناس ئالىم روبېرت لاڭدوننىڭ پائالىيىتىنى مەزكەز قىلىپ قانات يايىدۇ.ئۇنىڭ «داۋېنچنىڭ مەخپىيىتى»ناملىق ئەسىرىنىڭ تەرجىمىسىدە ئىسىملار ناھايىتى توغرا ئېلىنغان،باش پېرسۇناج روبېرت لاڭدوننىڭ ئىسمى ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشلۇق.ئەپسۇس بۇ كىتاپتا روبېرت دېگەن ئىسىم باشتىن ئاخىر روبۇت دەپ ئېلىنغان.ئاپتۇرنىڭ ئىسمىمۇ ئالدىنقى كىتاپتا دان بىروۋىن دەپ ئېلىنغان بولسا بۇ كىتاپتا دان بوروۋېن دەپ ئېلىنغان،دىمەك تىلماچنىڭ ئالدى ئەسەرنى ئوقۇپ باقمىغانلىقى مەلۇم،مۇبادا ئوقۇپ باققان بولسا ئاپتۇرنىڭ ۋە باش پېرسۇناجنىڭ ئىسمىنى پەرىقلىق قىلىپ قويمىغان بولاتتى.
(2)ئىككى كىتاپتا بىر ئادەمنىڭ ئىسمى ئىككى خىل يېزىلغان.مەسىلەن كاترېننىڭ ياردەمچىسى 1-كىتاپتا چويىش دەپ،ئىككىنچى كىتاپتا تېرس دەپ ئېلىنغان.پېترنىڭ ئوغلى زاكارىي بىردەم جالىلى دىيىلسە بىردەم گالىلى دىيىلگەن(225-بەت).نورا دېگەن ئىسم بەزى يەردە نولا دەپ ئېلىنغان.
(3)بەزى ئىسىملار  ئەسلىسى بويىچە ياكى خەلقارالىق ئورتاق ئۆلچەم بويىچە ئېلىنمىغان.ئۇيغۇر تىلىمىزدا چەتئەللىكلەرنىڭ ئىسمىنى ئەينەن ئىپادىلەش تامامەن مۇمكىن ئىدى،ئەمما تىلماچ چەتئەللىكلەرنىڭ ئىسمىنى تەرجىمە قىلىش ئۆلچەملىرىگە رىئايە قىلمىغان.كىتاپتا «ئۆز ئارا ياردەم قىلىش ئۇيۇشمىسى»دېگەن بىر تەشكىلاتنىڭ سىرلىق ئىشلىرى لېنىيە قىلىنىدۇ.بۇ تەشكىلات خەلقاراغا ماسون تەشكىلاتى(Mason (دېگەن نام بىلەن تونۇشلۇق بولۇپ ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدىمۇ بۇرۇن ماسون تەشكىلاتىغا دائىر يازمىلار ئېلان قىلىنغان ئىدى.كىتاپنىڭ تۈركچە نۇسخىسىدا بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىسمى باشتىن ئاخىر ماسون دەپ ئېلىنغان.بۇ كىتاپتىمۇ خەلقارالىق نامى بويىچە ماسون دېپ ئېلىنغان بولسا تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بولاتتى.
       كىتاپتىكى يەنە بىر پېرسۇناج— مىچائىل دەپ ئېلىنغان بولۇپ تۈركچىسىدە malakh دەپ ئېلىنغان.كىتاپتا يېزىلىشىچە ئۇ ماسون تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىن ئۆزىنى مىكائىل دىگەن پەرىشتىنىڭ نامى بىلەن ئاتىۋالغان.ئەلۋەتتە بۇ ئىسىممۇ ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشلۇق بولۇپ،ئۇنى مىچائىل دەپ ئېلىش توغرا ئەمەس ئىدى.بۇنىڭدىن باشقا rech parrishدىگەن ئىسىممۇ لىك پالىش دەپ ئېلىنغان.باشتىن ئاياق ئۇچرايدىغان ماسون پىرامىداسى بولسا ئۆز ئارا ياردەم قىلىش ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەلئېھرامى دەپ ئېلىنغان.
     كىتاپنىڭ تۈركچە نۇسخىسى نورمال فورماتتا 527بەت بولۇپ ئۇيغۇرچىسى (ئىككى قىسىم)چوڭ فورماتتا 834بەت چىققان.يەنى تۈركچىسىدىن 307بەت ئارتۇق بولۇپ بۇمۇ تىلماچلارنىڭ تەرجىمە سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلەپ بىر جۈملە بىلەن ئىپادىلىگىلى بولۇدىغان نەرسىنى ئىپادىلەپ بۇلالماي بىر قانچە جۈملە قىلىۋېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.
