- تىزىملاتقان
- 2013-4-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-1-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 165
- نادىر
- 1
- يازما
- 3
ئۆسۈش
55%
|
ئاپتورى :توغراق
---- «يۇقالغان مەخپى بەلگە»رومانىنى ئوقۇشتىن ھېس قىلغانلىرىم
ئامىركىنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى دان بىروۋىن ( Dan Brrown)نىڭ «داۋېنچنىڭ مەخپىيىتى»ناملىق ئەسىرى تارخ،مەدەنىيەت،دىن ۋە بىلىم ئۇچۇرلىرىنىڭ موللىقى،ۋەقەلىكىنىڭ مۇرەككەپلىكى،ئوبرازلارنىڭ خاسلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان بولغاچقا ئۇنىڭ «سىفىرلىق قەلئە»،«غايىب سىمۋول»،«پەرىشتىلەر ۋە شەيتانلار»،«دوزاخ»،«ئالدامچىلق»…قاتارلىق ئەسەرلىرىنىڭ تېزراق تەرجىمە قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدىم.ئارزۇ قىلغىنىمدەك ئۆتكەن يىلى ۋە بۇ يىل ئۇنىڭ «غايىب سىمۋول»ناملىق ئەسىرى«يوقالغان مەخپى بەلگە»دېگەن نامدا ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.ئاپتۇرنىڭ ئەسەرلىرىگە بولغان قىزىقىشىم بىلەن بۇ ئىككى قىسىم قىلىپ چىقىرىلغان كىتاپنى ئوقۇشنى باشلىدىم.ئەپسۇسكى كىتاپنى ئوقۇغانسېرى قىزىقىشىم سۇسلاپ،تۈگىتىپ بولغۇچە شۇنچىلىك بىزار بولدۇمكى بۇنى يېقىنقى يىللاردا ئوقۇغان ئەڭ ناچار كىتاب دەپ قارىدىم.
مېنى بۇ قاراشقا كەلتۈرگىنى ئەسلى كىتاپنىڭ ناچارلىقى ئەمەس،ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ ناچارلىقى ئىدى،كىتاپتىكى كېسەل سۆز-جۈملىلەر،ئەسلى مەنىسىدىن تامامەن چەتنەپ كەتكەن ياكى تامامەن خاتا ئۆرۈلگەن مەزمۇنلار،ئىملا جەھەتتىكى خاتالىقلار،چۈشىنىكسىز سۆزلەر ھەم دىئالوگلار شۇنچىلىك قىينىدىكى ئۆزەمنى مەجبۇرلاپ يۈرۈپ،مەسئۇلىيەتسىز تەرجىمان ۋە مۇھەررىرلەردىن ئەپسۇسلىنىپ كىتاپنى ئاخىرى تاماملىغان بولدۇم.
كىتاب تامام بولدى…ئەمما نەشىرياتچىلىقىمىز مۇشۇنداق ھالغا كېلىپ قالغانمىدۇ؟ ئانا تىل كىرزىسكە دۇچ كېلىۋاتقان شارائىتتا مۇشۇنداق ناچار تەرجىمىنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇلىشى نەشىرياتچىلىقتىكى چېكىنىشنىڭ باشلىنىشىمىدۇ؟ ياكى ئانا تىل پاساھىتىنىڭ بارغانچە ئاجىزلىشىپ كېتىشىنىڭ، تىلماچلارنىڭ سەۋىيەسىدىكى چېكىنىشنىڭ نەتىجىسىمىدۇ؟ دېگەن خىياللار مېنى قىيناپ،مەزكۇر كىتاپتىكى نۇقسان ۋە مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشكە قىستىدى.كىتاپتىكى نۇقسان-خاتالىقلارنى كۆرسىتىپ بەرگەندە تىلماچ ۋە نەشىرياتلارغا مۇئەييەن پايدىسى بولار دەپ ئويلىدىم.
كىتابنىڭ تىلى باشتىن ئاخىرغىچە كېسەللىك ۋە نۇقسان بىلەن تولغان بولۇپ،ئۇنىڭ ھەممىسىنى بىر بىرلەپ كۆرسىتىشنىڭ زۆرۈريىتىمۇ يوق،مەن ئۇنى بىر قانچە تۈرگە يىغىنچاقلاپ ئوتتۇرىغا قويۇمەن.سۆزۈمنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە مىسالدىن بىر قانچىنى كەلتۈرۈش بىلەنلا چەكلىنىمەن.
1. تىلى چۇۋالچاق،تىل ئادىتىمىز ۋە تىل قائىدىمىز ئېغىر بۇزۇلغان.
تەرجىمە قىلىش —يات تىلدىكى ئەسەرلەرنى ئەسلىگە سادىق بولغان ھالدا ئۆرۈلىدىغان تىلنىڭ قائىدە قانۇنىيەتلىرىگە بويسۇندۇرۇپ ئۆزلەشتۈرۈپ ئۆرۈش جەريانىدۇر.بۇ تىلماچتىن يۈكسەك مەسئۇلىيەت، سەۋىيە ھەم ئانا تىل ماھارىتى تەلەپ قىلىدۇ.مەزكۇر كىتاپتا بۇنداق سەۋىيە ۋە ماھارەت ئىپادىسىنى تاپالمىغان بولۇپ،تىل نامراتلىقى،سەۋىيە گادايلىقى باشتىن ئاياق كۆزگە چېلىقىپ تۇرۇدۇ.تىل قائىدىمىزگە،ئانا تىل ئادىتىمىزگە،ئىپادىلەش شەكلىمىزگە زىت بولغان سۆز،جۈملە،دىئالوگلار قەدەمدە بىر ئۇچرايدۇ.بۇ يەردە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن بولمىغاچقا بىر قانچىسىنىلا كۆرسىتىپ قويۇمەن.
(1) «1991-يىلى بىر پارچە ھۆججەت مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى باشلىقىنىڭ بىخەتەر ئىشكاپىغا سولىنىپ قالغاچقا،بۇ ھۆججەت ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ بىخەتەر ئىشكاپىغا قويۇپ قويۇلغان پېتى تۇرماقتا».[1-كىتاب،مۇقەددىمە ئالدى].
(2)«پىكاپنىڭ يول يۈزىگە تېگىپ ماڭغان چاقىدىن چىققان ئاۋاز ئۆزگەرگەندە روبوت لاڭدون خاتىرە كارتۇچكىلىلىنى رەتلەۋاتاتتى».[1-كىتاب،20-بەت].
(3)«ئۇنىڭ ئەڭ خالىمايدىغىنى كاسېرىننىڭ ئەزىز مېھمىنىنىڭ تەجرىبىخانىغا كىرىشتە چوقۇم مۇشۇ قاراڭغۇلۇقتىن ئۆتۈشى كېرەك دېگەن تۇيغۇغا كەلگەن ئىدى».[1-كىتاب،229-بەت].
(4)«لاڭدون بىر پارچە ئاق قەغەز بىلەن بىر تال قەلەمگە ئېھتىياجلىق ئىدى،بۇنى ئاتمىش دەقىقە ئىچىدە بېكىتكىلى بولاتتى»[1-كىتاب،306-بەت].
بۇ جۈملە كىتاپنىڭ تۈركچە نەشرىدە مۇنداق ئېلىنغان:«قەلەم ۋە قەغەز بولسىلا لاڭدون بۇنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يېشىۋىتەتتى».[تۈركچە 205-بەت]
(5)«بىر يول باشلايدىغان مەخپى بىلىمنىڭ كىرىش ئېغىزى؟ئاڭلىماققا بۇ پېتىر سولوموننى گۆرۈگە ئالغۇچى سىزنى دەپ قارىغانغا .ئوخشاش،پەقەت سىزلا ئاچسىڭىز بولۇدىغان كىرىش ئېغىزى».[1-كىتاب،227-بەت]
(6)«چاقچىقىڭىز ئازراقمۇ كۈلكىلىك ئىش ئەمەس .-دېدى كاسېرىن…» [1-كىتاب،296-بەت]،«ئۇچۇرلارنىڭ مەخپىيەتلىك دەرىجىسىنى چوقۇم ساقلاڭ» [1-كىتاب،332-بەت].
يۇقۇردا تىلغا ئېلىنغان مىساللار كىتاپتىكى كېسەل سۆز جۈملىلەرنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى بولۇپ،بۇنداق مىسالنى كىتاپنىڭ ھەممىلا يېرىدىن تاپقىلى بولۇدۇ.بۇ يەردە بۇ سۆز جۈملىلەرنىڭ ئەسلى قانداق بولۇشى كىرەكلىكى ئۈستىدە توختالماي ئۇنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ھەزىم قىلىپ بېقىشىغا قالدۇرىمەن.
2.خاتا تەرجىمە قىلىش،ئەسلى مەزمۇنىدىن چەتنەپ كېتىش ئەھۋاللىرى گەۋدىلىك.
ئەسلى ئەسەرگە سادىق بولۇش،ئەسلى مەزمۇنىنى ئەينەن يەتكۈزۈش —تەرجىمىچىلىككە قويۇلىدىغان ئەڭ ئەقەللى تەلەپ.بۇ تەلەپكە يەتمىگەن تەرجىمە ئەسەر يېنىكرەك ئېيىتقاندا كەمتۈك مەھسۇلات،ئېغىرراق ئېيىتقاندا براك قىلىنىدىغان مەھسۇلات جۈملىسىدىندۇر.مەزكۇر كىتاپتىكى خېلى بىر قىسىم سۆز ئىبارىلەرنى چۈشىنىپ بولالماي،توردىن كىتاپنىڭ تۈركچە نۇسخىسىنى تېپىپ،سېلىشتۇرۇپ تۈركچىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرچىسىنى چۈشىنىشكە مەجبۇر بولدۇم.مەلۇم بولدىكى چۈشەنگىلى بولماسلىقنىڭ سەۋەبى خاتا تەرجىمە ۋە ئەسلى مەنىسىدىن يىراقلاپ كېتىش ئىكەن.مەن بۇ يەردە بىر قانچە مىسال كەلتۈرىمەن.چۈشىنىشلىك بولۇشى ئۈچۈن ئاۋۋال تۈركچىدىن ئۆزلەشتۈرگىنىمنى،ئاندىن كىتاپتا يېزىلغېنىنى كۆرسىتىمەن.
(1) «ساتو ئون نەچچە يىلدىن بۇيان مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى خەۋىپسىزلىك باشقارمىسىنىڭ بېشى بولۇپ كەلگەندى»[تۈركچە،80-بەت]
«ساتۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان مەركىزى ئاخبارات ئىدارسى خەۋىپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خىزمەتچىلىرىنى ئىزچىل تۇتۇپ كەلگەن ئىدى»[ئۇيغۇرچە 1- كىتاب،111-بەت].
(2) «تاش پىرامىدانى بىر قولىدا كۆتۈرىۋلغان مەلەك ئۇدۇل بىرىنچى قەۋەتتىكى ئىشخانىسىغا كىرىپ خاتىرە كومپىيوتېرىنى ئېچىۋېتىپ پەستىكى لاڭدۇننى خىيال قىلدى.ئۇنىڭ مەخپى گەمىدە سۇ تېگىدە قالغان جەسىدىنى تېپىشقا نەچچە كۈن ياكى ھەپتە كېتىدىغانلىقىنى ئويلىدى،ئۇ چاققىچە مەلەك ئاللىبۇرۇن بۇ يەردىن كېتىپ بولاتتى»[تۈركچە 404-بەت]
«مىچائىل ئەلئېھرامنى ئالغاچ چوڭ چوڭ قەدەملەر بىلەن 2-قەۋەتكە چىقىپ،قول كومپىيوتېرى ئالدىدا ئولتۇردى.ئۇ تىزىملاتقاندىن كېيىن بىنا ئاستىدىكى لاڭدوننى ئەسلىدى.ئۇ نەچچە كۈن ھەتتا نەچچە ھەپتە بولغانلىقىنى بىلمەكچى بولدى.سۇغا چىلاپ ئۆلتۈرۈلگەن،مەخپى يەر ئاستى ئۆيىگە تاشلاپ قويۇلغان جەسەت ئەمدى بايقالغانىدى.ئەمدى ئۇ بۇنىڭ موھىملىقى قالمىغاندى.ئۇ چاغدا مىچائىل كېشىپ قالغانىدى».[ئۇيغۇرچە 2-كىتاب،212-بەت].
(3) «كاترېن سولومون ياتقان تاش شىرە سوغۇق ئىدى...يېنىدىكى شىرەدە تۇرغان غەلىتە پىچاققا قاراپ ئۆزىنى نېمە ساقلاۋاتقانلىقىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرەتتى».[تۈركچە 408-بەت]
«كاسېرىن سولوموننىڭ بەدىنىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى تاش شىرە مۇزدەك سوغۇق ئىدى…ئۇنىڭ يېنىدىكى ئىشكاپ ئۈستىدە تۇرغان غەلىتە پىچاق ئۇنى شۈركەندۈردى،نەتىجىدە پىچاق ئۇنى كۈرۈپ تۇراتتى»[ئۇيغۇرچە 2-كىتاب 217-بەت].
(4)«ئاكىسىنىڭ كۆزلىرىدىكى قايغۇ-ھەسرەتنى سەزگەن كاترېن ئۇنىڭ زاكارىينى ئەسلەۋاتقانلىقىنى بىلدى.پېتىر يىللاردىن بۇيان ئوغلىنىڭ ئۆلۈمىگە ئۆزىنى سەۋەپچى ھېساپلايىتتى.زاكارىينى تۈرمىدە تاشلاپ قويۇشنىڭ ئۆمرىدە قىلغان ئەڭ چوڭ خاتالىقى ئىكەنلىكىنى،شۇڭا ئۆزىنى پەقەت كەچۈرەلمەيدىغانلىقىنى كاترېنغا نۇرغۇن قېتىم سۆزلەپ بەرگەن ئىدى».[تۈركچە413-بەت]
«پېتىر جالىلىنى ئەسلىدى.كاسرېن ئاكىسىنىڭ كۆزلىرىدكى ھەسرەت نادامەتنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز بۇ نۇقتىلارنى ئويلاپ قالدى.كۆپ يىللاردىن بۇيان پېتىر ئېغىر گۇناھنى يۈدۈپ كېلىۋاتاتتى.ئۇ ئۆز ئوغلى ئۆلۈپ كەتكەندەك سەزدى.بۇرۇن كاسرېنغا كۆپ قېتىم گالىلى تۈرمىگە قامالغان،ئۇ ئۆمرىدە ئەڭ چوڭ قورقۇنۇشلۇق خاتالىق ئۆتكۈزگەن،ئەمما ئۇ مەڭگۈ ئۆزىنى كەچۈرمەيدۇ،دىگەنىدى».[ئۇيغۇرچە 2-كىتاب 225-بەت].
(5)«ئۇ كېچە ئېنىق يادىمدا،-دېدى ئۇ ئادەم نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ زاڭلىق قىلغاچ،-ھەممىنى بىلىپ تۇردۇم،تۈرمە باشلىقى ئوغلۇڭنى قويۇۋېتىش تەكلىۋىنى بەردى،ئەمما سەن ئۇنى تۈرمىدە قالدۇرۇپ زاكارىيغا ساۋاق بەرمەكچى بولدۇڭ.ئوغلۇڭ ساۋىقىنى ئالدى،ئۇنداق ئەمەسمۇ يا؟[تۈركچە 415-بەت]
«شۇ كۈنى ئاخشىمى ھېلىھەم ئېسىمدە،-دېدى ئەر نەرسىلەرنى يىغڭرتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن مەسخىرە قىلغاندەك تەلەپپۇز بىلەن،-مەن پۈتۈن جەرياننى ئاڭلىدىم،گۇندىپاي باھا قويدى،ئەمدى ئوغلىڭىزنى ئېلىپ كېتىدۇ.ئەمما سىز جەزمەن گالىلىيدىن ساۋاق ئېلىشىڭىز كېرەك.ئۇنىڭ ئۇسۇلىدىن ۋاز كېچىڭ،ئوغلىڭىز ساۋاق ئالدى،توغرا،شۇنداق ئەمەسمۇ؟»[ئۇيغۇرچە 2-كىتاپ229-بەت].
(6)«گۈل چەكتۈرىۋالغان ئادەم پېتىر ئولتۇرغان ئورۇندۇقنى گەپ سۆز قىلماي ئۆيدىن ئلستا ئىتتىرىپ چىقىپ،ئۇنىڭ سىڭلىسىغا ئاخىرقى قېتىم قارىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلدى».[تۈركچە415-بەت]
« ئۇ ئەر بىر ئېغىزمۇ زۇۋان سۈرمىدى.ئۇ ئاستا پېتىر ئولتۇرغان چاقلىق ئورۇندۇقنى ئىتتىرىپ ئۆيدىن چىقتى.پېتىرنى سىڭلىسىنىڭ ئۆيىنىڭ ئاخىرقى بىر پەردىسىدىن قانغۇدەك ھوزۇرلاندۇرماقچى بولدى»[ئۇيغۇرچە 2-كىتاب،230-بەت].
(7)«روبېرت؟!،-كاترېننىڭ كۆزلىرى ئاۋۋال ھەيرانلىقتا،ئاندىن خۇشاللىقتا چەكچەيدى،-مەن سېنى تۇنجۇقۇپ قالدى دەپ ئويلاپتىمەن… [تۈركچە433-بەت]
«روبۇت،-ئۇنىڭ چۆچەكتەك ئېچىلغان كۆزلىرىدە شۈبھە پەيدا بولدى.كېيىن يەنە خۇشال تەلەپپۇز بىلەن سۆزىنى دھۋاملاشتۇردى،-ئەمما مەن،سىز ھازىرلا سۇغا چۆكۈپ ئۆلۈپ كېتىدىغان بولدىڭىز-ھە!»[ئۇيغۇرچە 2-كىتاب 261-بەت]
يۇقىرىقى مىساللار كىتاپتىكى ئەسلىگە سادىق بولماسلىق،چۈشىنىپ تەرجىمە قىلماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ پەقەتلا بىر قىسمى بولۇپ،ئۇيغۇرچە نەقىللەردىن تىلماچنىڭ تىلىمىزنى قايسى دەرىجىدە بۇزغانلىقىنى،مەشھۇر بىر كىتاپنى پۈچەكلەشتۈرۈپ قايسى دەرىجىگە ئاپىرىپ قويغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز.ئەڭ ئېچىنارلىقى (4)(5)مىسالدا كىتاپنىڭ ئەسلى مەزمۇنى،ئاپتۇرنىڭ دىمەكچى بولغانلىرى تامامەن ئۆزگەرتىۋېتىلگەن.تىلماچ ئاپتۇرنىڭ نېمە داۋاتقانلىقىنى پەقەتلا چۈشەنمىگەن.
3.كىتاپتىكى ئىسملار ئەسلىدىكىسى بويىچە ئەينەن ئېلىنمىغان،ھەتتا ئىككى كىتاپتىمۇ ئىزچىللىق ساقلانمىغان.
(1)دان بىروۋىننىڭ ئەسەرلىرىدىكى ۋەقەلىك بەلگەشۇناس ئالىم روبېرت لاڭدوننىڭ پائالىيىتىنى مەزكەز قىلىپ قانات يايىدۇ.ئۇنىڭ «داۋېنچنىڭ مەخپىيىتى»ناملىق ئەسىرىنىڭ تەرجىمىسىدە ئىسىملار ناھايىتى توغرا ئېلىنغان،باش پېرسۇناج روبېرت لاڭدوننىڭ ئىسمى ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشلۇق.ئەپسۇس بۇ كىتاپتا روبېرت دېگەن ئىسىم باشتىن ئاخىر روبۇت دەپ ئېلىنغان.ئاپتۇرنىڭ ئىسمىمۇ ئالدىنقى كىتاپتا دان بىروۋىن دەپ ئېلىنغان بولسا بۇ كىتاپتا دان بوروۋېن دەپ ئېلىنغان،دىمەك تىلماچنىڭ ئالدى ئەسەرنى ئوقۇپ باقمىغانلىقى مەلۇم،مۇبادا ئوقۇپ باققان بولسا ئاپتۇرنىڭ ۋە باش پېرسۇناجنىڭ ئىسمىنى پەرىقلىق قىلىپ قويمىغان بولاتتى.
