- تىزىملاتقان
- 2011-11-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 75301
- نادىر
- 0
- يازما
- 8418
ئۆسۈش
0%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-9 11:55
yasnjan1527 يوللىغان ۋاقتى 2016-2-9 02:42
نۇرنىڭ تەكشىلىكتى قاينامسىمان تىرايىكتۇرىسىگە كەلسەك ...
ياخشى مۇلاھېزىلەر بولىۋاتىدۇ.
مەن سىزنىڭ يەنە بۇ رەسىمگە ئىنچىكە سەپ سېلىپ،ھەر بىر ھالقىنى كونكىرىت تەھلىل قىلىپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن.چۈنكى بۇ ئادەتتىكى ئاددى بىر نۇرنىڭ ئەمىلى ئىزى.مىنىڭ نۇرنىڭ ئايلىنىشى دەسلەپتە بارغانسىرى تېزلىشىپ قاتقاندىن كىيىن تەدرىجى ئاستىلايدىكەن دىگەن يەكۈننى چىقىرىشىمغا مۇشۇنداق ئىزلار سەۋەپ بولدى:
1-رەسىم
رەسىمنىڭ سول تەرىپىدىكى چوڭراق قارا نۇقتا نۇرنىڭ دەسلەپ تەكشىلىككە چۈشكەن ۋاقتىدىكى ئىزى.نۇر سائەت سىتىرىلكىسى يۆنىلىشى بويىچە ئايلاندۇرۇلغاندىن كىيىن ئاندىن تەكشىلىك ئۈستىگە قويۇلغان.نۇر تەكشىلىككە چۈشۈپ بولغاندىن كىيىن يەنە ئۇنىڭ ئۆزىنى ئايلىنىش تېزلىكىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ سەرىپ قىلىنمىغان.
رەسىمدىن كۆرۆنۈپ تۇرۇپتىكى ئۇ بىر پۈتۈن ھالەتتە بىر سىفرال شەكىل.بىزنىڭ ھازىرچە مۇھاكىمە قىلىدىغان نۇقتىمىز بىر پۈتۈن ھالەت ئەمەس،بەلكى بۇ بىر پۈتۈنلۆكنىڭ تەركىپلىگۆچىلىرى بولغان كىچىك تەۋرىنىش(نوتاتىسىيە)ھالقىلىرىدىن ئىبارەت.بۇ ھالقىلارنىڭ ھەر بىرى بولسا نۇرنىڭ ئۆزىنى بىر قېتىم ئايلىنىشىدىن شەكىللەنگەن.
دىققەت قىلدىڭىزمىكىن،بۇ ھالقىلارنىڭ زىچلىغى دەسلەپ تۆۋەن،بارغانسىرى يۇقۇرىلاپ بارغان.يەنى،دەسلەپتە بىرلىك ئۇزۇنلۇق(ھەجىم)ئىچىدە نۇتاتىسىيە ھالقىلىرىنىڭ سانى ئاز،بارغانسىرى كۆپەيگەن.مەن بۇنداق ھالقىلارنىڭ دەسلەپتە ئاز بولىشى،بارغانسىرى كۆپىيىپ بېرىشىنى نۇرنىڭ ئۆزىنى ئايلىنىشىنىڭ دەسلەپتە بارغانسىرى تېزلىشىپ بېرىشىنىڭ نەتىجىسى،دەپ قارىدىم.دەسلىۋىدىن تارتىپلا ئۆزىنى ئايلىنىشى ئاستىلىشىپ بارغان بولسا نۇتاتىسىيە ھالقىلىرىنىڭ بىرلىك ئۇزۇنلۇق ئىچىدىكى سانى بارغانسىرى ئازىيىپ بارسا بولاتتى.يەنى،رەسىمدىكىنىڭ دەل ئەكسىچە بولسا بولاتتى.
سىز رەسىمدىكى بۇ زىچلىغى بارغانسىرى ئېشىپ بارغان نۇتاتىسىيە ھالقىلىرىنى،نۇرنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكىنىڭ بارغانسىرى كېمىيىپ بىرىشنىڭ نەتىجىسى،دەپ چۈشەندۆرەلەمسىز؟
پايدىلىنىش:
2-رەسىم
بۇ رەسىم يۇقۇرقى 1- رەسىمدىن كېسىۋىلىنغان.رەسىمنىڭ ئۆستىكى بۆلىكىدىكى نۇتاتىسىيە ھالقىلىرىنى سانى 7 بولۇپ،ئاستىدىكى بۆلىكىدىكى 13دىن ئاز.مەن ھەر بىر نوتاتىسىيە(تەۋرىنىش)ھالقىسى نۇرنىڭ ئوقىدا بىر قېتىم ئايلىنىشىدىن قالدۇرۇلغان ئىز ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىمەن. |
|