     قىسقىسى كىتاپنىڭ تەرجىمىسىدە ئىنتايىن ئېغىر نۇقسان ساقلانغان بولۇپ،تەرجىمان،مۇھەررىر،نەشىرياتنىڭ بۇ دەرىجىدىكى  مەسئۇلىيەتسىزلىكى ئادەمنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.بۇنداق براك مەھسۇلاتنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇلىشى دۆلىتىمىزنىڭ«سۇ بويىدا»،«ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»،«قىزىل راۋاقتىكى چۈش»قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلىرىنى، چەتئەللەرنىڭ دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەرلىرىنى ھېچ قىينالماي ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەرجىمە قىلغان پېشقەدەم تەرجىمانلىرىمىز ئاچقان يولغا داغ چۈشۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.تەرجىمان ۋە نەشرىياتلار ئۆزىگە نان بېرىۋاتقان كەسىپكە بۇنداق قوپال چاقچاق قىلىپ ئۆزىنىڭ ئابرويىنى ئۆزى پايخان قىلماسلىقى كېرەك ئىدى شۇنداقلا ئانا تىلىمىزغا بۇنداق ھۆرمەتسىزلىك قىلماسلىقى،ئوقۇرمەنلەرنى بۇ دەرىجىدە ئەخمەق قىلماسلىقى، ئۆزىنىڭ كەسپى ئەخلاقىنى بۇنداق ئاياق ئاستى قىلماسلىقى كېرەك ئىدى……
تەرجىمان ۋە مۇھەررىرلەرنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى،مەنپەئەت ھېرىسمەنلىكىنىڭ ئانا تىلغا بولغان  سادىقلىقتىن غالىپ كېلىشى؛ ئانا تىلىمىزغا بولغان ھۆرمەت ۋە سۆيگۈنىڭ سۇسلىشىشى ؛ نەشىرياتلارنىڭ نوقۇل پايدىنى كۆزلەپ ئەسەر سۈپىتى بىلەن كارى بولماسلىقى؛تەرجىمە قىلىپ چىقارغان كىتاپلىرىنىڭ سانىنىلا ھاياتىدىكى ئۇتۇق ھېساپلايدىغانلارنىڭ ئاۋۇپ قېلىشى؛نەشىر پىلانىدىكى كىتاپلارنى ئۈلگۈجە(توپ) ئېلىۋېلىپ تەرجىمە ھەۋەسكارلىرىغا پارچىلاپ سېتىپ ھەم ئارىدىن پايدا ئېلىپ ھەم ئۆزىنىڭ نامىدا چىقىرىپ «بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇپ»ئۆزىنى داڭلىق تەرجىمان ساناپ يۈرۈيدىغان مەنپەئەت قۇللىرىنىڭ بازار تېپىشى؛ئوقۇرمەنلەرنىڭمۇ بۇنداق ناچار مەھسۇلاتلارغا تېگىشلىك ئىنكاس قايتۇرالماسلىقى…قاتارلىق سەۋەپلەردىن مۇشۇنداق براك ماللار ئوتتۇرىغا چىقىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سېپىپلا قالماي،ئۇلارنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلدى،ئىقتىسادىنى ئورۇنسىز خوراتتى.بۇنداق ناچار مەھسۇلاتلار ۋاقتىدا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ۋە ئورۇنلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ بازاردىن(كىتابخانىلاردىن) يىغىۋېلىنىپ ۋاقتىدا كۆيدۈرۈلگەن بولسا ھېچ بولمىغاندا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىسراپ قىلغان ۋاقتى تېجىلىپ قالغان بولاتتى….
نەشىرياتچىلىقتا كىچىك نۇقسانلاردىن ساقلىنىش قىيىن،ئەمما بۇ كىتاپتىكى نۇقسانلارنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلەر كىتاپنى ئوقۇسىلا ھېس قىلالايدۇ.ئوقۇرمەنلەرنىڭ داۋاملىق ئەخمەق قىلىنماسلىقى ئۈچۈن بۇ كىتاپنى چىقارغان نەشىرىيات،تەرجىمان،مۇھەررىر ۋە تەرجىمىسىنى بېكىتكۈچىلەرمۇ «يوقالغان مەخپى بەلگە»ئىسىملىك بۇ  مەھسۇلاتىغا قايتىدىن قاراپ بېقىشقا ، باشقا نەشرىيات ۋە تەرجىمانلارمۇ ساۋاق ئېلىشقا تېگىشلىك ئەلۋەتتە.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )