بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-15 12:11
قوش كونۇس سېفرالى شەكىللىك نۇر ئىزلىرى ئۈستىدە تەھلىل
قاسىم سىدىق
ئاساسى مەزمۇنى: نۇر (پېقىرىغۇچ) ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىلەردە بايقالغان نۇر ئىزلىرىنى ۋاقىت تەرتىۋى بۇيىچە تەھلىل قىلىپ،نۇرنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكىنىڭ ئۆزگۆرۈش جەريانى ۋە بۇنداق ئۆزگۆرۈشنىڭ نۇرنىڭ ھەركەت شەكلى ۋە ھەركەت يۆنىلىشىگە بولغان تەسىرى ھەققىدىكى يەكۈنلەرئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئاچقۇچلۇق سۆزلەر:تېكلىشىش ھادېسىسى.تەكشىلىكتىكى نۇر ئىزى.قوش كونۇس سېفرالى.ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكىنىڭ ئۆزگۆرىشى.
مەن شەكىل نەزەريىسىنىڭ 29-تېئورېمىسىنى تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلاش مەقسىدىدە ھەرخىل نۇرلاردىمۇ تەجرىبە ئىشلەپ كۆردۆم.بۇ،نۇرلارنىڭ ئىچىدە ئۈچ پۇتلۇق قۇرۇلما ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ئادەتتە پىرېتسىيە،ئانتى ئېغىرلىق كۈچى تەجرىبىلىرىنى ئىشلەيدىغان نۇر(1-رەسىم)ۋە ئادەتتىكى مېتال نۇر(2-رەسىم) قاتارلىقلار بار.تەكشىلىكتە ۋە بوشلۇقتا ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىلەردىن مەلۆم بولدىكى،يېتەرلىك تېزلىكتە پېقىرىتىلىپ قوزغۇتۇلغان نۇرلار قويۇپ بېرىلگەندىن كىيىن پېقىراشتىن توختاپ يىقىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە چوققىلىرى بىر-بىرىگە تاقاشقان كونۇسسىمان سېفرال ئىزلارنى قالدۇرۇدۇ.بۇنداق قوش كونۇسسىمان سېفرال ئىزلارنىڭ شەكىللىنىشىگە نۇرنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكىنىڭ ئۆزگۆرۈپ بېرىشى سەۋەپ بولىدۇ.مەن ئالدى بىلەن ئىشلىتىلگەن نۇرلار ۋە بايقالغان ھادىسىلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
تىكلىشىش ھادىسىسى
1-رەسىمدىكىدەك قۇرۇلمىدا ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىدە نۇرنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكى ۋە ۋىرتىكال ئوق بىلەن گورىزىنتال ئوق ئارىسىدىكى بۇلۇڭ يېتەرلىك چوڭ بولغاندا،نۇر تەدىرىجى تىكلىشىپ ئاخىرى ئىككى ئوق ئارىسىدىكى بۇلۇڭ يوقاپ،نۇر ۋىرتىكال ئوقتىلا ئايلىنىدۇ.بۇ ھادېسىنى ھازىرچە تىكلىشىش ھادىسىسى،دەپ ئاتاپ تۇردۇق. :
1-رەسىم
تەكشىلىكتىكى قوش سېفرال
2-رەسىمدىكى نۇربىلەن كۆپەيتىش قەغىزى ئاستىغا ئاق قەغەز قويۇپ ئۈستىدە نۇر تەجرىبىسى ئېلىپ بېرىلدى.تەكشىلىكتە ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىدە 3-رەسىمدىكىدەك قوش سىفرال ئىزلارغا ئىرىشتۇق.
2-رەسىم
بۇ نۇر بىلەن تەكشىلىك،يانتۇ تەكشىلىكلەردە تەجرىبە ئىشلەپ كۆردۇق،تۆۋەندە(3-رەسىم) تونۇشتۇرۇلىدىغىنى تەكشىلىكتىكى نۇر ئىزلىرى قالدۇرغان قوش سىفرال.
3-رەسىم
.
يۇقۇرىدىكى چوڭراق قارا نۇقتا نۇرنىڭ تەكشىلىككە دەسلەپكى چۈشۈش نۇقتىسى، سىفرال سىزىقلارنىڭ ئوتتۇرىدىراق تۇرغان چوڭراق قارانۇقتا نۇرنىڭ قېتىش-ئۇيۇش نۇقتىسى.نۇر دەسلەپ مەركەزگە ئىنتىلگەن ھالدا ئوربىتا رادىئوسى تەدرىجى قىسقىراپ سېفرال ئىزلارنى قالدۇرۇپ ئاندىن قاتىدۇ.بىر پەستىن كىيىن نۇرنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكى ئاستىلاپ مەلۈم چەككە يەتكەندە نۇر مەركەزدىن قاچقان ھالدا سىفرال ياسايدۇ.ئاستى تەرەپتىكى كىچىك چەمبەر نۇرنىڭ يىقىلىۋاتقان ۋاقتىدا قالدۇرغان ئىزى.نۇر سائەت سىتىرىلكىسى يۆنىلىشىدە پېقىرىتىلغان.