(2)ئىككى كىتاپتا بىر ئادەمنىڭ ئىسمى ئىككى خىل يېزىلغان.مەسىلەن كاترېننىڭ ياردەمچىسى 1-كىتاپتا چويىش دەپ،ئىككىنچى كىتاپتا تېرس دەپ ئېلىنغان.پېترنىڭ ئوغلى زاكارىي بىردەم جالىلى دىيىلسە بىردەم گالىلى دىيىلگەن(225-بەت).نورا دېگەن ئىسم بەزى يەردە نولا دەپ ئېلىنغان.
(3)بەزى ئىسىملار ئەسلىسى بويىچە ياكى خەلقارالىق ئورتاق ئۆلچەم بويىچە ئېلىنمىغان.ئۇيغۇر تىلىمىزدا چەتئەللىكلەرنىڭ ئىسمىنى ئەينەن ئىپادىلەش تامامەن مۇمكىن ئىدى،ئەمما تىلماچ چەتئەللىكلەرنىڭ ئىسمىنى تەرجىمە قىلىش ئۆلچەملىرىگە رىئايە قىلمىغان.كىتاپتا «ئۆز ئارا ياردەم قىلىش ئۇيۇشمىسى»دېگەن بىر تەشكىلاتنىڭ سىرلىق ئىشلىرى لېنىيە قىلىنىدۇ.بۇ تەشكىلات خەلقاراغا ماسون تەشكىلاتى دېگەن نام بىلەن تونۇشلۇق بولۇپ ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدىمۇ بۇرۇن ماسون تەشكىلاتىغا دائىر يازمىلار ئېلان قىلىنغان ئىدى.كىتاپنىڭ تۈركچە نۇسخىسىدا بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىسمى باشتىن ئاخىر ماسون دەپ ئېلىنغان.بۇ كىتاپتىمۇ خەلقارالىق نامى بويىچە ماسون دېپ ئېلىنغان بولسا تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بولاتتى.
كىتاپتىكى يەنە بىر پېرسۇناج— مىچائىل دەپ ئېلىنغان بولۇپ تۈركچىسىدە malakh دەپ ئېلىنغان.كىتاپتا يېزىلىشىچە ئۇ ماسون تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىن ئۆزىنى مىكائىل دىگەن پەرىشتىنىڭ نامى بىلەن ئاتىۋالغان.ئەلۋەتتە بۇ ئىسىممۇ ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشلۇق بولۇپ،ئۇنى مىچائىل دەپ ئېلىش توغرا ئەمەس ئىدى.بۇنىڭدىن باشقا rech parrishدىگەن ئىسىممۇ لىك پالىش دەپ ئېلىنغان.باشتىن ئاياق ئۇچرايدىغان ماسون پىرامىداسى بولسا ئۆز ئارا ياردەم قىلىش ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەلئېھرامى دەپ ئېلىنغان.
قىسقىسى كىتاپنىڭ تەرجىمىسىدە ئىنتايىن ئېغىر نۇقسان ساقلانغان بولۇپ،تىلماچ،مۇھەررىر،نەشىرياتنىڭ بۇ دەرىجىدىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكى ئادەمنى قاتتىق ئېچىندۇرۇدۇ.بۇنداق براك مەھسۇلاتنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇلىشى دۆلىتىمىزنىڭ«سۇ بويىدا»،«ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»،«قىزىل راۋاقتىكى چۈش»قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلىرىنى، چەتئەللەرنىڭ دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەرلىرىنى ھېچ قىينالماي ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەرجىمە قىلغان پېشقەدەم تىلماچلىرىمىز ئاچقان يولغا داغ چۈشۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.كىتاپنىڭ تۈركچە نۇسخىسى نورمال فورماتتا 527بەت بولۇپ ئۇيغۇرچىسى چوڭ فورماتتا 834بەت چىققان.يەنى تۈركچىسىدىن 307بەت ئارتۇق بولۇپ بۇمۇ تىلماچلارنىڭ تەرجىمە سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلەپ بىر جۈملە بىلەن ئىپادىلىگىلى بولۇدىغان نەرسىنى ئىپادىلەپ بۇلالماي بىر قانچە جۈملە قىلىۋېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئەلۋەتتە كىچىك نۇقسانلاردىن ساقلىنىش قىيىن،ئەمما بۇ كىتاپتىكى نۇقسانلارنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلەر كىتاپنى ئوقۇسىلا ھېس قىلالايدۇ.
|
|