بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-20 22:58
yasnjan1527 يوللىغان ۋاقتى 2016-2-11 01:38
قاسىمكا قوش كۈنۈس سىفىرالىغا ئاساسەن ئاسىتىدىكى سىفىر ...
قاسىمكا قوش كۈنۈس سىفىرالىغا ئاساسەن ئاسىتىدىكى سىفىرال مەركەزگە ئىنتىلىش جەريانى ،ئۈستىدىكى سىفىرال مەركەزىدىن قىچىش جەريانى دەپىسىز ، ئەمىلىيەتتە
نۇر توختىغان ۋاقىتتا نۇرنىڭ ئاستى مۇقىم بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ مەركەزدىن قىچىش ھەركىتى قىلمايدۇ ، ئۇنى مەركەزدىن قىچىشقا مەجبۇرلاۋاتقىنى نۇرنىڭ ئۈستى . چۈنكى نۇرنىڭ ئۈسىتى ئەركىن ، نۇر ئاسىتىلاپ يىتەرلىك تىزلىككە ئىگە بولالمىغاندا نۇرنىڭ ئۈسىتى ئالدى بىلەن تەڭپۇلۇقنى بۇزىدۇ .
نۇر دەسلەپ ئايلانغاندا ئۈسىتى ئاسىتىنى تەڭپۇڭ نوقىتىغا يىتەكلەيدۇ .
____________________
رەھمەت.
مەن تېمىدىكى 3-4-رەسىملەرنى كۆزدەتۇتۇپ دەۋاتىمەن.سىز رەسىملەرنىڭ ھالىتىگە ئىنچىكە سەپ سېلىپ بېقىڭ.نۇرنىڭ تىرايىكتۇرىيىسىگە قارىسىڭىز مەن دەۋاتقاندەك ئەھۋالنى بايقايسىز.
ئوقىدا ئايلىنىشتىكى تېزلىك ئۆزگىرىشىنىڭ ئۈنۆمى ھەققىدىكى قاراشلىرىڭىز ئورۇنلۇق.تېمىدا ،مەنمۇ مۇشۇنداق پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەسىلەن:
ئومۇمى يەكۈن
بىز يۇقۇردا نۇر ئىزلىرىدىن شەكىللەنگەن قوش كونۇس سېفرالىنى مۇھاكىمە قىلغاندا يۇقۇرقى كونۇس سېفرالىنىڭ(4-رەسىم) شەكىللىنىشىنىڭ بېۋاستە سەۋەبى نۇرنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكىنىڭ كېمىيىپ كېتىشى دەپ يەكۈنلىگەن،ۋاستىلىق سەۋەبى ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكىنىڭ ئاستىلىشىغا ئالاقىدار تاشقى كۈچلەر،دەپ قارىغان ئىدۇق.لىكىن،بىز ئاستىدىكى كونۇس سېفرالى ۋە ياكى تىكلىشىش ھادېسىسىنىڭ سەۋەبىنى تاپالمىغان ئىدۇق.نوتاتىسىيە ھالقىلىرىنىڭ بىرلىك ھەجىم ئىچىدىكى زىچلىق ۋە مىقدار پەرىقلىرى بىزگە تىكلىشىش ھادىسىسىنىڭ سىرىنى دەپ بەردى.ئۇ بولسىمۇ:
1.نۇر دەسلەپتە قوزغۇلۇپ قاتقىچە بولغان جەرياندا ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكى سىتىخيىلىك رەۋىشتە ئۆزلىكىدىن بارغانسىرى ئېشىپ بارىدۇ. 2.بۇ پەيىتتە نۇرنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكىنى ئاستىلىتىدىغان تاشقى كۈچلەرنىڭ مىقدارى(چامىسى)نۇرنىڭ قوزغۇتۇلغان ۋاقتتىكى ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكىنى ۋە قاتقىچە بولغان ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكىنى مەيدانغا كەلتۆرگەن ئىچكى-تاشقى كۈچلەرنىڭ چامىسىدىن كىچىك بولىدۇ. |