ۋاقىت ئوقىدىكى قوش كونۇس سېفرالى
4-رەسىم(ئۇيغۇن سىزغان)
تەكشىلىكتە قالدۇرۇلغان نۇر ئىزلىرى ۋە ئۈچ پۇتلۇق قۇرۇلمىدا بوشلۇقتا ئېلىپ بېرىلغان نۇر تەجرىبىسىدىكى باشتىن-ئاخىر پۈتكۈل جەرياننى ۋاقىت تەرتىۋى بۇيىچە گىراپىكلاشتۇرساق،يۇقۇرقىدەك چوققىلىرى بىر-بىرىگە تاقاشقان قوش كونۇس سېفرالىغا ئىرىشىمىز.
ئومۇمى تەھلىل
ئاستىدىكى كونۇس سېفرالى ئاساسىدىن چوققىسىغا قاراپ يۆنەلگەن بولۇپ پىرېتسىيە ھالقىلىرىنىڭ(ئوربىتىسىنىڭ) رادىئوسى بارغانسىرى قىسقىراپ بارىدۇ.ئىككى كونۇس چوققىسىنىڭ مەركىزى نۇرنىڭ قاتقان نۇقتىسىدىن ئىبارەت.يۇقۇرقى كونۇس سېفرالى چوققىسىدىن ئاساسىغا قاراپ يۆنەلگەن كونۇس سېفرالى بولۇپ، بارغانسىرى مەركەزدىن قېچىپ،ئوربىتا رادىئوسى ئۇزۇراپ بارىدۇ.نۇقتۇلۇق مۇھاكىمە قىلىدىغىنىمىز مۇشۇنداق ھەركەت شەكلىنىڭ سەۋەبىدىن ئىبارەت.يەنى،نۇر نىمە ئۈچۈن دەسلەپ مەركەزگە ئىنتىلگەن سېفرال ئىزلارنى قالدۇرۇپ،كىيىن مەركەزدىن قاچقان سېفرال ئىزلارنى قالدۇرىدۇ؟
مېنىڭچە،يۇقۇردىكى چوققىسىدىن ئاساسىغا قاراپ يۆنەلگەن كونۇس سېفرالىنىڭ سەۋەبىنى ھەممەيلەن تاشقى تەسىرلەر سەۋەبىدىن نۇرنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكى تەدرىجى ئاستىلىشىپ كەتكەنلىكنىڭ نەتىجىسى،دەپ قارايدۇ.بۇ قاراشتا ئەلۋەتتە مەسىلە يوق.
باشنى قاتۇرىدىغىنى،ئاستىدىكى ئاساسىدىن چوققىسىغا قاراپ يۆنەلگەن كونۇس سېفرالىدىن ئىبارەت.يەنى،بۇنداق ھەركەت شەكلىمۇ تاشقى تەسىرلەر سەۋەبىدىن مەيدانغا كېلەمدۇ؟باشقىچە سوئال قويساق،يۇقۇرقىدىكى مەركەزدىن قاچقان كونۇس سېفرالىنىڭ سەۋەپكارى بولمىش تاشقى تەسىرلەرنىڭ ئۆزى(مەسىلەن ئېغىرلىق كۈچى،ھاۋا ۋە تەكشىلىكتىكى سۆركۆلۈش كۈچى قاتارلىقلار)يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئاستىقى مەركەزگە ئىنتىلگەن كونۇس سېفرالىنىڭ سەۋەبى بولالامدۇ؟بۇنىڭ جاۋابى، ئەلۋەتتە ئۇنداق بولالىشى مۆمكىن ئەمەس!
نۇرنى دەسلەپتە قوزغاتقان كۈچتىن باشقا بارلىق تاشقى كۈچلەر نۇرنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكىنىڭ ئاستىلىشى ۋە ئاخىرى نۇرنىڭ توختاپ قىلىشىغا سەۋەپ بولىدۇ.باشقىچە ئېيىتقاندا،نۇرنىڭ(1-رەسىمدىكى نۇر) ۋېرتىكال ئوقتىكى قاتقان ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ،يەنە قايتىدىن تەدرىجى تۆۋەنگە چۈشەرگەن تاشقى كۈچلەرنى،يەنە ئۆز نۆۋىتىدە نۇرنى تىكلەشتۈرۆپ قاتۇرغان(4-رەسىمگە قاراڭ) كۈچنىڭ ئۆزى شۇ،دېيىشكە ھېچقانداق ئاساس يوق.چۈنكى، بۇنداق دېيىلسە،ئەقەللى مەنتىققىمۇ ئۇيغۇن بولمايدۇ.
