- تىزىملاتقان
- 2015-10-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 725
- نادىر
- 0
- يازما
- 59
ئۆسۈش
45%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ErkeOghul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-21 13:47
sawda571 يوللىغان ۋاقتى 2016-2-17 21:05
سىلىنىڭ نىمە دىمەكچى بولغۇنىڭلارنى بىلگىلى بولمايدىك ...
مىنىڭ مەقسىدىم: قوشراپ نىڭ نامىنى ئىنىقلاشتا قوش ئەرەب دىگەن سۆزنى ئىنكار قىلىش نى ئاساسىي مەقسەت قىلىۋالماي (ناۋادا ئىنكار قىلساق ، ئۇنداقتا ئاۋۇ ئىككى ئەرەبزادىنى تىلغا ئالماي ، دەلىل كۆرسىتىلسە.)ئىزدەنسەك . چۈنكى قوشراپ دىگەن نامنى قوشراپنىڭ جۇغراپىيلىك يەر تۈزۈلىشىدىنمۇ ، ئىجىتمائىي مۇھىتىدىنمۇ توغرا بولغان ئىلمىي چۈشەنچىلەرنى بەرگەندەك چۈشەنچە بىرىلسە.
تارىخى چۈشەنچە بىرىلگەندە ئاۋۇ ئىككى ئەرەبزادىنى كۆتۈرۈپ چىقىش ئۇ قاملاشمىغان پىكىر بولىدۇ .قوشراپ دىگەن نامنى قوش ئەرەب دىگەندىن چىقىدۇ دىيىلسە ، قوشراپتا ھىچكىم ئاۋۇ ئىككى ئەرەبزادىگە باغلىمايدۇ، بىراق ئەلتۇغ ئەپەندىمنىڭ تىمىسىدا شۇنداق باغلىنىپ قالغان.
قوش ئەرەب سۆزىگە كەلسەك ، قوشراپتا : قوش ئەرەب يەنى بۇرۇن قوشراپ قا ئىككى ئەرەب كەلگەنىكەن، بىراق ئۇلار مالچى دەپ قارىلىدۇ. ئاۋۇ ئىككى ئەرەبزادە كۆزە تۇتۇلسا يەنە مالچى دىيىلمەس بولغىيدى. ئۇ ئىككى ئەرەب نىڭ بىرسى ( قوشراپنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر ئىقىن بار. زەرەپشان دەرياسىغا قوشراپتا قوشىلىدىغان تاغ سۈيى ئېقىنى، قوشراپتىكىلەر ئۇ ئىقىن ئادەتتە كونگو ساي دەپ ئاتىشىدۇ) ئېقىننىڭ غەربىگە ئورۇنلىىشپ ، مۇشۇ يەردە قونالغۇ قىلاي دەپ ، ئاشۇ يەردە تۇرۇپ قالغان ، يەنە بىرسى ئېقىننىڭ شەرقىدە تۇرۇپ قالغانىكەن. شۇ سەۋەبتىن قوش ئەرەب دەپ ئاتالغانىكەن. ھەرگىزمۇ ئاۋۇ ئىككى ئەرەبزاىنىڭ گىپى تىلغا ئىلىنمايدۇ . ناۋادا بۇ تىمىدا قوشرابتىكى ئىككى مازار ئاۋۇ ئىككى ئەرەبزادە باغلىنىشلىق دىگەن ئىدىيە يورۇتۇلۇپ قالسا، قارشى پىكىردە بولۇشنى مەنلا ئەمەس باشقىلارمۇ ئويلايدۇ. قوشراپتا مازاردىن ئىككىسىلا ئەمەس ، بىر قانچىسى بار. شۇڭا قوشراپ دىگەن نامنى قوش ئەرەب دىگەن نامدىن كەلمىگەن دىمەكچى بولساق ، ئۇنداقتا مازار بىلەن ئاۋۇ ئىككى ئەرەبزادە تىلغا ئىلىنماسلىقى ، ھەم ئەتراپتىكى جايلارنىڭ نامى بىلەن باغلاپ تۇرۇپ شەرھىيلەش كىرەك. ئۇنداق بولغاندا قوش ئەرەب ، قوشۇلاپ دىگەن ناملار ئىككىلىسى بەر بات بولۇپ ، باشقىچە ئىزاھلىنىپ چىقىشى مۇقەررەر بولۇپ قالىدۇ . شۇڭا قوشراپ نامىنى ئىزاھلىغاندا قوش ئاۋۇ ئىككى ئەرەبزادىنى تىلغا ئالماسلىق كىرەك(ئۇلار تىلغا ئىلىنسا ، ئۇنداقتا ئۇلار 14 ئەسىربۇرۇن ياشىغان خەقنىڭ قەبرىسى تەڭرىتاغ باغرىدا دىگەن گەپ چىقسا ، تارىخ بۇرمىلىنىدۇ. ھەم شۇ قاراشنى قوللايدىغانلار ياخشى كىشى ھىسابلانمايدۇ.شۇڭا چىقىرىپ تاشلاش كىرەككى ھەرگىزمۇ قىتىۋىلىشقا بولمايدۇ ئۇ ئەرەبزاىلەرنى . ھەم يەنە ئۇ ئىككى ئەرەبزادە راستىنلا كەلگەن دىيىلسە ئەجىبا دىننىي بىلىمىگە تايىنپ بولسىمۇ رەت قىلغۇدەك بىرەر موللا قوشراپتىن چىقماي قالامدا؟ ئەلۋەتتە چىقىدۇ.شۇڭا قوش ئەرەب ئاتالغۇسىدا رىۋايەت بولسۇن ياكى چوقۇنغۇچىلار بولسۇن ئىككى ئەرەبزادىنى قىتىۋالسا ، ئۇلارغا پەرۋا قىلماسلىق كىرەكتى . بۇ نۇقتا ئىلىم ئەھلىلىرىگە چۈشىنىشلىك.)
شۇڭا قوشراپ دىگەن نامنىڭ كىلىپ چىقىشىدا مەيلى قوش ئەرەبتىن كىلىپ چىققان دەيلى ياكى قوشۇلاپ تىن چىققان دەيلى ، ئاۋۋال قىلىشقا تىگىشلىك ئىش : ئەتراپتىكى جفيلانىڭ ناملىرىنىڭ كىلىپ چىقىشىنى مۇ تەڭ ئىزدەنگەندە ئاندىن چىقىدۇ .
ئەلتۇغ ئەپەندى بوزقىردا قوشراپ نى قوش قونالغۇ دىگەن مەنىسىمۇ بار دىيلىدۇ دىگەن گەپنى قىلغاندا ھىچكىم ئىنكار قىلمىغان . يەنى قوشراپتا لەنگەر(قونالغۇ) دىن ئىككىسى بار ، شۇڭا شۇنداق ئاتالغان بولىشى مۇمكىن دىيىلدىيۇ، ئىنكار قىلىنمىدى .
دىمەككى قوشراپلىقلارمۇ پاكىتقا كۆز يۇمماي ئىتراپ قىلالىغان، شۇنداق بولغانىكەن يەنە سۇئال سورىشى مۇتلەق. |
|