يەنە بىر مۇھاكىمە نۇقتىسى شۇكى،ئۇنداقتا تۆۋەنكى كونۇس سېفرالى ياكى تىكلىشىش ھادىسىسىنى مەيدانغا كەلتۆرگەن تاشقى كۈچلەر بىلەن يۇقۇردىكى كونۇس سېفرالىنى مەيدانغا كەلتۆرگەن تاشقى كۈچلەر ئايرىم-ئايرىم كۈچلەرمۇ؟
بۇنداق بولىشىمۇ مۆمكىن ئەمەس! چۈنكى بۇنداق كۈچلەرنى ھېچيەردىن تاپالمايمىز.تاپالايدىغانلار بولسا ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز نۇرنىڭ ئاستىلىشىغا سەۋەپ بولىدىغان تاشقى كۈچلەرنىڭ ھەممىسىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتۇق.ئەمدى قەپقالغىنى،بىرنوللى قانۇنى،ماگنۇس ئىففىكىتى.
لىكىن،بۇلارمۇ تېكلىشىش ھادىسىسىنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ.چۈنكى بىز ماياتنىك تەجرىبىسى ۋە قوش پىلدىرلىغۇچ تەجرىبىسى ئارقىلىق بۇنداق تەشەببۇسنى تولۇق رەت قىلالايمىز شۇنداقلا رەت قىلىنىپ بولدى!
ئويلاشمىغان زادى نىمە قالدى؟
قەپقالغىنى،پەقەت نۇر ئۆزىنىڭ ئىچكى خاسلىقلىرىدىن ئىبارەت.
نوتاتىسىيە ئىزلىرىنىڭ ھالەت ئۆزگۆرۈشى
مەن 2-رەسىمدىكى نۇردىن باشقا بىر نۇردا ئىشلەنگەن تەجرىبىدە بىر قەدەر ئېنىق بولغان نوتاتىسىيە سىزىقلىرىغا ئىرىشكەن ئىدىم.مۇشۇ نوتاتىسىيە ئىزلىرى بىز ئىزدەۋاتقان سوئالنىڭ جاۋابىنى بېرەلەيدۇ،دەپ قارايمەن.ئالدى بىلەن،نوتاتىسىيەنىڭ نىمىلىگىنى چۈشەنمەيدىغان تورداشلارنىڭ چۈشۈنۆۋىلىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى فىلىمنى تەۋىسيە قىلىمەن.
فىلىم:
نۇر ئىففىكىتى(پىرېتسىيە ۋە نۇتاتىسىيە)
فىلىمدىكى نۇر ئايلىنىپ قالدۇرۇۋاتقان قارا چەمبەر پىرېتسىيە تىرايىكتورىيىسى.ئوق ئۇچىدىكى قارا رەڭدە ئىپادىلەنگەن تەۋرىنىش بولسا نۇتاتىسىيە ھادېسىسى.
تۆۋەندىكى 5-رەسىم يانتۇ تەكشىلىكتە قالدۇرۇلغان نۇر ئىزى بولۇپ،سول تەرەپ يۇقۇرى بۇرجەكتىكىسى نۇرنىڭ دەسلەپ تەكشىلىككە چۈشكەن ئورنى.نۇر سائەت سىتىرىلكىسى يۆنىلىشىدە پېقىرىتىلغان.
5-رەسىم
5-رەسىمدىن كۆرۆۋېلىشقا بولىدۇكى،نۇتاتىسىيە ھالقىلىرىنىڭ نۇر قاتقىچە بولغان جەرياندا زىچلىغى ئىزچىل ھالدا ئارتىپ بارىدۇ.دەسلەپكى بىرلىك ھەجىم ئىچىدىكى نۇتاتىسىيە ھالقىلىرىنىڭ سانى ئازبولسا،تەدرىجى كۆپۆيۈپ بارغان.پىرىتسىيە تىرايىكتورىيىسىنىڭ ئىككىنجى ئايلانمىسىغا (ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى ھالقا)كەلگەندە ھەتتا نوتاتىسىيە ھالقىلىرى رۆشەن ئىپادىلەنمەيدۇ.بۇنداق ئۆزگۆرۈش زادى نىمىنى چۈشەندۆرۆدۇ؟ بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىشتىن بۇرۇن يۇقۇرقى نوتاتىسىيە ھالقىلىرى زادى قانداق پەيدا بولۇپ قالدى؟دىگەن مەسىلىگە جاۋاپ بېرىش كىرەك. جاۋاپ شۇكى، نۇرنىڭ ھەر بىر قېتىملىق ئوقىدا ئايلىنىشىدىن بىر نوتاتىسىيە ھالقىسى شەكىللىنىدۇ.مەن نۇرغۇن قېتىم ئوخشىمىغان نۇرلاردا تەجرىبە ئىشلەپ بۇ ئەھۋالنى كۈزەتتىم.5-رەسىممۇ بۇ نۇقتىنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ.
يۇقۇرقىلاردىن كەلتۆرۆپ چىقىرىلىدىغان ئەقلى خۇلاسە شۇكى،نۇرنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكى قانچە چوڭ بولسا نۇتاتىسىيە ھالقىلىرى شۇنچە رۇشەن بولمايدۇ.قانچە ئاستا بولسا شۇنچە رۇشەن ۋە بىرلىك ھەجىم ئىچىدىكى سانى شۇنچە ئاز بولىدۇ.بۇ بىر ئوبىكتىپ پاكىت.بۇ ھەقتە نوتاتىسىيىگە ئالاقىدار يازمىلاردىمۇ ئوخشاش تەشەببۇسلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئومۇمى يەكۈن
بىز يۇقۇردا نۇر ئىزلىرىدىن شەكىللەنگەن قوش كونۇس سېفرالىنى مۇھاكىمە قىلغاندا يۇقۇرقى كونۇس سېفرالىنىڭ(4-رەسىم) شەكىللىنىشىنىڭ بېۋاستە سەۋەبى نۇرنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكىنىڭ كېمىيىپ كېتىشى دەپ يەكۈنلىگەن،ۋاستىلىق سەۋەبى ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكىنىڭ ئاستىلىشىغا ئالاقىدار تاشقى كۈچلەر،دەپ قارىغان ئىدۇق.لىكىن،بىز ئاستىدىكى كونۇس سېفرالى ۋە ياكى تىكلىشىش ھادېسىسىنىڭ سەۋەبىنى تاپالمىغان ئىدۇق.نوتاتىسىيە ھالقىلىرىنىڭ بىرلىك ھەجىم ئىچىدىكى زىچلىق ۋە مىقدار پەرىقلىرى بىزگە تىكلىشىش ھادىسىسىنىڭ سىرىنى دەپ بەردى.ئۇ بولسىمۇ:
1.نۇر دەسلەپتە قوزغۇلۇپ قاتقىچە بولغان جەرياندا ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكى سىتىخيىلىك رەۋىشتە ئۆزلىكىدىن بارغانسىرى ئېشىپ بارىدۇ. 2.بۇ پەيىتتە نۇرنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكىنى ئاستىلىتىدىغان تاشقى كۈچلەرنىڭ مىقدارى(چامىسى)نۇرنىڭ قوزغۇتۇلغان ۋاقتتىكى ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكىنى ۋە قاتقىچە بولغان ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكىنى مەيدانغا كەلتۆرگەن ئىچكى-تاشقى كۈچلەرنىڭ چامىسىدىن كىچىك بولىدۇ.
ئاخىرقى سۆز
نىيوتۇن 1-قانۇننىڭ 2-ئابزاسىدا نۇر قاتارلىق ئوقىدا ئايلىنىپ ئەگرى تىرايىكتورىيىدە ھەركەت قىلىدىغان جىسىملار ھەركىتىنىمۇ ئىنىرىتسىيىلىك ھەركەت قاتارىغا تىزغان.يۇقۇرقى يەكۈن نىيوتۇن 1-قانۇنىنىڭ 2-ئابزاسىنىڭ روھىغا ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي،پاكىتلار تەرىپىدىنمۇ(5-رەسىم) ئىسپاتلىنىپ تۇرۇپتۇ.بۇ تېمىدىكى مەركىزى مەسىلە نۇرنىڭ قاتقىچە بولغان جەرياندا ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكى سىتىخىيىلىك ھالدا ئۆزلىكىدىن ئېشىپ بارىدۇ،دىگەن مۇشۇ نۇقتا.ئېھتىمال بۇ نۇقتىدىكى مۇلاھېزە - مۇنازىرىلەر بىزنى ئىنىرىتسىيە قانۇنىنىڭ ماھىيىتىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇشى مۆمكىن.ئۇستازلارنىڭ،كەسىپ ئېگىلىرىنىڭ تەنقىدى نەزەردىن ئۆتكۈزۆپ،پىكىر-تەكلىپلەرنى بېرىشىنى قارشى ئالىمەن.
پايدىلانمىلار:
3. 进动_百度百科
2016.1.14
|